ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - دىنىي ئېتقاد

‹‹مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئۆلتۈرگەنلەر جەننەتكە كىرىدۇ›› دېيىش ئىسلام دىنىنىڭ روھىنى بۇرمىلىغانلىق

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 07 - ئاينىڭ 07- كۈنى 02:59   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى گو چېڭجېننى زىيارەت

    شى شىن

    جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى گو چېڭجېن يېقىندا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھازىر يامان نىيەتتىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر تىنچلىقنى بايراق، ئاللاھقا ئېتىقاد، ئىتائەت قىلىشنى شوئار قىلىپ، ئىسلامنى غەيرىي مۇسۇلمانغا ئۆچمەنلىك قىلىش، باشقا دىندىكىلەرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى بىلمىگەن كىشىلەرنى بىگۇناھ ئاممىنىڭ ھاياتىغا زىيان يەتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈۋاتىدۇ، ئۇلار ئېتىقادتا قايمۇققان، ئىسلام روھىغا خىلاپلىق قىلغان.

    گو چېڭجېن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئۆلتۈرگەنلەر جەننەتكە كىرىدۇ››، دېگەن بۇ سەپسەتە ئىسلام دىنىدىكى ‹‹ھەق يولغا قارشىلىق كۆرسەتكەن دۈشمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىشتا قۇربان بولغان شېھىتلەر ئۇدۇل جەننەتكە كىرىدۇ››، دېگەن بۇتوغرا ئۇقۇمدىن ‹‹قارشىلىق كۆرسەتكەن دۈشمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىش››نى چىقىرىۋېتىپ، ھەم ‹‹دۈشمەن›› دېگەن بۇ سۆزنى ‹‹مۇسۇلمان بولمىغانلار››غا ئۆزگەرتىۋالغان، نەتىجىدە ‹‹دۈشمەن›› بىلەن ‹‹مۇسۇلمان بولمىغانلار››نى ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئۆزگەرتىپ، ئىسلام دىنىدىكى تەشەببۇسلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ بۇرمىلاپ، رەھىمسىز، چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلارنى ئوتتۇراھال يول تۇتىدىغان، سەۋرچان بولىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن.

    ‹‹ئەمەلىيەتتە، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ نۇرغۇن مۇسۇلمان ئەمەس دوستى، قوشنىسى، ھەمكارلىق شېرىكى بولىدۇ، ئۇلار دۈشمەن ئەمەس. شۇڭا بىز بۇ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ئىسلام دىنىغا يات دەيمىز، ئۇ ئىسلام تەشەببۇسىدىكى ئىسلامنىڭ تىنچ، كەڭ قورساق، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش دېگەن روھىي مەزمۇنىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان، بۇ تەشەببۇستا ئىسلام روھى مەۋجۇت ئەمەس، شۇڭا ئۇ پەقەت ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر خىل نادانلىق خالاس››.

    گو چېڭجېن مۇنداق دېدى: دىنى ئەقىدە، نەزەرىيە جەھەتتىن قارىغاندا، ئىسلام دىنىدا ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، تېررورلۇق مەزمۇنلىرى قەتئىي يوق. ئەكسىچە، ئىسلام دىنى مۇقەددەس ئەسەرلىرىدە ئەسەبىيلىك، تېررورلۇققا قارشى مەزمۇنلار بار. ئىسلام دىنى بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈشكە، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشكىمۇ قارشى تۇرىدۇ. ‹‹قۇرئان كەرىم››دە: بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ھەممىنى ئۆلتۈرگەندەك گۇناھ بولىدۇ، بىر ئادەمنى قۇتقۇزسا ھەممىسىنى قۇتقۇزغاندەك ساۋاب بولىدۇ، دەپ قەيت قىلىنغان. ‹‹قۇرئان كەرىم››دە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹سىلەر ئۆزۈڭلارنى (بىر – بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرۈۋالماڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، چۈنكى كىمىكى چەكتىن ئېشىپ، ھەقتىن چەتنەپ كەتكەن بۇ ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمەن...››. ‹‹قۇرئان كەرىم›› دىكى يۇقىرىقى ئەقىدىلەردىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى، ئىسلام دىنى تېررورچىلىق ئەمەس، ‹‹مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئۆلتۈرگەنلەر جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق ئىدىيەلىرى بىلەن پۈتۈنلەي زىت، تېررورچىلارنىڭ بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلى بىلەن ھۇجۇم قىلىشى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى، قائىدىلىرىدە يول قويۇلمايدۇ.

    گو چېڭجېن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنى ئاتالغۇسىدىكى ‹‹جىھاد››نىڭ مەنىسى ‹‹توغرا يولدا كۈرەش قىلىش››تىن ئىبارەت. كونكرېت مەزمۇنى ئىككى چوڭ تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ، بىرى، كىچىك جىھاد، ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، دۈشمەنلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ھۇجۇم؛ ئىككىنچىسى، چوڭ جىھاد، ئۆزىنىڭ شەخسىي خاھىشى بىلەن كۈرەش قىلىش. شۇڭا ئەسەبىي ئىدىيەدىكىلەر ئېيقان ‹‹جىھاد›› باشقا دىندىكىلەر بىلەن غازات قىلىش، جىھاد ئىدىيەسىنى كەم دېگەندىمۇ تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە بۇرمىلىغان، بىرىنچى، جىھادنىڭ ئەسلىي مەنىسى جەڭ قىلىش ئەمەس، ‹‹كۈرەش قىلىش›› ئىكەنلىكى سۆزلەنمىگەن؛ ئىككىنچى، چوڭ جىھاد توغرىلىق ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىي خاھىشى بىلەن كۈرەش قىلىش توغرىلىق سۆزلەنمىگەن؛ ئۈچىنچى، كىچىك جىھادتىكى ‹‹ھۇجۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش›› دېگەننى بۇرمىلاپ، باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرۈش، دەپ ئۆزگەرتكەن؛ تۆتىنچى، ‹‹دۈشمەنلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىش››تىكى ‹‹دۈشمەن››نى ‹‹مۇسۇلمان بولمىغانلار››غا ئۆزگەرتكەن.

    گو چېڭجېن مۇنداق دېدى: ‹‹كۆپچىلىك ئىسلام دىنىنىڭ ئەزەلدىن ئاللاھغا ئىشىنىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن نۇرغۇن دىنىي ئەقىدە، قائىدە ۋە نۇرغۇن بىلىمنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن نېمىنىڭ ئاللاھغا ئىشىنىش ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. پەقەت ئېتىقادلا بولۇپ بىلىم بولمىسا، ھەق ئېتىقاد، توغرا ھەرىكەتتە بولۇش تەسكە چۈشىدۇ. مېنىڭچە ھەق ئېتىقادتىكى ئەڭ مۇھىم دىنى قائىدىنىڭ بىرى ئىسلام دىنى تىنچلىقنى تەكىتلەيدىغان دىن، تىنىچلىقنى قوغلىشىشتىن ئايرىلىپ، باشقىلارغا غەزەپلىنىش، رەھىمسىزلىك قىلىش ئىسلام ئەمەس، بەلكى جاھالەت. ئاللاھغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك، ئىسلام يولىدا ھەقىقىي مېڭىپ، جاھالەتنى تاشلىغان ياكى تاشلىمىغانلىقى، يۈزەكى جەھەتتىن ناماز ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغانلىققا قارالسىمۇ، لېكىن چوڭقۇر قاتلامدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىنچلىقنى سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىقى، ئۇرۇق، قەبىلە، مەزھەپچىلىكنى تاشلىغان – تاشلىمىغانلىقىغا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقىغا ئەھمىيەت بەرگەن – بەرمىگەنلىكىگە قارىلىدۇ››.

    گو چېڭجېن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئىسلام روھىنى بۇرمىلايدىغان ئەسەبىيلىككە قارىتا، غەيرىي مۇسۇلمانلىقنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي تونۇپ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ: ئەسەبىيلەرچە ئۆلتۈرۈش ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقى، سۈپىتىگە ياتتۇر. ئاللاھنىڭ شەپقىتى ۋە ئىرادىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش بولمىسا، جاھالەتتىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ، بىز مۇسۇلمانلار جەزمەن جاھالەتتىن يىراق تۇرغان چېغىمىزدىلا، ئىسلامغا ھەقىقىي كىرەلەيمىز، دېدى. 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە