بىرىتانىيەلىك ئۇلۇغ ئانا سۇ 17- بالىسىغا ھامىلدار بولدى
ئەزىز ئەيسا ئەلكۇن ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلدى
لوندون مېتىرو خەۋەر گېزىتى
(دۈشەنبە، 2013-يىلى 16- سېنتەبىر 9- بەت)
تارىق تاھىر خەۋىرى
17 – بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقان بىرىتانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئائىلە تېخىمۇ چوڭايماقتا.
رافوردس ئائىلىسى 37 ياشلىق ئانا سۇ نىڭ يەنە ھامىلىدار بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ شاتلىققا چۆمدى.
ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى كاسپىر تېخى 11 ئاينىڭ ئالدىدا تۇغۇلغان ئىدى.
يېڭى بوۋاق كېلەر يىل ئاپرېل ئېيىدا تۇغۇلۇپ 24 ياشلىق كرىس، 19 ياشلىق سوفىيە، 18 ياشلىق كلو، 16 ياشلىق دانىئال، 14 ياشلىق لۇكى، 12 ياشلىق مىللئې، 10 ياشقا كىرگەن كاتىي، 9 ياشلىق جەمىس، 8 ياشلىق ئېللىى، 7 ياشلىق ئەيمىئى، 5 ياشلىق جوش، 4 ياشلىق ماكىس، 3 ياشلىق تىللىئې، 2 ياشقا كىرگەن ئوسكار ۋە 11 ئايلىق بولغان كاسپىر قاتارىغا قوشۇلىدۇ.
رادفورد خانىم ھامىلىنىڭ 12 ھەپتە بولغاندىن كېيىنكى ساغلاملىق تەكشۈرۈشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ فەيىس بۈك(face book) بېتىگە مۇنداق يازدى:
“بىز ناھايىتى زور خۇشاللىق بىلەن 17- رادفورد بوۋاقنىڭ بىزنىڭ ئائىلىمىزگە (كېلەر يىل) ئاپرېل ئېيىدا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىمىز”.
“سىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشىڭىز تەبىئىيكى، بىزنىڭ بالىلىرىمىز بۇ خەۋەردىن بەك خوش بولدى.”
“بىزنىڭ كىچىك تىللىئې ماڭا مۇنداق دېدى: ‘ ئاپا، سىزنىڭ قورسىقىڭىزدا بوۋاق بار’ – بۇ نېمە دېگەن تاتلىق سوز ھە!”
ئەڭ چوڭ بالىسى كرىسقا 14 ياش ۋاقتىدا ھامىلىدار بولغان رادفورد خانىم يەنە مۇنداق يازدى: ’مېنىڭچە ئەتىگەنلىك سېزىكلىك’
دېگەن گەپنى كىم تاپقان بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ سوز توغرا ئەمەس. مېنىڭ سېزىكلىگىم شۇنداق قاتتىق بولدى. مەن ئەتىگەندە، چۈشتە ۋە كەچتىمۇ سېزىكلىك بولدۇم.”
بۇ ئائىلە فەيىس بۈك توربېتىدە يېڭى بوۋاقنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى تەبرىكلىدى. بىر فەيىس بۈك قوللانغۇچى ئۇلارنىڭ يازغانلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ:
“سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار شۇنداق ئوماق، ئەخلاقلىق چوڭ بولۇپتۇ. مۇنداق ئېسىل بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بولغانلار ئۈچۈن يەنە بالا ئالماسلىق جىنايەت” دەپ يازسا يەنە بىرى تۆۋەندىكىدەك يازغان: “سىزنىڭ نېمە دېگەن خاسىيەتلىك بەدىنىڭىز بار مۇنداق كوپ بالىلارنى تۇغالايدىغان… مەن سىزنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ساغلام بولۇپ، بالىلىرىڭىزنى بېقىپ كېتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن”.
رادفورد خانىم ۋە ئۇنىڭ 41 ياشقا كىرگەن يولدىشى نوۋىل تۇنجى قېتىم نەۋرە كۆردى يەنى ئۇلارنىڭ قىزى سوفىيە ئوتكەن يىل قىزى دەيزىنى تۇغقاندىن كېيىن.
بۇ ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ بىر ناۋايلىق دۇكىنى بار. ئۇلار لەنكەشىر بۆلگىسىنىڭ مورەكامبى بازىرىدىكى بۇرۇن ‘بالىلارنى بېقىش ئويى قىلىپ ئىشلەتكەن بىر چوڭ ئۆيدە ياشايدۇ.
ئۇلار ئوتكەن يىل 4- تېلېۋىزىيە قانىلىدا ‘بىرىتانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئائىلە’ ناملىق بىر يۇرۇشلۇك ھوججەتلىك فىلىمدا 15 بالىللىرىنى سانىغان ھالەتتە تېلېۋىزۇر ئېكرانىدا كۆرۈنگەن ئىدى.
ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئائىلە ھىندىستاندا بولۇپ، بۇ ئائىلىنىڭ 94 بالىلىرى بارئىكەن.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: بىرىتانىيەلىك ئۇلۇغ ئانا سۇ 17- بالىسىغا ھامىلدار بولدى