2010-04-17
قوپە ئويغان ، قوياش كۆتىرىلدى.3 - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62268516.html
قوپە ئويغان ، قوياش كۆتىرىلدى.3
ئاڭ ، پىكىر تەپەككۇرىڭلارنىڭ ئۆزگىرىشى ئاستىدا ، بىلىمنىڭ - كۈچ ئەمەس ، ھەركەتكە كەلگەن ، ئىشلىتىلىۋاتقان بىلىمنىڭ
ئاندىن كۈچ ئىلىپ كېلەلەيدىغانلىقنى ، پەقەت ئاشۇ بىلىمگە ئىگە بولغان ئالاھىدە سانلارنىڭ ئادەتتىكى،ئوتتۇرھال ئادەتتىكى سانلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۆز تەسىرى ۋە رولىدا سانلار جۇغلانمىسى ھاسىل قىلىپ ياخشى بىر سۈپەتنى يېڭى
بىر ئويغىنىشنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئازدۇر - كۆپتۇر ھېس قىلغان بولساڭلار كىرەك .
ئۈزلۇكسىز تۇردە بىلىم ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ يىتىشتۇرۇپ چىقىش ، رايونىمىز مىللىي ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتىرىش ، مىللىتىمىزنىڭ قۇدىرەت تېپىش ، تەرەققىي قىلىش يولىدا ئىزدىنىشتىن سىرت مىللىي خاسلىقىمىزنى ، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىمىزنى ، تىل - يېزىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ئويغىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈش نىمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك ؟
1. مىللىي ھېس تۇيغۇ بولۇش
2. دىننىڭ ئىجابىي رولىدىن پايدىلىنىش
3. كەڭ مەنىدىكى مائارىپ
.............
1.مىللىي ھېس تۇيغۇ بولۇش كېرەك .
مەن بىر پىسخولوگ ئەمەسمەن ، كىشلەردە مىللىي ھېس تۇيغۇ قانداق پەيدا بولىدۇ ، مەن بۇنى بىلەلمىدىم ،
مەن ھازىرغا قەدەر ئۆزۈم قۇيغۇچ كۇنپكىسىنى بېسىپ بىۋاستە ' ئابدۇللا ئابدۇرىيىم ' نىڭمۇ ناخشىسىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولغاچقا ، تۇنجى بولۇپ 1998 - يىلىدىن باشلاپ مەن ئۆزۈم ئاڭلىغان ناخشا مۇزىكىلار ئارقىلىق ھېسىياتىڭىزغا ئازراق تەسىر قىلىشنى توغرا كۆردۈم . تىلىنى چۈشىنىپ سۈرئىتىگە دىققەت قىلىپ تۆۋەندىكى قىسقا ۋاقىتلىق فىلىملەردىن ھۇزۇر ئالغايسىز .
مەن بىر بالىمەن ، ئاق - قارىنى پەرق ئىتەلمەي غەلىتە جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزىۋاتىمەن ، توغرا باشقىلار بىزگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ، ئەمما سىلەر يالغۇز ئەمەسقۇ ؟ بىزگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان بالىلارنى ، كەلگۈسى پەرزەنىتلەرنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار . ئەي ئۇلۇغ گېرمان مىللىتىنىڭ ئورمان روھىي يىگانە توغراقلىرىمنى ئورمانغا ئايلاندۇرغىن . ئادولىف كۆز ياشلىرىم ئىچىدىكى دىل كۈيلىرىمنى چۈشەنگىن .
Think aboutthe generations and ,say, we wanna make it a better place for our children and children’s children.So that they know it’s a better world for them,and think they can make it a better place.
تەپەككۇرىڭىزغا ۋە ھېسىياتىڭىزغا ۋاقىت ئېھتىياجى تۇپەيلى ئازراق تەسىر قىلىپ قويۇشنى ئويلىدىم . دىققەت قىلسىڭىز
كۆرۈنۈشـتە تارىم بوستانلىقىدىن كىسىلگەن توغراقلار ۋە ئاشۇ 46 قېتىم ، ئۈرۈمچىدىكى يازدىكى قار يامغۇرلار ، 1997- يىلى ئىلى دەرياسىدا مۇزلىغان مۇزلار ، دەريا بويىدا ئوتلاۋاتقان ئاتلار ، مارالبېشىدىكى ئۆز ئىسملىرىنى يېزىشنى بىلمىگەن ساۋاتسىز بالىلار ، ئۇرۇمچى، غۇلجىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا زەھەر چىكىۋاتقان ، ئەيىش - ئىشىرەت بىلەن شۇغىللىنىۋاتقان كىشلەر ، تارىمدىكى قاراڭغۇ ئۆيدە ئازراق شامنىڭ نۇرىنى بولسىمۇ كۆرۈشكە تەشنا بولغان قارا كۆز سەھرا بالىلىرى يوق ئىدى خالاس .
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us