نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بېكەت ھەققىدە
بېكەت ھەققىدە
تورخۇمارلار كۇلۇبى ھەققىدە

مۇقەددىمە

ناۋادا سىز تورخۇمارلار كۇلۇبىغا تۇنجى كەلگەن بولسىڭىز، شۇنداقلا يەنە ئۇقۇشماستىن بۇ ئۇلانمىنى چېكىپ سالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ مەزكۇر كۇلۇبقا مەلۇم دەرىجىدە قىزىقىشىڭىز بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ناۋادا سۆزۈمگە ئىشەنمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ سىزدىكى خاتالىق ئەمەس. مەن بەلكىم ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ئۇلانمىنىڭ نېمىشقا بۇنچە كۆپ چېكىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئازراق ئويلىنىپ بېقىشىم كېرەكتەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ھامىنى كىرگەن ئىگەنسىز، بىرەر قۇر ئارىلاپ چىقىپ كېتىڭ. بەلكىم تورخۇمارلار كۇلۇبى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قېلىشىڭىز، ھەتتا مەن توغرىلىق بىر قىسىم ئەپقاچتى پاراڭلارنى ئاڭلىيالىشىڭىزمۇ مۇمكىن...

تەدبىركار ھەققىدە

ئەسلى تەخەللۇسۇم تەدبىركار، تورخۇمارلار كۇلۇبىدا كۆپچىلىك تورخۇمار دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ، يەنە رىۋايەتلەردىكى Mr.Teddy دەپ ئاتىلىدىغان ۋارىيانتلىرىممۇ بار. بىكار قالسام بلوگ يازىدىغان، بولمىسا زېرىكىشلىك خىياللارنى تولا قىلىدىغان ئادەممەن. شۇنداق قىلىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز يېزىلغان بىر تەرجىمىھال مۇشۇنداقلا دۇنياغا كەلدى...

تورخۇمارلار كۇلۇبى ھەققىدە

تورخۇمارلار كۇلۇبى، قىسقىچە ئاتىلىشى تورخۇمار. ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى يېڭىلىقلار، يۇمشاق دېتال، قىزىقارلىق سىن، كومپيۇتېر ئويۇنلىرى، IT ئۇچۇرلىرى قاتارلىق ئۇنۋېرسال مەزمۇننى ئاساس قىلغان تور بېكەت. نۆۋەتتە تەدبىركار ۋە بىر قىسىم ئىختىيارى ئاپتورلارنىڭ ياردىمىدە تور دۇنياسىدا مۇقىم بولغان زىيارەت قوشۇنى ۋە ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەرگە ئىگە كۇلۇب سۈپىتىدە، تورخۇمارلارنىڭ توردىن تېخىمۇ كۆپ زوق ئېلىشنى ئىستەشنى نىشان قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلماقتا. ئەلۋەتتە، تورخۇمارنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە ھالەتكە كېلىشىدە تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. بۇ يەردە تورداشلارغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

خاتىمە

ئەلۋەتتە، ناۋادا سىز تورخۇمارلار كۇلۇبى ياكى تەدبىركارغا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ۋە چۈشەنچىلەرنى بىلىشكە قىززىقسىڭىز، ئۇنداقتا مېنىڭ 新浪微博، 腾讯微博 قاتارلىق مىكرو بلوگلىرىمغا دىققەت قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ ئورگان مىكرو بلوگى ئارقىلىقمۇ بىر قىسىم يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.
خوش، ئۇنداقتا باشقا ئىشىڭىز بولمىسا باش بەت كە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىڭ، بۇ يەردە تۇرىۋەرسىڭىزمۇ زېرىكىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن...

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. سەھرالىق 2012.08.28 , 00:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئەزا بۇلىمەن

  2. يولباشچى 2012.12.14 , 11:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ ئەزا بولغۇم بار ئىدى، قانداق قىلىپ ئەزا بولالايمەن!:razz:

  3. سېستىما 2013.09.21 , 12:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەدبىركارئاكا تور خۇمارغا قانداق ئەزا بولىدۇ .. بىر تەپسىلىي سۈزلەپ بەسلە بوپتىكەن

  4. دىلمۇرات 2013.10.13 , 18:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ ئەزا بولغۇم بار ئىدى، لىكىن قانداق كىرىمەن؟؟؟

  5. سېھرىگەر 2013.11.13 , 17:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    tedbirkar.com دەپ بىر توربىكەت ئېچىلىپ قاپتۇ تورخۇمار قۇرغانمۇ ياكى ؟؟؟

  6. سەبران 2014.01.18 , 21:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق ئەزا بولىمەن؟

  7. ئوقۇغۇچى 2015.05.31 , 02:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەزا بۇلۇش ، تېما يوللاش ھەققىدە ئىككى شىڭگىل توختالماملا ؟

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif