2010-04-17
قوپە ئويغان ، قۇياش كۆتىرىلدى 4
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62268531.html
قوپە ئىشەك ، ئويغان ، قۇياش كۆتىرىلدى 4
مەن ئەسلى ۋاز كەچمەكچىتىم ، پەقەتلا بىر سەۋەپ سىلەرگە ئوخشاش ئويلىدىم شۇنى «ئەگەر ناپالىئون تارىم بوستانلىقىدا تۇرغان بولسا بىر كۈن ، جۈرئەت قىلالمىغان بولاتتى مۇنداق دىيىشكە :
"En ce monde, rien n'est impossible" (فىرانسۇسچە).»
ئەمما 20 ئەسىرنىڭ ھايات ناپالىئونى (Michael Jackson)مىخائىل جېكسون 1984 - يىلى ئاق سارايغا كىرىپ رىگان بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى قارا تەنلىك سالايىتىگە ئېرىشكەندە كىشلەر 24 يىلدىن كىيىنكى ئامىرىكىنىڭ بۈگۈنىنىڭ كىلىشىنى ھازىرقى دەرىجىدە ئويلاپ يىتەلمىگەندى . ئۇ ئېيتىپ بەردى بىزگە ، ئۆز تېنىنى نابۇت قىلىپ ، قارا تەنلىك ئەلباشى ئوبامانى كۆرسىتىپ "In this world،nothing is impossible" (ئىنگىلىزچە.)
شۇڭا مەن دىمەكچى سىلەرگە ئانىسى چوڭ بولغاندا "ئەر" بولسۇن دەپ تۇققان ئەركەكلەر ئالدىراپ دىمەڭلار "مۇمكىن بولامدۇ" (ئۇيغۇرچە.)
سۈرئەتتە يەنە بىر كۆرىنىش كامدەك قىلىدۇ . "In this world،nothing is impossible
ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بەدەللەرنى تۆلەپ ئېرىشىلگەن نەتىجە : "مارتىن لۇتتىر ، نىلسون ماندىلا ،مايكول جىكسون ، ئوباما " بىرلىكتە كىرىشتۈرۈلگەن سۈرئىتى .
تەپەككۇرىڭىز ، ئىدىيىڭىز ئۆزگەردى ، ئالاھىدە سانلارنىڭ ئۆز بىلىمىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ ، ئىشلىتىپ يېڭى بىر ئويغىنىش بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆردىڭىز .
ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن " ئۈزلۇكسىز تۇردە بىلىم ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ يىتىشتۇرۇپ چىقىش ، رايونىمىز مىللىي ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتىرىش ، مىللىتىمىزنىڭ قۇدىرەت تېپىش ، تەرەققىي قىلىش يولىدا ئىزدىنىشتىن سىرت مىللىي خاسلىقىمىزنى ، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىمىزنى ، تىل - يېزىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ئويغىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈش " تە ئەڭ ئالدى بىلەن مىللىي ھېس تۇيغۇ بولىشى كېرەك .
چۈنكى دىن بارلىققا كەلمىگەن ، ھەققىي مەنىدىكى مائارىپ مەۋجۇت ئەمەس ئىپتىدائىي ، قۇللۇق دەۋىرلەردىمۇ ئىپوس ۋە خەلق داستانلىرىدا تەسۋىرلەنگەن شۇ دەۋىرنىڭ ئۇلۇغ قۇدىرەتلىك مىللەتلىرى بار بولغان . پەقەت بىرلا جاۋاپ ئاشۇ مىللەتنى ئۆز زامانىسىدا ئۇلۇغ قۇدىرەتلىك مىللەتكە ئايلاندۇرغان نەرسە مىللىي ھېس تۇيغۇ ئىدى . ئۇلارنىڭ مىللىتىنى سۆيىشى ، مىللىتىنىڭ بارلىق نام - ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش روھىي ، جەڭگىۋار ،جۇشقۇن روھىي باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئىدى خالاس .
مىللىي ھېس تۇيغۇنىڭ بىر مىللەتنىڭ قۇدىرەت تېپىش ، تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم رولىنى بىز تونىغان ۋە دۇنيا ئىتراپ قىلغان 78% لىك تەرەققىي قىلىش ۋە ئۇلۇغلۇققا ئىرىشكەن ، دۇنيادىكى يەھۇدىي ، گېرمان مىللىتى ، ياپون مىللىتى ، ئامىرىكا ئىنگىلىز مىللىتى ، روس مىللىتى ، خەنزۇ مىللىتى ۋە شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە قۇدىرەت تېپىشقا ئېرىشەلمىگەن ئەرەب مىللىتى . ( كىيىنكى مەزمۇنلاردا ئۈزلۈكسىز مۇشۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخي سېلىشتۇرۇلدۇ).
<1> يەھۇدىيلارنىڭ ھازىرقى مىللىي ھېس تۇيغۇسى
2000يىللىق سۈرگۈن قىلىنىش ، خارلىنىش ، قىز - ئاياللىرىنىڭ خورلىنىشى ، پۇل -بايلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز بۇلىنىشى ، 6 مىليون يەھۇدىينىڭ ئۆلىشى (ناھايىتى نۇرغۇنلىرىنى ۋە ئىلگىرىكىلىرىنى سىز تىلۋىزىيە گېزىت - ژۇرناللاردا رىئال سۈرئىتىنى كۆرمىگەن) بۇ جىنايەتنىڭ باش جاۋابكارى ئەرەبلەر دەپ قارىغان يەھۇدىيلار بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ خورلىنىشلارنى قايتا كۆرمەسلىك ئۈچۈن ئۆز زىمىنىنىڭ تۇپىرىقىنى سۆز بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە سۆيىدۇ . 1948- يىلى يەھۇدىيلار ئىسرائىل زىمىنىغا قايتىپ كەلگەندە بارلىق كىشلەرنىڭ تۈنجى قىلغان ئىشى يۈزلىرىنى يەرگە يېقىپ تۇرۇپ كۆرمىگىلى 2000 يىل بولغان ئىسرائىل تۇپراقلىرىنى سۆيۈپ كەتكەن . (تارىختا باشقا مىللەتلەردە بۇخىل سۆيۈش ئىنتايىن ئاز ئۇچىرايدۇ . سىز ئايروپىلاندىن چۈشۈپ تۇنجى بولۇپ ئانىسىنى قۇچاقلىغىنىنى ، سۆيگىنىنى كۆرگەن ، ئەمما ئۆز كۆزىڭىز بىلەن تۈنجى بولۇپ ئۆز ئانا تۇپىرىقىنى سۆيگەن ئادەمنى كۆرمىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن ) .
<2> گېرمانلارنىڭ ھازىرقى مىللىي ھېس تۇيغۇسى
گەرچە " گېرمان "بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇيۇشۇش ، ئىتىپاقلىشىش بولمىسىمۇ ، ئەمما گېرمان مىللىتى مىيۇنخىن ئورمانلىقلىرىدەك
ئىتىپاق ، ئىناق ، توپلىشىپ ياشاشنى ئاساس قىلغان بىردىنبىر ياۋروپا مىللىتى . ( ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئولتۇراقلىشىپ قالمىغان بولسىلا ، سىز دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئولتۇراقلاشقان گېرمانلارنى ناھايىتى ئاز ئۇچىرىتىسىز ) .
ئادولىف ھېتلىرنىڭ مىللىي ھېس تۇيغۇسى : ئەگەر دۇنيادا يەھۇدىيلار يوقىتىلسىلا ، ئۇلۇغ گېرمان مىللىتى دۇنياىكى ئەڭ قۇدىرەتلىك مىللەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ، ئۇ گېرمان مىللىتى شۇقەدەر سۆيەتتىكى گېرمانىيە ۋە گېرمان مىللىتىنىڭ قۇدىرەت تېپىشى ئۈچۈن ھېچ ئىككىلەنگەن ئەمەس ، ھەرقانداق ۋاستىنى قوللىناتتى .(ئەگەر يەھۇدىي مىللىتى يوقىتىلسا ، (1) بۈگۈنكى كۈندىكى ئىقتىسادىي ، سىياسىي ، دىپلوماتىيە ، ھەربىي جەھەتتىكى ئۇنۋىرسال دۆلەت كۈچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ئامىرىكا بولمىغان بولاتتى . (2) دۇنيادا نوبىل مۇكاپاتى ئېلىش سانى ئەڭ كۆپ مىللەت يەھۇدىي بولمىغان بولاتتى .....(3)بۈگۈنكى كۈندە كىشلەر نەزىرىدە قۇدىرەت تاپقان مىللەت يەھۇدىي ئەمەس ، بەلكى
گېرمان مىللىتى ، ئورمان مىللىتى بولغان بولاتتى ....
<3>ياپون مىللىتىنىڭ ھازىرقى مىللىي ھېس تۇيغۇسى
ياپون مىللىتىنىڭ ئۆز مىللىتىگە نەقەدەر سادىق ،ئەجدادىنى ھۆرمەتلەش ئىدىيىسىنىڭ كۈچلۈك بولىشىنى ياپون مىللىتىنىڭ ساموراي روھىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .
ئۆز مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىش روھىي دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ دىيىشكە بولىدۇ . بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇرۇش جىنايەتچىسى ئەجدادلىرىنى تاۋاپ قىلىشنى ئۇنتۇلۇپ قالمىدى .ياپون مىللىتىنىڭ ئامىرىكىنى كەلگۈسى ۋاقىت جەدىۋىلىگە كىرگۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان مىللىي ھېس تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ قورقۇنۇشلۇق "مۇلايىم دوستلۇقى" ، ياپون مللىتىنىڭ بازغاندەك تەككەن ئىككى مۇشتنى ئۇتۇلۇپ قالمىغانلىقى ، (نىيويورىك ياكى ۋاشىنگىتون) بۇ شەھەردە ياپونلۇقلار
چوڭ ھەجىملىك غەربىي ۋە شەرقىي يېرىم شارغا ئايرىلغان بىر گىلۇبۇس ئورناتقان بولۇپ ، بىر تەرىپى ئامىرىكا خەرىتىسى ،
بىر تەرىپى ياپون تاقىم ئارىلى ناگاساكى ۋە خروسما ، ياپونلۇقلارنىڭ قەلبىدە بۇ شۇنى چۇشەندۇرۇپ بېرىدۇ : جىنايەتنىڭ
جازاسى بولىدۇ .
<4>ئامىرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئىنگىلىزلىرىنىڭ ئەجداد مىللىتى
كۆرىنىشتە ھېچقانداق مىللىي ھېس تۇيغۇغا ئىگە بولمىغان بۇ مىللەت كىشلىرىنىڭ ئەجدادىنى ھۆرمەتلەش ھېس تۇيغۇسى
قەلبىدە ئىپادىلەنمەستىن سىياسىي جەھەتتىن ئىيادىلىنىدۇ . پۇتكۈل مىللەتنىڭ ھوقۇق مەنپەتىگە ۋەكىلىك قىلىدىغان
ئەلباشىنى بېكىتكەندە ئىنتايىن ئەتىراپلىق ئويلىنىدۇ ۋە بىردەكلىككە ئىگە ، ئاسان گوروھلىشىۋالمايدۇ . ئەجدادلىرىنىڭ يولىدا مېڭىشنى ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ ، تارىخ ئۆزگىرىپ ، زامان تەرەققىي قىلسىمۇ تۈنجى سىياسىي ئەجدادى ۋاشىڭگىتون
كۆرسەتكەن يولدىن ئاساسەن چەتنىمىدى . جورجىي ۋاشىڭگىتون :"novus ordo sedrum".
< 5> روس مىللىتنىڭ ھازىرقى مىللىي ھېس تۇيغۇسى
ئىنتايىن چېچىلاڭغۇ ، خەلق مەنپەئەتى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنگەن ھاراقكەش روس مىللىتىنىڭ مىللىي ھېس
تۇيغۇسى يەنىلا جەڭگىۋارلىق ، ھۇشيارلىق ، ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە ئىتىپاقلىشىش . تارىختا ئەڭ چوڭ كۆلەمدە ئۈچ قېتىملىق ھايات - ماماتلىق ئۇرۇش سىنىقىنى بېشىدىن كەچۈرگەن نەچچە مىليون پەرزەنتىنى جەڭگاھلاردا قالدۇرۇپ كەتكەن
روس مىللىتى ئۆز روھىيىتىدىن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى يوقاتقان بولسىمۇ ، ئۆزىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ، تىز سۈرئەتتە ئىتىپاقلىشىش روھىنى تېخى يوقاتقىنى يوق ، ئەگەر ئۇرۇش بولسا روسلارنىڭ جەڭگىۋار روھىينى قايتا كۆرەلەيسىز .
<6> خەنزۇ مىللىتىنىڭ ھازىرقى مىللىي ھېس تۇيغۇسى
تىل-يېزىقىنىڭ ئوخشىماسلىقى ، سىرتقى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن پارچە - پارچە بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن
بۇ مىللەتنىڭ مىللىي ھېس تۇيغۇسى ئەجدادىنى ھۆرمەتلەش ، پارتىيىسىگە سادىق بولۇش .
ئەجدادىنى ھۆرمەتلەش جەھەتتە تارىخى ئۇزۇن دىيىشكە بولىدۇ . مەڭگۈ كۇڭزى تەلىماتى بويىچە ئىش كۆرۈش ، ئەجدادلىرى ئۈچۈن ھەركۈنى ھەرۋاقىت تاۋاپ قىلىش ، پارتىيىسىگە سادىق بولۇش جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئەزاغا ئىگە پارتىيەنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بۇ سانلار جۇغلانمىسىدىن قارىغاندا بۇلارنى يەنلا ئىناق - ئىتىپاق دىيىشكە بولىدۇ .
<7> قۇدىرەت تېپىشقا ئېرىشەلمىگەن ئەرەب مىللىتىنىڭ ھازىرقى مىللىي ھېس تۇيغۇسى
دىنى ۋە تىلى بىر بولسىمۇ شەخىسنىڭ خاھىشى بويىچە نۇرغۇنلىغان مەزھەپلەرگە پارچىلانغان ئەرەب مىللىتىدىكى (دىنىي مىللەت ) ئەڭ ئۇلۇغ مىللىي ھېس تۇيغۇسى ھەج تاۋاب قىلىش ، قۇربان ھېيىت ۋە رۇزى ھېيىت ، رامىزان ئايلىرىدىكى دىننىي پائالىيىتى . پۈتۈن دۇنيا بۇلارنىڭ مۇشۇ كۈن ۋاقىتلاردىكى دىنىي ئىتىپاقلىقىغا ھەۋەس قىلىدۇ ، ھەيران قالىدۇ .
ئەمما ئەرەب مىللىتى دىنغا ئاسىيلىق قىلدى دەپ قاراپ يەھۇدىيلارنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ماكانلاشقان زىمىندىن ھەيدىۋەتكەندىن كىيىنكى مەزھەب ئايرىمچىلىقى ( بىر پۇتۇن دىننى پارچە -پارچە بۆلەك ، مەزھەبلەرگە ئايرىش جىنايىتى) ئۇلارنى سەرگەدان بولۇش ، يىتم -يىسىرلارغا ئايلىنىش ، خارلىنىش ، قىز - ئاياللىرىنىڭ خورلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى .
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرەب مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىسلامنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن ئىلگىرىكى زەئىب ،پەسكەش ، جاھالەتلىك دەۋىرلىرىنى ئەسلەتتى .
<8> ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھازىرقى مىللىي ھېس تۇيغۇسى
گەرچە " ئۇيغۇر"سۆزنىڭ مەنىسى ئۇيۇشۇش ، ئىتىپاقلىشىش بولسىمۇ ، يۇرتۋازلىق ، ئۇرۇش ۋە ئىنقىلاب سەۋەبىدىن پارچە - پارچە بۆلەك ۋە گوروھلارغا پارچىلانغان ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ ھېس تۇيغۇسى يەنىلا (1) سىرتقى دۇنياغا ئىنتىلىش ، قورغان سىرتىدىكى بارلىق شەيئى ۋە ھادىسلەرنى كۆرۈشكە ، شۇغۇللىنىپ بېقىشقا قىزىقىش ، ئىشەك تۇكى بولسىمۇ سىرتقى دۇنيانىڭ بولسىلا ئۆمىرىدە بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىش ، تۇتۇپ سىلاپ بېقىش ،(2)ئەمما ئۆز ئانا -تىل يېزىقىنى سۆيمەسلىك ،ئۆزىدە بار بولغان مەدەنيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەسلىك ، ئەجداد روھىنىڭ رىئال تۇرمۇشتىكى ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەلىك ، ئەجدادلار روھىيغا سەل قاراش ، ئەۋلاتلار ئۆز ئەجدادىنىڭ قايسى روھىيدىن پايدىلىنىشنى بىلمەسلىك ، (3) ئۆزىنىڭ تارىخىغا سەل قاراش ، نىمە ئۈچۈن قايتا - قايتا ئوخشاش تارىخ قىسمەت ۋە كەچۈرمىشلەر كىلىپ چىققان ،كەلگۈسى تارىخدا قانداق قىسمەت ۋە كەچۈرمىشلەر ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ (4) دىنىي بايرام ( قۇربان ھېيىت ، رۇزا ھېيىت )لارغا ئىتىبارسىز قاراش ، ھۆرمەت قىلماسلىق ، ئەنئەنىۋىي بايرام (نورۇز ...) پائالىيەتلىرىگە سەل قاراش ، ئۈزلۈكسىزلىكنى ساقلاپ ماڭماسلىق (5) پۇتۈن گەۋدىسىنى روھىي كىسەللىك ۋە روھىي مەجرۇھلۇق ئىگەلىۋېلىش ، جىسمانىي ، ماددىي جەھەتتىن پارچە-پارچە بۆلەكلەرگە بۆلۈنگىنى ئاز كەلگەندەك روھىي جەھەتتىن قۇم - تۇپراق كەبى پارچىلىنىش ، ئەڭ كىچىك پارچە بۆلىنىشنى ئىزدەش
(6) ئۆزلىرىنىڭ يەككە يۇرت -ماكانلىرىنى تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە سۆيۈش ، ئەگەر بىرەرسى يۇرت - ماكانىغا
تىل ھاقارات قىلسا ، قانداق كىشى بولىشىدىن قەتئىي جىسمانىي جەھەتتىن يارلاندۇرمىغىچە ۋاز كەچمەسلىك ، ئەمما
پۇتۇن بىر ئانا زىمىنىنى يۇرت - ماكانىنى سۆيگەنچىلىك سۆيمەسلىك ، قانداق بىر مىللەت ، قانداق بىر شەخس ئانا زىمىنىغا
تىل ھاقارەت قىلسا ، زىيان زەخمەت يەتكۈزسە ، ئۆزلىرىنىڭ يۇرت - ماكانلىرىغا تەسىرى بولمىسىلا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ، كارى بولماسلىق ، (7) دوكتور ، يازغۇچى ، ئەدىب ، ئالىملىرى ، سىياسىئونىلىرى ،تىلشۇناسلىرى 100 خىل تىلنى ، نەچچە مىڭ
يىل ئىلگىرىكى تىللارنى بىلگىنىدىن ، ئۆگىنىۋاتقىنىدىن ، تەتقىق قىلىۋاتقىنىدىن پەخىرلىنىش ، پۇتۈن بىر مىللەتنڭ ئون مىڭ ، يۈز مىڭ تالانىت ئىگىسىدىن ئەمەس بەلكى مىليونلىغان ، ئون مىليونلىغان ساۋاتسىز بالىلار ، ساۋاتسىزلىققا يۈزلىنىۋاتقان بالىلار ، ئاددى ئىشلەمچى ، دىھقان ، تۆۋەن تۇرمۇش قاتلىمىدىكى نامرات كىشلەر توپى ، ئۆلۈپ كەتكەن ئەجدادلىرىنىڭ
قېنى ئارقىلىق بىر مىللەت بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلماسلىق ، ئۆزىدىن مەلۇم مەنىدە بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغان ئاشۇ كىشلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ، (8) يەككە ھالدا نام-مەنپەئەت ، پۇل-بايلىق ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاستە ۋە شوتا بولسا
پايدىلىنىش بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ نام - مەنپەئەتىنى قۇربانلىق قىلىش ، زىيانغا ئۇچىرىتىشتىنمۇ يانماسلىق ، يەككە ھالدا
مىليونىر ، مىليادىرغا ئايلىنىش ، ئۆزىنىڭ پۇلدارلار قاتارىغا ئۆتكەنلىكىنى يىراق يۇرت -ماكانلىرىدىكى يۇرتداشلىرىغا بىلدۈرۈش
ئۈچۈن تىلۋىزىيە ، گېزىت -ژۇرناللاردا تۈمەنلىگەن بايلىقلارنى سەرپ قىلىپ ئېلان بېرىشتىن ۋاز كەچمەسلىك ، ئەمما يۇرت -
ماكانلىرىدىكى يىتىم - يىسىر ، يوقسۇللارغا "ئنئام " بەرمەسلىك (9) ھوقۇق -مەرتىۋە ، نام مەنپەئەت ئۈچۈن تۆر تاللىشىش ،
ئەگەر شۇنداق كۈنلەر كەلسە تۆردە ئولتۇرغۇدەك كىشى بولماسلىق (10)........
قالغىنى سىزنىڭ ھېس - تۇيغۇڭىز ، يۇرىكىڭىزنى تۇتسىڭىز ، ئۇ سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ ، ئەمما ئاۋازسىز ، سېزىمسىز بىر خىل ھېس تۇيغۇ ،ئۇ كۆك ئاسماندا ، يىراق دەريا بويىدا ........
历史上的今天:
随机文章:
收藏到:Del.icio.us