كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ كەلگۈسى ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
باش بەت ئالدىنقى بەت 123(جەمئىي 3 بەت)
كەلگۈسى دە، ئەقلىفون ۋە ئىسىم كارتوچكىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە بەلكىم جىق پەرق بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى سىز بىۋاستە تېگىشكەن ھەرقانداق جىسىمدا سېزىمچان ئېكران بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن! قەغەزنىڭ ئورنىنى كىتابچىگە ئوخشايدىغان تاختا كومپيۇتېرلار ئىگەللىشى مۇمكىن. بۇلۇت سۇپىسى ئاللىقاچان مەزمۇن ئۇزىتىشتىكى ئاساسلىق يۈزلىنىش بولۇپ قالدى، ئاۋاز ۋە ئىشارەت تونۇش تېخنىكىسى، كۈچەيتىلگەن …..
كۆپچىلىك بەلكىم فانتازىيە تەسىۋىرلەنگەن كىنولاردا كەلگۈسى دىكى ھاۋادا لەيلەيدىغان ماشىنا ياكى باشقا نەرسىلەرنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ Tel Aviv University مەكتىۋىدىكى كۋانت لەيلىمە تەجرىبىسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش يۈز بېرىپ، بىز بىلەن ھەقىقى لەيلىمە تېخنىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرغان. كەلگۈسىدە ، بەلكىم ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى تامامەن …..
مىكروسوفتنىڭ Kinect تېخنىكىسى شۈبھىسىزكى بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، Wii ۋە Sony Move نىڭ كۈچلۈك خىرىس ئېلىپ كەلگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ چىرايلىق تېخنىكا نۆۋەتتە پەقەت Xbox360 ئويۇنچۇقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا، pc ئىشلەتكۈچىلەر قوشۇنىغا تەۋە بىزلەر بولساق، بۇنىڭدىن تولىمۇ مەيۈسلىنىپ تۇرۇپتۇق…
سەنئەتكار Stefan-Morrell پۇزۇر لايىھەلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەلگۈسى گە بولغان قىياسىنى تاماملاپ چىققان، ئېھتىمال كۆپچىلىكمۇ بىر قىسىم فانتازىيەلىك فىلىم ياكى كارتونلاردىن مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان كەلگۈسىدىكى شەھەرلەرنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ!
ئۈچ مىنۇتلۇق، ئەمما ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان “ Window to the World ” ناملىق سىن! مەزكۇر سىندا، تويوتا شىركىتى ئاپتوموبېلنىڭ كەينى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئالاھىدە دەرىزە ئارقىلىق، كەينى تەرەپتە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ زېرىكىشىنى باسىدىغان بىر خىل مۇھىت تەمىنلىگەن. بۇ دەرىزە ئارقىلىق سىز رەسىم سىزالايسىز، سىرتقى ئۇچۇرلارنى بىلەلەيسىز، ھەتتا كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران ئارقىلىق iPhone دىكىدەك ئۈنۈملەرگىمۇ ئېرىشەلەيسىز! ھازىرقى تېخنىكا …..
Rimino بولسا شىۋېتسىيەلىك لايىھەلىگۈچى Amid Moradganjeh تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن بىر تۈرلۈك ئېلىكترونلۇق قەغەز كۆچمە ئۈسكۈنىسى. كۆرۈنمە يۈزگە ھېچقانداق كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان، ئەكسىچە ئىشلەتكىنى ئېلىكترونلۇق قەغەز بولۇپ، باسما ماتېرىيال ياكى تەشۋىقات ئېلانىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. فانتازىيە تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ، يانفون ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە، تېمپراتۇرا، يورۇقلۇق، پۇراق قاتارلىقلارنى سېزىش ئىقتىدارى …..
سەھەردە ئويغانغىنىڭىزدا، كارىۋىتىڭىز، تازىلىق ئۆيى ياكى ئاشخانىڭىز ھەممىسى سېزىمچان ئېكران بىلەن بېزەلگەن بولسا، سىزگە ئەڭ يېڭى ھاۋارايى ئۇچۇرى، قاتناش ئۇچۇرى، كۈندىلىك خەۋەرلەر ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرسە، مەيلى شەخسىي ئاپتوموبېل ياكى ئاممىۋىي ئاپتوبۇس بولسۇن، ھەر ۋاقىت سىزگە قاتناش ئەھۋالىنى تەمىنلەپ تۇرسا، كۈندىلىك خىزمەتتە، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى سەزمە …..
Irina Werning، ئارگىنتىنالىق فوتوگراف ، بوينىس ئايرىستا تۇغۇلغان. بۇ بىر گۇرۇپپا سۆرەتلەر فوتوگراف Irina Werning نىڭ « كەلگۈسىگە قايتىش » نى ئاساسى تىما قىلغان فوتوگرافىيە تۈرى. فوتوگراف سۆرەتتىكى كىشىلەرنى بۇرۇنقى سۆرەتتىكى ھالەت بىلەن ئوخشاش تۇرۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ سۆرەت تارتقان. ئىككى سۆرەتنىڭ تارتىلىش ۋاقتى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، سۆرەتتىكى ئادەملەر، …..
ھازىرقىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان زاماندا، ئىنسانلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقىلىغىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ ۋە مۇشۇ قىسقىغىنا ئۆمرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى يەرشارىدا يەنە قانچىلىك تەرەققىيات لارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلىشكە تولىمۇ قىززىقىدۇ، تۆۋەندىكىسىمۇ ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇرى غا ئاساسەن ئىشلەنگەن video بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تەڭداشسىز ئەقىل-پاراسىتىگە قارىغاندا، بەلكىم يىراق كەلگۈسى دە بۇ تەرەققىياتلارنىڭ بولۇشىنىمۇ يوق دېگىلى …..
Microsoft يېقىندا بىر فانتازىيەلىك فىلىم ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى دىكى ئالقان كومپيۇتېر تېخنىكىسى دۇنياسىغا بولغان چۈشەنچىسىنى نامايەن قىلدى. مىكروسوفت نىڭ بىلدۈرىشىچە، كەلگۈسىدىكى سەزمە ئېكران تېخنىكىسىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ، ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان كۆپ خىل ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز-ئارا تورلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىنكەن…
ئىنكاسقىمۇ رەسىم قىستۇرغىلى بولىدىكەن ھە