قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدىنىڭ «مايىمخان» رومانىدىن پارچە
بۇ يىل قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى، جامائەت ئەربابى زىيا سەمەدى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى، سابىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىدە مۇھىم لاۋازىملارنى ئاتقۇرغان، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى زىيا سەمەدى ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پروزا ۋە دراماتۇرگىيە ساھەلىرىدە ئۆلمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ «مايىمخان»، «يىللار سىرى»، «ئەخمەت ئەپەندى» ناملىق رومانلىرى، «ئۆرۈك گۈللىگەن چاغدا»، «بىر تال پاپىروس»، «دەرتمەننىڭ زارى»، «غېنى باتۇر» پوۋېستلىرى، «غېرىپ-سەنەم»، «لاشمان»، «ئىپارخان» درامىلىرى ۋە باشقىمۇ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىگە، ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرىشىگە بېغىشلانغان ئەسەرلەردۇر.
زىيا سەمەدى ئەسەرلىرى بۈگۈنكى كۈنگىچە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىرىدە مەخسۇس ئوقۇتۇلماقتا ھەم ياش ئەۋلادلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېس-تۇيغۇلىرىنى تەربىيىلەشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.
بىز رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا يازغۇچىنىڭ «مايىمخان» رومانىدىن ئېلىنغان «ۋىجدان ساداسى» ناملىق قىسىمنى تونۇشتۇرماقچىمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
خەۋەرنى ئاڭلاش:
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/ziya-semedi-01202014141331.html/u0120-oyghan.mp3
______________________________________________________________________
مەنبە: http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/ziya-semedi-01202014141331.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدىنىڭ «مايىمخان» رومانىدىن پارچە