ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى شەرقىي تۈركىستانچىلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ ، «مىللىي ئۆچمەنلىك » ئىدىيەسىنى قۇتراتماقتا
ئىلاۋە : يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا جۈملىدىن مەن تۇرىۋاتقان رايوندا نۇرغۇن ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلىرى ۋە ئامما «ئۈچ خىل كۈچلەر» لەرگە قارشى تۇرۇپ ، زوراۋانلىق-تېرورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىش جەھەتتە چوڭ-كىچىك يىغىنلاردا ، رادىئو-تېلېۋىزىيىلەردە بەس-بەستە ئىپادە بىلدۈرۈشمەكتە. ئۇلارنىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە نۇتقى-سۆزىدىكى « چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر» دېگىنىدە زادى قايسى دۈشمەن كۈچنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقىنى تازا ئاڭقىرالمىغانىدىم .رادىئو- تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ «تاشقىي كۈچ»لەر ھەققىدە ئېنىقراق بىر نەرسە دېمىگەنلىكىگە قاراپ بەلكىم ئۇلارمۇ بۇ ھەقتە تۈزۈك بىر نەرسە بىلمەيدىغان چېغى دەپ پەرەز قىلغانىدىم.بۇ ماقالىنى ئوقۇش ئارقىلىق بۇ جەھەتتە بەزى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتىم .بارلىق كادىر-ئاممىنىڭ « تاشقىي كۈچ» جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ، ھۇشيارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە ھەم نۇتۇق سۆزلەيدىغان ۋە تەسىرات ماقالىسى يازىدىغانلارغا پايدىسى يېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، دەپ قاراپ جۇڭگۇ كۇمۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان « خەلق گېزىتى» ئىدارىسى باشقۇرىشىدىكى « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» تورىدا ئېلان قىلىنىپ ، جۇڭگودىكى نۇرغۇن نوپۇزلۇق ھۆكۈمەت تورلىرى كۆچۈرۈپ باسقان مەزكۇر ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشنى توغرا تېپىپ قالدىم. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى پۇختا ئىدىيە ئاساسىغا ئىگە قىلىشقا قوشقان خالىس تۆھپە ھېساپلانسا ئەجەپ ئەمەس، ئەلبەتتە.
ئاپتورلار : شىيا ياڭ ( «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئالاھىدە مۇخبىرى ، ۋاڭ مېڭخاۋ ( « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى) ، چىڭ مۇ ( « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى )
بوزقىر تەرجىمىسى
[يەرشارى ھەربىي ئىشلار خەۋىرى] يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا تېرورلۇق –زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى. جۇڭگونىڭ ئىچى-سىرتىنى زىل-زىلىگە سالغان ئەشۇ تېرورلۇق –زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كەينىدە « شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ، تېرورچى كۈچلەر قوماندانلىق قىلىش ۋە قول تىقىشتىن سىرىت بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىمۇ ئۇلار ئۈچۈن تۈرلۈك ئۆسەكلەرنى تارقىتىپ ، جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى زوراۋان تېرورچىلىق ئىدىيەسىدىكىلەرگە ئىلھام-مەدەت بېرىپ كەلمەكتە. ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ئاتالمىش « شەرقىي تۈركىستان» تارىخى ، مەدەنىيىتى ھەم « شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» نىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ، نۆۋەتتىكى شىنجاڭ جەمئىيىتىدىكى سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان خەۋەرلەرنى تارقىتىشى ئەمەلىيەتتە « مىللىي ئۆچمەنلىك » ۋە « شىنجاڭ مۇستەقىللىقى» نى تەرغىپ قىلغانلىق بولۇپ ، مەزكۇر ئىستانسىنىڭ بىر قىسىم مۇخبىرلىرى ھەتتا جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدە تېرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە بىۋاستە مەدەت بەرمەكتە. توغرا بولغان نۇرغۇن ئەمەلىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىماقتىكى ، « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» بىلەن چېگرا سىرتىدىكى « شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى قويۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ ، « شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى چوڭ بىلىدىغان ۋە تايىنىدىغان « ئاۋاز يەتكۈزگۈچ» ۋە « ئاۋاز كۈچەيىتكۈچ» كە ئايلانماقتا.
« شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتلىرىنىڭ « ئاۋاز يەتكۈزگۈچ»ىسىگە ئايلاندى
«ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن قۇرۇلغان ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللىق راسخود ئاجرىتىدىغان ، ئىقتىسادىي پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەيدىغان ئاپاراتتۇر. 1998-يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چېگرا سىرتىدىكى « شەرقىي تۈركىستان» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ تۈرىتكىسى ئاستىدا « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى»دا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى يولغا قويۇش قارارىنى ئېلىپ ، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي سىناق تەرىقىسىدە ئاڭلىتىش بەردى.2000-يىلى 5-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئاڭلىتىشتىن رەسمىي ئاڭلىتىشقا كۆچتى. « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى ھەر ھەپتىدە يەتتە كۈن ، ھەر كۈنى ئىككى سائەت توققۇز چاستوتىدا ئۇيغۇرچە پروگرامما ئاڭلىتىدۇ. پىروگراممىلىرى پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ، قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپلا مەزكۇر ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى « شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتلىرىنىڭ « ئاۋاز يەتكۈزگۈچ»ىسىگە ئايلىنىپ بولغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى : بىرىنچىدىن ، ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ؛ ئىككىنچىدىن ، «جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ شەرقىي تۈركىستان› غا كۆچمەن يۆتكەش ، قىرغىنچىلىق قىلىش سېياسىتىنى ئېچىپ تاشلاش » ؛ئۈچىنچىدىن ، « شەرقىي تۈركىستان » خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ، ئازاتلىق ھەركىتىگە دائىر ئاخباراتلارنى خەۋەر قىلىش ؛ تۆتىنچىدىن ، « ‹ شەرقىي تۈركىستان› خەلقىنى ئۆز مىللىتىنىڭ دېمىگراتىيىسى ، ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىش» دىن ئىبارەتتۇر.
« ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى ئاڭلىتىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقى ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى پەرقى ( ئاساسلىقى ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئەھۋالى قاتارلىقلار) نى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى : مەسىلەن ئىلىم مەسىلىسى ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ ، « جۇڭگونىڭ ‹ شەرقىي تۈركىستان › تارىخىدىكى دۈشمەن دۆلەت ئىكەنلىكى» نى تەشۋىق قىلدى ؛ مائارىپ جەھەتتە ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان مائارىپ سېياسىتىگە ، بولۇپمۇ قوش تىل مائارىپىغا قارشى چىقىپ ، بۇنى بىر خىل « مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقۇتۇش سېياسىتى » دەۋالدى ؛ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئادەتتىكى ھەق تەلەپ دېلولىرى ، جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى مىللىي مەسىلە ۋە دىنىي مەسىلە قىلىپ كۆرسىتىشكە كۈچىدى؛ ئىقتىسادىي ساھەدە تارىختا شەكىللەنگەن قۇرۇلما خارەكتىرلىك پەرىقلەرنى ھۆكۈمەتكە دۆڭگەپ ، « ئەزگەنلىكنىڭ ، ئېكىسپۇلاتتاتسىيە قىلغانلىق»نىڭ نەتىجىسى ، دەۋالدى .
جۇڭگونىڭ « دېمىگراتىيە» ، « كىشىلىك ھوقۇق » مەسىلىسىگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئامېرىكىنىڭ كەتمىنىنى چاپتى. « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى ئۇزۇندىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىي مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا يالغان تەشۋىقات ۋە خەۋەرلەرنى تارقىتىپ ھەم « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ پائالىيەت ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا پائال ماسلىشىپ ، ئاتالمىش « جۇڭگونىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلغانلىقى » غا ئائىت خەۋەرلەرنى تارقىتىپ ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترۇتۇپ كەلدى. مەسىلەن 2009-يىلدىكى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن « 7.5» ۋەقەسىدىن كېيىن « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى » بىلەن غەرىب ئاخبارات ۋاستىلىرى «7.5» ۋەقەسىنى زور دەرىجىدە بۇرمىلاپ خەۋەر قىلدى. « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى » تورى قاتارلىقلار 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە « 7.5 دىكى گۇماندارلارنىڭ جەسىدى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلدى» ، « تۈرمىدىكى غەلىتە ئۆلۈم » قاتارلىق 6 پارچە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى تارقىتىپ ، پاكىتلارنى زور دەرىجىدە بۇرمىلاپ ئۆسەك تارقاتتى.
مۇخبىر شەخسەن ئۆزى ئاتلىنىپ ، زوراۋانلىق-تېرورلۇق ھۇجۇمىغا قۇتراتقۇلۇق قىلدى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى » ۋە « شەرقىي تۈركىستان »تەشكىلاتى تور قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېرورىزمغا ئائىت زور مىقداردىكى ماتېرىياللار ۋە ۋېدىئولارنى تارقىتىپ ، چېگرا ئىچىدىكى تېرورچى ئۇنسۇرلارنى زوراۋانلىق-تېرورلۇق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قۇتراتماقتا. مانا بۇ شىنجاڭ ۋە جۇڭگونىڭ باشقا كۆپلىگەن رايونلىرىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىق-تېرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ كەينىدىكى موھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى » ئىلگىرىكى « شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چېگرا سىرتىغا كۆپلەپ ئاڭلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ، خەۋەر قىلىشنىڭ موھىم نۇقتىسىنى چېگرا ئىچىدىكى قۇتراتقۇلۇققا قاراتتى . مەسىلەن « شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئەنئەنىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى » ، « جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ئېكىئولوگىيىلىك مۇھىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى ۋە قېزىلما بايلىقلىرىنى بۇلاپ كەتتى » قاتارلىق خەۋەرلىرى ئارقىلىق مىللىي ھېسىياتىنى قۇترىتىپ ، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەت تەلپۈنۈشلىرىنى ئاممىۋى ۋەقە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى موھىم ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ ، مىللىي زىدىيەت پەيدا قىلىشقا قۇترۇتۇپ ، ھادىسىلەرنى ئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتتى.
2013 -يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە زوراۋانلىق-تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىى» « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» غا زىچ ھەمكارلىشىپ ، «4.23» زوراۋانلىق-تېرورلۇق ۋەقەسىنى بۇرمىلاپ خەۋەر قىلدى. شۇ كۈنى مەزكۇر ئىستانسىنىڭ شىياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق پروگرامما گۇرۇپپىسى « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ تەلەپپۇزىدا تۇرۇپ : « شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسىدە 21 ئادەم ئۆلدى ، بۇ ھەقتە ئەمەلدارلار بىلەن پۇخرالارنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقمىدى، شۇ يەر قاتتىق تەقىپ قىلىندى » دېگەندەك بۇرمىلانغان خەۋەرلەرنى تارقىتىپ ، « توقۇنۇش جۇڭگو قوراللىق خادىمىنىڭ بىر ئۇيغۇر ياشنى ئېتىۋېتىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلىرى بىلەن دېلونىڭ يۈز بېرىش ئەمەلىي ئەھۋالى ئوتتۇرىسىدا زور پەرىقلەر مەۋجۇت . پەقەت دېلو پەيدا قىلغۇچىنى ‹ چوڭ ئىش چىقىرىش› ئۈچۈنلا مەھەللە خادىملىرى ۋە خەلق ساقچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئەمما ، ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇلغان ئەھۋالدا قول سالغانلىقىدەك رېئاللىقىنى تىلغا ئالمىغان» دەپ بىلجىرلىدى. چېگرا ئىچىدىكى مىللىي ئاۋامنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى ھېسىياتىنى يەنىمۇ ئۇلغايتىش ئۈچۈن « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ ئورتاق تىل تەلەپپۇزدا ئاڭلىتىش بۆلۈمى ۋە ئوۋمېن تەلەپپۇزىدا ئاڭلىتىش بۆلۈمى تېخى « يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە شىنجاڭدىكى 20 ئۇيغۇر ‹ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى› نىڭ پروگراممىسىنى ئاڭلىغان ۋە تارقاتقانلىقى ئۈچۈن جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كېسىۋېتىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا بولغان باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيىتتى ھەمدە شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا بولغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشنى پىلانلىدى» دەپ ئىغۋا تارقاتتى.
نۆۋەتتە « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ئېلىمىزنىڭ شاڭخەي ، گۇاڭجۇ ، بېيجىڭ ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلىرى ھەمدە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە 10دىن ئارتۇق ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇخبىر ۋە ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى بار بولۇپ ، ئۇلار « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى ئىگە بولىۋاتقان ئاخبارات يىپ ئۇچىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەلىرىدۇر. ئۇيغۇر بۆلۈمى بىلەن بۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇخبىر ۋە ئىختىيارىي مۇخبىرلار يىلدا بىر قېتىم توختام تۈزۈشۈپ ، ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەر ئايلىق قەلەم ھەققىنى ئەشۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇخبىر ۋە ئىختىيارىي مۇخبىرلارنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇپ بېرىدۇ. ئەگەر زور ۋە تۇيۇقسىز ۋەقەلەر يۈز بەرسە ئۇيغۇر بۆلۈمى يەنە قەلەم ھەققىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ خەۋەر-ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. « شەرقىي تۈركىستان » تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن « ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» نىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى 2010-يىلدىكى دۇنيا يەرمەنكىسىدىن بۇرۇن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى « ئىختىيارى مۇخبىر»لىرىنى شاڭخەي ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونتۇرۇللۇق ئاستىغا ئېلىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق خەۋەر قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان . « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ ئورتاق تەلەپپۇز بۆلۈمى ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرى كۆپ قېتىم تەۋەككۇل قىلىپ ، مەركىزىي مەللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى ، شىنجاڭ ج خ نازارىتى خادىملىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ ، دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى سالاھىيىتىدە زوراۋانلىق-تېرورلۇق ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ « ئىنچىكە تەپسىلاتى» نى چوڭقۇرلاپ قازغان.
قۇتراتقۇلۇق خارەكتىرلىك خەۋەرلەرنى تارقاتقاندىن باشقا « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بىر قىسىم مۇخبىرلىرى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىك جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ ، چېگرا ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە باغلاپ ، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى ئاممىۋى توقۇنۇش ۋەقەسى پەيدا قىلىشقا قۇتراتتى. « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ مەلۇم مۇخبىرى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى قۇترۇتۇپ مۇنداق دېگەن : « سىلەر ب د ت نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىغا بېرىپ ئەرز قىلىڭلار. مۇبادا ئۇ يەردە ئېتىبارغا ئېرىشەلمىسەڭلار ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىڭلار. بۇ ئەلچىخانىلاردىكى مەخسۇس كۈزەتكۈچى خادىملار سىلەرگە دىققەت قىلىدۇ. تۇتۇپ كېتىلىشتىن قورىقماي ئۇلار ( جۇڭگو ھۆكۈمىتى) بىلەن قارشىلىشىڭلار . بىز مۇخبىر ئەۋەتىپ نەق مەيداندا زىيارەت قىلىمىز ھەم سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز» . بۇ مۇخبىر يەنە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنى « ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى » ئېلىپ بېرىشقا قۇتراتقان ھەمدە « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ھەمدە چەتئەل تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە خەۋەر تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەلۇم مۇخبىرى « زوراۋانلىق-تېرورلۇق ھۇجۇمى» نى قوزغاشقا بىۋاستە قاتناشقان. بۇ مۇخبىر : «بىز ھازىر بىر ئادەمنىڭ 100 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغان ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خارەكتىرىدىكى پارتلىتىش تېخنىكا مەشخۇلاتىنى ئۆگۈنىۋاتىمىز. كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كوچىلاردىكى ھەر بىر ئادىمىنى قوغدىيالىشى مۇمكىن ئەمەس » دېگەن. ئۇ چېگرا ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىدىن «پۇرسەت كۈتۈش» نى تەلەپ قىلغان.
غەربتە كۆپ خىل قۇتراتقۇلۇق ۋاستىلىرى مەۋجۇت
«ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» دىن باشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەبلەغ چىقارغان « ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى» 1991-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگودىكى كۆپ خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا تارقىتىش بېرىشنى يولغا قويغان. بۇ پروگراممىلارنىڭ كۆپەيتىلىشى شۇ چاغدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا « ئامېرىكىنىڭ مەيدانى » نى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، تۇنجى بولۇپ تەسىس قىلىنغىنى تىبەت تىلى ئىدى . ئۇندىن كېيىن 1997-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش يولغا قويۇلدى. 2001-يىلىغا كەلگەندە خىراجەتنىڭ ئۆكسۈپ قېلىشى سەۋەبلىك « ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى توختاپ قالدى. ئامېرىكا مەبلەغ ياردىمى قىلغان « ئاسىيا-ياۋروپا رادىئو ئىستانسىسى» دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى يولغا قويغان. 1971-يىلى كېيىنكى يىللاردا « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ تۇنجى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن مىيونخېنغا يەرلەشكەندە « ئاسىيا-ياۋروپا رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ باش مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.
ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى ( ب ب س ) 1941-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو تىلىدا ئاڭلىتىش بەرگەن. بۇ ئىستانسا گەرچە ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بەرمىگەن بولسىمۇ ئەمما ، « ئامېرىكا ئاۋازى» بىلەن ب ب س ئۆزبېكچە ئاڭلىتىش بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئەھۋالدىن خەۋەردار زادلارنىڭ « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» غا بىلدۈرىشىچە ، ئامېرىكا-ئەنگىلىيە تەرەپ ئۆزبېك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۇرغۇن جەھەتتىن ئوخشاشلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئەمەلىيەتتە ئۆزبېك تىلى ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. 2002-يىلى ئەنگىلىيە ب ب س سىنىڭ خەلقئارا باش لېدىرى بەيفود « جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ب ب سى نىڭ ئۆزبېك تىلىدىكى قىسقا دولقۇنلۇق رادىئوسىغا كاشىلا پەيدا قىلغانلىقى» غا قارىتا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتىكى باياناتتا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 2001-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە ب ب سى نىڭ ئۆزبېك تىلىدىكى قىسقا دولقۇنلۇق رادىئوسىغا « قانۇنىيەتلىك ھالدا كاشىلا پەيدا قىلغان» لىقى ھەمدە بۇ ھەقتىكى « ئاساسلارنىڭ توغرىلىقى » تىلغا ئېلىنغان. گەرچە ب ب س « جۇڭگونىڭ كاشىلىسى بۈگۈنكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆز تىلىدا نورمال رادىئو ئاڭلىشىنى توسالغۇغا ئۇچراتماقتا ، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئەمەس» دەپ سەۋەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئەمما ، شۇ چاغدىكى ۋە كېيىنكى نۇرغۇن ئانالىزچىلار « ب ب س نىڭ ھەقىقى مەخسىدى شىنجاڭلىقلارغا ئۆز ساداسىنى ئاڭلىتىشتۇر» دەپ باھا بېرىشكەن.
فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى ، « گېرمانىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى» قاتارلىق سىرىتقا قارىتا ئاڭلىتىش بېرىدىغان خېلى تەسىرى بار رادىئو ئىستانسىلىرى گەرچە ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ باققان بولسىمۇ ئەمما ، ئاخىر ئەمەلگە ئاشماي قالغان. بىر نەپەر سابىق « گېرمانىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ جۇڭگو تىلىدىكى ئاڭلىتىشقا ياللانغان خادىمنىڭ « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» غا بىلدۈرىشىچە ، خىراجەتنىڭ قىسلىقى ۋە تور ھۇجۇمى ھەمدە ياۋروپا سېياسىي ساھەسىدىكى شەخىسلەرنىڭ بارغانسېرى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكەن ئەھمىيەت بېرىشىگە ئەگىشىپ ، «شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلە » دە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىچكىي قىسمىدا پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلگەچكە كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ خىل ئاڭلىتىشنى يولغا قويسا جۇڭگونىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ، ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىشنى يولغا قويمىغان.ئەمما ، « گېرمانىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى» ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بەرمىگىنى بىلەن ئۆزىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تور بەتلىرىدە روشەن خاھىشچانلىقنى ساقلاپ كەلمەكتە. مەسىلەن كۇنمىڭدىكى زوراۋانلىق-تېرورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن « گېرمانىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى» كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. مەسىلەن : 3-ئاينىڭ 4-كۈنى « نەدىن كەلگەن ئۆچمەنلىك ؟ » ، 4-ئاينىڭ 7-كۈنى « چېكىدىن ئاشقان ئۈمىدسىزلىك ئۇيغۇرلارنى ھالاكەت يولىغا باشلىماقتا» ، « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى : جۇڭگو ئۇيغۇرلارنى باسماقتا» قاتارلىقلار.
« يەر شارى ۋاقىت گېزىتى » مۇخبىرلىرى تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە غەربتىكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغاشنى قولايلىقلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن يوۋتۇبېدىكى ۋېدىئو تور بېكىتى ، « ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئۆز ئالدىغا قاناللىرى بار بولۇپ ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىرىدىكى تۈرلۈك كۆرۈنمە چاستوتىلارنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ.
ئالما شىركىتىنىڭ ئىتۇنېسىدىنمۇ « شىنجاڭ مۇستەقىللىقى» مەزمۇنىدىكى « ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» نىڭ ئاممىباب سىستېمىلىرىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا غەرب دۆلەتلىرى يەنە فايىسبوك ، تىۋېتتېر ۋە گوگۇل قاتارلىق تور بەتلەردىن پايدىلىنىپ ، « شىنجاڭ مۇستەقىللىقى » نى تەرغىپ قىلماقتا.
مەزكۇر ماقالە ج ك پ نىڭ ئورگان گېزىتى بولغان « خەلق گېزىتى » باشقۇرىشىدىكى « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى .
ماقالە «بوزقىر» تورىدىن كۆچۇرۇلدى.
ئەسلى مەنبە :
http://www.ce.cn/xwzx/gnsz/gdxw/201407/05/t20140705_3101637.shtml
http://www.js.xinhuanet.com/2014-07/05/c_1111470203_2.htm
http://life.china.com.cn/live/2014-07/05/content_27492029.htm
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى شەرقىي تۈركىستانچىلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ ، «مىللىي ئۆچمەنلىك » ئىدىيەسىنى قۇتراتماقتا