-
كارخانىدىن پىنسىگە چىققانلارنىڭ كۈتۈش پۇلى 10% ئۆستۈرۈلىدۇ - [ئۇچۇرلار]
2010/12/24
كارخانىدىن پىنسىگە چىققانلارنىڭ كۈتۈش پۇلى 10% ئۆستۈرۈلىدۇ
شىنخۇائاگنىتلىقى 12-ئاينىڭ 22-كۈندىكى بېيجىڭ تىلگىراممىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دائىمىي ئىشلار يىغىنى باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا كارخانىلاردىن پېنسىيىگە، دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانىلاردىن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىققانلارنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قارار قىلىندى.
يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كارخانىلاردىن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۆسۈش دەرىجىسى 2010-يىلى كارخانىلاردىن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ تەخمىنەن %10ى بويىچە بېكىتىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە كىشى بېشىغا ئوتتۇرچە 140 يۇەن ئەتراپىدا قۇشۇلىدۇ. چەت يىراق جاپالىق رايۇنلاردىكى دۆلەت تۇلۇقلىمابېرىش تەسىس قىلىنغان رايۇنلادىكى، كارخانلاردىن پىنسىيىگە، دەم ئېلىشقا چىققان خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش پۈلىنى تەڭشەش سەۋيىسى مۇۋافىق يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ. ئۇمۇيۈزلۈك تەڭشەش ئاساسىدا، پىنسىيىگە چىققان ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە پەن تېخنىكا خادىملىرى ۋە يۇقىرى ياشلىق قاتارلىق خادىملارغا قارتا تەڭشەش سەۋيىسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۆۋەن بولغان پىنسىيىگە چىققان ھەربىي سەپتىن كەسىپ ئالماشقان خادىملارغا قارتا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىلىدۇ.
يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەت مۇناسىپ كېلىش، ئادىللىق بىلەن ئۈنۈمنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، جەمئىيەت بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە شەخسىي ھېساباتنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانىلاردىن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىققانلارنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش قارار قىلىندى: 1. سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانىلاردىن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىقىش يېشىغا يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن شەھەر بازار ئاھالىلىرىغا بىر كىشىگە بىر قېتىمدا 15 يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى تولۇقلاپ بېرىلىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. 2. ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى جايلار سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلارنىڭ سېلىق ئىقتىدارى ۋە ياش ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق بېكىتسە بولىدۇ، شارائىتى بار ئورۇنلار تولۇقلىما ھەققىگە مۇۋاپىق تولۇقلىما بەرسە بولىدۇ. 3. سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانىلاردىن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىقىش يېشىغا يەتمىگەن شەھەر بازار ئاھالىلىرىدىن بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققى نورمال ئېلىنىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىقىش يېشىغا يەتكەن، ھەق تۆلەش ۋاقتى 15 يىلغا توشمىغانلار 15 يىل توشقانغا قەدەر ھەق تۆلىسە، بەلگىلىمە بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رايونلار، ئالاقىدار تارماقلار ئۈنۈملۈك چارەتەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆپەيگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى 2011-يىلى باھار بايرىمىنىڭ ئالدى- كەينىدە پىنسىيىگە چىققانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانىلاردىن پېنسىيىگە دەم ئېلىشقا چىققانلارنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى 20110 يىلىنىڭ ئاخرىدىن بۇرۇن تاماملىشى تەلەپ قىلىندى.
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باھانىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا بولغان بېسىمنى پەسەيتىش ئۈچۈن مۇنۇلارنى قارار قىلدى: بۇ يىل كۈز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، 1. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ئوتتۇرچە ياردەم ئۆلچىمى ئەسلىدىكى يىلىغا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئوتتۇرچە 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. 2. ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپنىڭ ھەقسىز بولۇش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. 3. ئادەتتىكى ئالىي ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت ياردەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ.
4 مىليون 820 مىڭ ئوقۇغۇچىغا، ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 1500 يۇەن ئۆلچەمدە دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، تارقىتىش نىسبىتى مەكتەپتىكى ئۇمۇمىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ 20% كە يەتكۈزۈلىدۇ.
مەنبە تىڭشۈن تورى
