2010-04-17

    قوپە ئويغان ، قۇياش كۆتۈرۈلدى ! - [يېڭىچە دۇنياغا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62267973.html

    قوپە  ئويغان ، قۇياش كۆتۈرۈلدى !

     

    بارلىق  كىشلەر  مىللەتنى  دۇنياغا تۇنۇتايلى  دەيدۇ . شۇنداق  قىلىش  زوزۈزمۇ؟
    ياق . بىز  ئۇيغۇر  ،تۈركىي  ئۇيغۇر  ،  ھون  قېنى  تومۇرىمىزدا  ئېقىپ  تۇرىۋاتقان  مىللەت .  ئات تاقىسى  بىلەن  ئۆتۈك  پاشنىسى  بىلەن  5- ئەسىرلەردىن  باشلاپ  3-4  ئەسىردە  بىر  قېتىم  دۇنياغا   خەلقىگە تۆمۇر  تامغىمىزنى  بېسىپ  بەرگەن  مىللەت  ئەۋلادلىرى  تۇرساق ، دۇنيا  بىزنى  تونۇمىسۇنمۇ ؟ 
    دۇنيا  بىزنى  تونىماي كىمنى  تونىسۇن .  ئەلۋەتتە  تونۇيدۇ  . ئاتنىڭ  تۇياق  ئاۋازىنى  ئاڭلىسا  ئىككى  قۇللىقى  تىك تۇرىدىغان  كىشلەر  ئەلۋەتتە  تونۇيدۇ  ، 500 مېتر يىراقلىقتىن ئات  ئۈستىدىكى  جەسۇر  قىياپىتىمىزنى  ئەمەس ،  مىسكىن ، غېرىپ قىياپىتىمزدىن  تونۇيدۇ .
    ئىلگىرى بىز  ئاتقا  مىنگەندە  چۆچۈپ  ئويغىناتتى ،  كۈدە -كۆپىسىنى  يۇغۇشتۇرۇپ  يىراققلارغا  كېتەتتى.
    بۈگۈنكى  كۈندە  كىشلەر  ئاسماندا  قاتناپ ، جاھان كىزىپ   يۇرسە ،  بىز  چۆچۈمىدۇق ،  ئويغانمىدۇق ،بىزنىڭ  ئۇيقۇمىزنى  كۈچلۈك  ئاۋازلارمۇ بۇزالمىدى. نىمە  ئۈچۈن؟
    بىزنىڭ  قۇلاقلىرىمىزغا  تەكلىماكان  قۇملىرى كىرىپ سىڭىشىپ  كەتكەن ، تەپسە  تەۋرىمەيمىز ، ئاڭ -تەپەككۇرىمىز  ئاستا  مىڭىمىز  قۇملىشىپ كەتكەن . 
    ئويلان ؟ 
    ئۇلار قايتا-قايتا   چۆچۈپ  ئويغانغان  يىراقلارغا كەتكەن  تۇرۇپ  ،  نىمە  ئۈچۈن  قايتا  چۆچۈمەستىن  ،
    مەغرۇرانە  قايتىپ  كىلىدۇ ؟  قايتىپ  كەلسىغۇ  مەيلىتى ،ئەمما  پۇتۈن  دۇنيانى  چۆچۈتۈپ قايتىپ  كەلدىغۇ؟ 
    كىشلەرنىڭ  چۆچىگىنىغۇ  ئورۇنلۇق ،   2000  يىل   بىر  يەرشارىدا  ياشاپ  چىراي  تۇرقۇنى ،ئىسمى  ،جىسمىنى   بىلمەيدىغان كىشلەرنىڭ  تۈركۈملاپ ئىشىك  ئالدىدا  پەيدا بولغىنىدىن  چۆچۈمەي  تۇرالمىدى.  ئويغانماي  بولمىدى، تۈن  ئۇيقۇسىنى  بۇزۇپ  قۇياشتىن  بۇرۇن  ئويغىنىدىغان  بولدى.
    بىزلەرچۇ ؟ 
    چۆچۈمىدۇق ، ئويغانمىدۇق ،پەرۋا  قىلىپمۇ  قويمىدۇق ، ياق  ئەمدى دىققەت  قىلىشقا  باشلىدۇق .
    بىز  نىمشقا  چۆچۈيتۇق ، بىز  ئۇلارنى  يىراقلارغا  كەتكۈزىۋىتەلىگەن تۇرساق ، قايتا  كەلسە نىمە  بولىدۇ .
    بىز  ئويغانمىدۇق ، ئۇلارمۇ  بىزنى  ئويغاتمىدى ، تېخى  ئۈستىمىزگە  ئىللىقىنە  پاختىلىق  يوتقانلارنى  يېپىپ  قويدى .  بىز  ئەمدىلەتتىن  ئۇلارنى  كوچىلاردا تۈركۈم -تۈركۈم  كۆرگەندە دىققەت قىلىشقا  باشلىدۇق . 
    ئېتىزدىكى  بۇغدىيىمىز    ئازلىغاندا ،  ئۇچىمىزدىكى كىيىم  يېلىڭلىغاندا  چۆچۈدۈق ، يەنىلا  تاڭ سەھەر  ئويغانمىدۇق  .  ئەمما  كىشلەر  ئۆزىلىرىنى كېچىكتۇق  ،دەپ  ھېس  قىلىشتى . ئۇلار  چۆچۈش ئىچىدە قەلبى  دىلغۇللىقتىن  كېچىدكى  ئۆز  سايىلىرىدىن  چۆچۈيدىغان  بولدى.
    ئۇنداقتا  بىز  مۇشۇنداق  دىلغۇللۇق ،  چۆچۈش  ئىچىدە  نىمە  قىلىشىمىز  كېرەك ؟  ئۆزىمىزنى  دۇنياغا  قايتىدىن  تونۇتىشىمىز  كېرەكمۇ ؟  قانداق  تونۇتىمىز ؟
    ھازىر كىشلەرنىڭ  ھەممىسى  ئامىرىكا ،ياۋروپا، ياپونىيەنىڭ  ئىلغار تېخنىكىغا  ئىگە  ئىكەنلىكىنى  بىلىدۇ .
    بىز  دۇنيادىكى  دېڭىزغا ئەڭ يىراق  كىشلەر  تۇرساق  ،  ئۇلار  ئۆزىنى  بىزگە  قانداق  تونۇتتى؟  بىز  ئىلغار  تېخنىكىغا  ئىگە  ئەمەس  مىللەتلەرنىمۇ  تونۇدۇق ، ئۇلار قانداى  تونۇتتى؟
    جاۋاپ  ئىتايىن  ئاددى   تارقىتىش  ۋاستىسى ( ئىپتىدائىي تارقىتىش  ۋاستىسى ، سىفىرلىق  تارقىتىش  ۋاستىسى ، ئېلىكترونلۇق  تارقىتىش  ۋاستىسى ) . 
    بىز   نەچچە  مىڭ  يىل  ياشغان  بىلەن كۆزىمىزنى  ئاچقىلى  ئەمدىلەتتىن 30  يىللار  بولدى . ئۆتۈپكەتكەن نەچچە مىڭ  يىل بىز  ئۈچۈن  چۈشتەك ناھايىتى غۇۋا .  بىز  كۆزىمىزنى  ئاچقان  مۇشۇ  قىسقا  ۋاققىتلاردىمۇ   كىشلەر  قايتىدىن  يەنە  بىزدىن  چۆچىدى ،  ئەمما  ئىلگىرىكىدەك  يىراققلارغا كەتمىدى ،لىكىن  قولىمىزدىن  ئات قامچىسىنى  ئېلىۋالدى ،  ئۇلار  ئىلگىرى  ئۆزلىرىنى  چۆچۈتكەن  نەرسىنى  بايقاپ  قالدى .  بىز  پىيادە  مېڭىشقا  مەجبۇر  بولدۇ ق ،  ئۇلار  بىزنى  ئۇزۇن  يول  ماڭدۇرۇپ  ، ھارغۇزۇپ  ، ئۇيقۇنى كۆپ ئۇخلاتقۇزماقچى بولدى .  بىز  پىيادە بولغاچ  ئىلگىرى بىزدىن  چۆچۈگەنلەرنىڭ  ھېچقايسى  بىزدىن  چۆچۈمىدى .  ئۇلار  بىزنى  پىيادە  كۆرۈپ  پەرق  ئىتەلمىدى ،  چۈنكى  ئۆزىمىزنى  دۇنياغا  تونۇتقان  ۋاستە  ئۆزگەردى ،يۇقىرى   تىز  سۈرئەتكە ئەمەس ، تېخىمۇ  ئاستا  سۈرئەتكە پىيادە  مېڭىشقا  ئۆزگەردى. 
    ئۇلار  ئەكىسچە  ۋاستىسىنىڭ  تىزلىكىدىن  پۇتۇن  دۇنيانى  چۆچۈتتى ، ئۇلار  سۇرئىتىنىڭ تىزلىكىدىن  قىتئە ، پىلانىتلارغا  يەتتى .
    ئەيتاۋۇر  ئەجدىھار  مىڭ يىللىق  ئۇيقۇسىدىن  ئويغانسا  ئاسماندا  ئۇچۇپ  يۇرسە  كېرەك .   
    بىز  30  يىل  جەريانىدا ،بىز بىلەن  قېنى بىر تۈركىي  مىللەتللەردىن باشقىللارنى ، ئارگىنتىنا،  بىرازىلىيە  بىرقىسىم لاتىن  ئامىرىكىسى دۆلەتلىرىنى  سامبا  ئۇسۇلى ،  پۇتبول تەنھەركىتى ئارقىلىق ،  گېرمانىيە ، ياپونىيەلەرنى دۇنيا  ئۇرۇش  قوزغۇغۇچىللىرى  ۋە  داڭلىق  ماشىنىلىرى بىلەن  ،نىگىرلارنى  ئافىرىقا  ئۇسلۇبىدىكى  سەنئەت ، ئامىرىكا  ۋاسكىتبول  بىرلەشمىسى ،ئولىمپىك  يۈگىرەش مۇسابىقىسى ، يەھۇدىلارنى  ئەرەبلەر بىلەن ئوتتۇرا  شەرقتىكى «ئىناق»مۇناسىۋىتى بىلەن  تونۇدۇق ، ھەممىسى  تىلۋىزىيە ، رادىئيو ،گېزىت  ژۇرنال  ھەرخىل  كىتاپ قاتارلىق تارقىتىش  ۋاستىسى  ئارقىلىق  تونۇدۇق .    ئىپتىدائىي  تارقىتىش  ۋاستىلىرىدە  نەچچە ئون يىل ، نەچچە ئەسىر ۋاقىت  كەتكەن بولسا ،  ئىلىكتىرونلۇق  تارقىتىش ۋاستىلىرىدە   كۈن - ھەپتە ۋاقىت  كېتىدىغان  بولدى ،  تور تەرەققىياتىنىڭ  تىزلىشىشىگە  ئەگىشىپ  سىفىرلىق  تارقىتىش  ۋاستىلىرىدە   24  سائەت  ۋاقىت  ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا  تارقىلىپ بولىدىغان  بولدى .
    قايتا سوئال مىللەتنى  دۇنياغا تونۇتۇش  زۆرۈرمۇ؟
    ياق .   دەل  ھازىرقى  سىفىرلىق  تارقىتىش  ۋاستىلىرىدە  ئۆزىنى  تونۇتۇشقا   كۇن  كەتمەيدۇ ،   بىرەر  دوكتۇرىمىز   دۇنيا  خاراكتىرلىك  مۇۋاپىققىيەت  قازانسا  بولدى ، لىكىن  ھازىرقى  شارائىتتا  ئۆزىمىزنى  تونۇتۇش  بەك  جىددى  زۆرۈر ئەمەس .  بىز  ئۆزىمىزنىڭ  تەرەققىياتى ئارقىلق مەۋجۇدلىقىنى  ئىسپاتلاش  ئەمەس ، ئۆزىمىزنىڭ  ئەنئەنىۋىي  مەدەنىيىتىنى  ساقلاپ  قېلىش ئارقىلىق ئۆز  مەۋجۇدلىقىمىزنى  ساقلاپ  قېلىشىمىز  كېرەك .
    سىز  ئۆز تومۇرداشلىرىڭىز ئاز بولغان يات ئەللەردە ياشاش  ئارقىلىق  ئۆز  خاسلىقىڭىزنى  بارا-بارا  ئۆزگەرتىشىڭىز مۇمكىن .باشقىلار  سىزنى   كۆرۈپ «سەن كىم »دەپ سورىسا ، سىز  بىر  ھازا  چۈشەندۇرسىڭىزمۇ ، كىشلەر  پەرقلەندۈرەلمەي  كىتىپ قېلىشى  مۇمكىن ، لىكىن  سىز  ئۆزىڭىزنىڭ  كىملىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرەلمىگەنلىكىڭىز  ئۈچۈن  خورلۇق  ھېس  قىلىشىڭىز  مۇمكىن ، ئەمما  سىزنى  يات  ئەللەردەئۆز تومۇرداشلىرىڭىز  كۆرسە سىزگە  ھېسداشلىق قىلىشى مۇمكىن ، ئۇ ۋاقتىمۇ سىز  ئۇلار نىڭ  قىزغىن خوشال كەيپىياتلاردا  ياشىغىنىنى كۆرۈپ  ئۆز ئىچىڭىزدە ئوڭايسىزلىنىسىز . 
    كىشلەر  سىزنىڭ ئەجدادلىرىڭىزنىڭ  قىياپىتىنى  ئۆز  زىمىنىدا  مۇزىيلاردا  كۆرگەن بولىشى  مۇمكىن ،  ئەمما  سىزنىڭ  يۇرۇش -تۇرۇش ،كىيىم-كېچىكىڭىز  ئۇلار كۆرگەندىكىگە  ئوخشىمايدۇ ،ھەتتا  سىزنىڭ  بىر  قانچە  ئەسىر ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىڭىزمۇ  سىزنى كۆرۈپ  پەرق  ئېتەلمەيدۇ .  بۇنىسى  ئەلۋەتتە  .  دەۋر تەرەققىي قىلدى ، كىيىم -كېچەك ئۆزگەردى ،گەرچە شۇنداق بولسىمۇ سىزنى ئەجدادلىرىڭىز  پەرقلەندۈرەلىسە  بولاتتى .
    بۇ  ئىنتايىن  تەس  ، تىپىك ئۇيغۇرلارنى  كۆرسە  پەرقلەندۈرمىسە  ،باشقىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ .
    بىز  مەۋھۇم  خىرىس  ئىچىدە  ياشاۋاتىمىز ، شۇنىڭ  ئۈچۈن  بىز  ئۆزىمىزنى  دۇنياغا  تونۇتۇشقا  ئالدىرىماي ، ئۆز  خاسلىقىمىزنى ساقلاپ  قالايلى . 
    سىز  ئۇيغۇر  ياۋروپا  ئامىرىكىدا چوڭ بولغان ئەجدادلىرىڭىزنىڭ  ماكانى بولغان  تارىم بوستانلىقىغا  تۇنجى قېتىم كەلدىڭىز  ، ئەمما  مەنمۇ  ئۇيغۇر  تۇرۇپ  سىز بىلەن  ئالاقە  قىلالمىدىم ، بىز  تارىم  بوستانلىقىدا  كەينى پۇتلۇق  ئىسلامنىڭ  تەسىرىدە  ئۇيغۇر تىلى ، نامازدا ئىشلىتىدىغان ئەرەپ تىلىدىن  باشقىنى  بىلمەيدىغان  بولۇپ قالدۇق ،لىكىن بۇنىڭدىن ھېچكىم  نومۇس  ۋە پەخىرلىنىش ھېس قىلمىدى ، سىز  بولسىڭىز  ئىلغار  پەن تېخنىكىلارنى ئۆگەندىڭىز  ،كۆپ خىل چەتئەل تىلىنى ئۆگەندىڭىز  ، ئەمما  كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز  زىمىنىڭىزغا قايتىپ  كېلىدىغانلىقىڭىزنى ،  ئانا مىللىتىڭىز بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچىرىشىدىغانلىقىڭىزنى  ئويلىمىدىڭىزمۇ ؟ ئۆز  تىلىڭىز  ئۇيغۇر  تىلىنى  ئۇنتۇلۇپ كەتتىڭىز . لىكن  سىز  بىرەر ئايلاردىن كىيىن ياشاۋاتقان ماكانىڭىزغا قايتىدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئانچە ئوڭايسىزلىنىش ھېس قىلمىدىڭىز .  بىزمۇ  ئاشۇ دىنى كىتاپتا ئېيتىلغاندەك  «ئوقۇ » نىڭ  تىگىگە  يېتەلمەي ، ئەتىدىن كەچكىچە  بەش نامازدىن باشقىنى ئوقۇمۇدۇق . (لىكن بۈگۈن كۆردۈم ،  ئەرەپلەرنىڭ  نەچچە خىل تىلدا  سۆزلىشىپ يۇرگىنىنى ، «ئوقۇ» پەقەت نامازنى ئەمەس ، ھاياتىڭدا ئۆگىشكە كېرەكلىك بولغان ، ئۆزۈڭ  ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئوقۇ . ) 
    يەھۇدىيلار  1948 - يىلى ئىسىرائىلىيەگە كېلىشتىن  ئىلگىرى  ،ئۇلار  نۇرغۇنلىغان شىۋەلىك بولۇپ قالغان ،ئۆزئارا پىكىر ئالاقە قىلىشتا قىينالغان  ، ئەمما  ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكى ئىسرائىلىيە دۆلەتىنى  قۇرۇشتىن ئىلگىرى مەدەنىيەتنىڭ تىپىكى بولغان تىلنى بىرلىككە  كەلتۈرگەن .
    چاقىرىق  قىلىمەن  : « سىز  نوبىل مۇكاپاتى ئالغىدەك تالانتلىق دوكتۇر بولۇڭ ، مىليون ، مىليارد پۇلى  كاتتا  سودىگەر ، ئالىي ئېنژىنىر  ، مەيلى نام شەرىپىڭىز  قانچىلىك داڭلىق بولسۇن ،ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىڭ !1!
    سىز  نوبىل مۇكاپاتى ئېلىش  سەھنىسىدە ئۆز  ئانا تىلىڭىزنى  خارقىلسىڭىز  بولمايدۇ ، گەرچە ئۇ يەردە ئىشلىتىلمىسىمۇ ،  كىشى سىزنى ئىشلەتمە دىمەيدۇ   بىر قانچە ئېغىز سۆز قىلسىڭىز . »
    سىز  ياشايدىغان ھاياتىڭىزنى ياشاپ بولدۇم دەپ  قارىشىڭىز مۇمكىن ، ئەمما  سىز  كىيىنكىلەرنى ،كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى ئويلاپ قويۇڭ . چوقۇم  شۇنداق  كۈنلەر  كېلىدۇ .  ئالدىنقىلار  كېتىدۇ  ،  يەنە  بىز  قالىمىز  . ئەجدادلىرىمىز   قانداق سەۋەپلەرنى باھانە قىلسۇن  70 -100يىل  ئىلگىرى  بىزلەرنىڭ  كەلگۈسىمىزنى  ئويلاشمىدى  .  لىكىن  بىز  كىيىنكىلەرنىڭ  كەلگۈسىنى  ئويلاشمىساق  بولمايدۇ  .

    كىشلەر  سىزدىن ،پەرزەنتىڭىزدىن كىملىكىڭلارنى سورىسا ،سىز دۇنيانىڭ  ھەرقانداق يېرىدە پەخىرىلىنپ تۇرۇپ  «مىللىتىم  ئۇيغۇر ، ئوتتۇرا ئاسىيا  تارىم بوستانلىقىدىن كەلدىم» دىيەلىشىڭىز كېرەك .
    ئۆز تومۇرداشلىرىڭىز  سورىسا پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىدا «مەن ئۇيغۇر ، تارىم بوستانلىقىن كەلدىم»دىيەلىشىڭىز كېرەك .     
    چوقۇم  شۇنداق  كۈنلەر  كېلىدۇ .  ئالدىنقىلار  كېتىدۇ  ،  يەنە  بىز  قالىمىز  .
    بارلىق  كىشلەر  ئۆز  خىزمەت ئورنىدا  ياكى  ئۆزىنىڭ  ئىقتىدارىنىڭ  يېتىشىچە  ئۆزىمىزنىڭ  تەخدىرى  ،  تۇرمۇشى  كاپالەتكە  ئىگە  بولغان  ئەھۋال  ئاستىدا  كىيىنكىلەرنى  ئويلاپ  قويايلى  . 
    ئەمما  بىزنىڭ  مىللىتىمىز  بىزنى  كۆپ  پۇل  باشقا  بالا  -  قازا  دەپ  ئۆگىتىدۇ  .  ئەمما  سىز  ئۆزىڭىزنى  تەكلىماككاننىڭ  قۇملىرىدا  قۇملىشىپ  كەتكەن  ، 15- ئەسىردىن  قېلىپ  قالغان  مۇرەككەپ  ئىدىيەلەر  ئارلاشقان  تەپەككۇر  بىلەن  مەسىلىنى  ئويلىماڭ ،  ھەر  قانداق  مەسسىلىنى  ئۆز  ئىچىگە  ئالىدۇ  .   سىز  ئاق  تاماكا  سېتىپ  كىشلەرنى  زەھەرلەپ  ئۆلتۈرمىسىڭىز ،  قىزلارنى يالىڭاچ  سېتىپ  مىللەتنىڭ  يۈزىنى  خار  قىلمىسىڭىز   ،  ئەقلىي  ئىىقتىدار  ئارلاشقان  تەۋەككۈلچىلىق  ،بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ  نەزەرىدە ئازراق ھالال  ئەمەس  ئارلاشىقان  بولسىمۇ  ،سىز  كونا  ئىدىيەلەرنى  بىر  چەتتە  قالدۇرۇپ  ئەسەبىيلەشمىگەن  ئەھۋال  ئاستىدا   سىناپ  بېقىڭ .
    بىزنىڭ  مىللىتىمىزدە  ئاتۇشلۇق  ،  غۇلجۇلۇق  ،  خوتەنلىك   100  مىليون  پۇلىسى  بار  كىشلەر  ناھايىتى  نۇرغۇن  ئەمما  زاۋۇت ،  شىركەت  بىر -ئىككى ، سىلەر  دۇنيادىكى  داڭلىق  بايلارغا  ، داڭلىق  كۇلۇپلارغا  ھەۋەس  قىلىسىلەر ،  ئەمما  ئۇلارنىڭ  پۇل تېپىش  ئۇسۇلىغا  دىققەت  قىلمايسىلار  .  بىزدە  ھېچكىم   زامانىۋىي  بولغان  ئېلىكتىرونلۇق  سودا ،  بىنالاشقان    مۇقىم  رايونلوق  سودا ،   زەنجىرسىىمان   سودا  بىلەن  شۇغۇلىنىدىغانلار  يوق  .    ياۋروپا   ئامىرىكىلىقلار   بىر   دوللار  ،   0.5  دوللار  پايدا   ئېلىش  ئېھتىماللىقى  بولسا (ھەتتا  ئۇنىڭدىنمۇ  تۆۋەن  )غايەت زور  مەبلەغ   سېلىپ   بىر  كۈندىلا   ئۈنۈمىنى  كۆرىدۇ  .  ئەمما  بىزلەرچۇ  سىزگە  بىرسى  ماۋۇ  خىلدىكى  پايچېك  سودىسى  ياكى  باشقا  بىر  ئېلىكتىرونلۇق  سودىدا  10  سومدىن  ھەسىلەپ  پايدا ئالغىلى  بولىدۇ  دىسىمۇ  ھېچكىم  سىناپ  بېقىشقا  جۈرئەت  قىللالمايدۇ  .
    سىز  ئۇ  پۇللارنى  ئۆلگەندە  گورغا  ئەكەتمەكچىمۇ ،توغرا   پەرزەنتىنى  تەييار  تاپ  قىلىپ   مىراس  قالدۇرىمەن  .
    يوقالسۇن   پەرزەنتلىرىگە  مىراس  قالدۇرۇش!
     
    سىز  تىلۋېزور  كۆرىۋاتىسىز  ،  چەتئەللەرنى  سەيلى  ساياھەت ، زىيارەت  قىلىۋاتىسىز   .   ئاق   بولسۇن   قارا بولسۇن  پۇل  ھەققىقەتەنمۇ  قۇدىرەتلىك  ،   ئاچلىقتىن  كۆزىدە  ياش  توختىمىغان  بەش  ياشلىق  بالىنى  يىغىدىن  توختىتالايسىز  ،   سوغۇق  قەھىرىتاندا  ئۆز  ئۆيىدىمۇ  توڭلاپ  دۈگدۈيۇپ  ئولتۇرغان  كىشلەرنى  ئىسىندۇرالايسىز  ،  ئۈرۈمچى  دۆڭككۋرۈكتىكى  بىر قارىسا  ئەنئەنىۋىي  قەدىمىي  مەدىنىيەت  بىر  قارىسا ئىپتىداپىي  مەدەنىيەتسىز  سودا  ھالىتىدىكى  رەت  تەرتىپسىز  شەھەرلەرنى  تۈزىيەلەيسىز   (ياۋروپا ، مىسىرلارنىڭ   شەھەرنىڭ  شەرىق  تەرىپى  10-ئەسىر تۈسىدە ، غەرب  تەرىپى  ھازىرقى  زامان  تۈسىدە مانا  بۇ  ساياھەت  بايلىقى ،مەدەنىيەت  بايلىقى  )   مېنىڭچە  ھېتلىر  (گېتلىر)   يوقىتلمىغان  تىلەمچىلەرنى  يوق  قىللايسىز  (تىللەمچىسىز  ،  مەدەنىي  ،  ئىلغار  ،  ساپ  مىللەت  بولۇش  ئۈچۈن)  .   ئىلغار  بولغان  دارىلئاتاملارنى  ئېچىپ  ئاپەتتىن  سىرتتا  قالغان  باللارغا  ئانا ۋە  ئاتا  بولالايسىز . (ئاقسۇدا  دەريا  كۆپ  بولغانلىقتىن   ھەرقايسى   ناھيىلەردە  ھەر يىلى  5- دىن 7-  ئايغىچە  مەزگىلدە  يىللدا ئىككى  ئۈچ  قېتىم  چوڭ  كىچىك  كەلكۈن  كېلىدۇ ،  ئەمما  ئاۋۇ  كىشلەر  ئېلان  قىلمىغان  بىلەن  تارىم  ۋادىسىدا  دېھقان  تۇرۇپ  بۇگۈن  تاماق  يىمىسە  ئۆلۈپ  قالىدىغان ، بۈگۈن  يىسە  ئەتىگە  يوق  دېھقانلار  ئىنتايىن  نۇرغۇن ،  بىزنىڭ  ساخاۋەتچى  مىللىتىمىز  بۇيىل قېنى ئوخشاش  بولمىغان  ئاشۇ  كىشلىرىمىزگە  قان  ۋە يىللىكىنىمۇ  قوشۇپ  دېگىدەك  ئاتىۋەتتى،بۇلار  ئىلگىرى  مارالبېشىدا  يەر  تەۋرىگەندە  ،  كۇچا  دا تارىخىي  كەلكۈن  كەلگەندە ئارقىسىغا  قاراپمۇ  قۇيمىغانتى،ئۇلارنىڭ  يۈزى  ھەركۇنى  قۇياشقا  يۈزلىنىكلىك  ئىدى  ) 

    ئاخىرىقى  ئوچۇق   چاقىرىق   بىز  ئۈچۈن  ئۇنۋېرسىتتىنى  پۇتتۈرسەكمۇ  خىزمەت  پۇرسىتى  خېلى  تەس  .  كىشلەر  ئۆزىدىن  100 نى قوبۇل  قىلىپ  ئاندىن  سىزنى  قوبۇل  قىلمىسا  ،  كىشى  ئۆزى   بىرقازان  تاماقنى  سىزگە  بېرىپ  بالىسىنى   ئاچ  قويمايدۇ  ،  يېرىم  ئاچ  يېرىم  توقمۇ  قويمايدۇ . 
    مەيلى  سىز   ئاسپىرانتلىقتا  ئوقۇڭ  ،  دوكتۇر  بولۇڭ   ،  سودىگەر  ،  ئاددى  خىزمەتچى  بولۇڭ   ،    ئىلمىي  يۆنىلىشكە  قارىتا   ئىدىيىڭىزنى  ئۆزگەرتىڭ ،   ئالدىڭىزغا  كەلگەن  يىتىمنىڭ  كۆزى  يەنە  ياش  بولمىسۇن ،  سىزگە  داۋالىتىشقا  كەلگەن  كىسەل  پۇل  قىسىنچىلىقىدىن  قانسىراپ  ئۆلۇپ  كەتمىسۇن  .   مەسچىت    ئۈچ -تۆت  قەۋەت  ئىگىزلىكتە  ،   پەرزەنت  ئۆز  مىللىتىنىڭ  نامىنى  يازالمايدىغان  بولۇپ  قالمىسۇن ،    سىز  بەش نامازنى  ياۋروپالىقلارچىلىك  دەل ۋاقتىدا  ، ئۆز  ئورنىڭىزدا  ئورۇندىيالمايسىز   ،  مەسچىت  تاللاپ  ، قازاناماز  ،  خېرىدار  كىلىپ  قالدى  دەپ   ھەممىنى  بىراقللا  كەچتە  ئوقۇيسىز  ،  يەنە  ھالال  ۋە  ھالال ئەمەس  دەپ  پۇلنى  ئايرىيسىز  ،  پۇلنى  تاپتىڭىز   بالىڭىز   قارا  ساۋات  ،  قولۇم  -قوشنىڭىز   نامرات  (ئاۋۇ  كىشلەردەك  پۇل  تاپقاندا  يۇرتلۇقۇڭنى  ئۇنۇتما دىگەننى  بىلمەيسىز )  مىللىتىڭىز  ئۇيغۇر  ھېيىت  بايراملاردا  بولسىمۇ  ئۇيغۇرلىقىڭىزنى  بىلگىلى  بولمايدۇ  (غەربلىك دەيسىز    بايرام  بولسا  پۇتۇن  دۇنيا  بىلگىدەك  يالڭاچ  بولسىمۇ  سامبا  ئۇسۇلى  بار  ) 

    دۇنيا  خەلقى  سىزنى كۆرمەي تۇرۇپ ياكى 500  مېتىر  يىراقلىقتىن  مىسكىن  ،  غېرىپ  ھالىتىڭىزنى  كۆرۇپ  ئۇيغۇرلىقىڭىزنى  پەرق  ئېتىش  ئەمەس  ،  سىزنىڭ  قەيسىرانە  روھىڭىزنى  كۆرۈپ  ئۇيغۇر  دېگىدەك  بولسۇن  .  ئەجدادلىرىمىز  ياۋروپاغا   كۈچلۈك  قىلىپ  ئات  تاقىلىرى  ،   قاتتىق  ئۆتۈكلەردە  ئىز  تامغا  قالدۇرغان    ،  بارلىق  كىشلەر    ئىدىيىمىزنى  ئۆزگەرتىپ   ئالغا  قاراپ  ماڭايلى  .  (ياپونلۇقلار ئېيتقان:  خەير-خوش  ئاسىيا  )   بىز: « شەرققە  سىگىنال ،  بىز   قايتىپ  كەلدۇق »  دىيىشىمىز  كېرەك  .
     
    كىتاپ  ۋە  رومان  يېزىش  خىزمىتى  بىلەن  شۇغىلىنىدىغان  يازغۇچىلارغا   :  ئامىرىكا  يازغۇچىسى  ھىممىڭۋاي  ئېيتقان«يازغۇچىنىڭ   مەجبۇرىيىتى  جەمئىيەتتىكى  ئىشلارنى  پاش  قىلىش  ئەمەس  ،  جەمئىيەتكە  تەسىر  كۆرسىتىش  » 
     
    مەيلى  سىز  جەمئىيەتتىن  ئېھتىيات  قىلىدىغانسىز  ،  سىزنىڭ  ئېھتىيات  تۇيغۇڭىز  كۈچلۈك  بولسۇن  ،    سىز  ئىلگىرى  خام  ماتىرىياللار  بىللەن   يازغان   تارىخىي  رومان  ۋە  پوۋىستلار (نۇرغۇنلىغان  خاتالىق  يوشۇرۇنغان ، بۈگۈنكى  كۈندە  چەتئەل  كۈتۈپخانىلىرى  ،  مۇزىيلىرىدا  ساقلانغان  ،  ئەينى  ئۇرۇش  يىللىرىدا  ئىمزاللانغان  ھۈججەت  مەزمۇنللىرى  ئاساسەن  ئاشكارلاندى) كىشلەرنىڭ   ئىدىيىسگە  توغرا  بولسۇن  -خاتا  بولسۇن  تەسىر  قىلىپ  بولدى  ،  چۇنكى  سىلەرمۇ  كىتاپ  يېزىپ   جان  باقمىساڭلار  بولمايدۇ  (ھەممىمىز  بىلىمىز  ئۈرۈمچىنىڭ  50 -70 كۇۋادرات مېتىرلىق كىچىك  ئويىدە  جان  كەچۇرمەك  تەس) ،  ھەم  سىلەرنىڭ  يازغىنىڭلار  ئۆز  دەۋىرلىرىدە  خەلىقىمىز  تەرىپىدىن  نوبىل  مۇكاپاتى  بېرىشكە  تېگىشلىك  ئەسەر  دەپ  قارالغىدەك  دەرىجىدە  توغرىتى .  نىمە  سەۋەپ  بولدى سىلەر  يازغىدەك  راست  -يالغان تارىخمۇ  قالمىدىمۇ ،  «يازغۇچىنىڭ   مەجبۇرىيىتى  جەمئىيەتتىكى  ئىشلارنى  پاش  قىلىش  ئەمەس  ،  جەمئىيەتكە  تەسىر  كۆرسىتىش  » 
    سىلەر  مەجبۇرىيىتىڭلارنى  ئۇنتۇپ  يازىدىغان  نەرسە  تاپالماي  كارۋات  ئۈستىدىكى  ئىشلار  ،  قىزلارنىڭ  كىيىم -كىچەك  كىيشى  مۇشۇنداق  ئىشلارنى  تەسۋىرلەيدىغان  بولۇپ  قالدىڭلار  ،  (سىلەر  بۇ  ئارقىلىق  بۇلارنى  ئۆزگەرتمەكچىمۇ )   
    سىز  مەيلى  قانچىلىك  داڭلىق  يازغۇچى  بولۇڭ  مەيلى   مەن  سىلەرگە  ئېنىق  ئەسكەرتىپ  قوياي  .
    سىلەر  بوۋام  باققان  ئۆي  ھايۋانلىرىغىمۇ  يەتمەيسىلەر  . 
    دېھقان  بوۋامنىڭ  ئېغىلىدىكى  ئېشىكى  ئەتگىنى  بىر  ھاڭراپ  كىشلەرنى  ئويغىتالايدۇ .  شەھەرلىك  بوۋامنىڭ كاتىكىدىكى  خوراز مۇ   ئەتگىنى  قىچقىرىپ  ئويغىتالايدۇ ،  تېخى  ۋاقىتىن  بەلگە  بېرەللەيدۇ . 
    شۇنچىللىك  دەبدەبىلىك  تەخەللۇسلارنى   قويۇۋالغان  داڭلىق  يازغۇچى  نامسىز  ئېشەكچىلىك  ، زۇۋانسىز   خورازچىلىك   رولىڭىز  بولمىسا   ،  ئالدى  بىلەن  ئاشۇ  تەخە للۇسىڭىزغا   يۈز  كېلەلەمسىز  ،   قولىڭىزدىكى  قەلەمگە  ،   بىر  چىرايلىق  يازغۇچىلىق  نامىڭىزغا  يۈز  كېلەلەمسىز  ، 
    سىز   ھەرگىز خەلقىڭىزگە  يۈز  كېلىشنى  ئويلىماڭ   ،   تارىم   بوستانلىقىدا  تۇغۇلغان  ،  ئاتا  بوۋىسى   ئورخۇن   دەريا   سۇيىنى  ئىچكەن  ھەرقانداق  شەخس  خەلقىگە  يۈز  كېلەلمەيدۇ .
     
    بوۋام :     قوپە   ئىشەك  ،  ئويغان  ،  قۇياش  كۆتىرىلدى  ،    ئويغىنىدىغان  ۋاقىت  بولدى .
    مومام:     ئوغلۇم    ئويغان   ئىشەك  ھاڭراپ  ،  خوراز   چىللاپ  بولدى . 
                  ئىشىك  ئالدىدىكى    ئىگىسىز  سەھەر  ئىتلىرىنى   ھەيدە    

     

       

    تىل دەشنامدىن تويغان ئەرلەر  چۆچۈپ كەتمەيدۇ

    غۇۋا شامدىن چىققان نۇرلار يورۇپ كەتمەيدۇ

    ..............  


    收藏到:Del.icio.us




    تەگلىك :
    نەقىل ئادىرىسى :