-
دۆلەت مەمۇرىيلار ئىمتىھانىسىدىكى بەزى مەسىللەر - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]
2010/09/07
دۆلەت مەمۇرىيلار ئىمتىھانىسىدىكى بەزى مەسىللەر
ھەممىگە مەلۇمكى بىر تۇتاش خىزمەت تەقسىماتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىين، مەمۇرىلىق ئىمتىھانسى ياشلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ھالقا بۇلۇپ قالدى، بۇلۇپمۇ بىزدەك داشقازاننىڭ تامىقىغا كۆنۈپ قالغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق، ئەلۋەتتە بۇ بىر ياخشى ئىش، بۇسەۋەبلىك تاييارغا ھەييارلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىشقا بەلگلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇ بىر ئادىل رىقابەتلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات دىيىشكە بۇلىدۇ.بىراق بۇ ئىمتاھاننىڭ تەرتىپ جەريانىدىكى بەزى نۇقتىلار كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ.
ئىمتىھان ئېلىشتىن ئىلگىرى ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى بوش شىتاتلارنى مەلۇم قىلىش تەرتىۋى بار بۇلۇپ، بۇنىڭدا قىسمەن ئەھۋالدا شۇ ئورۇننىڭ خىزمەت ئېھتىياجى بىرنجى ئورۇنغا ئەمەس بەلكى رەھبەرلەرنىڭ ئېھتىياجى ئاساس بۇلۇۋاتىدۇ، مەسىلەن ئۆزلىرىنىڭ نىشانلىق ئادەملىرىنىڭ شەرىتلىرىگە ماس كەلتۈرۈپ تەلەپ چىقىرىۋاتىدۇ، مەسىلەن: ياش ، جىنىس، مىللەت، كەسىپ، نۇپۇس، مەكتەپ،تىل چەكلىمىسى دىگەندەك، گەرچە « ئەمگەك قانۇنى» 12-ماددا ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتا مىللىتى، ئىرقى، جىنسى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبىدىن كەمسىتىلمەيدۇ.
13-ماددا ئاياللار ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە. ئىشچى قوبۇل قىلغاندا، جىنسى ئايرىما تۈپەيلىدىن ئاياللارنى قوبۇل قىلماسلىققا ياكى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. دۆلەت ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ دەپ بەلگىلىگەن ئىش تۈرى ۋە ئىش ئورنى بۇنىڭ سىرتىدا.« ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىگىرى سۈرۈش قانۇنى» 27-ماددا دۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئېلىشتا، دۆلەت ئاياللارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئىش تۈرى ياكى ئورۇننى ھېسابقا ئالمىغاندا جىنسىنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى ئىشلىتىشنى رەت قىلسا ياكى ئاياللارنى ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋالسا بولمايدۇ.
28- ماددا ھەرمىللەت ئەمگەكچىلىرى باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقىغا ئىگە.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئىشلەتكەندە، ئازسانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىگە قانۇن بويىچە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
« مىللىي تىرتوريىلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنى» 22- ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شۇ جايدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، پەن - تېخنىكا خادىملىرى، ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى قاتارلىق كەسپىي خادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ۋە تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى خادىم قوبۇل قىلغاندا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىشقا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك كەسپىي خادىملارنىڭ ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا ئېتىبار ۋە ئىلھام بەرسە بولىدۇ.
22-ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ئېلىشتا، ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئالىدۇ ھەمدە يېزىلار ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىدىن ئالسا بولىدۇ.« دۆلەت مەمۇرىيلار قانۇنى » دىمۇ ھېچ قانداق جىنىس، مىللەت ئايرىسا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلمىغان پەقەت 11- ماددىسىدىكى شەرتىكە ئۇيغۇن بولغانلارنىڭ دۆلەت مەمۇرى بولسا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. گەرچە يۇقارقى قانۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى مەزمۇنلار ئوتتۇرغا قۇيولغان، ھۆكۇمەت بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قانۇنلارنىڭ ئىجراسى يەنىلا كىشىنى خوشال قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ، شۇسەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ مەلۇم شەرىتلىرى ماس كەلسىمۇ بەزى شەرىتلىرى ماس كەلمىگەنلىكتىن دائىرنىڭ سىرتىدا قېلىپ ۋايسىماقتا، شۇ ئورۇنلارغا تىزىملاتقانلار يىزىقچە ئىمتىھاندىن غەلبىلىك ئۆتسىمۇ ، يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئۆتكىلى ھەممە ئىمتىھانىغا قاتناشقانلارنى ئەنسىرەتمەكتە، ھەم بۇئەنسىرەشنىمۇ ئورۇنسىز دىگىلىى بولمايدۇ، لىكىن بۇمەسىللەرمۇ ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ يۈكسەك دېققەت ئېتىبارىنى قوزغىغانلىقتىن، بۇ ئۆتكەلمۇ كۈنسىرى مۇكەممەلەشمەكتە.لىكىن شىتات مەلۇم قىلىش ئۆتكىلىنى تېخىمۇ ياخشى نازارەت قىلىپ. يۇقارقى قانۇنلارنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن چەكلىمىكلەرنى ئازلىتىپ، ھەرقانداق بىر ئورۇنغا ئورتاق بىر ئۆلچەم قوللىنىلغان بولسا ، شۇندىلا نۇرغۇنلىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئەندىشىدىن خالىي قىلىپ، ئىمتىھاننىڭ ئادىللىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشقا بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.
