• «كونا كوچا»دىن تۇغۇلغان ھېسلار(2)

    يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ئەمدى ئۇنىڭ جامائەتچىلىك بىلەن يېقىندىلا يۈز كۆرۈشكەن كونا كوچا ناملىق رومانىنىڭ روياپقا چىقىش جەريانى ۋە يا

    ئەمدى ئۇنىڭ جامائەتچىلىك بىلەن يېقىندىلا يۈز كۆرۈشكەن »كونا كوچا« ناملىق رومانىنىڭ روياپقا چىقىش جەريانى ۋە يازغۇچىنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى ئىجادىيەت مۇددىئاسىنى ئەسلىسەك، ئۇنىڭ تۇرمۇش چىنلىقى ۋە دەۋر چىنلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تېخىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى سېزىلىدۇ. قارىماققا بۇ روماننىڭ ۋەقە - سۇژىتى بەكمۇ ئاددىي كۆرۈنىدۇ. چۈنكى ئاپتور تەسۋىرلىگەن شەھەر قىياپىتىنى زامان تەلىپىگە ماس ھالدا يېڭىلاش، پۇقرالارنىڭ كونىراپ كەتكەن خەتەرلىك ئۆيلىرىنى بۇزۇپ قايتىدىن يېڭىلاش ياكى ئەسلىي ئورنىدىن باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ گۈزەل ئولتۇراق مۇھىتىغا ئىگە قىلىش ھەممە شەھەر، ھەممىلا جايدا داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى تۇرمۇش ھادىسىسى. گەرچە بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بۇ ھادىسە بىر خىل تەبىئىي يۈزلىنىش، ئەل رايى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە گەۋدىلەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ماھىيىتىدە ھامان كونىلىق بىلەن يېڭىلىق، ئەنئەنىچىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ كەسكىن توقۇنۇشى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا شەھەر قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاش پىلانى ئېيتىلىشقا ئوڭاي بولغان بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم قىيىن ھەم مۇرەككەپ بولغان، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان نازۇك ۋە سەزگۈر مەسىلە ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭمۇ، پۇقرالارنىڭمۇ بىردەك جىددىي دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان مۇشۇنداق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى تېمىنى بەدىئىي ئەدەبىيات زېمىنىغا ئېلىپ كىرىپ، يارقىن بەدىئىي ئوبرازلار ۋاسىتىسى بىلەن ئىككى خىل ئاڭ )ئەنئەنىۋى ئاڭ ۋە زامانىۋى ئاڭ( ئوتتۇرىسىدىكى قاتمۇ قات زىددىيەت - توقۇنۇشلىرىنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەن قاتلاملىرىنى ئېچىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلىرىدە روشەن ئېستېتىك زوق پەيدا قىلىش سەزگۈر يازغۇچىمىز ئەخەت تۇردىنىڭ مەزكۇر روماننى يېزىشتىكى ئىجادىيەت مۇددىئاسى ئىدى. بىلىشىمچە ئەخەت تۇردى مۇشۇ تېمىدا رومان يېزىشنى ئالدىنئالا پىلانلىغانمۇ ئەمەس. تۇرمۇشقا ھېرىسمەن بۇ يازغۇچىمىز 2001- ۋە 2002 - يىللىرى قەشقەرنىڭ ئالتۇن پەسلىدە دەم ئېلىش، تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئانا يۇرتىغا كېلىدۇ. بۇ دەل قەشقەر شەھىرى ئىچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانى ئۈستىدە جىددىي غۇلغۇلا قوزغىلىۋاتقان، ھەممە كىشى بىر خىل روھىي »ئەنسىزچىلىك« ئىچىدە قالغان مەزگىللەر ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭمۇ، پۇقرالارنىمۇ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان بۇ جىددىي مەسىلە ئەخەت تۇردىنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلماي قالمىدى. چۈنكى بۇ ئىسلاھاتنىڭ سىناق نۇقتىسى قەشقەرنىڭ »كۆزى« بولغان جانان كوچىسى −− يەنى يازغۇچىمىزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن بۆشۈكى ۋە بۇ كوچىدىكى ئۇرۇق - تۇغقان، قان - قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك پاناھگاھلىرى ئىدى. بۇ رەھىمسىز رېئاللىق ئەخەت تۇردىنىڭ كاللىسىدىمۇ نۇرغۇن گادىرماچ سوئاللارنى پەيدا قىلدى. بۇ سوئاللارغا تېگىشلىك جاۋاب تېپىش ئىستىكىدە ئۇ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلەن مۇڭداشتى، پىكىرلەشتى. ھەتتا بۇ پىلاننى يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ھەمسۆھبەتتە بولدى. ئەسلىدە باشقا شەھەر، رايونلاردا ھېچقانداق كاشىلىسىز ھىمايىگە ئېرىشىۋاتقان بۇ ئەل رايى قۇرۇلۇشى قەشقەر شەھىرىدە نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ غۇلغۇلا قوزغايدۇ؟ قەشقەر شەھەر خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىش نىشانلانغان بۇ ئىسلاھات خەلق ئارىسىدا يەنە نېمىشقا گۇمان ۋە ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ؟ جاۋاب بېرىش قىيىن بولغان بۇ چىگىچ سوئاللار ئەخەت تۇردىنىڭ روھىي دۇنياسىدىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىش پەيدا قىلدى. ئۇ تۇرمۇش قايناملىرىغا تېخىمۇ چوڭقۇر شۇڭغۇپ ئەتراپلىق تەكشۈرۈش، تارىخىي تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش، يىراق كەلگۈسى تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئويلىشىش نەتىجىسىدە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىكى، كونىنى بۇزۇپ يېڭىنى تىكلەش مەزمۇن قىلىنغان، ئىسلاھات جەريانىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇنداق ئىدىيەۋى توسالغۇلار ئەمەلىيەتتە چۈشىنىشكە بولىدىغان بىرخىل ئوبيېكتىپ زىددىيەت. قەشقەردە بۇ خىل زىددىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشىنى ۋە ئۇنىڭ »كونا كوچا« رومانىدا سۈرەتلەنگەندەك قاتمۇقاتلىشىپ كېتىشىنى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيەلىك ئۆزگىچىلىكى، تارىخىي ۋە ئادىمىيەتلىك خاسلىقى، مەدەنىيەت مۇھىتىغا ماس ھالدىكى پىسخىك تىندۇرمىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    مەلۇمكى، قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئاپىرىدە بولغان بۆشۈكلىرىدىن بىرى. ئۇ، ئوقۇسا تۈگىمەيدىغان بىر سېھىرلىك كىتاب؛ بۇ كىتابقا غەربىي رايوندىكى بوستانلىق مەدەنىيىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق سىرلىرى يوشۇرۇنغان؛ بۇ كىتابقا يەنە »يىپەك يولى«نى بويلاپ توختاۋسىز رەۋىشتە ئۆتۈشۈپ تۇرغان شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئەڭ نادىر ئۈلگىلىرى مۇجەسسەملەنگەن؛ كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قەشقەردىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي شەھەردە باشقا ھەرقانداق رايونغا قارىغاندا ئەڭ زور دەرىجىدە ئىپادىسىنى تاپقان. دەرۋەقە، مەركىزىي ئاسىيا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن تىپىك كۆرۈنۈشلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بۇ »ئۈستى ئوچۇق مۇزېي« ئۇزاق تارىخنىڭ خورىتىشى بىلەن »بېلى مۈكچىيىپ«، ئۇنىڭ تارىختا شەكىللەنگەن مەپتۇنكارلىق ۋە جازىبىدارلىق ئوبرازى سۇسلىشىشقا باشلىدى. ئەڭ مۇھىمى جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن قارىغاندا، قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىي رايونى بولغان كوناشەھەرنىڭ ئىگىلىگەن يەر مەيدانى ئاران 8.32 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇ تار زېمىندا 219مىڭ 200كىشى ئولتۇراقلاشقان. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر كىشىنىڭ پائالىيەت سورۇنى ئاران تۆت كىۋادرات مېتىرغا توغرا كېلىدۇ. نوپۇسنىڭ زىچلىقى جەھەتتە مەملىكىتىمىز بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. يەرنىڭ قىسلىقى، ئاھالىلەرنىڭ زىچلىقى تۈپەيلىدىن ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى قاتمۇقاتلىشىپ كەتكەن، كوچىلىرى ھەم تار ھەم ئۈستى يېپىق بولۇپ، بىرەر ئاپەت يۈز بېرىپ قالسا قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىمۇ كىرەلمەيدۇ، كوچا - كويلارنىڭ بۇرۇقتۇملۇقىدىن نەپەسلىنىشمۇ قىيىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ئەسىر قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان بۇ تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ كۆپچىلىكى لاي كېسەك، ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆينىڭ ئۈستىگە بالخانا ئۆيلەر قوندۇرۇلغان، ھاجەتخانىلىرىمۇ ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۆيلەرنىڭ ئاستى »مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى«دا قالايمىقان كولانغان ئاتالمىش »ئۇرۇشتىن مۇداپىئەلىنىش« لەخمىسى بولۇپ، يەر تەۋرەش، ھۆل - يېغىن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىدە بۇ لەخمىلەرنىڭ كۆپچىلىكى بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان ئىمارەتلەر خەتەرلىك ئۆيلەرگە ئايلىنىپ قالغان.
    ئۈچىنچى جەھەتتىن قارىغاندا، قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار ئوتتۇرا دېڭىز - ھىمالايا يەر تەۋرەش بەلبېغىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ رايون مەملىكىتىمىز بويىچە يەر تەۋرەش قېتىم سانى كۆپ؛ يەر تەۋرەش كۈچىنىشى يۇقىرى؛ يەر تەۋرەش ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيان ئېغىر بولىدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئون بەلباغنىڭ بىرى. شۇڭا يېقىنقى 100يىل ئىچىدە قەشقەر رايونىدا ئالتە بالدىن يۇقىرى بولغان يەر تەۋرەش 42قېتىم يۈز بەرگەن. مانا بۇ تەبىئىي خاراكتېر ئالغان ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر قەشقەر شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى بەلگىلىگەن. شۇنداق ئىكەن، يەنە ئۇنىڭدا نېمىشقا »خىرىس« پەيدا بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئادىمىيەتلىك نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، مۇنداق بىر قانچە ئامىللارغا باغلىق ئىكەنلىكى سېزىلىدۇ: قەشقەر شەھىرى ئىچىدىكى 99 كوچىنىڭ ھەر بىرى ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىندۇرمىسىغا ئىگە. بۇ ئۆزگىچە مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرى ئۇزاق ئەسىرلەرنىڭ تارىخىي يالدامىسى بولۇپ، ئۇ شۇ كوچا - مەھەللىلەرگە يىلتىز تارتقان پاراسەتلىك، ئىشچان خەلقىمىزنىڭ روھىي بايلىقى ۋە ھاياتىنى كېپىللىككە ئىگە قىلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي بارلىقى. شۇڭا بايلىقى ۋە بارلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا كۆزى قىيمايدىغان ساددا ھېسسىياتتىكى كىشىلەرنىڭ دەماللىققا بۇ پىلاننى قوبۇل قىلالماسلىقى نورمال ئەھۋال. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر شەھىرى ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىچىلىك ۋە دىنىي ئەقىدىچىلىك ئېڭى باشقا رايونلارغا قارىغاندا بىر قەدەر كۈچلۈك، ئائىلىنى ئۆزەك قىلغان ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر، يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش روھى سۇسراق، مۇبالىغىچىلىق، مەنمەنچىلىك ئېڭى گەۋدىلىكرەك، ئىقتىسادىي كۆتۈرۈش كۈچى ئاجىز بولغاچقا، شەھەر قىياپىتىنى يېڭىلاشنى ھىمايە قىلىدىغان زامانىۋى ئاڭ بىلەن كونا بولسىمۇ ئاشۇ ۋەيرانە كەپىنىڭ مېھرىدىن كېچەلمەيدىغان ئەنئەنىچىلىك ئېڭى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن مەنىۋى تىركىشىش يۈز بەرگەن. ئۆزگىچە مۇھىتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان بۇ رېئال زىددىيەت - توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەب - نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل كۆزەتكەن بۇ مەسئۇلىيەتچان يازغۇچىمىز قەشقەردىكى مۇشۇ چوڭ ئىسلاھاتقا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم رەھبەرلەر ۋە كەسىپداش بۇرادەرلىرىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن بۇ نازۇك تېمىنى بەدىئىي پىلانغا ئالدى. ئۇ ئۆگىنىش، مۇلاھىزە قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن »ئەنئەنە ئاساس، زامانىۋىلىك −− نىشان« دېگەن مۇشۇ تۆت خەتلىك ھۆكۈم خاراكتېرلىك مەنتىق پىكرىنى بەدىئىي ئوبرازلار ۋاسىتىسىدە جانلىق ۋە تەسىرلىك سۈرەتلەپ بېرىش يولىدا كۆپ ئىزدەندى، پۈتۈن ئىجادىي كۈچىنى ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇرىنى پېرسوناژلار خاراكتېرىنىڭ خاسلىقى ۋە ھەرىكەتچانلىقى بىلەن ۋەقەلەر قۇرۇلمىسىنىڭ جانلىقلىقى ۋە راڭدارلىقى ئۈستىگە قويۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان تىپىك پېرسوناژلار ئوبرازىنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن »كونا كوچا« ناملىق بۇ رومانمۇ ئۇنىڭ بۇرۇنقى يىرىك ئەسەرلىرىگە ئوخشاش تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ قويۇقلۇقى، تېماتىك مەزمۇنىنىڭ روشەنلىكى، پېرسوناژ ئوبرازلىرىنىڭ يارقىنلىقى ۋە تىپىكلىكى، بەدىئىي ۋاسىتىلىرىنىڭ رەڭدارلىقى ۋە تېتىملىقى، تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى ۋە ھېكمەتدارلىقى قاتارلىق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەخەت تۇردى ئىجادىيىتىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى پەللىسىنى نامايان قىلدى. روماندا باش تېمىنىڭ ئېھتىياجى ۋە مۇرەككەپ سۇژىت توقۇنۇشلىرىنىڭ بەدىئىي يۆنىلىشىگە ماس يارىتىلغان زاھىر ھاجى ۋە ئۇنىڭ ئوخشىمىغان خاراكتېرىدىكى ئىككى ئوغلى )چوڭاخۇن ۋە ئابدۇش(، ئايۇپ ئىمام، غۇلام مۇدىر، رېشىت پەلەڭ، ھېزىم ھەسەن، قاسىم ماكماك، لەيلى بىلەن ئوبۇق قاتارلىق تىپىك پېرسوناژلار ئوبرازىنىڭ سىرلىق ۋە مۇرەككەپ روھىي دۇنياسى ئوقۇرمەنلەردە چوڭقۇر ئېستېتىك زوق پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئوبرازلار مۇھەببەت ۋە نەپرەت، ئەلەم ۋە ھەسرەت، ئادالەت ۋە زالالەت، شاپائەت ۋە قاباھەت ئېڭىغا تويۇنغان ئالاھىدە ئىش - ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ مۇرەككەپ سۇژىت لىنىيەلىرىنى تېخىمۇ جانلىقلىققا، ھەرىكەتچانلىققا، جەلپكارلىققا ۋە جازىبىدارلىققا ئىگە قىلغان.



    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار