ئىلھام توختى 15-يانۋار كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى
ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىگە كىرىشتىن بۇرۇن سىرتنى كۆزەتمەكتە. 2010-يىلى 12-ئىيۇن بېيجىڭدا.
ئۇيغۇربىز تورى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ 15-يانۋار ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئاخىرقى خەۋىرىنى بەرگەندىن كېيىن،چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇربىز تورى تاقالدى. ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ قېتىم تۇتۇپ كېتىلىشتىن ئىلگىرى يەنى 13-يانۋار دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندىن بۇيان ئۇنى نازارەت قىلىدىغان ساقچىلارنىڭ يەنىمۇ كۆپەيتىلگەنلىكىنى، ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تۆۋەندىكىسى شۇ كۈنىدىكى سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى:
مۇخبىر: ئۆزىڭىزچۇ، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟
ئىلھام توختى: بەزى جەھەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياخشى. ماڭا بولغان نازارەت ئىلگىرىكىدىن كۈچەيتىلدى. تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىم قۇلايسىز بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر بارلىق تېلېفونۇمنى ئاڭلايدۇ، ئۈندىداردا سۆزلىشىشمۇ ئەپسىز بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار يېقىندىن بۇيان ماڭا ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇربىز تورىغا يوللىنىدىغان خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە خەۋەرلەرنىمۇ باشقىلارنى ئاياپ ئۆزۈم يوللاۋاتىمەن. شۇڭا روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى چارچاشمۇ ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. ئىشىكىم ئالدىدىكى ساقچىلار كۆپەيتىلدى. ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، نۇرغۇن خەنزۇ دوستلىرىمنى ئۇلار يېقىندا تۇتۇپ كەتتى. پەرىزىمچە، ئۇلار ئەمدى ماڭا قول سېلىشى مۇمكىن. بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مۇۋاپىق ۋاقىتتا سىزنىڭ زىيارىتىڭىزنى قوبۇل قىلىپ يېقىنقى ۋەزىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويسام دەيمەن. ھازىر شۇ پۇرسەتنى كۈتۈۋاتىمەن.
ئەمما بۇ ھەپتە ئىچىدە، ئىلھام توختى ئەپەندىنى 2-قېتىم زىيارەت قىلىشقا پۇرسەت بولمىدى. ۋاشىنگتون ۋاقتى 15-يانۋار كۈنى ئەتىگەن ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمغا قىلغان تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى. ئىلھام توختى ئەپەندى ئۈندىداردا قالدۇرغان ئاخىرقى ئاۋازلىق ئۇچۇرىدا ئۆز ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ۋەزىيەت جىددىي، ئەھۋالىم ياخشى ئەمەس» دېگەن ئىدى.
15-يانۋار ئۇيغۇربىز تورى تاقىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ئاممىۋى تور بېكىتى فەيسبوكتىكى ئادرېسىدىن ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار بېرىلدى:
«1-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00-4:00 ئەتراپىدا، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن، ئۆيى ئاختۇرۇلغان. ئىلھام توختى ۋە ئانىسىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر يوق. ئىلھام توختى ۋە ئانىسى غايىب قىلىنىپ، بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ئىلھام توختى ئەپەندى قۇرغان ئۇيغۇربىز تورىمۇ ھوجۇمغا ئۇچراپ تاقىلىپ قالغان.»
فەيسبوكتا بېرىلگەن 2-ئۇچۇردا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9 دىن كېيىن ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېيتقان بايانلىرى بېرىلدى.
گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 لەر ئەتراپىدا، ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ئىشلەۋاتقاندا، باشلىقتىن تېلېفون كېلىپ، دەرھال ئۆيگە قايتىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇ باشتا ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلى كۆپ بولغاچقا، تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغالغان ئوخشايدۇ دەپ ئالدىراپ ئۆيىگە قايتقان. ئەمما ئۆيىگە قايتقىنىدا دەرۋازىدىن ئۆينىڭ ئىشىكىگىچە ئەرلەر، ئاياللاردىن بولۇپ ئۇيغۇر رايونى ج خ ساقچىلىرى، بېيجىڭ ج خ ساقچىلىرىدىن 30-40 تەك ئادەم بارلىقىنى كۆرگەن.
ساقچىلاردىن باشقا، ئۆيدە ئىلھام توختىنىڭ يەتتە ياشلىق چوڭ ئوغلى، تۆت ياشلىق كىچىك ئوغلىمۇ بار بولۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ گۈزەل خانىمغا دەپ بېرىشىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 لەردە، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن دادىسى ئىلھام توختى بىلەن چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقان، مومىسى دەم ئېلىۋاتقان ئىكەن. تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز ئاڭلانغان. ئىلھام توختى ئىشىكنى ئاچقان، ئۆيگە بېسىپ كىرگەن ساقچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئىلھام توختىنى ئىتتىرىپ، سافاغا يىقىتقان. كېيىن ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى ئېلىپ كەتكەن. ئىلھام توختى بالىلىرىغا يىغلىماڭلار دېگەن گەپنىلا دېيىشكە ئۈلگۈرگەن.»
گۈزەلنۇر خانىم يەنە، ساقچىلارنىڭ ئۆيدىكى تۆت كومپيۇتېر، گۈزەل خانىمنىڭ تېلېفونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ يانفون، كومپيۇتېر قاتتىق دىسكىسى، بارماق دىسكا، ئويۇلغان نۇر دىسكا، ھەتتا ئىلھام توختى دەرس ئۆتكەندە ئىشلەتكەن دەرس پىلانى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزى ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى، ئىلھام توختىنىڭ كىتاب ۋە ماقالىلىرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەتكەن، ئۇندىن باشقا تۈرلۈك كىنىشكا، پاسپورت، بانكا كارتىسى قاتارلىقلار ساقلانغان بىخەتەر ئىشكاپىنىمۇ كۆتۈرۈپ ماڭغان. ساقچىلار كېچە سائەت 9:00 دا ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغان.
بۇندىن ئىلگىرى، ئىلھام توختى ئەپەندى مۇخبىرىمىزغا ئانىسىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن بېيجىڭدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئانىسىنىڭ دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن كېچىدە زىيارەت قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە،ئىلھام توختىنىڭ ئانىسى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بېيجىڭدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان ۋە يېقىندا كېسەللىك ئەھۋالى يامانلىشىپ قالغاچقا دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئىلھام توختى ۋە ئانىسى تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئىلھام توختىنىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلگەن. ئىلگىرى 79 كۈن قانۇنسىز قاماپ قويۇلۇپ، كېيىن خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىدىكى ئۆيىدە نەزەر بەند قىلىنغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مۇتەللىپ ئىمىنمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى خادىملىرى تەرىپىدىن نەزەربەندتىكى ئۆيىدىن يېزىلىق ساقچىخانىغا، كېيىن لوپ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن. نۆۋەتتە، ئىلھام توختى ۋە ئانىسىدىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ تېخىچە خەۋەر يوق.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
خەۋەر مەنبەسى:
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-01152014153425.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئىلھام توختى 15-يانۋار كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى