ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان گايىت خەۋىرى: بۈگۈر ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، مەزكۇر ناھىيەنىڭ «2013-يىللىق نۇقتىلىق ئەلرايى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە توققۇز تۈرلۈك مائارىپ ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بار بولۇپ، جەمئىي 61مىليون 512مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. ئىچىدە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى، ياتاق بىناسى، ئاشخانا ۋە تەنھەرىكەت مەيدانى قاتارلىق 4 تۈرگە 41مىليون 260مىڭ يۈەن، ناھىيەلىك كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، تەجرىبە بىناسى ۋە تەنھەرىكەت مەيدانى قاتارلىق 3 تۈرگە 10مىليون 690مىڭ يۈەن، ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسى ۋە ئاشخانا قۇرۇلۇشىغا 9مىليون 562مىڭ 800يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. ھازىرغا قەدەر، يەتتە تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاندى، ئىچىدە، ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى يىل ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر