كىم ئىتنىڭ كۈچۈكى؟
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(ھېكايە)
جەنۇبىدىكى بىر دەريا ياقىسىغا كۈچۈرۈلۈپ ئاۋاتلىشىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بۇ بازار باشقا كۈنلەرگە ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ ناھايىتى قايناق ئىدى. بازاردا ئىككى رەت بىر بىرلىرىگە قارىشىپ رەتلىك تىزىلغان باققاللار، قاسساپلار، كۆكتاتچىلار ۋە باشقا نۇرغۇن ھەر كەسىپتىكى ھۈنەرۋەنلەر، ئېلىپ-ساتار يايمىچىلار بىر-بىرلىرى بىلەن قىزغىنىشىپ خېرىدار چاقىرىشىپ بازارنىڭ ئەتىگىنىنى ئاجايىپ قاينام-تاشقىنغا چۆمدۈرۈۋەتكەن ئىدى.
يېڭىدىن ئىسىم قويۇلغان بۇ ”دەريا بويى بازىرى“ نىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ئەمما بازاردىكى يەرلىك مەھسۇلاتلار بۇ ئەتراپىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى تولۇق قامداشقا قادىر ئىدى. بۇ بازاردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگەندەك ئۇيغۇرلار .
تىجارەتچىلەرنىڭ كۈپىنچىسى شەھەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ شەھەر تەرەققىيات پىلانى بۇيىچە ئۈچ يىل ئالدىدا “ بازار يۆتكەش“ ھەرىكىتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن شەھەر سىرتىدىكى بۇ بازارغا مەجبۇرى كۈچۈرۋېتىلگەن. نەتىجىدە تىجارەتچىلەرنىڭ ئاتا-بۇۋىلىرىدىن قالغان شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان تۈمۈرچىلەر مەھەللىسىدىكى قاتار-قاتار رەستە دۇكانلىرى چېقىلىپ، ئاز-تولا بولسىمۇ تولەملەرگە ئېرىشىپ بۇ يەرگە كىلىپ قالغان ئىدى.
ئاتا كەسپىگە بالىلىقىدىن باشلاپلا ۋارىسلىق قىلىشقا باشلىغان ئابدۇسەمەت قاسساپ مانا ئەمدى 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالمايلا ئوز تەڭتۇشلىرى ئىچىدە ئاللاھ يولىدىكى تەقۋادارلىقى، كەسپىگە ماھىرلىقى، لەۋزىدە تۇرىدىغان مەردلىكى ۋە ھەقنى سۆزلەشتىن قورقماس جەسۇرلۇقى بىلەن، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەرىمانە تۈلەشكە، ھەتتا تۈرمىلەرگە كىرىشكە سەۋەپ بولغان، ”قىممەت باھالىق“ ساقال-بۇرۇتلىرى بىلەن بۇ بازاردىكى ھەممە تىجارەتچىلەرگە ناھايىتىمۇ تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن بىر ياش ئىدى.
ئابدۇسەمەت قاسساپ بۈگۈنمۇ ئالدىنقى كۈنىگە ئوخشاشلا ئەتراپىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن ئالدىراش سالاملىشىپ، ئاخشام ئوز قولى بىلەن ھويلىسىدا تولۇق ئىسلامى قائىدە بويىچە ئولتۇرۇپ تەييارلىغان تۆت قوينىڭ گۆشنى قاسساپ غەلتىگىنىڭ كانارىغا ئېسىپ بولغاندىن كېيىن، ئادىتى بويىچە پىچاقلىرىنى ۋاشىلدىتىپ بۆلەپ تۇرۇشىغا تۇنجى خېرىدار ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.
“ – سالامۇئەلەيكۇم ئۇكا، بۈگۈنكى گۆشلىرىڭ سەرخىل كۆرۈنىدىغۇ. قېنى ماڭا ئىككى كىلو پاقلاننىڭ قوۋۇرغىسىدىن تارتىۋەتكىنە!“ دەپ سوز باشلىدى تەقى-تۇرقىدىن مويسىپىتلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، بېشىغا ئاق شاپاق دوپپا كىيگەن بىرەيلەن.
شۇ ئەسنادا بىر خىتاي ۋېلىسىپىتىنى يېتىلەپ كېلىپ قاسساپ ئابدۇسەمەتنىڭ ئالدىدا توختىدى ۋە گۆشكە سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى.
ئابدۇسەمەت ئەتىگەندە يېڭى كەلگەن بۇ خېرىدارنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇ مويسىپىتقا قاراپ ئالدىراش سوز باشلىدى:
“ – ئاكا، سەن ئۈزۈمنىڭكى، بىر ئىككى مىنۇت تەخىر قىلىپ تۇرغىنە، ئاۋۋال ماۋۇ ئىتنىڭ كۈچىگىنى يولغا سېلىۋېتىپ، ساڭا دېگىنىڭ بويىچە كېسىپ بېرەي “ دېدى دە خىتاي خېرىدارغا دىققىتىنى ئاغدۇردى. ئۇ ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرىدا يالت-يۇلت قىلىپ كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان قاسساپ پىچىقىنى چاققانلىق بىلەن بىردە گۆشتە بىردە بۆلەيدە بىردە ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ دېگۈدەك گۆشلەرنى كېسىپ، تەييارلاپ خېرىدارنىڭ تەلەپىنى بېجا كەلتۇرۇدى. خېرىدار گۆشكە تۆلىگەن پۇلنى ساناپ ئېلىپ، يانچۇقىغا سېلىپ تۇرۇشىغا بۇ خىتاي خېرىدارنىڭ زۇۋانى ئۇيغۇرچە راۋانلا چىقىشقا باشلىدى:
”- مەندە ئىسىم ۋاڭ كېجاڭ. مەن شەھەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ. بۇ مەندە خىزمەت كىنىشكا، كۆر!” دېگىنىچە بىر كارتىنى ئېلىپ ئابدۇسەمەتنىڭ كوزىنى نىشانلاپ تەڭلىدى ۋە سۆزىنى داۋام قىلدى: “سەن ئەتە سائەت 10 دا مېنىڭ ئىدارىگە كەسۇن. مەن سېنىڭ تىجارەت كىنىشكا نومۇرنى يېزىۋالدى. ئەگەردە سەن بۇ يەدە ھەر كۈن گۆش ساتىدۇ، پۇل تاپىدۇ دېسە شۇنداق قىسۇن ھە“ دېدى – دە ئىتتىكلا ۋېلىسىپىتىنى يېتىلەپ بۇ بازاردىن غايىب بولدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئابدۇسەمەت ئۈن-تىنسىز تۇرۇپلا قالدى ئەمما چىرايىدا قانداقتۇر بىر خىل جەسۇرلۇققا مايىل تەمكىنلىكى يەنىلا ئەسلىنى يوقاتمىغان ئىدى.
گەرچە بۇ ئەتىگەن يۈز بەرگەن ئىشتىن ئابدۇسەمەت قاسساپنىڭ كۆڭۈل ئارامى بۇزۇلغان بولسىمۇ، ئۇ ئوز – ئۆزىگە تەسسەللىي بېرىپ ”ئەي ئاللاھ، ماڭا زالىملارغا قارشى تېخىمۇ كوپ كۈچ قۇدرەت ئاتا قىلغايسەن…سەنلا مېنىڭ يۆلەنچۇگۇم…“ دەپ ئىككى قولىنى پېشانىسىگە سۈرتۈپ دۇئا قىلدى. ”ئەستاغپۇرۇللا….ئەستاغپۇرۇللا…“ دەپ تەكرار دۇرت ئوقۇغىنىچە ساقچىلارغا نۇرغۇن قېتىم جەرىمانىلەر تۆلەپ، ئۇزۇنلىغىنى 2سانتىمېتىردىن ئارتۇق ئۆستۈرمەسلىككە نەچچە قېتىملاپ ۋەدىنامە يېزىپ بېرىپ ئاران ساقلاپ قالغان كىچىككىنە كەكە ساقىلىنى تىنىمسىز سىيلايتتى.
دەرۋەقە دېمىسىمۇ ئابدۇسەمەت قاسساپ بۇ شەھەردىكى ساقچىلارنىڭ سوئال-سوراق – قىيىن قىستاقلىرىغا، ئۇر- تاياقلىرىغا ۋە يىلدا بىرەر قېتىم كىرىپ 15 -20 كۈن تۇرۇپ چىقىدىغان نامى سېسىق تۈرمىلەرگىمۇ كۆنۈپ كەتكەن ئىدى.
ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئاتا كەسپىنىڭ ۋارىسى بولغان ئابدۇسەمەت قاسساپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالمايلا ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولدى. ئابدۇسەمەتنىڭ ئاپا جەمەت تۇغقانلىرىدىن بولغان ياش كېلىن قۇۋەتخان ئابدۇسەمەتكە ئىسمى جىسمىغا لايىق قۇۋۋەت ئېلىپ كەلگەن ئىدى. قۇۋەتخان ئابدۇسەمەتتىن 4 ياش كىچىك بولۇشىغا قارىماي ئوي ئىشلىرىغا پىششىق ئىدى. ئىسلامى ۋە پەننىي تەربىيەلەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن قۇۋەتخان ئاق كۆڭۈل، مۇلايىم، سۇباتلىق قىز ئىدى. ئۇ بەش ۋاق نامىزىنى ھەرگىز قازا قىلمايتتى. ئوي ئىشلىرىدىن بوشىسىلا ئېرىگە ياردەملىشەتتى. ئۇلار ياش تۇرۇپلا ئىككى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى. ھازىر ئۇلارنىڭ چوڭ ئوغلى 9 ياش، كىچىكى 6 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بىر قارىماققا قۇۋەتخان بۇ بالىلىرىنىڭ ئاپىسى ئەمەس ھەدىسىدەك كۆرۈنەتتى.
ئابدۇسەمەت قاسساپ بۈگۈن بامدات نامىزىنى ھەر كۈنىدىكىگە ئوخشاشلا ئۆستەڭ بويى مەسچىتىدە جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇدى. ئۆيىدە ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىنى قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى بازارنىڭ ھازىرلىقلىرىنىمۇ ھەش-پەشنىڭ ئىچىدە پۈتتۈردى. ئايالىغا ئۆزىنىڭ بازار باشقۇرۇش ئىشخانىسىدا ئازراق بېجىرىدىغان ئىشى بارلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بازارغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تۈنۈگۈن بازاردا بولغان ئىشلارنى ئايالىغىمۇ ئېيتماي موتوسىكلىتىنى ئاۋايلاپ ئىتتىرىپ ماڭدى ۋە ھويلىنىڭ دەرۋازا تاپسىسىدىن ”بىسمىللا“ دەپ ئوڭ پۇتى بىلەن ئاتلاپ ئۆتتى. ئۇ موتوسىكلىتىنى ئاستا ھەيدەپ مەھەللىنىڭ كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلىپ چوڭ يولغا چىقتى دە شەھەر مەركىزىنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتى.
ئابدۇسەمەت يول بويى توختىماي ”ئەلھەمدۇلىللا“، ”قۇل ئاللاھۇ ئەھەد“ قاتارلىق بىرقانچە سۈرە ئايەتلىرىنى تەكرار – تەكرار ئوقۇپ، ئوڭ ۋە سول مۈرىلىرىگە توختىماي ”سۈف“ پۈركۈپ ماڭدى. ئاخىر ئۇ ئون نەچچە قەۋەتلىك، ئەينەك – دېرىزىلىرى قارا رەڭلىك، كۆرۈنۈشىدىنلا مۇدھىشلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر بىناننىڭ ئالدىدا توختىدى.
ئابدۇسەمەت قاسساپقا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى خېلى تونۇشلۇق ئىدى. بەزىدە سوئال – سوراق ئۈچۈن كىرىپ تۇراتتى ئەمما بۇ بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ناتونۇش ۋە سىرلىق بىر ئورۇن ئىدى.
دەرۋازا ئالدىدا ئىككى خىتاي ئەسكىرى خۇددى ئېتىزدا زىرائەتلەرنى زىيانلىق ھاشارەتلەردىن قوغداش ئۈچۈن قاداپ قويغان قارانچۇقتەك قېتىپ تۇراتتى. ئۇلاردىن بىرى بىر قولىدا ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىرچە كېلىدىغان، دەستىلىرى قان رېڭىدە بويالغان تومۇر ئۇچلۇق نەيزە، يەنە بىر قولىدا قارامتۇل سېرىق رەڭلىك قالقان تۇتقان، يەنە بىرى بولسا كونىراپ كەتكەنلىكىدىنمۇ پاينەكلىرىنىڭ سىرلىرى چۈشۈپ ئالا-چالا بولۇپ كەتكەن بىر مېتىرچە ئۇزۇنلۇقتىكى بىر ئاپتوماتنى تۇتقان ھالدا دەرۋازا ئالدىغا كەلگەنلەرگە ھەيۋە كۆرسىتىپ، چىرايىدىن بۇ تومۇز ئايلىرىدا مۇز تەلئەتلىگىنى ياغدۇرۇپ، غادىيىپ تۇراتتى. ئابدۇسەمەت موتوسىكلىتىنى يولنىڭ قىرىدىكى ماشىنا ۋە ۋېلىسىپىت توختىتىش يېرىگە توختىتىپ، دەرۋازا يېنىدىكى كۆزەتچىلىك ئىشخانىسىغا كىردى ۋە تەمتىرىۋەرەك يېشى خېلى چوڭ كەلگەن، سېمىزلىكىدىن كىيىۋالغان ساقچى كىيىمى ھازىرلا يىرتىلىپ پارچە – پارچە بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى كىشىنىڭ ئېسىگە سېلىپ تۇرىدىغان، شىرە ئالدىدا نەپىسىنى ئاران ئېلىپ خارقىراپ ئولتۇرغان بىر ئوتتۇرا ياش ئادەمگە ئۇيغۇرچە بۇ ئىدارىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئۆزىنى كۆرۈشۈشكە چاقىرغانلىقىنى ئېيتتى. تەلىيىگە مىڭ يارىشا بۇ ئادەمدىن ئۇيغۇرچە زۇۋان كەلدى.
“ – شېنفېنجىڭىڭنى چىقار! تىزىملايمەن! سەن بىر ئاز كۈتۈپ تۇر. مەن ۋاڭ كېجاڭ غا تېلېفون قىلىمەن…“
ئابدۇسەمەت قاسساپ كۆزەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كۈتۈپ تۇردى. ئارىدىن ئازكەم يېرىم سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى ئۇيغۇر زۇۋانلىق ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي دەرۋازىدىن چىقىپ ئۇدۇل ئابدۇسەمەت قاسساپنىڭ ئالدىغا كەلدى.
سۈرلۈك تۈستە سوز باشلىدى ۋاڭ:
“ – سەن كوپ ياخشى قاسساپ، ۋاقتىدا كەلدى. كەل، سەن كەسۇن! سەن مېنىڭ ئارقامدىن ماڭسۇ! مەن ساڭا ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ….“ – دېگىنىچە ئابدۇسەمەتنى باشلاپ دەرۋازىدىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي ئابدۇسەمەتنى ئارقىسىدىن ئەگەشتۈرۈپ 2- قەۋەتتىكى بىر چوڭ زالنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كەلدى. بۇ زال ئىچى ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرغان ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ ھەر بىر رەتنىڭ بېشىغا رەت نومۇرى رەقەم بويىچە يوغان قىلىپ يېزىلغان تاختاي كۆرسەتكۈچ قويۇلغان ئىدى. ئادەملەر مۇشۇ كۆرسىتىلگەن 5 رەت بويىچە ئوز ئورۇنلىرىنى تېپىپ ئولتۇرغاندەك ۋە قانداقتۇر بىر مۇھىم ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن كېلىپ ئوز نۆۋىتىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. ھەر بىر رەتتە تەخمىنەن 20 ئەتراپىدا ئادەملەر ئولتۇراتتى. بىر ئىش ئابدۇسەمەتنى تولىمۇ قىزىقتۇردىكى بۇ رەت – رەت ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇرلار بولۇپ، بىرمۇ خىتاينى كۆرگىلى بولمايتتى. يەنە كېلىپ بۇ ئادەملەر كىيگەن كىيىملىرى ۋە ياش – قوراملىرىنىڭ ئوخشاشلىقى بويىچە ئايرىم – ئايرىم سەپ تارتىپ ئولتۇرۇشقان بولۇپ، بىرىنچى رەتتە ئەر – ئاياللار ئارىلىشىپ ئولتۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا يالاڭ باشتاق، بەزىلىرى بۇدىرە چاچ، بەزىلىرى سېرىق چاچ…..غەربچە مودىدا ئېسىل كىيىنگەن ئەر – ئاياللار ئالا – يېشىل كىيىملىرى بىلەن ”مودا“ ياكى ”كادىر سۈپەت“ ئادەملەردەك كۆرۈنەتتى.
ئىككىنچى رەتتە ئولتۇرغانلىرى بولسا ھەممىسى دېگۈدەك يېشى چوڭ، چىراي تۇرقى ۋە كىيىۋالغان كىيىملىرىدىن مويسىپىتلىكى، دىندارلىقى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ساقال – بۇرۇتلارغا باي ئەرلەر بولۇپ، بەزىلىرى بېشىغا دوپپا كىيىۋالغان بولسا بەزىلىرى شاپاق دوپپا ياكى قىسقا ئاق سەللە ئورىۋالغان ئىدى.
ئۈچىنچى رەتتە ئولتۇرغانلارنى خۇددى ئىككىنچى رەتتە ئولتۇرغان ئەرلەرگە ئوخشاش ياشتىكى ئاياللار تەشكىل قىلغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ يۈز – كۆزى ھىجاپ ياكى ئۇزۇن ياغلىقلار بىلەن مەھكەم ئورالغانلار .
تۆتىنچى رەتنى بولسا يېشى 30 – 40 ئەتراپىدىكى ئەر – ئاياللار تەشكىل قىلغان بولۇپ، بېشىغا دوپپا كىيگەن ۋە كىيمىگەن، بۇرۇتلۇق ۋە بۇرۇتسىز ئەرلەر؛ بېشىغا ياغلىق ئارتقان ۋە ئارتمىغان ئاياللار ئارىلىشىپ ئولتۇرغان، ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىدىن كەسپىي سۈپىتىگە باھا بېرىش خېلى مۇرەككەپتەك كۆرۈنەتتى.
بەشىنچى رەتتە ئولتۇرغانلارنى بولسا 15 بىلەن 20-30 ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى ياشلار تەشكىل قىلغان بولۇپ بەزەنلىرى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدەك، يەنە بەزىلىرى خىزمەتچىلەردەك كۆرۈنەتتى. ئۇلار قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن، كىيىۋالغان كىيىم – كېچەكلىرى سەۋەپلىكىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ، ھەممىسىنىڭ چىرايلىرى خىتاي خان مىللىتىنىڭ چىراي شەكلى بىلەن ئوخشاشتەكلا كۆرۈنەتتى. ئۇلاردا ئوخشىماسلىق بار دېيىلسە ئادەمنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بىر – بىرلىرىگە كۇسۇلدىشىپ قىلىشقان يېرىم – ياتە خىتايچىنى ئارىلاشتۇرۇپ بۇزۇپ سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرچە زۇۋانى ئىدى….
شۇ دەقىقىدە ئابدۇسەمەت قاسساپ كۆز ئالدىدىكى ئوز قوۋمىدىن بولغان بۇ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇنداق تەشكىللىك ھالدا بۇ يەرگە كەلگىنىنى ئېنىق بىلەلمىسىمۇ ئەمما خاتا بولسۇن ياكى توغرا بولسۇن ئۇلارنىڭ قانداقتۇر بۇ ئاتالمىش ”دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى“ بىلەن باغلىنىشى بارلىقىنى ئاز – تولا قىياس قىلغاندەك بولدى دە بەدەنلىرى شۈركۈنۈپ، يۈرىكىنىڭ رىتىمى قاتتىق سوقۇپ كەتتى….
شۇ ئەسنادا ۋاڭ خىتاينىڭ سۆزى ئابدۇسەمەتنىڭ ئويلىرىنى بۇزۇۋەتتى.
”- ھەي ئابدۇ، سەن بۇ ئادەملەرنى ياخشى كۆرسۇن ھە. ئۇ نومۇرلارغا قارىسۇن ھە! مەن ساڭا ئىشخانەمدە ئېيتىدۇ“.
ئابدۇسەمەت ۋاڭنىڭ سۆزىگە ئۇدۇللا جاۋاب قايتۇرۇپ:
”- مەن بۇلارنى كۆردۈم ۋاڭ. سەن مېنى نېمە ئۈچۈن ئىدارەڭگە چاقىرىتتىڭ، مېنىڭ شۇنى بەكىرەك بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ!“ دېدى ئۇ بىر خىل جىددىيلىك قىياپەت بىلەن.
“ – سەن ئالدىرماسۇن. سەن بۇلارنى ياخشى كۆرسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ مىللىتىڭدىن بىز تەربىيىلىگەن ئىتنىڭ كۈچۈكلىرى. مەن سەن بىلەن ياخشى سۆزلىشىدۇ. ئىشخانامغا كەلسۇن!“ – دېدى ۋاڭ خىتاي سارغىيىپ ئەتكەن ھىڭگاڭ چىشلىرىنى مەسخىرىلىك كۈلكىسى بىلەن تەڭ كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
ئابدۇسەمەت ۋاڭ خىتاينىڭ ئارقىسىدىن ماڭغاچ ئۇنىڭ تۇرقىغا سەپ سالدى. بۇ ئۇيغۇر زۇۋانلىق خىتاي 50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، بويى ئانچە پاكار ئەمەس ئەمما سېمىزلىكىدىن خۇددى ھەلەپ تىققان تاغاردەك دوغىلاق كۆرۈنەتتى. ئۇ بۈگۈن ئۇستى بېشىغا قاتۇرۇپ ساقچى كىيىمى كىيىۋالغان، ئوڭ يانپىشىغا تاپانچا ئېسىۋالغان بولۇپ تۈنۈگۈن بازاردىكى بىر ئاددىي ماڭقۇرت خىتايلىق قىياپىتىدىن ئەسلا ئەسىر يوق ئىدى.
ئۇلار 3- قەۋەتكە پەلەمپەي بىلەن چىققاندىن كېيىن ئوڭ قول بويلاپ مېڭىپ كارىدورنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر ئىشىكنىڭ ئالدىدا توختىدى. ۋاڭ شاراقلىتىپ يانچۇقىدىن بەل تاسمىسىغا زەنجىر بىلەن باغلىۋالغان ئاچقۇچلىرى ئارىسىدىن بىر ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئاچتى دە ئابدۇسەمەت قاسساپقا بىر ھۆكۈمران كەبى بىگىز بارمىقى بىلەن ئىشخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدى.
“ – ھەي ئابدۇ، مەن سېنى ئىدارىگە كېلىشكە چاقىرتىشىمدىكى سەۋەب ساڭا زادى كىمنىڭ ئىتنىڭ كۈچۈكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش. سەن كۆردى ئۇ زالدىكى ئادەملەرنى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار، ھەممىسى سېنىڭ مىللىتىڭدىن. سەن ئەمدى تۈنۈگۈن مېنى ئىتنىڭ كۈچۈكى دەپ ھاقارەت قىلغىنىڭغا پۇشايمان قىلغانسەن؟“ دېدى ۋاڭ ئىش ئۈستەلنىڭ يان تەرىپىدىكى يۆلەنچۈكلۈك يۇمشاق ئورۇندۇقتا پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ، ئېغزىدىن ئەمدىلا تۇتاشتۇرغان تاماكىسىنىڭ ئىسىنى تورۇسقا پۈۋلىگەچ…
ئابدۇسەمەت قاسساپ ۋاڭ خىتايغا قاراپ ئۇن-تىنسىز تىكىلىپ ئولتۇردى. بۇ خىل سۈكۈت قىلىش تەبىئىيكى ئابدۇسەمەتنىڭ ئۆزىنى گۇناھكار ئەمەس بەلكى بىر باش ئەگمەس ئىسيانكار قاتارىدا ھۆكۈمدارلارنىڭ بۇ جاسۇسىغا كۆزى بىلەن نەپرىتىنى بىلدۈرۈشى ئىدى.
”- ئابدۇ، ساڭا جاۋاب بېرىش تەس كەلدىمۇ، قېنى گەپ قىلسۇن؟ – دېدى ۋاڭ ھىجىيىپ تۇرۇپ .
”- ياق، ۋاڭ بۆلۈم باشلىقى. سېنىڭ سوئالىڭ ئېغىر كەلمىدى. سېنى ”ئىتنىڭ كۈچۈكى“ دەپ ئاتىغىنىمغا ھېچ پۇشايمىنىم يوق ئەمما ئوز خەلقىمدىن ۋىجدان ۋە ئىمانىنى ساتقان ساتقۇنلارنىڭ ”ئىتنىڭ كۈچۈكى“ گە خىزمەت قىلىدىغان ئىتنىڭ كۈنىدىنمۇ بەتتەر بۇ ھالىنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىنىۋاتىمەن!“.
ئابدۇسەمەت قاسساپتىن بۇ كۈتۈلمىگەن جاۋابنى ئاڭلىغان ۋاڭ خىتاي ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى.
”- سەن … سەن چەنتو تالىپ كىمگە گەپ قىلىۋاتقىنىڭنى تېخى بىلمىگەن ئوخشايسەن. قارىغاندا مەن ساڭا بىلدۈرۈپ قويىدىغان ئىشلار خېلى كوپ ئوخشايدۇ. سەن شۇنى بىلگىنكى بۇ سەن تۇرۇۋاتقان ئورۇن جۇڭگو دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى. بىز مەخسۇس سەندەك ساقاللىق موللىلارنى پايلايمىز، سەنلەرنى خالىساق تۇتمىز، خالىساق ئاتىمىز….. تاممادى . . . سەن بىزنى ئادەتتىكى كوچىدىكى ساقچىلارغا ئوخشىتىپ قالدىڭما؟! “ – دېدى ۋاڭ ئابدۇسەمەتنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كېلىپ.
ۋاڭ ئىشخانىنىڭ ئىچىدە پۇتى كۆيگەن توخۇدەك توختىماي بىردەم ئالدىغا، بىردەم كەينىگە مېڭىپ بىر مەھەل پىرقىرىغاندىن كېيىن، ھۆكۈم سۈرگەن جىمجىتلىقنى بۇزۇپ خۇددى بېشى ساقايغان بەڭگىدەك، بىردەمدىلا تەقى-تۇرقى ۋە كەيپىياتىنى ئۆزگەرتىپ، سالماق كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنغان بىر قىياپەتتە سوز باشلىدى:
”-ئابدۇ، بىز سىزدەك يۈرەكلىك ياشلار بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. ئەگەر سەن بىز بىلەن ھەمكارلاشسا كوپ پايدا ئالىدۇ. سەندە پۇل كوپ كوپ بولىدۇ. سېنىڭ تىجارىتىڭ چوڭ بولىدۇ…ھۆكۈمىتىمىز چى ۋۇدىن )7.5( كېيىن بۇ خىل ھەمكارلىققا بەك كوپ مەبلەغ سالدى. بۇ يەردە سەن كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى شۇ ھەمكارلىشىش مەبلىغىگە ئېرىشكەنلەر ۋە بىز بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىۋاتقانلاردۇر. سەن ئۈچۈن ھەمكارلىشىدىغان خىزمەت ئاددىي، سەن بىزگە ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇچۇر يەتكۈزسەڭلا بولدى. سېنىڭ كىمنى مەخپىي پايلايدىغانلىقىڭنى، قانداق ئىشلار توغرىسىدا مەلۇمات يەتكۇزىدىغانلىغىڭ توغرسىدا سېنى ئايرىم مەخسۇس تەربىيەلەيمىز. سەنمۇ بۇ يەرگە كەلگەن بىزگە كوز قۇلاق بولغان ئاپشاركىللىرىمىز ئارسىغا ئاستا قوشۇلۇپ كېتىسەن. سەن بىر ئايدا بىزگە 4 قېتىم ئۇچۇر يەتكۈزسەڭ 1000 كوي ھەق ئالىسەن. ئۇنىڭدىن باشقا سېنىڭ خىزمىتىڭنى يىل ئاخىرىدا باھالاپ، بىزگە مۇھىم خەۋەرلەرنى يەتكۈزگەن بولساڭ بالىلىرىڭنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىمىز. ھەجىگە بېرىشىڭغا يول قويىمىز….ئەلۋەتتە بۇ مەجبۇر ئەمەس، خالىس تەكلىپ. ئەگەر سەن تىجارىتىمنى داۋاملىق قىلىمەن دېسەڭ بۇ تەكلىپىمىزنى ياخشى ئويلىشىپ باقسۇن. ساڭا بۇ ئىش توغرىسىدا ئويلىشىشقا بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىدۇ. قانداق سەن تەكلىپىمىزنى ئويلىشامدۇ؟ “ – دېدى ۋاڭ مەسخىرە ئارىلاش كۈلكىسى بىلەن ئاۋازىنى مۇلايىم چىقىرىپ.
ئابدۇسەمەت قاسساپ ۋاڭ خىتاينىڭ سۆزىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا قادىلىپ تۇرغىنىچە ئۈن-تىنسىز سۈكۈتكە پاتتى…
ۋاڭ خىتاي بۇ جىمجىتلىقىنى تىزلا بۇزدى. ئۇ ئابدۇسەمەت قاسساپنىڭ ئۇنسىز تۇرغانلىقىغا نارازى بولغان بىر قىياپەتتە چىراينى تىزدىن ئۆزگەرتىپ، بىر قاراشتىلا ئادەمگە مۇز تەلەتلىگى ۋە قانخورلۇقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىيساق، جىرتاق كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ سوز باشلىدى:
”- سېنىڭ بۇ يەردە ئىشىڭ تۈگدى. سەن ئەمدى كەتسۇن. مەن سېنى بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىزدەيدۇ…“
ئابدۇسەمەت قاسساپ بۇرۇن ساقچىخانىلارغا تولا كىرىپ – چىقىپ يۈرۈپ ساقچىلار بىلەن خېلى تونۇشلۇق ئىدى، ئاددىيسى ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى ئەمما ئۇ بۈگۈن ئۆزىگە ۋە پۈتۈن شەھەر خەلقىگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان، ئەينەن ساقچىلارغا ئوخشاش كىيىم كىيىپ مەخپىي ھەرىكەت قىلىدىغان بۇ ئاتالمىش ”دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى“ بىلەن تۇنجى قېتىم رەسمىي تونۇشقان بولدى.
ئابدۇسەمەت ۋاڭ خىتايدىن قۇتۇلۇپ بۇ نامى سېسىق ئىدارىنىڭ بىناسىدىن ئايرىلدى. ئۇ ساپ ھاۋادىن چوڭقۇر، چوڭقۇر نەپەس ئالدى. ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ھەممە نەرسە ئوڭ-تەتۈر بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى.
ئابدۇسەمەت قاسساپ كۆڭلى قاتتىق سۇنغان ھالەتتە موتسىكلىت بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋاتماقتا… يولدا ماشىنىلار، موتسىكلىتلار ناھايىتى كوپ… كوچىلار ئادەملەر بىلەن لىق تولغان، ياق، خىتايلار بىلەن لىق تولغان….. شەھەردە ھېچ نەرسە ئۆزگەرمىگەن، ھايات ئوز رىتىمىدا داۋام قىلماقتا. بۇ دەقىقىلەردە ئابدۇسەمەت قاسساپنىڭ كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ كۆز قارىچۇقىدا ”ئىتنىڭ كۈچۈكلىرى“ گە ئايلىنىپ قالغان ئاشۇ دىل، تىل ۋە قېنى بىر ئۇيغۇرسىمان ئەبگار يۈزلەرنىڭ سېيماسى قېتىپ قالغان ئىدى.
♦ ♦ ♦ ♦ ♦ ♦ ♦ ♦ ♦ ♦ ♦ ♦
بۇ ئىش يۈز بېرىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئابدۇسەمەت قاسساپ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. قۇۋەتخان ئېرىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىپ بارمىغان يەرلىرى قالمىدى. ئۇ ئاۋال ساقچىخانىغا نەچچە قېتىم باردى. كېيىن ساقچى ئىدارىسىگە باردى. شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە باردى ئەمما ئېرىنىڭ ھېچ بىر خەۋىرىنى ئالالمىدى. ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بىر كۈنى ئەتىگەندە قارا ئەينەكلىك بىر كىچىك ئاپتوبۇس ئابدۇسەمەت قاسساپنىڭ ھويلىسى ئالدىدا توختىدى. ئاپتوبۇستىن ئاۋال ساقچى كىيىمى كىيگەن 2 ئادەم، ئارقىدىنلا قوللىرىدا ئاپتومات تۇتقان 4 ئەسكەرلەر چۈشتى.
بىر ساقچى ئۇدۇل ھويلا دەرۋازىسىنى قاتتىق ئۇردى ۋە ئۇيغۇرچە “ئادەم بارمۇ؟” دەپ تەكرار ۋارقىرىغان ئاۋاز بۇ مەھەللىنىڭ ئەتىگەنلىك جىم-جىتلىغىنى بۇزغان ئىدى…
“ – سىز ئابدۇسەمەتنىڭ ئايالى بولامسىز؟” دەپ سورىدى ھېلىقى دەرۋازىنى قاققان ساقچى ئويدىن يۈگۈرۈپ ھويلىغا چىققان قۇۋەتخانغا قاراپ تۇرۇپ.
قۇۋەتخان ئوڭسىنى ئۆچكەن ھالەتتە جىددىيلىك بىلەن “- ھە، شۇ مەن، نېمە ئىش ؟” دەپ سورىدى.
“يولدىشىڭىز قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ۋە بۆلگۈنچى تېررورىست تەشكىلاتقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، شەھەرلىك 9- تۇرمىغا قامالغان. تۈنۈگۈن كەچ تۈرمىدە ئۆزىنى ئولتۇرۇۋاپتۇ. بىز ئۇنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەلدۇق. سىز بۇ قەغەزگە جەسەتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىڭىز توغرىسىدا ئىمزا ….”
قۇۋەتخان بۇ ئۇيغۇر زۇۋانلىق ساقچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۈگەتمەستىنلا دەرۋازىغا دۈمبىسىنى يانداپ يەرگە سېرىلدى دە لاسسىدە يەرگە يانپاشلىغىنىچە ھوشسىز يېتىپ قالدى. ئويدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئاپىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئانچە ھايال بولمايلا دەرۋازا ئالدىغا چىققان ئىككى ئوغۇل ئاپىسىنىڭ بېشىنى يۆلىگىنىچە “ئاپا، ئاپا، نېمە بولدىڭىز؟!” دەپ چۇرقىراشقا باشلىدى…. شۇ ئەسنادا ساقچى ۋە ئەسكەرلەر ئەدىيال بىلەن ئورۇلۇپ، يىپ تاسمىلار بىلەن پۇختا چىگىلگەن ئابدۇسەمەتنىڭ جەسىتىنى ئوراغلىق پېتى سۆرەپ ھويلا ئوتتۇرىسىغا ئەكېلىپ تاشلىدى ۋە دەرھال ئارقىسىغا قايتىشىپ ماشىنا ئىچىگە ئۆزلىرىنى ئېتىشتى. ئاپتوبۇس ئوت ئالدۇرۇلغاندا ماتورىنىڭ سەت گۈركىرىگەن ئاۋازىمۇ ئابدۇسەمەتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى. بۈگۈن سەھەردىكى بۇ جەسەت توشۇغۇچىلار بۇ مەھەللىگە قانداق تىز كەلگەن بولسا شۇنداق تىزلا كۆزدىن غايىب بولدى.
ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ چۇرقىراشلىرى ئاچچىق-ئاچچىق پىغانلىق يىغىغا ئايلىنىپ كەتتى…. بۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ يىغىسى پۈتۈن ئۆستەڭ بويى مەھەللىسىنى بىر مەھەل زىل-زىلىغا سالغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا تىنچىشقا باشلىدى. پۈتۈن مەھەللە كوچىلىرى خۇددى ئابدۇسەمەت بىلەن قۇۋەتخانغا ماتەم تۇتۋاتقاندەك سۈكۈتكە چۆكتى. بىراق كوچا دوقمۇشىدىكى كارنايدىن بېرىلىۋاتقان چاڭچىل مۇزىكىسى گاھى-گاھىدا شامالنىڭ يۆلىنىشىگە بېقىپ خىرە ئاڭلىنىپ تۇراتتى!
ئۆستەڭ بويى مەھەللىسى بەرپا بولغاندىن بۇيان كوچىلار بۈگۈنكىدەك ئادەملەر بىلەن لىق تولۇپ باقمىغان ئىدى. بۈگۈن پېشىم نامىزى ئوقۇلغاندىن كېيىن ئابدۇسەمەت ۋە قۇۋەتخاننىڭ دەپىنە نامىزى مەھەللە مەسچىتىدە چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن جامائەت سەلدەك ئېغىپ ئالدىدا ئابدۇسەمەتنىڭ، كەينىدە قۇۋەتخان جىنازىسىنى كۆتۈرۈپ مەھەللە سىرتىدىكى قەبرىستانلىققا دەپىنە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەتتى.
ھالسىرىغان ياز قۇياشى قىيسايغان، ئۇنىڭ قىپ قىزىل قان رەڭلىك يېرىم يۇمىلاق يۈزى توشقان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى توغراقلىقلار ئارىسىغا مۆكۈنۈشكە باشلىغان بىر چاغ ئەمما دەريا بويى مەھەللىسىدىن كېلىۋاتقان ئاياللارنىڭ يۈرەكنى پارە قىلىدىغان مۇڭ – زارلىق يىغا ئاۋازلىرى يىراقلاردىنمۇ داۋاملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
2013 – يىلى، ئاۋغۇست. تۇركىيەنڭ ئايۋالىقتا يېزىلدى.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئۇيغۇر ھازىرقى يېزىقىدا PDF:
ئۇيغۇر Latin يېزىقىدا PDF:
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: كىم ئىتنىڭ كۈچۈكى؟
ئەزىز ئەيسا ئۇكام، ھىكايىڭىز نى ئۇقۇدۇم، ناھايېتى ياخشى، چۇڭقۇر مەزمۇنلىق ۋە تەسىرلىك چىقىپتۇ. تىلىڭىزدىن غۇلجىنىڭ خوش پۇرۇقى چىقىپ تۇرۇدۇ. ياقا يۇرتتا، تىلىڭىزنى ئۇنۇتماي ۋە باشقىلارنى دورىماي، ئۇيغۇر يېزىقىدا ھىكايە ۋە شىئىرلارنى يېزىۋاتقىنىڭىزغا، ياشتا چوڭلىق سۇپىتىم بىلەن، ئاتىلىق تەشەككۈرىنى ئىزھار قىلىماقچىمەن، قوبۇل قىلغايسىز. تىل گۇزەللىكى تەجىربىگە ئەگىشىپ كىلىدۇ دەپ ئويلايمە.
تارىم سەرگارى.
2013.2.17
مۆھىتېرەم ئاكا، بۇ مېنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىغا ئاتاپ يازغان 2- ئىككىنچى پارچە ھېكايەم. ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزدىن سۆيۇندۇم. سالامەت بولغايسىز. سىزگە تەن ساغلىق، ئۇزۇن ئومۇر تىلەيمەن. ھۆرمەت بىلەن ئىنىڭىزدىن.