“ئالاھىدە خادىملار” فىلىمىدىكى چولپان Lewis Collins ۋاپات بولدى
ئەنگلىيەنىڭ “5- باشقارما ھەركەتتە” ناملىق فىلىمدىكى چولپان Bodie ۋاپات بولدى
ئەنگلىيە BBC خەۋەر ئاگېنتلىقى 2013- يىلى 28- نويابىر كۈنى تۆۋەندىكىدەك خەۋەر بېرىدۇ:
“ئالاھىدە خادىملار” فىلىمىدىكى چولپان Lewis Collins ۋاپات بولدى
ئىنگلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا (ئەلكۈن) ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى
“ئالاھىدە خادىملار” [1] (The Professionals) فىلىمىدىكى چولپان Lewis Collin نىڭ 67 ياشتا ۋاپات بولغانلىقىنى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلدۈردى.
1970- يىللىرى ئىشلەنگەن كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدا Martin Shaw بىلەن بىللە Bodie رولىنى ئالغان كىنو بۇ ئارتىسى 5 يىل راك كېسىلى بىلەن ئېلىشىپ ئاخىر Los Angeles تا ئالەمدىن ئوتكەن. ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى مۇنداق دېدى: “ئۇ Los Angeles تىكى ئۆيىدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا تىپ-تېنىچ ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ مۇسىبەتلىك دەقىقىلەردە ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىىشنى تەلەپ قىلىمىز.”
(Lewis Collins (Bodie
“ئالاھىدە خادىملار” ناملىق بۇ فىلىم جىنايى ئىشلار ھېكايىلىرى ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ جىنايەتچىلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان [2] 5 CI – باشقارما خادىملىرىنىڭ جىنايەتچىلەر بىلەن ئېلىشىش تەۋەككۈلچىلىكلىرى تېما قىلىنغان. بۇ فىلىم ITV تېلېۋىزىيە قانىلىدا (ئەنگلىيە) 1970- يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1980- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا قۇيۇلۇپ ناھايىتى كوپ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى. Collins يەنە “Who Dares Wins” (كىم ئۇتۇشقا جۈرئەت قىلالايدۇ) ناملىق فىلىمدا – (Special Air Service – ئالاھىدە ھاۋا ئارمىيە ھەرىكەت قىسمى – ئەنگلىيە) SAS كاپىتانى Peter Skellen نىڭ رولىنى ئېلىپ نام قازانغان.
Shaw ھازىر “West End” تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ “12 سەپرا ئادەملەر” ناملىق فىلىمىدا رول ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ چولپان ھەمراھى Collins نىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “بىز ‘ئالاھىدە خادىملار’ ناملىق فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن ھاياتنىڭ قاتتىق 4 يىلىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدۇق. بىز فىلىمدا بىرگە رول ئالدۇق ۋە كېيىن بۇ فىلىم بىرىتانىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىر يېگانە سىمۋولى بولۇپ قالدى.” “ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ بالىلىق ئەسلىمىسى سۈپىتىدە داۋاملىق ياد ئېتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ماتەم تۇتۇلىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە شۇنداقلا ئۇنى سېغىنىدىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ئۆزۈمنىڭ سەمىمىي مۇھەببەت ۋە تەسەللىلىرىمنى يوللايمەن.”
“James Bond 007” فىلىمنى ئىشلىگۈچى دىرېكتور Cubby Broccoli نىڭ ئېيتىشىچە Collins نىڭ James Bond فىلىمىدا رول ئېلىشقا “قاتتىق ئۇرۇشقاقلىقى” بىلەن ئارتۇقچە كېلىپ قالغان.
“ئالاھىدە خادىملار” ناملىق تېلېۋىزىيە كوپ قىسىملىق فىلىمىنىڭ ئىجادكارى Brian Clemens سوز قىلىپ Colins نىڭ Bodie رولىنى ئېلىشى ئارقىلىق فىلىمنىڭ سۈپىتىنى “James Bond سەۋىيىسى” يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ BBC گە مۇنداق دەيدۇ: “مەن ئۇنى James Bond نىڭ رولىنى ناھايىتى ياخشى ئالالايتى دەپ ئويلايتتىم” . “ئۇ ناھايىتى چىداملىق، ئۇ ئۇرۇشالايدۇ. ئۇنىڭ بەدەن كۆرۈنۈشى چىرايلىق، بەك قاملاشقان، ئۇنىڭ مىجەزى خۇش-چاقچاق ئىدى”. “مېنىڭ خەۋىرىم بار، ئۇلار Collins بىلەن James Bond رولىنى ئېلىش توغرىسىدا خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. مەن ئۇلارنىڭ Collins نى James Bond نىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللىمىغانلىقىنى خاتا بولغان دەپ قارايمەن”. Clemems ئەپەندى يەنە Collins نىڭ Bodie نىڭ رولىنى ئېلىش ئۈچۈن خېلى ئۇزاق ۋاقىت بەدەن مەشىقى قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
Lord Grade لوندون ھەپتە ئاخىرى تېلېۋىزىيىسى (London Weekend Television) دە بۇ فىلىمنى 1977- يىلى تارقاتقان كىشى بولۇپ، ئۇ BBC رادىئو 4 دە Collins ۋە Shaw نىڭ ئېكراندا قانداق ھەمكارلاشقانلىقى توختىلىپ “ئۇلار ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ” دېدى. “ئۇلار ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلاش بۇ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى” دەيدۇ ئۇ رادىئو 4 نىڭ سائەت 1 دىكى دۇنيا پروگراممىسىدا.
“ئالاھىدە خادىملار” فىلىمىدىكى چولپانلار
“Colins فىلىمدا Bodie نىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ رولى رېئال ھاياتتىكى بىر ئەركەكلىك خاراكتېرنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ فىلىم ئىشلەش جەريانىدا بەزىدە بىزگە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇراتتى. ئۇ بىر قېتىم پاراشۇتتىن سەكرەپ پۇتىنى سۇندۇرۇۋالغاندىن كېيىن بىر قانچە كۈن ئىشقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىز فىلىم ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرالمىغان ئىدۇق”. “بىراق سىزنىڭ ئېكراندا كۆرگىنىڭىز نېمە بولسا ئېكراننىڭ سىرتىدا كۆرىدىغىنىڭىزمۇ ئوخشاشلا بىر كۆرۈنۈش بولاتتى. ئۇنىڭ قاملاشقان قەددى –قامەتلىك بەدەن قۇرۇلۇشىغا ئەركەكلەرگە خاس خاراكتېرى قوشۇلۇپ ھەمىشە ئاق كۆڭۈللۈكى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.”
James Bond رولىنى ئېلىش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت
1946 – يىلى ماي ئېيىدا Collins ئەنگلىيەنىڭ Cheshire دە تۇغۇلغان. ئۇ كىنو ئارتىسلىق كەسپىنى باشلاشتىن بۇرۇن دۇمباقچى (مۇزىكا) ۋە ساتىراشلىق كەسىپلىرىنى قىلغان. ئۇ ئەڭ دەسلەپتە “Z Car” (ز پىكاپ) ۋە “New Avengeres” (يېڭى قىساسكارلار) ۋە تەكرار رولغا چىققان “The Cuckoo Waltz” (كاككۇك تانسىسى) قاتارلىق نام قازانغان كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە رول ئالغان. ئەمما ئۇنىڭ نام شەرىپى 6 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ ئىشلەنگەن، تۇنجى قىسمى 1977- يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلغان “ئالاھىدە خادىملار” ناملىق كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدىن كېيىنلا پۈتۈن دۇنياغا قەيسەر بىر ئادەم “William Bodie” نامى بىلەن تونۇلغان.
“ئالاھىدە خادىملار” ناملىق كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرى ئىشلىنىۋاتقاندا Collins برىتانىيەنىڭ “Who Dares Wins” (كىم ئۇتۇشقا جۈرئەت قىلالايدۇ) ناملىق جىددىي ھەرىكەتلىك ئۇرۇش فىلىمىدا (Special Air Service – ئالاھىدە ھاۋا ئارمىيە ھەرىكەت قىسمى) SAS نىڭ تەېرورىست گۇرۇپپا ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان بىر ئەسكەرنىڭ رولىنى ئالغان.
Collins كېيىن Los Angeles قا كۆچۈپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردە كومپيۇتېر تىجارىتىنى روناق تاپقۇزغان
ئۇنىڭ James Bond نىڭ رولىنى ئېلىش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە قاتناشقان ۋاقىتتا باشقىلارغا مۇندا دېگەنلىكى ئېيتىلىدۇ: “مەن Albert R Broccoli نىڭ ئىشخانىسىدا پەقەت 5 مىنۇتلا بولدۇم ئەمما مەن ئۈچۈن مەن ئۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىنكى بىر قانچە سېكۇنتنىڭ ئىچىدىلا بۇ ئىش تۈگىگەن ئىدى.” “ئۇ يەنە بىر قانچە [3] Connery لەرنىڭ ئىشىكتىن كىرىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى ئەمما ئۇنداقلار كوپ ئەمەستى”. Collins “ئالاھىدە خادىملار” ناملىق كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدا رول ئالغان ئۆزىگە ھەمراھ چولپاننىڭ ئەكسىچە، ئۇ فىلىمدىن كېيىن ئوز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالمىغان.
ئۇ 80- ۋە 90- يىللاردا ئىشلەنگەن نۇرغۇن فىلىملاردا رول ئالغان. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېكراندا 2002- يىلى ئىشلەنگەن “The Bill” فىلىمىدا رول ئېلىپ چىققان. بۇرۇنقى [4] “ Doctor Who ” تېلېۋىزىيە فىلىمنىڭ چولپىنى Collin Baker نىڭ Twitter گە مۇنداق ئۇچۇر يوللايدۇ: “ Lewis Collins نىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئۇ دراما مەكتىپىدە مەندىن بىر قارار كېيىن ئوقۇغان. ئۇ قالتىس ئىدى!”
Brain Conley نىڭ 1999- يىلى ئىشلەنگەن “Grimleys” ناملىق كوپ قىسىملىق كومېدىيە تېلېۋىزىيە فىلىمىدا بىرلىكتە رول ئالغان بولۇپ، ئۇمۇ Colins نىڭ ۋاپاتىغا قايغۇسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: “ تەڭرى Lewis Collins نى ئوز پاناھىىدا ساقلىسۇن. مېنىڭ دادام Grimleys فىلىمىدا رول ئالغان. Collins – ئۇ ناھايىتى ياخشى ئادەم. ئۇ ئۇلۇغ بىر ئارتىس ئىدى”
“ئۇ ئەسلى Bond رولىنى ئالىدىغان ئادەم ئىدى” دەپ Twitter تورغا ئۇچۇر يوللىغان Gary Kemp “تىنچ ئامان ياتقىن Lewis Collins. سەن ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل بىر ئەزىمەت ئىدىڭ” دەپ يازىدۇ.
1992- يىلى توي قىلغان Collins ئايالى Michelle ۋە 3 ئوغلىنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ كەتتى.
“ئالاھىدە خادىملار” ناملىق كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى ھازىر ITV 4 تېلېۋىزىيە قانىلىدا قايتىدىن بېرىلىۋاتىدۇ.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
تەرجىماندىن ئىزاھاتلار:
[1] بۇ فىلىمنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى “The Professional” بولۇپ، فىلىم ئۇيغۇر تىلىغا ئەينى ۋاقىتتا ‘5- باشقارما ھەركەتتە’ دەپ تەرجىمە قىلىنغان.
[2] (CI5 (Criminal Intelligence –بۇ ئەنگلىيەنىڭ بىر تەقلىدى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا 5- باشقارمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
[3] Sir Thomas Sean Connery ئەپەندى 1930 – يىلى 25- ئاۋغۇست شوتلاندىيەنىڭ Edinburgh شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1962- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا 7 قېتىم “James Bond 007” فىلىمىدا رول ئالغان دۇنياغا مەشۇر كىنو چولپىنىدۇر.
[4] “Doctor Who” (كىم دوكتۇر) – برىتانىيەدە ئىشلەنگەن ۋە داۋاملىق ئىشلىنىۋاتقان, كىشلەر ئەڭ قىزىقىپ كوپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
خەۋەر مەنبەسى:
http://www.bbc.co.uk/news/entertainment-arts-25135934
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ خەۋەرنىڭ باغداش تور بېكىتىدىكى ئادرېسى:
http://bbs.bagdax.cn/thread-22234-1-1.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: “ئالاھىدە خادىملار” فىلىمىدىكى چولپان Lewis Collins ۋاپات بولدى
بۇ فىلىمدىكى Doyle = دول ۋە Bodie= بودى نىڭ باشلىقى Cowley = كاۋلى (فىلىمدىكى تولۇق ئىسمى: George Cowley Jackson) نىڭ ئاسلى ئىسمى Gordon Jackson بولۇپ،ئۇ داڭلىق كىنو ئارتىسى. ئۇ 1923- يىلى 19- دېكابىر سشوتلندىيەنىڭ 2- چوڭ شەھ رى Glasgow دا تۇغلۇپ، 1990- يىلى 15- يانۋار 66 يېشىدا لوندوندا ۋاپات بولغان. بودى ۋە دولى ئۇنى فىلىمدە «كالا» دىگەن لەقەم بىلەن ئاتايتى.
بۇ فىلىمدىكىلەردىن پەقەت Doyle = دول ھايات قالدى. ئۇمۇ كەسپىي كىنو ئارتىسى. ئۇ ھازىر 66 ياشقا كىردى، لوندوندا ياشايدۇ. ئۇ 3 قېتىم ئۆيلەندى، جەمىئى 4 بالىسى بار. ئۇ 1945- يىلى ئەنگىلىيەنىڭ Birmingham شەھرىدە تۇغۇلغان.
Doyle = دول نىڭ ئەڭ يېقىنقى سۈرىتى:
.