ئافغانىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتكار رەشىدە جاللا
ئۆزبېكچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى
(Rashide Zhalla – a Uyghur singer from Afghanistan)
ئامىرخان ئۇيغۇر قىزى رەشىدە جاللا ئەسلى شەرقىي تۈركىستان (چىن تۈركىستانى) دىن كېلىپ ئافغانىستاندا ئىستىقامەت قىلغان ئۇيغۇرلاردىن سانىلىدۇ. مىلادى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خىتايدىكى تۇڭگانلار (Ma Fuyuan، Ma Zhongying) باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان (چىن تۈركىستانى) ئاھالىسى خىتايلىقلارنىڭ ئۆزلۈكسىز باسقىنلىرىگە ئۇچراپ، ئۆز ئەركىنلىكلىرىنى قولدىن بېرىپ، ئۇشبۇ ئاھالە دىن ۋە مەزھەپ ئېتىقادى ھەمدە ئەركىنلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن ئۇزاق يىللار سېرىق تەنلىك خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاقىۋەتتە بۇ ئاھالىسىنىڭ بىر قىسىملىرى ئۇرۇشلاردا ھالاكەتكە ئۇچراپ، يەنە بىر قىسىملىرى خىتاي (چىن) بىلەن چېگرىداش بولغان قوشنا دۆلەت ۋە ئۆلكىلەرگە سەرگەردان بولۇپ كېتىدۇ. ئەنە شۇ ۋەقەگە مەنسۇپ ئائىلىلەرنىڭ بىرى ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىپ كەلگەن «ئامىرخان ئۇيغۇر» ئائىلىسىدۇر.
ئامىرخان ئۇيغۇر ئائىلىسى ئۇزاق يىللار ئافغانىستاننىڭ باش كەنتى كابۇلدا ياشاپ، ئەشۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇش ۋە ئۆرگەرتىش (تەلىم ۋە تەربىيە) ۋازارىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۆزبېك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىدە خىزمەت قىلىدۇ.
ئامىرخان ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ قىزى رەشىدە جاللا كابۇلدا تەشكىللەنگەن «زەپەر ئانسامبىلى» ( ظفر گروهی) ئىشقا كىرگەندىن باشلاپ تاكى 1981- يىللىرىغىچە مەزكۇر ئانسامبىلدا قىزغىن ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 50 كە يېقىن ناخشا – غەزەللىرىنى ئافغانىستان رادىئو – تېلېۋىزىيەسىدە ئۈن ۋە سىنگە ئالدۇرىدۇ. بۇ ناخشىلار ھازىرغا قەدەر ئافغانىستان رادىئو – تېلېۋىزىيە ئارخىپلىرىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
رەشىدە جاللا «زەپەر» گۇرۇھىدە تونۇلغاندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن ئۆزبېك خەلقىنىڭ مۇزىكا غەزىنىسىنى بېيىتتى. ئەمما ئۇشبۇ ئانسامبىل كېيىن روناق تاپالماي ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى بىردىن بىر بۇ گۇرۇھنى تاشلاپ كېتىشى ھەمدە ھەر تۈرلۈك ماددىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى نەتىجىسىدە ئۇ ئافغانىستان مۇداپىئە ۋەزىرلىگى تەشكىلاتىغا قاراشلىق «ئاردو مەركىزى ئانسامبىلى» (اردو مرکزی انسامبلی) گە كىرىپ، فىرزانە، سىليم سىھاپ ۋە باشقىلىرى بىلەن ھىنرى ئانسامبىلى (ھىنرى گۇرۇھى) تەشكىلاتىدە پائالىيەت قىلىپ، دارى تىلىدا ناخشا ئېيتىپ، «زەپەر» گۇرۇھىدىن پۈتۈنلەي ئالاقىسىنى كېسىدۇ.
رەشىدە جاللا سېھىرلىك، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئاۋازغا ئىگە ئاجايىپ ئىقتىدارلىق ئايال ئىدى. رەشىدە جاللا ئۆزىنىڭ ئاكتىپ سەنئەت پائالىيىتى ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى ئۆزبېك مۇزىكىسى تارىخىدا كېيىنكىلەر ئۇچۇن يول ئېچىپ بەرگەن سەنئەتكار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رەشىدە جاللا ھازىر كابۇلدا ياشايدۇ.
يازغۇچى: مەھمەت كاخلم ئەمىينى. مەنبە: بۇلۇ بلوگى
ئافىغانىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتكار رەشىدە جاللا – زەفەر ئانسامبىلى 1978 – يىلىدىكى ئىجىراسىدا
كەلمىدى يار – رەشىدە جاللا، ئافىغانىستان
يازما ھوقۇقى: LUE
يازما ئادىرىسى: ئافغانىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتكار رەشىدە جاللا