ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانى-ئىلھام توختى
تېمىدىكى ئىلھام توختى ئەپەندىگە بىرىلگەن باھاغا قاراپ مېنى ھاياجانلىنىپ قاپتۇ ياكى ئىلھام توختىنىڭ يېقىنى ئىكەن دەپ پەرەز قىلماي تۇرۇڭ. مەن ئاسان ھاياجانلىنالمايمەن، ئەگەر ھاياجانلىنالىغان بولسام شېئىر يازاتتىم،ئەپسۇس، شېئىرنى قاملاشتۇرالمايمەن. مەن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ يېقىنى ئەمەس، ھەم ئوقۇغۇچىسىمۇ ئەمەس، مەن ئىلھام توختىنى پەقەت بىر قېتىم كۆرۈپ باققان، تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشىمىزمۇ شۇنداق تاسادىبى، شۇ تۇنجى كۆرۈشۈشتە بىر سائەتتەك پاراڭلاشتۇق…
ئىلھام توختى ئەپەندى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتىسىنىڭ ياردەمچى پىرافىسورى ئىكەن، ئۇنىڭ نېمە دەرسى ئۆتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قايسى شەھرىدىن ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىمۇ بىلمەيمەن…مېنىڭ ئىلھام توختىغا بولغان چۈشەنچەم ئىلھام توختىنىڭ توردا ئىلان قىلىدىغان ئەسەرلىرىدىن، ئۇنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدىكى كۆز-قاراشلىرى ۋە شۇ كۆرۈشۈشىمىزدىكى بىر سائەتلىك پاراڭدىن كەلگەن،بەلكى بەكلا يۈزەكىدۇ… لېكىن ئىلھام توختى ئەپەندىدىن ھېچكىمدە يوق قورقماس جاسارەت ۋە مىللەتكە بولغان لاۋۇلداپ تۇرغان مۇھەببەتنى ھىس قىلغىلى بولاتتى. بۇ خىل ھېچكىمدە تېپىلمايدىغان ياكى ئاز تېپىلدىغان ئۇيغۇر مۇھتاج بولۇۋاتقان روھ، مەندە ئىلھام توختى ئەپەندىگە نىسبەتەن بىر خىل چوقۇنۇش ۋە ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى پەيدا قىلدى.
ئىلھام توختىنى بىلىدىغانلار بەلكى ئۇنىڭ 2009-يىلى 4-ئايدىكى فىرانسىيە زىيارىتىدىن كېيىن ھەسسىلىپ ئاشقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئىلھام توختى زىيارەت جەريانىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئون نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك سۆزىنى دۇنياغا ئاشكارلىدى. ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا توختىماي كۆچمەن يۆتكىشى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېچكىرگە مەجبۇرى يۆتكەش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويغاندىن سىرت ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئەپەندىنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق تەنقىد قىلدى. ئۇ چاغدا مەن بۇ كېشىنى ئەجەپمۇ قورقماس ‹تەلۋە› كەن دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ئۇ چاغدا مېنىڭ ئويۇمدا بۇنداق گەپلەرنى قىلىش چوڭ سىياسى ‹خاتالىق› ئىدى. مېنىڭلا ئەمەس، 99%ئۇيغۇرنىڭ ئويىدا شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى بىزنىڭ ‹ئۇلۇغلىرىمىز›نى تەنقىدلەش ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق بولاتتى.
ئويلىغىمدىكىدەكلا ئىلھام توختى ئەپەندى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ‹تەربىيلەش›كە ئېلىپ كىتىلدى، مەن بۇ چاغدا بىر تەرەپتىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بېخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلدىم، لېكىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قانۇننى ياخشى ئىجرا قىلىپ ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بەردى. مەن ئىلھام توختى ئەپەندىنى ئەمدى ‹بۇرنىغا سۇ كىردى›، ئەمدى بۇ ئىشلاردىن باش تارتىدۇ دەپ ئويلىغان، لېكىن ئارقىدىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن داۋاملىق كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بۇ ئادەمدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم، ھەم ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى…
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاچاندىن باشلاپ سىياسىغا نىسبەتەن بەك ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ قالغىنىنى بىلمەيمەن، ئۇيغۇرلار سىياسىغا قىزىقىدۇ، شەھەردە ياشايدىغانلاردىن تارتىپ يىزىدىكىلەرگىچە خەۋەر كۆرىدىغانلار، بولۇپمۇ خەلقئارا خەۋەر كۆرىدىغانلار جىق، لېكىن ھېچكىم سىياسى تېمىدا پاراڭلىشىشنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى مەسىلىرى توغۇرلۇق پاراڭلىشىشىنى خالمايدۇ،(ئەمەليەتتە خالىمايدۇ ئەمەس قورقىدۇ) چۈنكى ‹ئېغىزدىن خاتالىشىش› نى ھېچكىم خالىمايدۇ. سىياسى تېملار توغرىسىدىكى پاراڭ بولسىمۇ، يېقىن دوستلار بىر يەرگە كەلگەندە ئازراق بولىدىيۇ، گەپ چىڭىغا كەلگەندە، ‹بولدى، بۇندا گەپلەرنى قىلىشمايلى› بىلەن گەپ تۈگەيدۇ… بۇ بەلكى ئۇيغۇرلارغا سىياسى جەھەتتىن بىرىلگەن جازالارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېغىر ۋە ئاشۇرۋىتىلگەنلىكىدىن ياكى جۇڭگۇدا تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن ‹بىرنى ئۆلتۈرۈپ كۆپنى ئاگاھلاندۇرۇش› سىياسىتىنىڭ داۋامىنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك.
ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق سىياسى تېمىدا پاراڭلىشىتىن قورقىدىغان پېسخىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان ئەھۋالدا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىمىزدىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك سۆزىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشى مېنى تولېمۇ سۆيۈندۈردى ھەم ئىلھام توختى ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بۇ ئەسلى ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىسىدا بولۇشقا تىگىشلىك روھ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ھەم ئاپتۇنۇم ھوقۇقى بىرىلگەن ئالاھىدە رايۇن. بۇ رايۇندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسى قانۇنى ياخشى يۈرگۈزىلگەندىن سىرت ئاپتۇنومىيە قانۇنىمۇ ئۆز يولىدا يۈرگۈزىلىشى لازىم، ئەمما شىنجاڭ ھۆكۈمىتى قانۇنلارنى ياخشى ئىجرا قىلماي، بۇ رايۇندىكى خەلقنى رازى قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەر بىر پۇخرانىڭ نارازى بولۇش ھەم ھەقنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەمەلدارلار ۋە زىيالىلار شەخشى مەنپەتىنىلا ئويلاپ كۆپ ساندىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەتىنى سەل قاراۋاتقان ئەھۋالدا ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئوخشاش زىيالىلارنىڭ خەلقنىڭ ساداسىنى ھۆكۈمەتكە، دۇنياغا ئاڭلىتىشى ھۆكۈمەتكە، دۆلەتكە بولغان كۆيۈنۈش! بۇ ھەر بىر پۇخرادا بولۇشقا تىگىشلىك پەزىلەت، ھەم مەسئۇليەت!
ئىلھام توختى – يالقۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ مىللەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان بىر جەڭچى! جۇڭگۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ قانۇننى ياخشى ئىجرا قىلمايۋاتقان شىنج ھۆكۈمىتىگە قارشى مەردانە سۆز ئاچالىغان كىشى.ئۇ فىرانسىيە سەپىرىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدا ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئەپەندىنى لاياقەتلىك رەئىس دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ گەپ ماختاشقا تەشنا، ھەقىقەتكە كۆز يۇمىدىغان رەھبەرلىرىمىز قەتئى كۈتمىگەن ھەم ئۇلارنىڭ ‹شۆھرىتى›گە قىلىنغان بىر ‹ھۆرمەتسىزلىك›.
ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئەپەندى شىنجاڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ‹ئۇيغۇر بىز› تورىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ۋەقەنىڭ كىلىپ چىقىشتا كۈشكۈرتۈش رولىنى ئوينىغان دەپ تىلغا ئالدى، لېكىن مەن بۇنى نۇر بەكرى ئەپەندىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىگە بولغان ئۆچ ئېلىش خاراكتىرىدىكى ھۇجۇمى دەپلا چۈشەندىم خالاس، چۈنكى ‹ئۇيغۇر بىز› تورىدا ھېچبىر ‹كۈشكۈرتۈش› خاراكتىرىدىكى مەزمۇننى ئېلىپ مىسال كەلتۈرەلمىدى. ھۆكۈمەتمۇ ۋەقەنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبىنى پۈتۈنلەي دۆلەت سىرتىدىكى رابىيە قادىرغا ‹پىلانلىغان›، دۆلەت ئىچىدىكى ‹دىيارىم تورى›، ‹ئۇيغۇر بىز › تورى ۋە تور بەت قۇرغۇچىلارغا ‹كۈشكۈرتكەن› دەپ ئارتىپ قويدى. مەن دۆلەت سىرتىدىكى ‹رابىيە قادىر›نىڭ ۋە بىر قانچە مۇنبەرنىڭ ئۇنچىلىك ۋەقە چىقىرالىغۇدەك چاقىرىق كۈچى بارلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، بىز سەۋەبنى نېمشقا ئۆز ئۈستۈمىزدىن ئىزدەپ باقمايمىز؟ ئەگەر شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئىلھام توختى ئەپەندى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلسا، ئېچكىردىن شىنجاڭغا كۆچمە نوپۇس يۆتكەشنى توختاتسا، ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەجبۇرى ئىچكىرىگە ئىشچىلىققا يۆتكىمىسە بۇ ۋەقە چىقارمىدى؟ شۇنچە كۆپ ئادەم بىگۇناھ ھاياتىدىن ئايرىلالمىدى؟
ۋەقەدىن كېيىن ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە بىر قېتىملىق ‹تەربىيلەش› كە دۈچ كەپتۇ، مېنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىم ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئىككى ئايغا يېقىن تەربىيلەشنى ئەمدى ئاخىرلاشتۇرۇپ يېڭىدىن قويۇپ بىرىلگەن ۋاقتى ئىكەن. ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ قىلىشىمىز شۇنداقمۇ تاسادىبى ھەم تۇيۇقسىز بولدى، كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ياتاققا قايتىش يولۇمدا مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئىچىدە مېڭىۋىتىپ تونۇش بىر ئاۋاز قۇلقىمغا كىردى، ئالدىمدا ئىككى كىشى پاراڭلىشىپ كىتىۋاتاتتى، قەدىمىمنى تىزلىتىپ ئالدىغا ئۆتۈپ قارىسام ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ يەنە بىر كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ كىتىۋاتاتتى، ئىلگىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ زىيارەت قوبۇل قىلغان چاغدىكى ئاۋازىنى ئاڭلغان ھەم رەسىمىنى كۆرگەنتىم، بىر قاراپلا جەزىملەشتۈردۈم، نەچچە سىكۇنت كاللامدا سالاملىشايمۇ يا كىتىۋىرەيمۇ دەپ ئىككىلەندىم، ئەڭ ئاخىر بۇ مەن ھۆرمەتلەيدىغان كىشىنىڭ قولىنى ھۆرمەت بىلەن تۇتقۇم كەلدى، ئالدىغا بىرىپ ‹ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىز ئىلھام مۇئەللىم شۇ ھە› دەپ سالام بەردىم، ئىلھام مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرۇپ ‹ھە، سىز نەدە ئوقۇيسىز، ئەجەپ تونۇمىدىمغۇ› دېدى، مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئىككەيلەننىڭ پارىڭىنى تۈگىشىنى ساقلاپ ئەگىشىپ ماڭدىم، بەش مىنۇتلاردىن كېيىن ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن يالغۇز پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولدى، بۇ چاغدا مەن بىر خىل ھاياجان ۋە ھۆرمەت ئىلكىدە ئىلھام مۇئەللىمگە قارىدىم…ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگۈدەك ھالەتتە قىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى، ئىلھام مۇئەللىمنىڭ نەچچە ئاي ئالدىدىكى رەسىمدىكى ھالىتىگە سېلىشتۇردۇم، يۈزىگە خېلىلا قورۇق چۈشكەن، چاچلىرى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان، بىر خىل دەرت ئىچىدە مەجبۇرى كۈلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. لېكىن كۆزلىرى نۇرلۇق، ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى…
ئىلھام توختى ئەپەندىنى دادامغا ئوخشاتتىم… دادام بىز بەش بالىنى بېقىپ، ئوقۇتۇپ، قاتارغا قوشۇش جەريانىدا يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا بالدۇر قېرىغان، ھەم ھېرىپ ماغدۇرسىزلىنىڭ يېشى 60قا بارماي تۇرۇپلا كېسەل كارۋىتىدىن چۈشمىگىلى ئىككى يىل بولۇپتۇ. لېكىن دادم پەقەت ئۆز باللىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن،بىر ئۆينىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن جاپا چەككەن بولسا، ئىلھام توختى ئەپەندى بىر مىللەت ئۈچۈن، ئون نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتاتتى…
ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن نۆۋەتتىكى ‹ئۇيغۇر مەسىلىسى› ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق، ئىلھام توختى ئەپەندى گەپنى تۈز قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئويلىغىنىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويالايدىكەن، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى ھىس قىلغىلى بولاتتى. ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ مەسىللەرنىڭ چوقۇم ھەل بولۇپ ‹ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى › دا ھامان بىر كۈنى ‹ئاپتۇنۇم قانۇنى›نىڭ ھەقىقى تۈردە ئىجرا قىلىندىغانلىقىغا ئىشىندىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن ئىلھام توختى ئەپەندىدىن ‹شەخسى بېخەتەرلىك مەسىلىڭىزدىن ئەندىشە قىلمامسىز› دەپ سورىغىنىمدا ئىلھام توختى ئەپەندى بىر چۇڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېين، ‹ھەر بىر دەۋىردە مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولىدىغان چاغلاردا مەلۇم دەرىجىدە زىيالىلارنىڭ قۇربان بولۇشىغا توغرا كىلىدۇ، بەلكىم بۇ دەۋىر ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن مېنى تاللىغاندۇ…›دېگىنىدە يۈرىكىم بوغۇزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك نەپىسىم بوغۇلۇپ كەتتى. بۇ ھەرگىزمۇ مىللەتچى شائىرلانىڭ شېئىرىدىكى ‹ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلىمەن، مىللەت ئۈچۈن كۆپىمەن›دېگەندەك مىسرالار بولماستىن ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان، مىللەتكە بارلىقىنى بىغىشلاش روھىدىن كەلگەن يۈرەك سۆزى ئىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن بولغان پاراڭ جەريانىدا يىراق بولمىغان جايدا تېلېفۇندا سۆزلىشىۋاتقان بىرسى بىزگە ئەگەشكەندەكلا ھىس قىلدىم.مېنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىمنى ئىلھام توختى ئەپەندى ھىس قىلدى بولغاي، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ‹غەمخورلۇق›قا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۆزى بىلەن ئۇچراشقانكى كىشىنىڭ بۇ ‹غەمخورلۇق› تىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى، مېنى قايتىش يولىدا ئېھتىيات قىلىشىمنى تاپىلىدى. مەن قايتىش يولىدا چوڭ يولدىن مېڭىشقا جۇرئەت قىلالماي، كىچېك، ئەگرى-توقاي يوللاردىن قەدىمىمنى تىزلىتىپ، بەزىدە يۈگۈرۈپ دېگەندەك ياتاققا قايتتىم. مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىپ كىلىۋاتقان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئى قوغدايدىغان بىر پۇخرا تۇرۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ باشقا بىر پۇخراسى بىلەن كۆرۈشۈپ، پاراڭلىشىش ھوقۇقمدىنمۇ خاتىرجەم ھالدا بەھىرمان بولالمىسام…مەن شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا بۇنداق ھودۇققىنىمدىن ھەيران قالدىم. بۇ بەلكىم ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ پىسخىكىسىغا سىڭىپ كەتكەن،( توغىرىسى سىڭدۈرۈلگەن ) ‹ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى قورقۇش پىسخىكىسى بولسا كېرەك› دەپ ئويلىدىم.
كېيىنچە ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن جىق ئالاقە قىلىپ كىتەلمىدىم، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تېلېفۇنى ئۇلانمايتتى، ياكى جاۋابسىز بولاتتى، بىر قانچە قېتىم ئىلخەت يازغىنىمدا ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ياخشى تۇرىۋاتقانلىقىنى، مېنىڭ ياخشى ئوقۇشۇمنى تەكىتلەپ جاۋاب يازدى. مەن بېيىجىڭدىكى بالىلاردىن ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ نورماللاشقانلىقىنى، ئۆزىننىڭمۇ ساق-سالامەت، بېخەتەر تۇرىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ بىر ئاز خاتىرجەم بولدۇم. بەزىدە ئىلھام توختى ئەپەندى يادىمغا كەلگەندە ئۇنى مەڭگۈ ساق-سالامەت تۇرىۋاتقانمىدۇ دەپ ئەنسىرەپ قالىمەن…ھەم ئىچىمدە ‹ئۇيغۇرلار ۋىجدانى›نىڭ دەپسەندە بولماسلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ۋىجدانسىز› قالماسلىقىنى تىلەيمەن…
___________________________________
مەنبە ئەركى بىلوگى
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانى-ئىلھام توختى