ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

بىللە قويۇشقا بولمايدىغان يىمەكلىكلەر

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 22- كۈنى 03:41 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    ئاشلىق بىلەن ھۆل مېۋىنى بىللە قويۇشقا بولمايدۇ. ئاشلىق ئوڭاي ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ، مېۋە ئىسسىقنىڭ تەسىرىدە قورۇلۇپ قالىدۇ. ئاشلىقمۇ نەملىكنى سۈمۈرۈۋېلىپ كۆكىرىپ قالىدۇ.

    بولكا بىلەن پېچىىنىنى بىللە قويۇشقا بولمايدۇ. بولكىنىڭ سۇ تەركىبى كۆپرەك بولىدۇ، پېچىنە قۇرۇق ۋە چۈرۈك كېلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككىسى بىر يەرگە قويۇپ قويۇلسا بولكا قېتىپ قالىدۇ، پېچىنىمۇ چۈرۈكلۈكىنى يوقىتىدۇ.

    تۇخۇم بىلەن ھۆل زەنجىۋىل ۋە باش پىيازنى بىللە قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى تۇخۇمنىڭ شاكىلىدا نۇرغۇن ئۇششاق تۆشۈكچىلەر بولىدۇ. ھۆل زەنجىۋىل ۋە باش پىيازنىڭ كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى پۇرىقى بۇتۆشۈكچىلەر ئارقىلىق تۇخۇمغا ئۆتۈپ تۇخۇمنى سېسىتىپ قويىدۇ.

                                              

  چاي بىلەن ئەتىر سوپۇن، قەنىت-گېزەكلەرنى بىللە قويۇشقا بولمايدۇ، چاي ھەرخىل پۇراقلارنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەتىر سوپۇندىن داۋاملىق خۇشپۇراق تارقىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا چاي ئەتىر سوپۇننىڭ پۇرىقىنى سۈمۈرىۋالسا تەمى ئۆزگىرىپ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر چاي قەنىت-گېزەكلەر بىلەن بىللە قويۇلسا، نەملىكنى سۈمۈرۈۋېلىپ كۆكىرىپ قالىدۇ. تەمىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

    شۇلتا بىلەن مېۋە ۋە ئەينەكنى بىللە قويۇشقا بولمايدۇ. شۇلتا ئاسان ئىسسىقلىق چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن مېۋىنى سېسىتىپ قويىدۇ. شۇلتا يەنە ئەينەكنىڭ يۈزىنى ئۇپرىتىپ داغ قىلىپ قويىدۇ.

    پاختا بىلەن كىسلاتالىق ماددىلارنى بىللە قويۇشقا بولمايدۇ. پاختا كىسلاتالىق ماددىلار بىلەن ئۇچراشسا تالالىرى چۈرۈكلىشىپ ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ.

    كاۋچۇكتىن ئىشلەنگەن بويۇملار بىلەن ياغ تۈرىدىكى ماددىلارنى بىللە قويۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر كاۋچۇكتىن ياسالغان بويۇملار ياغ تۈرىدىكى ماددىلار بىلەن ئۇچراشسا سىرىتقى يۈزىدە داغ پەيدا بولۇپ ئوڭاي ئېرىپ، كۆپۈپ ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىدۇ.

    نىلۇن بۇيۇملار بىلەن نافتالىننى بىللە قويۇشقا بولمايدۇ. نافتالىن نىلۇندىن ئىشلەنگەن بويۇملار بىلەن بىرىكىش كۈچىگە ئىگە بولغانلىقتىن، نىلۇن تالالىرىنىڭ مولىكۇلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەسىر كۈچنى تۆۋەنلىتىپ، تالانىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نىلۇندىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنىڭ چىداملىق دەرىجىسىگە تەسىر يېتىدۇ.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە