لوندوندا «خىتايدىكى ئىسلامىي ئاۋاز» ناملىق تەتقىقات يىغىنى ئېچىلدى
بۇگۇن يەنى 10- يانۋار كۇنى ئەنگىلىيەنىڭ لوندون ئۇنۋېرسىتىتى شەرىقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنىستىتۇتىدا تەسىس قىلىنغان «خىتايدىكى ئىسلامىي ئاۋاز» ناملىق تەتقىقات تۇرىنىڭ ساھىبخانلىقى بىلەن دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرلغان خىتاي دولىتىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئىسلامىي ھاياتىنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ ئۆتتى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرئىلمىي خادىملىرىدىن ئۇرۇمچى ئۇيغۇر ئۇنۋېرسىتىدىن كەلگەن دوكتۇرن راھىلە داۋۇت، فىرانسىيەدىن كەلگەن PhD ئوقۇغۇچىسى مۇقەددەس مىجىت، تۇركىيەدىن كەلگەن تەتقىقات ئوقۇغۇچىسى مۇتەللىپ ئىقبال ۋە كانادادىن كەلگەن تەتقىقات ئوچۇغۇچىسى ئاينۇر قادىر قاتارلىق ياش ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي ھاياتىغا بېغىشلانغان قىممەتلىك تەتقىقات تېمىللىرىنى يىغىن ئىشتىراكچىللىرىغا تەقدىم قىلدى ۋە قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشتى. تۆۋەندە بۇ يىغىندا تارتىلغان بىر قىسىم سۇرەتلەر ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.
خەۋەر ۋە سۈرەتلەرنى ئەزىز ئەيسا تەييارلىدى.
ئەسكەرتىش:
بۇخەۋەرنىڭ نەشىر ھوقوقى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىگە تەۋە. ئەگەر كۆچۇرۇپ نەشىر قىلسىڭىز، خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىرگە بېرىشنى ئۇنۇتماڭ.
——————————————————————————————————
مەزكۇر يىغىن توغۇرسىدىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى بۇ تور ئۇلنىشتىن بىلەلەيسىز:
Islamic Soundscapes of China Conference
http://www.soundislamchina.org/?p=173
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: لوندوندا «خىتايدىكى ئىسلامىي ئاۋاز» ناملىق تەتقىقات يىغىنى ئېچىلدى