ھوللىيۋود كىنو-فىلىملىرىدىكى 100 چوڭ كلاسسىك سەلبىي ئوبرازلار، دۇنيادا زادى مۇتلەق ئەسكى ياكى ياخشى ئادەم بولامدۇ؟
كىنو–فىلىملەردىكى ئەلەم ۋە قەلەمدە تەڭ كامالەتكە يەتكەن، زالىملارنىڭ ئەدىۋىنى بېرىپ خەلقنىڭ كۆڭلىنى خۇش قېلىدىغان قەھرىمانلار ھەمىشە كىشىنىڭ ھۆرمەت تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ، ئەمما بۇ قەھرىمانلارغا رەقىب بولمىسا، ئۇلارنىمۇ قەھرىمان دېگىلى بولمايدۇ، بىر ئۇلۇغ قەھرىمان ئوبرازى يارىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چوقۇم رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان سەلبىي كۈچلەر ھەمرا بولۇشى كېرەك. بۇ سەلبىي پېرسوناژلار قەھرىمان بىلەن كۈچ جەھەتتە تەڭلىشىپ قېلىشى، ھەتتا بەزىدە قەھرىماندىنمۇ كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن، شۇنداق بولغاندىلا تاماشىبىنلار ھەققانىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا رەزىللىك ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ…
ھوللىيۋود فىلىملىرىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، كىنو-فىلىملەردىكى سەلبىي پېرسوناژلار مۇتلەق ئەسكى قىلىپ تەسۋىرلەنمەيدۇ، يەنى تاماشىبىنلار ئوبدان كۆزەتسە، دۇنيادا مۇتلەق ئەسكى ياكى ياخشى ئادەم يوق دېگەن بىر ئۇقۇمنى بايقىۋالالىشى تەس ئەمەس. بولدى قۇرۇق گەپنى قويۇپ تۇرايلى، تۆۋەندىكىسى كىنو-فىلىم تارىخىدىكى ئەڭ كلاسسىك 100 نەپەر سەلبىي پېرسوناژ ئوبرازىنىڭ توپلانمىسى بولۇپ، بىرلىكتە ئۇلارنىڭ رەزىللىكىدىن نەپرەتلەنگەچ، پەردە ئارقىسىدىكى ئارتېستلارنىڭ بۇ ئوبرازلارنى قانداق يارىتىشىدىن ھوزۇرلىنىپ باقايلى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئارتېست، ئوبراز، سەنئەت، فىلىم، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,240 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: film-villains-top100.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2013-يىلى قويۇلىدىغان يەنە بىر نادىر كارتون فىلىم – «شەرمەندىلەر 2» نىڭ تەشۋىق فىلىمى!
- كېيىنكى يازما > 2012-يىلى راستىنلا زامان ئاخىرىمۇ؟ ھوللىيۋودنىڭ زامان ئاخىرى تەسۋىرلەنگەن ئاپەت فىلىملىرىدىكى فانتازىيەلىك كۆرۈنۈشلەر!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
ياخشى ئادەم ئەسكى ئادەم ، ئەسكى ئادەم ياخشى ئادەمدۇر
دۇنيادا مۇكەممەل كىشى بولمايدۇ ، كىنولاردا پەقەت فانتازىيەلەشۈرىدۇ خالاس.
خۇددى ۋەتەن ئەپەندىم بىلەن تورخۇماردەك…
ماۋۇ كىنولانىڭ كۆپلىرنى كۆرمەپتىمەن
بەش مىنۇتلۇق يېرىدىن 5:30 سىكۇنتلۇق يېىرگىچە بولغان بەزى كىنولارنى مەن كۆرۈپ باقماپتىكىەنمەن،خەنچە نامىنى قالدۇرۇپ قويساڭلارمۇ بوپتىكەن
5:00 دىن باشلاپ 5:30 قىچە مەن پەرق ئېتەلىگەنلىرىنىڭ خەنچە نامىنى قالدۇرۇپ قوياي.
1. 超能失控
2. 地狱男爵
3. 蝙蝠侠:黑暗骑士崛起
4. 华尔街
5. 猜火车
6. 星球大战
ئادەم ئەسكى ئەمەس ،ئەسكى ئادەم ئەمەس
قورسىقىدىن بىر نەرسە چىقىدىغىنى دەھشەتكەنغۇ ، يۈرىكىمنى جىغىلدىتىۋەتتى . ئۇزن بوپتىكەن ۋەھىمە ھېس قىپ باقمىغىلى …
سەرالىقنىڭ پىكرىنى قوللايمەن . ئىزدەپ تېپىپ خۇماردىن چىققۇدەك كۆرىدىغان كىنولاركەن
ئەمدى بۇ تورخۇماردىكى تېمىلارنى كۆرۈپ ئۈلگۈرتكىلى بولمس بوپ كەتتى دېسە.. كۈندە ئۈچ ۋاخ كىرىش لازىممۇ نېمە؟!
ۋال كوچىسى دىگەن كىنودا كىم ئەسكى ، ماڭا ھېچقايسىسى ئەسكى تۇيۇلمايدۇ دېسە
مەن كۆرمىگەن فىلىملەر خېلى كۆپ ئىكەن ھە !!!
ئاۋۇ ھەزىلكەش جوك قايسى كىنودا چىقىدۇ
شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى يوقمىدۇ
قۇتياردا بار
ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم ،ئەسكى ياخشى بىلەن ئەسكى.
ئاۋۇ ئالۋاستى قونچاقنىڭ قايسى كىنو ئەمدى ، ھازىر بەك مودا بوپ كىتىپتىغۇ ، بىلسەڭلار قالدۇرۇپ قويساڭلار ..