كامىل ئابباس ۋە گۇلەندەم ئابباسلار گۇناھسىز
تەرجىمان كامىل ئابباس ۋە گۇلەندەم ئابباسلار گۇناھسىز
مەن بۇ يازمنى توۋەندىكى ئۇشبۇ خوش خەۋەرنى كەڭ ئۇيغۇر جاماىىتىگە بىلدۇرۇش مەقسىتىدە يېزىۋاتىمەن.
گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى (AIVD) بۇ يىل 10- سېنتەبىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ گوللاندىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۇيغۇر تىلى تەرجىمانى كامىل ئابباس ۋە گۇلەندەم ئابباسلارنىڭ گۇناھسىزلىغىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇلارنى خاتا، ئاساسىز خىتايغا ئىشپىيۇنلۇق قىلىش قىلمىشى بىلەن گۇمانلانغانلىغى ئۇچۇن ئەپسۇ سورايدىغالىغىنى بىلدۇردى. بۇ ئىش تۇپەيلىدىن بۇ تەرجىمانلارغا ئېلىپ كەلگەن ئېغىر ئاقىۋەتلەردىن چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدىغانلىغىنى بىلدۇردى.
دىمەك يۇقۇرقى بايانلار گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ (AIVD) بۇ ئىككى ئۇيغۇر تەرجىماندىن رەسمىي ھالدا دۆلەتلىك مەۋقەسى بويىچە ئۆچۇق-ئاشكارە ئەپۇ سورىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسۈتۇپ تۇرۇپتۇ!
مېنى بۇ خوش خەۋەر بۈگۈن تولىمۇ شادلاندۇردى چۈنكى مۇھاجرەتتىكى ئۇيغۇر قەۋمى ئارىسىدىن ئىككى ”ئۇيغۇر ئىشپىيون“ ئازايدى…
بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر بولماق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تەس بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار قارتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەتىنىدىن چەتئەللەرگە مۇساپىر بولۇپ يېڭى ھاياتلىق يولى ئىزدەپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەمدە بولۇپ تەرجىمانلىق قىلماق تېخىمۇ مۈشكۈل بىر ئىش. ئەگەر بىر ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا ياكى بەزى بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرسا ”ئېشەككە كۇچۇڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى“ دېگەندەك ئەڭ ئاۋۋال ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان ۋە بىزگە ياردەم قولىنى سۇنغان ئۇيغۇر تەرجىمانغا كۇچىمىز يېتىدۇ. بىز پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسىمىزنىڭ رەت قىلىنىشىنى تەرجىماندىن كۆرىمىز ۋە تەرجىمان ئۇستىدىن قىلغان ئورۇنسىز شىكايەتلىرىمىزنىڭ ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە قانچىلىك تارازىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشىدىن قەتئىي نەزەر ۋەتەندە كۆنۈپ كەتكەن خۇي – پەيلىمىز بويىچە راست ۋە يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا تۆھمەت قىلىشتىن، زەربە بېرىشتىن ئەسلا يانمايمىز. بۇنىڭ مىسالى شۇكى بۇ يىل 3- ئاي ئاخىرلىرىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاراتقۇلارىدا سۆز-چۆچەك بولۇپ يۈرگەن ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئىختىيارى مۇخبىر پىدائىي تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان ئاتالمىش ”گوللاندىيەدىكى ئىككى ئۇيغۇر تەرجىمان ئىشپىيون ۋەقەسى“ دۇر.
بىز بىز غەرب ئەللىرىگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلار شۇنى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىمىز زۆرۈركى بىز قانۇن تۈزۈلمىسى مۇكەممەل بولغان ۋە ھەقىقىي قانۇن بىلەن جەمئىيەت باشقۇرۇلىدىغان دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتىمىز. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنى بويىچە ئەگەر بىر شەخس جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىلىپ ئەيىبلەنگەن بولسا سوت مەھكىمىسى بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ توغرا ياكى خاتا بولغانلىقىغا قارتا ئەڭ ئاخىرقى ئادىل قارارىنى چىقارغۇچە ئەيىبلىگۈچى ”گۇناھسىز ۋەياكى جىنايەت گۇماندارى“ دەپ قارىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن جىنايەت سادىر قىلىش ئېھتىمالىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكى بويىچە سوت ئېچىلغۇچە كاپالەتكە قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇلارنى قانۇنىي جەھەتتىن جىنايەتچى دەپ قارىمايدۇ.
مەن بۇ يۈز بەرگەن ئىشلاردىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. ئارىمىزدىكى بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قىلىدىغان ئىشى يوقتەك ھەمىشە بىر-بىرلىرىنى ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى قاتارلىق توربەتلەردە نامسىز كىرىپ تىللىشىدۇ، ئەدەپسىز، بولمىغۇر ۋە قالاق تىللار بىلەن ئەيىبلىشىدۇ….ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىغا ھەمىشە ئىتتىپاقسىزلىق ۋە غەيۋەت-شىكايەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىشقا ئۇرۇنىدۇ. مەن بەزى ۋاقىتلاردا تونىشلىرىم ۋە ھەتتا ئۆزۈم توغرىسىدا مۇشۇنداق يالغان-ياۋداق تۆھمەتلەرنى كۆرۈپ قالغىنىمدا ئارىمىزدىكى ”نامەلۇم“ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ خىل ساپاسىزلىقى، ئەخمەقلىقى ۋە قالاقلىقىدىن ئۆكۇنىمەن. بەزىدە ئۆز – ئۆزۈمگە بۇ توربەتلەردە يېزىلغاندەك ”چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا خىتاينىڭ ئىشپىيونى ۋە جاسۇسلىرى بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟ چەتئەلدە ساق ۋە ساپ ئۇيغۇر قالمىغانمىدۇ؟ …“ دەپ سوئال قويىمەن ئەمما بۇ شەكىلدىكى دەلىل پاكىتسىز پەقەت ”روھى ساغلاملىغى ئاجىز، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن غەرب ئەللىرىدە ياشاش بۇرۇقتۇملۇقىغا پېتىپ قالغان بىكار تەلەتلەرنىڭ ئۆز دەردىنى، ئىچ-پۇشىقىنى باشقلارنى ھاقارەت قىلىش بەدىلىگە چىقىرىش ئۈچۈن قىلغان سۆز-چۆچەكلىرى تاينىلىق…“ دەپ بىلىمەن ۋە بۇنىڭدىن ئارتۇق ۋاقىت چىقىرىپ ئويلىشىپمۇ ئولتۇرمايمەن، خالاس.
قىسقىسى گېپىمىزنىڭ نېگىزىگە كەلسەك ئەينى ۋاقىتتا ”گوللاندىيەدىكى ئىككى ئۇيغۇر تەرجىمان ئىشپىيون ۋەقەسى“ توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلى بىئارام بولغان ئىدى. دەرۋەقە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇلار ئۈستىدە ئەيىبلەشلەر توغرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قارارى چىقىرىلىشىدىن ئىلگىرىلا بۇ ئىش سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ھەتتا شۇ دۆلەتلەردىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم تونۇلغان تەشكىلات مەسئۇللىرى بۇ ئىش توغرىسىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۆزلىرىنىڭ سەلبىي باھالىرىنى بېرىپ ئۆتكەن، ھەتتا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق ئۇيغۇر تاراتقۇلارىدا ئۇلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ”جىنايەت سادىر قىلىش“ ئېھتىماللىغى يۇقىرى كۆتۇرۇلگەن بىر خىل سەلبىي مايىللىققا يانداشقان ھالدا ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان مۇخبىرلىق پىرىنسىپلىرىدىكى «بىتەرەپلىك» مەۋقەسى بۇزۇلغان خەۋەر بېرىلىپ، بۇ ئىككى ئۇيغۇر تەرجىماننىڭ خەلقىمىز ئىچىدىكى يۈز – ئابرۇيى يەرگە ئۇرۇلۇپ، تەنقىد ۋە تۆھمەتلەر يامغۇردەك ئاغدۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.
تولىمۇ ئەپسۇس بۇ ۋەقەنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بەزىلەر كۈتكەننىڭ ئەكسىچە نەتىجىلىنىپ ئاخىرلاشتى. مەن كامىل ئابباس ۋە گۇلەندەم ئابباسلارنىڭ گۇناھسىز بولۇپ چىققانلىقى ۋە گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇلاردىن رەسمى يوسۇندا ئەپۇ سورىغانلىقىدىن تولىمۇ خوش بولدۇم ئەمما مېنى خۇشال قىلمىغىنى ئۆتكەنكى بىر قانچە ئايلار ئىچىدە ئۇلارنى ”جىنايەت گۇماندارى“ دەپ قاراپ، مەسىلىسىنى گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەكشۈرۈلۈۋاتقان ۋاقىتلاردا ئۆز قوۋمى بولغان گوللاندىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى مۇھاجرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ ئىشنىڭ ”ئاق ياكى قارا“ بولۇپ چىقىشىنى كۈتمەستىن يېنىكلىك بىلەن ئۇلارغا ”خائىنلىق“ قالپىقىنى كىيدۈرۈلۈپ ھاقارەت قىلغانلىقى بولدى.
مەن كىشىنى خۇشال قىلمايدىغان بۇ ئىشنىڭ يۇزبەرگەنلىگىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. مەن گوللاندىيە ”مەشرەپ“ ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ پەخىرلىك ئەزاسى، ئۇيغۇرنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكانتى كامىل ئابباس ئەپەندىنى ۋە ئايالى – ئاتاقلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارى گۇلەندەم ئابباس خانىمنى تونۇغىلى ۋە ھەم ئۇلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىدە بولۇپ كېلىۋاتقىلى 10 نەچچە يىللاردىن ئاشتى. مېنىڭ بىلىدىغىنىم كامىل ئابباس ئەپەندىنىڭ ئائىلىسى گوللاندىيەگە ئەڭ دەسلەپ كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، 1990- يىللارنىڭ باشلىرىدا گوللاندىيەگە كۆچمەن بولۇپ كېلىپ يەرلەشكەن. كامىل ئابباس ئەپەندى چەتئەلگە مۇساپىر بولۇپ چىققان شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئۈچۈن، ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىنى، كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئۆز سەنئەت ماھارەتلىرى ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىگە تونۇشتۇرۇشنى ھېچ بىر زامان توختاتمىغان، ئۆز ئىقتىدارىدىن كېلىشىچە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ۋەتەنپەرۋەر سەنئەتكاردۇر. جۈملىدىن كامىل ئابباس ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق چوڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتقان بىر سەنئەتكار ۋە سىياسىي ئاكتىپتۇر.
گەرچە مەنمۇ دەسلەپتە بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ بىر ئاز كۆڭلۈم يېرىم بولغان بولسىمۇ ئەممە بۇ ئىشنىڭ پەقەت ئىلتىماسى رەت قىلىنغان بەزى بىر ئەقلى چولتا ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئاسانلا توقۇپ چىقالايدىغان بىر تۆھمىتى بولۇپ چىقىشىنى، بۇ ئىشنىڭ راست بولۇپ چىقماسلىقىنى تىلىگەن ئىدىم بىراق ئىشنىڭ تىز بىرتەرەپ قىلىنماسلىقى ۋە ۋاقىتنىڭ سوزۇلۇشى تۈپەيلى بەزى مەن چوڭ بىلىپ كەلگەن تەشكىلات ”رەھبەرلىرى“ نىڭ ”دەريانى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش“ تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ئۇلارنى ”خىتاينىڭ ئىشپىيونى“ قىلىپ ئەيىبلىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، بۇ رەھبەرلەرنىڭ مەسىلىنى چۈشىنىش، راست گەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىغىنى بىلىپ مەيۇسلەنگەنتىم چۈنكى مەن رەھبەرلىرىمىز ھېچ بولمىغاندا ”بىز سوتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكۈنىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇلارنى ئاساسسىز ئەيىپلىمەيلمەيمىز“ دېگەن بىر ئېغىز ئادىل ۋە بىتەرەپ سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمىغان ئىدىم.
بۈگۈن بۇ خوش خەۋەر ئاڭلاپ كامىل ئابباس ئاكا ۋە گۇلەندەم ھەدىمىز ئۈچۈن خوش بولدۇم.
مەن ئاخىردا بۇ يازمام ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك تەكلىپنى بەرمەكچىمەن – ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر ئەركىن ئاخباراتى بولغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئۇيغۇر بۆلۇمى بۇ توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن بولسا چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا يەنى بۇ يىل 3- ئايلاردا رادىئونىڭ گوللاندىيەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرى پىدائىي بۇ ھەقتە خەۋەر ئىشلىگەن ئىدى. بۇ قېتىم بۇ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقى توغرىسىدا قايتىدىن خەۋەر ئىشلەپ گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ (AIVD) بۇ 2013- يىلى 10- سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىنى تولۇقى بىلەن رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا بىلدۈرسە ۋە مۇمكىن بولسا كامىل ئابباس ئەپەندى بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا سۆەت ئېلىپ بېرىلسا.
مۇشۇنداق بولغاندا ئارىمىزدىن ناھەق قارلانغان كامىل ئابباس ۋە گۇلەندەم ئابباسلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا ئوۆز بېشىغا كەلگەن بۇ كېلىشمەسلىكلەر توغرىسىدا رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىگىنى جاكارلاشىغا ۋە نام-شەرپىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشىگە ئاز- تولا بولسىمۇ پۇرسەت يارتىپ بېرىلگەن بولاتتى، ئەلبەتتە.
مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى سەنئەتكارلىرى نامىدىن كامىل ئابباس ئاكا ئائىلىسىگە تەسەللى، مەدەت ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىگە بېغىشلىغان ھاياتى تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە، باي مەزمۇنلارغا ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە تولسۇن.
مەن يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋەتەنداشلاردىن شۇنى سەمىمىيەتلىك بىلەن سورايمەنكى بۇ يازمام سەۋەبلىك مېنى تىللاپ كەتمىسەڭلار ئەگەر بەك تىللىغىڭلار كېلىپ كەتسە مەندەك ئۆز ئىسمىڭلار بىلەن يازساڭلار ھېچ بولمىغاندا مېنى كىمنىڭ تىلايدىغانلىغىنى بىلىپ قالسام ئارمان قىلمايمەن. ئەلۋەتتە مەن ئۆز ئىسمى بىلەن يېزىلغان يوللۇق ۋە مەزمۇنى ساغلام بولغان ئىلمىي تەنقىدىي پىكىرلەرنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن
ئەزىز ئەيسا
2013- يىلى 18- سېنتەبىر
لوندون ئۇيغۇر ئاناسمبىلى
http://www.uyghurensemble.co.uk
_____________________________________________
تۆۋەندە پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ (AIVD) بۇ يىل 10- سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشى توغرىسىدىكى خەۋەردىن ئەڭ ئۇستىدىكى 1- خەۋەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. قالغانلىرىمۇ ئاساسەن 1- خەۋەرگە ئوخشاش مەزمۇندا بولۇپ گوللاندىيەدىكى باشقا ئاخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان:
گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر تەرجىماننى ئىشتىن توختاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىشى خاتا بولغان. ئەسلىدە گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى (AIVD (Dutch Intelligence Service ئىككى ئۇيغۇر تەرجىماننى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇچۇر يەتكۈزگەن دەپ قاراپ ھەرىكەت قوللانماسلىقى كېرەك ئىدى. گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ ئۇلار (ئىككى ئۇيغۇر تەرجىمان) توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى بىلدۇردى چۈنكى ئۇلارنى ئەيىبلەشكە ‘يېتەرلىك دەلىل پاكىتلار’ يوق. ئۇلار توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا تەرجىمانلارنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن كۆچمەنلەر ۋە يەرلىشىش ئىدارىسى
(IND - Immigration en Naturalization Service) ئۇلارنى ئىشتىن توختاتقان ئىدى. ئۇلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ غەربىدىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرگە تەرجىمانلىق قىلاتتى. بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە ھوقۇقى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تېررورىستلار دەپ قارايدۇ.
(ئەسلى مەنبە:
1. http://www.volkskrant.nl/vk/nl/2686/Binnenland/article/detail/3507109/2013/09/10/AIVD-fout-met-bericht-over-Oeigoerse-tolken.dhtml
Translated to English:
AIVD (Dutch Intelligence Service) wrong with notice on Uyghur interpreters
The secret service AIVD should not have undertaken action against two Uyghur interpreters that had supposedly leaked information to the Chinese government. The AIVD announced on Tuesday that it was in the wrong when they published a notice on them, as this was ‘insufficiently supported’. On basis of the notice, the interpreters were put on non-active by their employer the IND (Immigration en Naturalization Service). They have particularly interpreted during hearings against Uyghurs, a minority from the West of China. Beijing views the Uyghurs as terrorists, as they strive for more autonomy.
2- http://www.nrc.nl/nieuws/2013/09/10/aivd-in-de-fout-met-bericht-over-spionerende-tolken/
Translated to English:
AIVD in the wrong with notice on spying interpreters
The AIVD has, previously this year, wrongly associated two Uyghur interpreters with possible espionage. This was confirmed today to nrc.nl by a spokesperson of the intelligence service.
Two Uyghur interpreters that were involved in the evaluation of asylum requests, allegedly passed on confidential information of Uyghur asylum seekers to Chinese authorities, as the AIVD announced in their notice in January. Thereafter, the IND discontinued collaboration with the two interpreters.
The two interpreters then proceeded to file a complaint with the CTIVD, the oversight committee of the AIVD. The CTIVD conducted an investigation on the case and found in favor of the interpreters. The notice was insufficiently supported. The AIVD has to revoke the notice.
‘This has had major consequences’
The AIVD highly regrets the situation, said a spokesman:
“The system of supervision works. Today’s insight means that the notice should not have been sent. We offer our apologies and are in conversation with the interpreters. We realize that this has had major consequences.”
It is unknown yet whether the interpreters will be able to resume their jobs. According to the spokesperson this is up to the IND.
The Uyghurs are an Islamic minority that resides in the Northwest of China. The Chinese authorities seem to be very interested in Chinese minorities in the Netherlands (especially Uyghurs) and according to the AIVD are “monitoring them closely.”)
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: كامىل ئابباس ۋە گۇلەندەم ئابباسلار گۇناھسىز