بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى پۇلمۇ - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]

    2010/07/20

    بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى پۇلمۇ

     

    مىنىڭ بۇيەردە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغىنىم پۇل بىلەن ئەخلاق ۋە جىنايەتنىڭ مۇناسىۋىتى بۇلۇپ كۆپچىلىك ئوخشىمىغان پىكىرى بولسا قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئوتتۇرغا قويسا بۇلىدۇ.

    بىز دائىم كىشىلەردىن ھەي ! ھەممىنى قىلغان پۇل دىگىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، دىمىسىمۇ توغرا ئادەملەر ئاشۇ پۇل ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، زەھەرلىك چىكىملىك سېتىۋاتىدۇ، ئوغۇرلۇق  بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ، بىر-بىرىنى ئالداۋاتىدۇ، غۇرۇرىنى قايرىپ قۇيۇۋاتىدۇ ھەم شۇنداقلا تىلغا ئالغۇسىز ئەخلاق مەسىللىرى ۋە بىز بىلمەيدىغان جىنايەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئاشۇ پۇلغا ئېرىشى ئۈچۈن بولغان جەريانلاردۇر.

    بىزنىڭ دىنىمىزدىمۇ نامراتلىقنىڭ ئىنساننى گۇناھ پاتقىقىغا باشلايدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان.

    ئىقدىساد شۇناسلارنىڭ قارشىچە نامراتلىقىنىڭ ئۆزى جىنايەت.

    شۇ پۇلغا ئېرىشكەنلەر بولسا شۇ پۇلنى ۋاستە قىلىپ قانۇننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى، كىشلىك قەدىرى قىممەتنى، ئىنسانىي ئەخلەقىي پەزىلەتنى، باشقىلارنىڭ ۋىجدانى غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، سەبىي گۆدەكلەرنى جىنايەت پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىۋاتىدۇ، يەنىلا شۇ پۇلنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا پۇل بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى بۇلۇپ قالدى دىيىشكە بۇلىدۇ.

    بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پۇلنىىڭ نېمىلىكىنى ئايدڭلاش تۇرۇپ باقايلى.

     پۇل- بۇ قىممەتكە ئىگە باراۋەر ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاستىسى، ھەممىگە باب بولغان بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بىرلىكى خالاس.

     پۇل ھۈكۈمران سىنىپنىڭ قوغدىشى بىلەنلا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى جارىي قىلدۇرالايدۇ.

    ئۇنداقتا پۇل ئاشۇ كىشلەرنى شۇ جىنايەتلەرنى زورلاپ قىلدۇردىمۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە ياق، ئۇنداق ئەمەس ، پۇل تاپماقچى بولغان پۇل تاپقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەسكى دىيىشكە بولمايدۇ. يەنىلا ھالال مىھنىتى بىلەن پۇل تېپىۋاتقان، خەيرىلىك ئىشلىرىغا پۇل سەرىپ قىلىۋاتقانلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگلەيدۇ، ناۋادا بۇ ئالمىشىپ قالسا جەمئىيەت نورمال تەرتىۋىنى يوقاتقان بۇلاتتى، ھىچكىم خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈلمەيدۇ ھەم ئادەملەر ئوتتۇرسىدا ھىچقانداق مىھرى- ۋاپا، ئىشەنىچ قالمايدۇ.

    شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتساق پۇل جىنايەتنىڭ مەنبەسى ئەمەس، بەلكى جىنايەتنىڭ مەنبەسى شۇ كىشىنىڭ تەربىيلىنىشى، شارائىتى، مەدىنيەت سەۋيىسى، قانۇن تۈزۈم كۆز قارشى، ئەخلاق ساپاسى تەرپىدىن بەلگىلەنگەن بۇلىدۇ، شۇ قولدا بار بولغان پۇلدىن قانداق پايدىلىنىش، بار قىلماقچى بولغان نەرسىلەرنى قانداق يول بىلەن ھەل قىلىش شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق.

                                     

                                      سېتىۋېلىپ قىمارنى پۇلغا

                                      سېتىۋېلىپ زىنانى پۇلغا

                                      نامەرتلىكتۇر پۇلنى قارىلاش

                                      سېتىۋېلىپ گۇناھنى پۇلغا

    يۇقىرىدا زىددىيەتلىك مەسىللەر ئوتتۇرغا قۇيۇلدى، قالغىنىنى كۆپچىلىك مۇنازىرە قىلىپ باقسۇن، ئاخىرقى خۇلاسە قانداق چىقىدىكىن .

    لىكىن مۇنازىرە قانۇن نىزاملارنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمىسۇن،  بولمىسا مەسئۇلىيەتنى ئۆزىڭىز ئۈسىتىڭىزگە ئالىسىز.

    分享到:
    خەتكۈچ:

    评论

  • ھەممىنى قىلغان ئاشۇ شەيتان! مېنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ دەيدىغان گەپلەر بارغۇ ،،، ھى ھى.
    wulkan回复پرىستان说:
    ئادىمىي شەيتانلار شەيتانلار غا ئۇستاز بۇلىدىغان بۇلۇپ كەتتى جۇمۇ.
    2010-07-21 09:53:48
1056551709QQ