ياتلاشقان سەنئەت ۋە ياتلاشقان روھىيەت
ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى.ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسي ساھەلىرىدە ئۆچمەس نەتىجىلەرنى ياراتتى.بۇلۇپمۇ سەنئەت ساھەسىدە زامانداشلىرىدىن ھالقىپ، جاھان ئەھلىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك سەنئەت دۇردانىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ۋە «ئۇيغۇر خەلق ناخشا مۇزىكىلىرى» ئەنە شۇ سەنئەت دۇردانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدۇر. شۇڭا ئۇيغۇرلار ناخشا – ئۇسۇلغا ماھىرلىغى بىلەن يىراق-يېقىنغا نام چىقارغان، بۇخىل ئەنئەنە زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلگەن.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىرلىقىدىن ھېرىسلىغى ئېشىپ كەتتى. شۇ ۋەجىدىن ياشلاردا دۆلەت ۋە مىللەت ئايرىماي ،ناخشا تاللىماي، ناخشا-مۇزىكىلا بۇلىدىكەن ئاڭلايدىغان،ئارقىدىنلا دورايدىغان ئىللەت شەكىللەندى. نەتىجىدە چەتئەلنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىغا سەۋدايىلارچە مەپتۇنكارلىق كېلىپ چىقتى. چەتئەل سەنئتىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، دوراش شۇ دەرىجىدە ئەۋىج ئالدىكى، پۇل ۋە ئابرۇي قوغلۇشۇپ چەتئەل ناخشا-مۇزىكىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى دوراپ ئۇرۇندايدىغان سەيييارە ئارتىسلاردىن سىرىت ، گۈدەك بالىلار ۋە ئۈسمۈرلەرگىچە ئومۇملاشتى. بەزىلەر ھەتتا چەتئەل ناخشا-مۇزىكىلىرنى دوراپ ئۇرۇندىيالايدىغانلىقىنى ئۈزلىرى ئۈچۈن پەخىر ، شەرەپ بىلىشتى.يات ئەل ۋە مىللەت ناخشا-ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ئۇرۇنداشنىمۇ تالانت ، ئقتىدار ھىساپلاشتى . ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى سېتىش دۇكانلىرىدا قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك قۇيۇلىۋاتقان چەتئەل ناخشا-مۇزىكىلىرىنى تۇلا ئاڭلاپ كىشىلەرمۇ تەدرىجى كۆنۈپ قالدى. ئەمما بۇ جەرياندا كىشىلەر مۇھىم بىر نەرسىنى___ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى خاسلىقى، مىللى سەنئتىنىڭ شالغۇتلىشىۋاتقانلىقىنى،يۇقۇلىۋاتقانلىقىنى ئونتۇپ قالدى. بىزنىڭ مىللىچە كىيىم- كېچەكلىرىمىز ۋە ناخشا-مۇزىكىلىرىمىزنىڭ سەھنىلەردىلا كۆرۈلىدىغان، رىئال تۇرمۇشتىن يىراقلاشقان ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشى مىللەت ئۈچۈن ئېغىر كىرىزىستىن بىشارەتتۇر.
ناخشا-ئۇسۇل بىر مىللەتنىڭ تىلىغا ئوخشاش باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىندىغان مۇھىم بەلگىدۇر. بىر تىلغا ئۆز خاھىشىمىز بۇيىچە يات مىللەت تىلىدىن سۆز قىستۇرغاندا مەنە ۋە مەزمۇن ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ ، ناخشا- ئۇسۇل جەھەتتىكى بورۇلۇش ، بوزۇلۇشقا سۈكۈت قىلىش مىللى مەدەنيەت ، مىللى خاسلىقىنىڭ خىرىسىغا سۆكۈت قىلغانلىقتۇر .
ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر مىللەت دەپ بىلىدۇ . ئەمەلىيەت شۇنداق بولغاچقا باشقا مىللەتلەرمۇ بۇنى ئېتراپ قىلىدۇ . قەدىمدىن ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر بۇ مىللەت ئەۋلادلىرى بۆگۈنكى كۆندە چەتئەل سەنئتىگە مەستانە بولۇپ، بەس- بەس بىلەن ئۇلارنى دوراپ ناخشا ئېيىتماقتا ، ئۇسۇل ئوينىماقتا. بۇ ھال نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇنداق قىلىش ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر مىللەتكە ماس كېلەمدۇ؟ تارىختىن مەلۇمكى، مەلۇم بىر ئەل ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلىقى ناخشا- ئۇسۇلغا ئەمەس،ئىقتىسادىي كۈچ ۋە پەن-تېخنىكا كۈچىگە باغلىق. بۇ خىل شەرتنى ھازىرلىيالمىغان مىللەتنىڭ بۈگۈنى ئەندىشلىك ، ئەتىسى كۆلپەتلىك بۇلىدۇ .
بۈگۈنكى كۆندە ئۇيغۇرلار ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكىدا زامانداشلىرىدىن ئارقىدا قالدى . بۇ جەھەتتە ئالغا كەتكەن دۆلەت ۋە مىللەتلەردىن ئۆگۈنۈشكە ،ئەگىشىشكە مەجبۇر ئىدى. ۋاھالەنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇلى ھەرگىزمۇ ئارقىدا قالغان ئەمەس . نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئەگەشكەندە قارا- قۇيۇق ئەگىشىش، ئىنكار قىلغاندا قارا-قۇيۇق ئىنكار قىلىشتەك پىسخىك ئاجىزلىقىنى ئاشكارا قىلماقتا.
چەتئەللەرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئوغۇرلاپ ئۆزگەرتىپ ، بۇرمىلاپ ئورۇنداۋاتقانلار قىلچە خىجىللىق ھىس قىلماستىن ،ئۆزلىرىنىڭ دوراش ئىقتىدارىدىن مەغرۇرلانماقتا . تەقلىد قىلىش ئارقىلىق ئورۇندالغان چەتئەل سەنئتىنىڭ خەلققە قانچىلىك ئىستىتك زوق ئاتا قىلىشى بىلەن ھىساپلاشماي مۇزىكىلىق بالاغەت ۋە شېئىرى پاساھەتتىن قىلچە ئەسەر يوق پۈچەك ناخشا- مۇزىكىلارنى خەلققە تەقدىم قىلماقتا . ئۇلار بىر تەرەپتىن چەتئەل ناخشا- مۇزىكىلىرنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۇسالغۇ بولماقتا . چەتئەلنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرىنى كۆچۈرۈپ كەلگۈچىلەر شۇنى ئويلىمامدۇكى، ئۇلارنىڭ بۇخىل قىلمىشى شۇ مىللەت كىشىلىرى تەرىپىدىن ئەيىپلىنىدۇ، ئۇيغۇر مىللتى تەرىپىدىنمۇ ئېتراپ قىلىنمايدۇ.
بىر مىللەتنىڭ ناخشا-مۇزىكىسى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغاچقا ، شۇ مىللەتنىڭ گۆش ھەم قېنىغا سىڭگەن بولىدۇ. ئۇ ئۆز ناخشىسىنى دۇنيانىڭ قايسى جايىدا، قايسى مىللەتتىن ئاڭلىمىسۇن يۈرىكى تونۇيدۇ . ناخشىنى ھەممە ئادەم ئوقۇيالىغىنى بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشى ناتايىن . ھەركىم ئۆزىنىڭ ناخشىسىنى ئۆزى ئېيتقىنى تۈزۈك. چۈنكى ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت،تەۋە بولغان مىللەتنىڭ تارىخى،مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە پىسخىكىسىنى پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا، خەلقى ياقتۇرىدىغان ناخشىلارنى ئورۇندىيالايدۇ . نۆۋەتتە بىر قىسىم ‹‹چولپانلار››نى ئۇيغۇرلارنى «ناخشا-مۇزىكىغا زار قىلدى دىگەندىن كۆرە،چەت ئەل ناخشا-مۇزىكىسىنى خار قىلدى» دىگەن تۈزۈك . ئۇلار چەتئەل ناخشا مۇزىكىلىرىنى ياكى چەتئەللىكلەردەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىيالماي ياكى دورىمايلا قويماي، چەتئەلنىڭ كىلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ئەتىۋارىنى قويمايۋاتىدۇ.
دۇنيادا مەنبەسىز سۇ ، يىلتىزسىز دەرەخ بولمىغاندەك ، ئۆز مەنسۇبىيىتى بولمىغان سەنئەت بولمايدۇ. ھەرقانداق مىللەت سەنئتى ئۆزى پەيدا بولغان تۇپراق ۋە مۇھىتتا ياشاۋاتقان مىللەتلەرگە يېقىشلىق بۇلىدۇ. باشقا مىللەت ناخشا-ئۇسۇللىرىنى دوراش ئۆز تۇپرىقىدا خەلىققە يېقىشلىق سەنئەت بولمىغان مىللەتلەرگە لايىق . ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆز زىمىنىدا سەنئتى يۆكسەلگەن «ئون ئىككى مۇقام»دەك ئۆلمەس سەنئەت خەزىنسى بار مىللەت ئۈچۈن ھە دېسە چەتئەل ناخشا- مۇزىكىلىرىنى دوراش ياراشمايدۇ .
مال-دۇنيادىن ئالاقىسى ئۆزۈلۈپ قالغان، ھىچ بىر مۆلكى يوق، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ھايات كەچۆرىدىغان كىشىنى تىلەمچى، دىۋانە دەيمىز. تىلەمچى مۇھتاجلىقتىن تىلەيدۇ، ئۆز سەنئىتى بار تۇرۇپ باشقا مىللەت ، دۆلەت سەنئىتىگە مۇھتاج بولۇپ قالغان مىللەتنى نىمە دەيمىز؟ بۇ خىل مۇھتاجلىق ئېھتىياجدىن بولغان بولسا كارى چاغلىق ئدى. ۋاھالەنكى، زۆرۈرىيتى يوق ئەھۋالدا يات ئەل، يات مىللەت سەنئىتىگە چۇقۇنغۇچىلارنى نىمە دەيمىز؟ چەتئەل ناخشا-مۇزىكىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى دوراپ ئۇرۇندىغۇچىلارنى ھىچكىم چەتئەللىكلەرنى دوراشقا تەكلىپ قىلمىدى، مەجبۇرمۇ قىلمىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى دۇنيا مەئىشىتىدىكى مال-دۇنيا ۋە شان-شەرەپ ۋەسۋەسسى تىنىمسىز قۇتراپ، ھىچنىمىگە قارىماي چەتئەل سەنئىتىنى دوراشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ خەلققە تەقدىم قىلغىنى بۇ زىمىندا يىلتىز تارتقان ، خەلقنىڭ رۇھى ۋە قېنىغا سىڭگەن ئانا مەدەنىيەتتىن شاخلاپ چىققان سەنئەت بولماستىن، ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە رۇھىغا پۈتۈنلەي يات بولغان«ئەجنەبىي» سەنئەت بولدى .
دىيارىمىزدا ناخشا ئۇقۇيالايدىغانلىكى مىللەتنىڭ ناخشىسى، ئۇسۇل ئۇينىيالايدىغانلىكى مىللەتنىڭ ئۇسۇلى بار. ئەجەبا ئۇلار بىزنىڭ ناخشىمىزنى ئېيىتمايدۇ، ئۇسۇلىمىزنى ئوينىمايدۇ . ئۇنداقتا بىز ئۇلارغا قەرزدارمۇ ؟ بۆگۈنكى دۇنيادا ھىچبىر دۆلەت ۋە مىللەت ئۆز مەدەنىيتىنى ئۆزگىلەرگە مەجبۇرى تاڭالمايدۇ. ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت قۇبۇل قىلىشتىكى ئاۋانگارت سۈپتىدە ھەممىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. قوبۇل قىلىش يوللۇق بولسا تەرەققىياتنى، يولسىز بولسا تۇرغۇنلۇقنى ھەتتا چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.قۇبۇل قىلىشمۇ قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئېھتىياجى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈپ خەلق تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان ئۆتكۈر پەن-تېخنىكا ۋە ماھارەت ئىدى.
ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كىشىگە مەخپى ئەمەسكى،ئۇيغۇرلاردىن يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ. ناخشا-ئۇسۇل مۇشۇ تۇپراقتىمۇ ئۇيغۇرغا يەتكۈدەك بار ئىدى.مەلۈمكى، شالغۇت ناخشا-مۇزىكىلارنى بازارغا سالغۇچىلارنىڭ مەخسىدى مىللەتنىڭ ئھتىياجىنى قاندۇرۇش بولماستىن ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتۇر. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەبئىي پېننىڭ ئارقىدا ئىكەنلىكىنى،شۇ سەۋەبلىك پەن-تېخنىكا سەۋېيسى تۈۋەن، ئىقتىسادىي جەھەتتە نامرات ئىكەنلىگىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي كېرەك بولىۋاتقىنى سەنئەتتىن كۆرە قوللىنىشچان پەن-تېخنىكا ۋە زامانىۋى ئاڭ ئىدى. ئەمما مەدەنىيەت قوبۇل قىلغۇچىلار جىكسۇننىڭ تولغىما ئۇسۇلىنى، شاھرۇھخاننىڭ مودا ناخشىسىنى قوبۇل قىلدىكى ، ئامېرىكىنىڭ قوللىنىشچان پەن-تېخنىكىسى، ھىندىستاننىڭ يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلمىدى.
ناخشا-ئۇسۇلىغا دىيارىمىزدىن ئۇرۇن بەرگەن، ھۆرمەت تۈرىگە چىقارغان ئەشۇ مىللەتلەر بىزنىڭ سەنئتىمىزگە قانچىلىك ئۇرۇن بەردى؟ بىزنىڭ ياشلىرىمىز چۇقۇنغان ئەجنەبىي چولپانلار بىرەر قېتىم «ئۈچ پەدە» ياكى «گۈل مەرەم» نى ئوقۇپ باقتىمۇ؟ ناۋادا ئوقۇمىغان بولسا بىز نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ناخشىسىغا ئەسەبىيلەرچە مەستانە بولىمىز؟ «ھۆپۆپۆپنىڭ تاجىسى باركەن بوز تورغاينىڭ يوقمىكەن؟» چەتئەل سەنئىتىنىڭ سېھرى كۈچى بولۇپ ، ئۇيغۇر سەنئتىنىڭ يوقمىكەن؟ ئەجدادلىرىمىز ئۆز سەنئتىنىڭ ئەۋلادلىرى قولىدا شالغۇتلىشۋاتقانلىقىنى بىلسە قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئاتا ئۆز مىراسىنىڭ پەرزەنتى قولىدا خاراپ بولغانلىقىغا چىداپ تۇرالمىغاندەك، ئەجدادلىرىمىزمۇ ئۆز سەنئتىنىڭ ئەۋلادى قولىدا ھالاك بولىشىغا تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ.
چەتئەل سەنئتىگە ئىنتىلىش ئۆز سەنئتىنى ياتلاش، تاشلاش، خارلاش ھىسابىغا ئېلىپ بېرىلماسلىقى كېرەك. ئالدى بىلەن ئۆز سەنئتىمىزنى ۋايىغا يەتكۆزۈپ ، باشقا مىللەت سەنئىتىگە يۈرۈش قىلساقمۇ كېچىكمەيمىز. بۆگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسۇل بەيگىسىگە چۈشكىنى يوق. «ساندا بار، ساپادا يوق» ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ كۈپىيىشى ئۇيغۇر سەنئىتىگە تەرەققىيات ئەمەس، يوقۇتۇش، ھاياتى كۈچ ئەمەس، چۈشكۈنلۈك ئېلىپ كىلىدۇ.
ئارقىمىزغا قارايدىغان بولساق سەنئەت ئۈچۈن تۈككەن تەرىمىز ، باسقان قەدىمىمىز ئىلىم- پەن، تېخنىكا، ماھارەت ئۈچۈن قىلغان ئىجتىھاتىمىزدىن ئېشىپ كىتىپتۇ. ناخشا-ئۇسۇل ئۇيغۇرغا بىردەملىك ئاراملىق، تەسەللى ئېلىپ كەلدى،خالاس.تېخىچە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە ھاياتنىڭ قانۇنىيتىدىن بىخەۋەر ، بىخۇدلۇق ۋە نادانلىقتا ياشاۋاتقان كىشىلەر بار . ئەنە شۇ كىشىلەرنى تۇغرا يولغا باشلاش ، چىقىش يۇلى تېپىپ بېرىش كىرەك ئىدى. زىيالىلارنىڭ مىللەتنى ھىدايەتكە باشلاش چاقىرىقىنىڭ كۈچىنى ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئۇسۇلغا باشلاش سېھرى بېسىپ كەتتى. ناخشا-ئۇسۇل دېسە ھەممىنى ئۇنتۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساماغا چۈشىدىغان بۇ قۇۋم ئۆز نامراتلىقىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنمىدى،ئويلانمىدى.ئىقتىسادتىن مەھرۇم بولۇشقا رازى بولدىكى، ناخشا-ئۇسۇلدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى. دۇنيادا سەنئىتى يوق مىللەت يوق، ئۇيغۇرلاردەك سەنئەتكە ھېرىسمەن مىللەتمۇ يوق. سەنئەت ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلغان مىللەت، ئاقىۋەتتە ئىقتىساد ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
بىر دۆلەت ۋە مىللەتتە ھەر خىل كەسپ ئەھلى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك. بىر مىللەت ئىچىدىكى بىر بۆلۈك كىشىلەر سەنئەت بىلەن شۇغۇللانسا، بىر بۆلۈك كىشىلەر ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. تەرەققىيات بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە ئورگانىك ماسلىقنى ساقلاش ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ.
ئۇلۇغ ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر قۆۋمىنى ئىلىم – پەن بىلەن قۇراللىنىشقا دەۋەت قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم – پەن ئۆگىنىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ ، ئۇلۇغ بەگ ۋاپاتىدىن كېيىن تۈركىي مىللەتلەردە ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردا « قۇلىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسۇل ، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى ! » ، « بۇياقچىدىن ئارتۇق خىمىك ،تۈمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىك چىقمىدى» دەپ كۆرسەتكەنىدى . ئوبزۇرچى يالقۇن رۇزىمۇ « سەنئەت ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقى ، ئەمما بارلىقى ئەمەس » دەپ نىدا قىلدى . بۇ خىل سادالار شۇنىڭ ئۈچۈن چىقتىكى ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەڭ ئىھتىياجلىق نەرسە پەن – تېخىنىكا ؛ ئەڭ ئىھتىياجلىق كىشىلەر پەن – تېخىنىكا خادىملىرى . ھالبۇكى ، كۈنىمىزدە سەنئەت ئاسمىنىدا چاقنىغان چولپانلارنى ساناشقا ئون بارماق يەتمەيدۇ ، ئەمما پەن – تېخىنىكا خادىملىرى ۋە تەبئىي پەن ئالىملىرىنى سانىغاندا ئون بارماق تولمايدۇ . شۇنداقلىقىغا باقماي ئۇيغۇر قۆۋمى ئىچىدە تالاي كىشىلەر ناخشا – ئۇسۇلى بىلەن بىر كېچىدىلا نام قازىنىپ ، چولپانغا ئايلىنىش چۈشىنى كۆرىۋاتىدۇ . ئەمما ئۆزىنىڭ ھالال مىھنىتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن يېڭىلىق ۋە كەشپىيات يارىتىپ ، ئالىم بولۇشنى ئويلايدىغانلار بولسا ناھايىتى ئاز . جەمئىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق ، سەنئەتكە مەبلەغ سالغانلار پەن – تېخىنىكىغا مەبلەغ سالغانلاردىن كۆپ . جەمئىيەتتە كىملەرنىڭدۇر ئۆز كەشپىياتى ئۈچۈن پاتېنىت ھوقۇقى ئالالماي نەلەردىدۇر تىنەپ – تەمتىرەپ يۈرگەنلىگىنى ؛ پاتېنىت ئالغانلارنىڭ بولسا ئۇنى ئىشلەپچىقىرىپ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشتا يىتەرلىك مەبلەغدىن قىسىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز ، كۆرىۋاتىمىز . ئەكىسچە ، بەزى سەنئەتكارلارنىڭ بىر – ئىككى ناخشىسى بىلەن بىر كىچىدىلا چولپانغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ؛ ئۈن – سىن سودىگەرلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن توختاملىشىش ئۈچۈن ئارقىسىدىن پايپاسلاپ يۈرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلاۋاتىمىز ، كۆرىۋاتىمىز . ئۇيغۇر قۆۋمى سەنئەتكە بىر ھەسسە مۇھتاج بولسا ، پەن – تېخىنىكىغا مىڭ ھەسسە مۇھتاج ئىدى ؛ سەنئەتكە بىر ھەسسە ئەھمىيەت بەرسە ، پەن – تېخىنىكىغا مىڭ ھەسسە ئەھمىيەت بېرىشكە تىگىشلىك ئىدى . چۈنكى سەنئەت تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك سەۋىيگە يەتتى . سەنئەتكارلار سانىمۇ بەلگىلىك كۆلەمنى ئىگىلىدى . پەن – تېخىنىكا يەنىلا ئاجىز ھالقا بولۇپ تۇرۇپ قالدى .
نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ پەن – تېخىنىكىسىنىڭ سەنئەت بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ . چۈنكى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئاساسىي پۇختا سېلىنغان . ھالىبۇكى ، پەن – تېخىنىكا رۇشەن ئاجىزلىققا ئىگە . مەيلى پەن – تېخىنىكا خادىملىرى ياكى نەتىجىلىرى جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇر سەنئىتىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ پەن – تېخىنىكا سەۋىيىسى ناھايىتى تۈۋەن ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ . ئۇيغۇرلاردىن بەش يىلدا بىر نەپەر تەبئىي پەن ئالىمى يىتىشىپ چىققان تەقدىردە ، سەنئەتكارلاردىن بەش يۈزىنىڭ يىتىشىپ چىقىشىغا گەپ كەتمەيدۇ . ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇيغۇرلاردىن چىققان بەش نەپەر ئالىمنى ساناپ بېرەلمىگىنى بىلەن ، سەنئەتكارلاردىن ئەللىكنى بىمالال سانىۋىتىدۇ . ئۇلارغا بۇنى ئاتا – ئانىلىرى ياكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆگەتكىنى يوق . بەلكى تېلىۋېزۇر ، ئېنتېر تۇرى ۋە كۇچا – كويلاردىكى ياڭراتقۇلاردىن قۇلاقنى يارغۇدەك چىقىۋاتقان ناخشا – مۇزىكىلاردىن ئۆگىنىۋالغان . بالىلارنىڭ كۈنى سەنئەتكارلار بىلەن ئۆتمىگىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ناخشا – مۇزىكىسى بىلەن ئۆتىدۇ . شۇڭا كىچىكىدىن ناخشا – مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاش ، سەنئەتكارلاغا ھەۋەس قىلىش ، سەنئەتكار بولۇش ئارزۇسى بالىلىق قەلبىگە مۇھۇر بولۇپ بېسىلغان . ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشدىن ئېلگىرى مەلۇم سەنئەتكارنىڭ ناخشىسى بىلەن تونۇشىدۇ . ئۇلارنىڭ قەلبىدە سەنئەتكارلار تولىمۇ ئۇلۇغ سىيما سۆپىتىدە نامايان بۇلىدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ بالىلىق قەلبىدە مەھمۇد قەشقىرى كەبى ئالىم بولۇش ئارزۇسىدىن كۆرە ئۆز نەزەرىدىكى سەنئەتكاردەك چولپان بولۇش ئىستىكى يالقۇن بولۇپ يانىدۇ . مانا بۇ خىل ئارزۇ ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ .
بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم سەنئەتكارلار ئەجدادلىرىمىز ئەنىئەنىسىدىن پۈتۈنلەي ياتلىشىپ، ئىجاد قىلىش ئورنىغا تەقلىدچىلىك، دورامچىلىقنى دەسسەتمەكتە.بىر مىللەت ئۈچۈن سەنئىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ تەقلىد قىلىش، دوراش، كۆچۈرۈشتىن باشقا يولى يوقمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ياراتقان شانلىق 12 مۇقام، خەلق ناخشىلىرى، بىناكارلىق، نەققاشلىق، تاشكېمىر سەنئىتىمۇ ئەنە شۇنداق تەقلىدچىلىكنىڭ مەھسۇلىمۇ؟ ناۋادا ئەجدادلىرىمىز سەنئىتىدە بۈگۈنكى سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىدەك تەقلىدچىلىك ئېلمىنتى بولغان بولسا، ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەت سەمەرىلىرى بۈگۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان، بۈيۈك 12 مۇقامىمىزمۇ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرەلمىگەن، شۇنداقلا ئۆز قىممىتىنى ئاللىقاچان يوقاتقان بولاتتى. ئۆلمەس سەنئەت دۇردانىلىرىنى ياراتقان ئەجدادلىرىمىز ئۆز ۋۇجۇدىدىن ئىجادىيەتكە ئورۇن بېرىپ، تەقلىدچىلىك، كۆچۈرمىچىلىككە ئورۇن بەرمىگەن. تەقلىدچىلەرنىڭ تۇمۇرىدا ئېقىۋاتقىنى كىمنىڭ قېنى؟ئۇلارنىڭ ۋارسلىق قىلغىنى كىمنىڭ سەنئىتى؟ ئەجدادلىرىمىز بارىغا شۈكرى قىلىشقا رازى بولغانكى، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، جۇۋىسىدا تەرلەنمىگەن. بىر مىللەت مەدەنىيىتىدە ئەنىئەنىۋى مەدەنىيەت ئاساس، تۈۋرۈك بولۇشى، سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەت قوشۇمچە بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز سەنئىتىدىن كۆرە چەتئەل سەنئىتىگە بەكرەك مەپتۇن بولۇشى، ئۆز سەنئىتىنى قەدىرلىمەسلىكى سەنئەت جەھەتتىكى ياتلىشىشتۇر. ئۇيغۇر سەنئىتى ئۆزى ئاپىرىدە بولغان زىمىندا قەدىرلىنىش ئورنىغا بويۇن قىسىپ قالسا، ئۇ باشقا ئەللەردە نېمە كۈنگە قالار؟ ئۇنىڭ كەلگۈسى قانداق بۇلار؟
بىلىش كېرەككى، تاللاش ۋە شاللاش ئىقتىدارى بولمىغان يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ شاللىنىش ئېھتىمالى ھەممىدىن چوڭ بولىدۇ. چەتئەل سەنئىتىنى ئۆگۈنۈشكە، ئورۇنداشقا بولىدۇ. ئەمما، ئۇنى ئانا مەدەنىيەت ، سەنئەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ، ئەجنەبىي سەنئەتنىڭ قۇشۇمچىسىىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشقا بولمايدۇ . ئەڭ ئېچىنارلىق يېرى شۇكى، بىر قىسىم سەنئەتكارلار ئورۇندىغان ناخشىلارنىڭ ئۇيغۇرنىڭ، تۈركنىڭ ياكى ئۆزبېكنىڭ ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟
بىر مىللەتنىڭ سەنئىتىدىن شۇ مىللەتنىڭ روھىنى كۆرگىلى بولىدۇ. جەمئىيەتلىشىۋاتقان چەتئەل ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن كۆرىدىغىنىمىز يات مىللەت روھى بولماقتا. سەنئەت جەھەتتىكى ياتلىشىش ماھىيەتتە روھىيەت جەھەتتىكى ياتلىشىشتۇر. ئەجدادىغا مۇھەببەت، ئەۋلادىغا مەسئۇلىيىتى بار ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى مىللىي سەنئىتىنىڭ ساپلىقى ۋە مەۋجۇدلۇقىنى قوغدايدۇ. بۇ يولدا زامانداشلىرىغا قارىغاندا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ۋە قۇربانلارنى بېرەلەيدۇ.
ئۆز زىمىنىدا يىلتىز تارتقان سەنئەت ھەقىقى ھاياتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارغا كېرەك بولغىنى مۇشۇ زىمىندا يىلتىز تارتقان، قەدىمدىن داۋاملىشىپ كەلگەن مىللىي سەنئەتتۇر. ئۇيغۇر سەنئىتى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەن ئەمەس،مىللىيلىكى بىلەن قىممەتلىكتۇر.ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇكى،ئۇنى غەربلەشتۈرۈشكە، مودىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى ئۇيغۇر نامىدا ئاتالغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مەنسۇپتۇر. ئۇنىڭ پاكلىقى، ساپلىقى ۋە مەۋجۇدلىقىنى قوغداش ماھىيەتتە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى قوغدىغانلىقتۇر.
مەنبە: پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىلى 2-سانىغا بېسىلغان.
http://bbs.bagdax.cn/thread-19991-1-1.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ياتلاشقان سەنئەت ۋە ياتلاشقان روھىيەت