بۇ دۇنيا
بۇ دۇنيا
ئېزىز ئەيسا (يول)
ھايات ئىشقى
ئىككىلەنمەيمەن،
سۆيگۈ ئالدىدا.
زارلىمايمەن،
تەقدىر قوينىدا.
يانغىن…
ئوتتىن پۇتكەن يۈرەك
ئىرادەم ھاياتقا -
خانتەڭرىدەك.
ئاخىرەتلىك
ياشاشقا-
كەلدىم بۈگۈن،
ئانام پاكلاپ تۇغقاچقا.
يىغامغا تىترىدى جاھان
ئۆتتى بىر كۈن،
قايتتىم بۈگۈن،
ئېلىپ يىغىسىنى بىللە بالامنىڭ.
ئۆتنىگە ئەتە
بولساممۇ گۇناھكار.
خىجىل بېرىشقا قۇرۇقلا-
ئېلىۋالاي قەترە بولسىمۇ-
چاڭقىغان تۇپراققا.
ئەجەب ئەمەس،
كۆكلەپ قالسا قىزىل يۇلغۇن،
ئىزىم بېسىپ،
قەبرەم بېشىغا،
ئارىدىن ئۆتمەي ئۇزۇن.
گۇناھ
كەلدىم
دۇنياغا پاك تۇغۇلۇپ،
كەتتىم…
گۇناھقا بوغۇلۇپ.
1998-يىلى 31 – دېكابىر. ئاقسۇدا يېزىلدى.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: بۇ دۇنيا