2010-04-17

    Her şey vatan için ھەر شەيئى ۋەتەن ئۈچۈن، - [تەرجىمە يازمىلار ]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62299480.html

    تەرجىمىنى رەشىد بىلوگى باشقۇرغۇچىسى تەمىنلىگەن .

     http://reshid.blogbus.com/ 

     

    Her şey vatan için
    can için canan için
    Göz kırpmaz can veririz
    Bir karış toprak için

    Affet beni anne geri dönemedim diye kızma bana
    sakın ağlama diyecem biliyorum dinlemeyeceksin
    Bir tanecik oğlunu nasıl topraga vereceksin
    hele bir sil göz yaşını beni dinle
    bu işe aslında en cok sen sevineceksin
    hani hep kızardınya kılmıyorsun okumuyorsun diye

    he heyy
    Oğlun Peygamber efendimize komşu oldu anne
    hani hep kızardınya kılmıyorsun okumuyorsun diye
    bu işe aslında en cok sen sevineceksin sen sevineceksin Anne
    Bak baba başın öne eğilmesin üzülme ağlama
    Bu yolda dönmekte vardı şehit olmakta

    Bu millet yüzyıllardır böyle böyle yaşar
    Biz bunu Biliyoruz ve biz böyle yaşamayı seviyoruz
    şimdi sen keşke ben Kıbrıs'tan dönmeseydimde
    Sen Hakkari'den dönseydin diyorsun
    Fevri davranıyorsun baba
    Şu an evlat acısıyla konuşuyorsun

    Neler kacırdıgını bilmiyorsun baba
    He bu arada belki inanmıyacaksın belki bana
    Dedemle tanıştım burda Çekez Ali
    Hani şu gelibolu tabiyasından
    sen ölüm sana hiç yakışmadı diyorsunya
    Dedem bizede bu yakışır diyor hep bana

    Her şey vatan için
    can için canan için
    Göz kırpmaz can veririz
    Bir karış toprak için

    Çocuklar sana emanet Ayşe
    http:&&www.yusuftan.com
    Kadınım dünyam sevdigim herşeyim
    Çocular sana emanet bundan böyle
    belki şimdi bana biraz kızarlar
    Babam neden bırakıp gitti diye
    Çocuk işte aklı ermezki şehadet mertebesine

    Babalar gününde babama götür onları
    ogün babama baba desinler
    Biraz daha akılları ermeye başladıgında anlatırsın
    Benim babam bir kahramandı desinler
    Biraz daha büyünce anlat onlara olanları
    Benim babam bir kahramandı desinler

    Sana gelince gülüm biliyorum yüreginin yangınlarındasın
    25 yaşında 2 cocukla bir başına kalmışlıgına kırgınsın
    Şimdiye kadar bir yüzünü güldüremedim biliyorum
    Sana alabildigim bir alyansım var sadece parmagında
    Şimdi giderken sana ülkemin topragında büyüyen
    Bütün çicekleri bırakıyorum doya doya kokla

    Bütün nehirleri ırmakları veriyorum sana kana kana iç
    Havayı doya doya içine çek
    özgürce korkmada gez dolaş yaşa
    hepsinin bedeli ödendi nasıl olsa
    Arkadaşlarım Hasan Osman Hüseyin
    Oglu beni şimdi rahatta dinleyin

    Babamın cigara parasını
    kardeşim Nuri'nin gönül yarasını
    Okula başladıgında bizim oglanın
    okul çantasını eksik etmeyin
    Bana gelince beni merak etmeyin
    Ara sıra burda oldugumu unutup

    Gözleriniz beni arasada
    kahvede okeye dördüncüyü bulursunuz nasıl olsa
    buralarda yer kırmızı gök beyaz
    Göğsümüz yedi kat yerin üstünde
    Arslanlar yatagında başımız arşıalada Elhamdülillah!!!

    Her şey vatan için
    can için canan için
    Göz kırpmaz can veririz
    Bir karış toprak için

     

    ئۇغۇر ئارسلان ئەسلى «ھەر شەيئى ۋەتەن ئۈچۈن»دېگەن بۇ ئەسىرى «ئەر مەكتۇبى» دېگەن نام بىلەن شېھىتلەر ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھالدا بەدىئىي فىلىم قىلىپ ئىشلەندى. بۇ ئەسەر شېھىت ئانىلىرىنى ۋە ئىنسان دېگەن بۇ نامغا مۇشەررەپ بولغانلىكى مەخلۇقنى يىغلىتىدۇ. بۇ يەردە پۈتۈن شېھىتلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەپ، پۈتۈن شېھىت ئانىلىرىغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىمىز.

     

     

    ھەرشەيئى ۋەتەن ئۈچۈن

    جان ئۈچۈن،جانان ئۈچۈن.

    كېچىمىز ھەر نەرسىدىن،

    بىر سىقىم تۇپراق ئۈچۈن!

                      ھەر شەيئى ۋەتەن ئۈچۈن،


     

    ئەپۇقىل مېنى ئانا،«سالامەت قايتىپ كېلىمەن» دېگەن سۆزۈڭدە تۇرمىدىڭ دەپ ئاچچىقلانما. بىلىمەن،ھەر قانچە « يىغلىما!» دېسەممۇ ئاڭلىمايسەن. بىر تالغىنە ئوغلۇڭنى كىم بىلىدۇ دەيسەن، قانداق تۇپراققا تەقدىم قىلىشڭنى؟! كۆز يېشىڭنى سۈرتكىن، ئانا. سۆزۈمنى ئاڭلا: بۇ ئىشتىن ئەسلى ھەممىدىن بەك سەن سۆيۈنۈشۈڭ كېرەك،

    ئاچچىقلىنىۋاتامسەن ئانا!!! نامازدا، ئىبادەتتە بولمىدىڭ دەپ، ھەيھەي، ئوغلۇڭ پەيغەمبەر ئەپەندىمىز بىلەن قوشنا بولدى ئانا، بۇ ھەرىكىتىمدىن ئەڭ بەك سەن سۆيۈنۈشۈڭ كېرەك ،ئانا! سەن سۆيۈنۈشۈڭ كېرەك، ئانا!

     

    ماڭا قارا، دادا، بېشىڭ ئالدىڭغا ئېگىلمىسۇن، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، يىغلىما، بۇ يولدا قايتماقمۇ بار ئىدى، شېھىد بولماقمۇ ھەم. مەن كېيىنكىسىنى تاللىدىم. بۇ مىللەت ئەسىرلەر بويى بۇ تەرىقىدە ياشايدۇ. بىز بۇنى بىلىمىز ۋە بىز شۇ يوسوندا ياشىماقنى ئىستەيمىز.مەن قىبرىستىن(سىپرۇس) قايتماي تۇرۇپ، بۇ ئىشلاردىن قولۇڭنى يۇساڭ ئىدىڭ دەۋاتىسەن. بىكارلا ئاۋارە بولىۋاتىسەن، شۇ ئاندا ئەۋلاد قىسىمىتى بىلەن ئۇچرىشىسەن .نېمىلەر يوقاتقىنىڭنى بىلمەيسەن، دادا، نېمىلەرنى يوقاتقىنىڭنى بىلمەيسەن. بەلكى گەپلىرىمگە ئىشەنمەسسەن. قۇلاق سال، دادا. بوۋىلار بىلەن تونۇشتۇم بۇ يەردە، چەركەز ئەلى، ئەنە شۇ گەلىبولۇ تەۋەسىدىن. سەن ئۆلۈم ساڭا ھېچ يېقىنلاشمىدى دەۋاتاتتىڭغۇ، بوۋام بولسا:«ئۆلۈم قېشىمىزدىلا، ھالاكىتىمىز بوسوغۇمىزدىلا» دەۋاتىدۇ ماڭا.

     

    ھەر شەيئى ۋەتەن ئۈچۈن،

    جان ئۈچۈن،جانان ئۈچۈن.

    كېچىمىز ھەر نەرسىدىن،

    بىر سىقىم تۇپراق ئۈچۈن.

     

    بالىلار ساڭا ئامانەت ئائىشە،خوتۇنۇم، دۇنيايىم، سۆيگەن ھەر شەيئىم. بۇندىن باشلاپ بالىلار ساڭا قالدى. بەلكى ئەمدى ماڭا بىر ئاچچىقلىنار، «دادام نېمە ئۈچۈن بىزنى تاشلاپ كەتتى» دەپ. بالام، بۇ ھەقلىرىمىز ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل. ئاتىلار كۈنىدە ئاتامنىڭ يېنىغا ئېلىپ بار ئۇلارنى. ئۇ كۈن ئاتامنى «ئاتا» دېسۇن.ئاز-تولا ئەقىللىرى ئېچىلىشقا باشلىغاندا چۈشەندۈرسۈن.«داداڭ بىر قەھرىمان ئىدى» دەپ. ئۇلار بىر ئاز چوڭلىغىنىدا بولغان ۋەقەلەرنى چۈشەندۈر:« مېنىڭ ئاتام بىر قەھرىمان ئىدى»دېسۈن.

    ساڭا كەلگەندە، گۈلۈم، بىلىمەن يۈرىكىڭنىڭ يالقۇنجاۋاتقىنىنى. يىگىرمە بەش يېشىڭدا، ئىككى بالا بىلەن يالغۇز قالغىنىڭنى. ھازىرغا قەدەر گۈل چېھرىڭگە كۈلكە بېرەلمىدىم. بۇنى ھەم بىلىمەن. سەندىن ئالغىنىم پەقەت بىردەملىك يانغىنلا ئەمەس. ئەمدى كېتەر بولدۇم، ساڭا ۋەتەن تۇپرىقىدىكى پۈتۈن گۈللەرنى قالدۇردۇم. تويۇپ تويۇپ ھىدلا. پۈتۈن دەريا-ئېقىنلارنى بەردىم ساڭا ، قېنىپ-قېنىپ ئىچ. ئەركىن، ئۆز مەيلىڭچە كەز ، ئايلان، ياشا. پەقەت ھەممىنىڭ بەدىلى تۆلىنىپ بولسىلا.

     

    دوستلىرىم ھەسەن، ئوسمان، ھۈسەيىن، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار: ئاتامنىڭ جىگەر پارىسىنى، قېرىندىشىم نۇرىنىڭ كۆڭۈل يارىسىنى، مەكتەپ ھاياتى باشلانغىنىدا بالىلارنىڭ سومكىسىنى ئۆكسۈتمەڭلار، مەندىن ئەنسىرىمەڭلار. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ يەردىلىكىمنى ئۇنتۇپ كۆزلىرىڭلار مېنى ئىزلىگۈدەك بولسا، قەھۋەگە ئولتۇرغىنىڭلىدا، تۆتىنچىسىنىمۇ قويۇپ قويۇڭلار، قانداقلا بولسا.

     

         بۇ يەرلەردە يەر قىزىل، ئاسمان ئاپئاق. كۆكسىمىز يەتتە قات يەرنىڭ ئۈستىدە.ئارسلانلار ياتىغىدا. بېشىمىز ئەرشئەلادا، ئەلھەمدۇلىلاھ. ئەرشئەلادا، ئەلھەمدۇلىلاھ!

     


    جان ئۈچۈن،جانان ئۈچۈن.

    كېچىمىز ھەر نەرسىدىن،

    بىر سىقىم تۇپراق ئۈچۈن.


    收藏到:Del.icio.us




    تەگلىك :
    نەقىل ئادىرىسى :