مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار: مەسچىت مېھرابىغا خىتاي بايرىقىنى ئېسىش، ھاقارەتتۇر
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋرى
مۇخبىرىمىز مېھرىبان | 2013-09-20
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نازۇك ۋە مۇقەددەس بولغان دىنىي ئېتىقاد ھېسسىياتىغا ھاقارەت قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەسچىت ھويلىسى ۋە مەسچىت مۇنارلىرىغا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى، ھەتتا ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى يېزا مەسچىتلىرىنىڭ مېھرابلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىل بايرىقىنى ئېسىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي بايرىقىغا سەجدە قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇنىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دىنىي ئېتىقاد ھەققىدىكى ماددىلارغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرۈپ ئادىتىنى ئاشكارا ھالدا ھاقارەت قىلىش قىلمىشى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كانادادىكى ئۆمەرجان ئەپەندى، ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتى، «ئەلجەزىرە» ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى توخۇلا يېزىسى قۇمباش مەسچىتىنىڭ مېھرابىغا ئېسىلغان خىتاي دۆلەت بايرىقىنىڭ رەسىمىنى كۆرگىنىدە دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى ۋە خىتاي بايرىقىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان مەسچىتكە ئېسىلىشىغا سۈكۈت قىلغان مەسچىت ئىمامى قاتارلىق ئاتالمىش«ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» دىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەقىقىي ئىمانى بار ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلام دىنىنى ھاقارەتلەيدىغان بۇنداق قىلمىشقا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆمەرجان ئەپەندى يەنە، خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى مەزكۇر مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئورگانلارغا يەتكۈزۈپ، خىتاينىڭ بۇ يولسىز قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشقا چاقىردى.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بولسا، مەسچىت مېھرابىغا بايراق ئېسىشقا بويۇن ئەگكەن «ئاتالمىش دىنىي زاتلار» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىجراچىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىمام بولۇش ئەمەس، ھەتتا بىر مۇسۇلمان بولۇشقىمۇ لايىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنى ئاياق ئاستى قىلىدىغان بۇنداق قىلمىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئەمەس، بەلكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «سەزگۈر شەخس» دەپ قارىلىپ، كۆپ قېتىم نەزەربەند قىلىنغان خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىمۇ بۇ ھەپتە «ئەلجەزىرە» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشنى توختاتمىسا، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ: دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلدى، گەرچە بۇ نارازىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاجىز ھەتتا سۈكۈت ئىچىدە بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كۆرمەسكە سېلىشقا بولالمايدۇ. خەلقىمىز ھەرگىزمۇ داۋاملىق ھالدا سۈكۈت ئىچىدە ئوز ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىۋېرىشكە رازى ئەمەس، ئۇلارنىڭ غەزىپى تېشىشىنى كۈتۈش ئاقىلانىلىك ئەمەس، دېگەن ئىدى.
خەۋەرنى ئاڭلاش:
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/2013-u0920-pmm.mp3
خەۋەر مەنبەسى:
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/din-hoquq-09202013220346.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار: مەسچىت مېھرابىغا خىتاي بايرىقىنى ئېسىش، ھاقارەتتۇر