ئالماتادا سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۇمجان زۇلپىقاروفقا يادىكارلىق ئورنىتىلدى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013-10-17
مەسۇمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قەبرە ئالدىدا. 2013-يىلى ئۆكتەبىر، ئالماتا
يېقىندا ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ۋەكىللىرىدىن بىرى، شائىر، يازغۇچى ۋە دراماتورگ، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۇمجان زۇلپىقاروفنىڭ ۋاپات بولغىنىغا بىر يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى ئەسلەش مۇراسىمى ئۆتتى.
ئالدى بىلەن يازغۇچىنىڭ قەبرىگە ئورنىتىلغان يادىكارلىقنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يىغىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، يۇرت-جامائەت، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە باشقىلار مەرھۇمغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.
سۆزگە چىققان دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ يۇرت ئاكتىپلىرىدىن بىرى زىرىپ مولوتوف، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىروف، تېببىي پەنلىرىنىڭ دوكتورى تۇرغانجان سۇپىيېف ۋە باشقىلار مەسۇمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىدىكى رولىنى، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مىللىي مائارىپىغا قوشقان ئۈلۈشىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئاندىن، مەھەللە رېستورانلىرىنىڭ بىرىدە مەرھۇمغا ئاتاپ نەزىر بېرىلدى.
ھازىر يازغۇچى ئەسەرلىرىنى قايتا نەشر قىلىش ئىشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ دەسلەپكى ئالتە توملۇق تاللانما ئەسەرلىرى «مىر» نەشرىياتىدىن يورۇق كۆردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىروف م. زۇلپىقاروفنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى ۋە ئۇنى ئەسلەش پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئالماتادا سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۇمجان زۇلپىقاروفقا يادىكارلىق ئورنىتىلدى