پىغانلىق سۆيگۈ
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئىلاۋە: بۇ شىېئىر توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز قىستۇرۇپ قوياي – مەن بۇ شىېئىرنى 20 ياشنىڭ قارسىنىمۇ ئالمىغان، بالىلىقىمغا خاتىمە بېرىپ، ياشلىق قەدەملىرىمنى ئەمدىلا بېسىشقا باشلىغان بىر ۋاقىتلىرىمدا يېزىپتىكەنمەن. مانا بۇگۇن ھېساپلاپ باقسام ئارىدىن نۇرغۇن يىلللار ئۆتۇپ كېتىپتۇ… يېقىندا مەن بۇ شىېئىرىنى كونا يازمىللىرىم ئارسىدىن تېپىۋالدىم ۋە سىلەر بىلەن ھەمبەھىر بولۇشنى ئىستىدىم. ھەممىمىز بىلىمىز، شائىرلار ئۇچۇن مۇھەببەت تېمىسى مەڭگۇ يازسىمۇ ئۆلمەيدىغان ۋە قېرىمايدىغان بىر تېمادۇر. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن، ئەگەر بۇ شىېئىر ياشلىق باھارىنىڭ جۇشقۇن ئارمانلىرى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئۆت يۇرەك ياشلىرىمىز ئۇچۇن يېڭى بىر تۇيغۇ ۋە ھېسلارنى ئاتا قىلالىسا، ئۇ ماڭا ئارام – بەخىشلىك بىر ئىلھام بولۇپ قالغۇسى. بۇ شىېئىر 1988- يىلى 12- ئايدا شايار ناھىيسىنىڭ تويبولدى يېزىسىدا يېزىلغان.
مەن ئىنتىزار باھار يازمىغا،
سوغۇق – قىشتا تىترىگەن ئۈچۈن.
كۇيەر يۈرەك پىغانى بىلەن،
يار ۋەسلىگە چاڭقىغان ئۈچۈن.
كەچتە چىقتىم ئۆستەڭ بويىغا،
ئىزىم چۈشتى ئاق قار يۈزىگە.
تېرەك بېشىدا يالغۇر قاغا،
مۇڭلىنار غېرىب بىر كۈيىگە…
ئەسلىسەم ئۆتكەن شۇ كۈننى،
بىز خىلۋەت بۇ يەردە بۇرۇن.
سۈرگەنتۇق باھار پەيزىنى،
سۆيگۈمىز ئىشقىدا ئۇزۇن…
مۆھلىتى ئۇزاق، مۇدھىشلىك بۇ تۈن،
نەشتىرى سوغۇق، شەپقەتسىز بۈگۈن.
كۆڭلۈم قالدى تاپماي ئۆزگە داۋا…
قۇچارمۇ ۋىسال، بەختىمىز بىر كۈن؟!
تۆكۈلگەن ياپراق، ئۇششىگەن بۈگۈن،
مۇزلىغان دەريامۇ ئېقىشى توختاپ.
كەل جانان، سۆيۈشەيلى بىز يەنە،
كەلسۇن ھەم بۇلبۇل غەزلىنى توۋلاپ…
ئاھ مۇھەببەت تەشنا مەن ساڭا،
قىلىسەن قاچانغا شوخ قەلبىمنى؟
قاپتۇ سەندىن ھەسىرەت، ئازابلا …
كەتمە، ئېلىپ تىرىك يۈركىمنى!
1988- يىلى 12- ئاي. شايار ناھىيسىنىڭ تويبولدى يېزىسىدا يېزىلغان.
مەنبە: http://bbs.bagdax.cn/thread-27054-1-1.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: پىغانلىق سۆيگۈ
ئەسسالام ئەلەيرۇم ئەيسا جان!
ئلاقىلىشىپ تۇرايلى.
تۆۋەندىكى بىر كۇبلىت شىئىرىم بىلەن ئۆزىمنى تونۇشتۇرۋالاي.
* * * * * * * * * *
كىم كۆردى بېشىنى ئاخىرىنى كىم،
ھاياتلىق مەنبەئى ئېچىلمىغان سىر.
بەزىلەر قىلىدۇ ئاللاھدىن ھۆكۇم،
چۇشەنمەي ماھىىنى، قەيەردە، .ئۇ كىم.
* * * * * * * * * *
شۇ يېشىڭىزدىكى ھىسسىيات ساددا ئەمما راست بولىدۇ، شېئىرىڭىزدىكى ھىس تۇيغۇلار مېنىڭ بېشىمدىنمۇ ئۆتكەندەك قىلىدۇ