كارخانىلارنىڭ ئىشقا قوبۇل قىلىش سىياسەتلىرىدىن
سوئال-جاۋاپ
1. قايسى كارخانىلار باجدا ئىتىبار بىرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولسا بولىدۇ؟
جاۋاپ: «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نىڭ 17-ماددىسىدا تۆۋەندىكى كارخانىلار ۋە شەخىسلەرگە قانۇن بويىچە باجدا ئىتىبار بىرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن:
1) دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە توشقان ئىشسىزلارنى قوبۇل قىلىپ، بەلگىلەنگەن تەلەپكە يەتكەن كارخانىلار؛ {L<']nq,{
2) ئىشسىزلار قۇرغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار؛ hjQ)j'~
3) مېيىپلارنى بەلگىلەنگەن نىسپەتتە ئورۇنلاشتۇرغان ياكى مېيىپلارنى كۆپ ئىشلەتكەن كارخانىلار؛ 6 =@N0
4) يەككە تىجارەت قىلىدىغان، دۆلەت بىكىتكەن شەرتكە توشىدىغان ئىشسىزلار؛ >QxCk2~'Ej
5) يەككە تىجارەت قىلدىغان مېيىپلار؛ mSy9vf`WI
6) گوۋۇيۈەن باجدا ئىتىبار بېرىدىغانلىقىنى بىكىتكەن باشقا كارخانىلار ۋە كىشىلەر. q1|m0?
2. كارخانىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بارلارنى ئشقا ئورۇنلاشتۇرسا قايسى يۆلەش سىياسەتلىرى بار؟ G]"y!L>8
جاۋاپ: ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «گوۋۈيۈەننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى يولغا قويۇش پىكىرى» (ش ھ 【2008】61-نۇمۇرلۇق)نىڭ 2-ماددا 10-تارمىقىدا، كارخانىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بارلارنى قوبۇل قىلىپ، بىريىلدىن يۇقۇرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىسا،ھەمدە ئىجتىمائى سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرسا، ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا ئاساسى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسى داۋلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بېرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. \8BCz~p
3. ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار ۋە غەيرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلسا قانداق يۆلەش سىياسەتلىرى بار؟
جاۋاپ: ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «گ ب3-نۇمۇرلۇق ھۆججەتنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»(ش ھ ب 【2009】23 - نۇمۇرلۇق) نىڭ 7-ماددىسىدا، ھەرخىل ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار ۋە غەيرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلسا، بەلگىلىمە بويىچە ئاساسى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسى داۋالاش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. =GB`BBq
4. دەسلەپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ، ئادەم قۇبۇل قىلسا قايسى سىياسەتلەردىن بەھرىمان بولالايدۇ؟ }HS$3nb
جاۋاپ: ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىگىلىك تىكلەشنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىكىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ش ھ ب【2009】25- نۇمۇرلۇق)نىڭ 2-ماددا 6-تارماق 5-تۈرىدە دەسلەپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ، قۇبۇل قىلغان خىزمەتچىسى بىلەن بىريىلدىن يۇقۇرى مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان بولسا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە ئۇ قۇبۇل قىلغان خىزمەتچى ئەمگەك توختامى مۇددىتىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسى سۇغۇرتىسى، ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولىدۇ، ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولۇش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىل بولىدۇ دەپ بىكىتىلگەن. X/l] xXhf
5. ئەمگەك زىچلىقى تىپىدىكى كارخانىلار خادىم قۇبۇل قىلسا ئاز سوممىلىق كىپىللىك قەرىزىدىن بەھرىمان بولالامدۇ؟ r KT2X
جاۋاپ: ش ھ ب 【2009】25-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ 2-ماددا 6-تارمقىنىڭ 3-بەلگىلىمىسىدە، ئىشچى-خىزمەتچى سانى 30دىن يۇقۇرى ئەمگەك زىچلىقى تىپىدىكى كىچىك كارخانىلار (يۇقۇرى بۇلغانما، يۇقۇرى سەرپىيات كارخانىلىرىدىن باشقا)ھەمدە مېيىپلارنى مەركەزلىك ئىشلەتكەن كارخانىلارغا شۇيىلى يىڭىدىن قوبۇل قىلغان ئاز سوممىلىق كىپىللىك قەرىزى ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملار كارخانىدا ھازىر بار بولغان ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانىنىڭ %30دىن (ئىشچى- خىزمەتچى سانى 100ئادەمدىن ئاشىدىغان كارخانىلار %15دىن)يۇقۇرى بولغان بولسا، ھەمدە بىريىلدىن يۇقۇرى مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان بولسا ئازسوممىلىق كىپىللىك قەرىزى بىرىلىدۇ دىيىلگەن. "xj#[aQVP
6. ئەمگەك زىچلىقىدىكى كارخانىلار ئازسوممىلىق كىپىللىك قەرىزى ئىلتىماس قىلسا سوممىسى، ۋاقتى قانچىلىك؟ ئۆسۈمى تۇلۇقلاپ بېرىلەمدۇ؟ 1AtBr-Jb
جاۋاپ: ش ھ ب 【2009】25-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ 2-ماددا 6-تارمقىنىڭ 4- تۈرلۈك بەلگىلىمىسىدە، ئەمگەك زىچلىقىدىكى كىچىك كارخانىلار ئازسوممىلىق كىپىللىك قەرىزى ئىلتىماس قىلسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 2مىليوندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، قەرىز بىرىش مۇددىتى 2يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، قەرىز مۇددىتىدە بەلگىلىمە بويىچە %50ئۈسۈمى تۇلۇقلاپ بىرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. )+;e3gm
7. شىنجاڭدىكى كارخانىلار شۇ جايدىكى دىھقان ئىشلەمچىلەرنى قۇبۇل قىلسا قايسى يۆلەش سىياسەتلىرى بار؟ ^q`;`9Fn]
جاۋاپ: ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشتا كارخانىلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ش ھ ب 【2009】18-نۇمۇرلۇق)ىنىڭ 6-ماددىسىدا، ئاپتۇنۇم رايۇن دائىرىسىدە تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلار نۇپۇس مۇناسىۋىتى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز يېزىلىرىدا بولغان دىھقان چارۋىچىلار ياكى دىھقانلارنى ئىشقا قوبۇل قىلسا، دىھقان ئىشلەمچىلەر مائاش كىرىمىنىڭ %6تى بويىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى بىرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. ~9
8. ئىجتىمائى سۇغۇرتا ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى قانچىلىك؟
جاۋاپ: ش ئە ئى 【2009】18-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ 6- ماددىسىدا كارخانىلار(ئورۇنلار)، يەككە ئىقتىسادى تەشكىلاتلار، يەككە تىجارەتچىلەر ھەمدە پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىجتىمائى سۇغۇرتا ياردەم پۇلى ئۆلچىمى تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسى سۇغۇرتىسى، ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ يىغىندىسى بويىچە ھېساپلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. 00,cMr.5I
9. ئىجتىمائى سۇغۇرتا ياردەم پۇلىنىڭ قەرەلى قانچىلىك بولىدۇ؟ 5E=)y]y F<
جاۋاپ: ش ئە ئى 【2009】18-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ 7-ماددىسىدا ئىجتىمائى سۇغۇرتا ياردەم پۇلىنىڭ مۇددىتى ئەمگەك توختىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ ئۈچ يىلدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. لېكىن كارخانىلار (ئورۇنلار)، يەككە ئىقتىسادى تەشكىلاتلار، يەككە تىجارەتچىلەر ھەمدە پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىغا «40ياشلىق ئاياللار، 50ياشلىق ئەرلەر» ئىچىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قۇبۇل قىلسا، ئىجتىمائى سۇغۇرتا ياردەم پۇلى مۇددىتى ئۈچ يىللىق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا قانۇندا بەلگىلەنگەن پىنسىيىگە چىقىش يېشىغا يەتكۈچە ياردەم پۇلى بىرىشكە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. . YPw7b@8
10. كارخانىلار ئىجتىمائى سۇغۇرتا ياردەم پۇلىنى قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟ C?q@6~
جاۋاپ: ش ئە ئى 【2009】18-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ 9-ماددىسىدا ئىجتىمائى سۇغۇرتا ياردەم پۇلىدا«ئالدىن تاپشۇرۇش كېيىن تۇلۇقلىما بىرىش»يولغا قويىلىدۇ، بىرقېتىمدىلا بېرىلىدۇ، پەسىل بويىچە ھېساپلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. كارخانا(ئورۇن)ھەمدە يەككە ئىقتىسادى تەشكىلاتلار ۋە يەككە تىجارەتچىلىكتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى كارخانا ئالدى بىلەن ئۆزى تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەققى ئومۇمى سوممىسىنى شەخىسلەر تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك قىسمى بىلەن بىللە ئايمۇ-ئاي شۇ كارخانا تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجتىمائى سۇغۇرتا بىجىرىش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىپ تاپشۇرىدۇ. كارخانا تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا قوبۇل قىلغان ئىشقا ئورۇنلىشىش قيىنچىلىقى بارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئايرىپ چىقىدۇ، ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن ئىجتىمائى سۇغۇرتا بىجىرگۈچى ئاپپارات ئىسپات چىقىرىپ بىرىدۇ، پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىينچىلىقى بارلار ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلىنى تەستىقلىتىش جەدىۋىلى»نى تولدۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە شۇجايدىكى ناھىيە(شەھەر، رايۇنلۇق)ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرىغا يوللاپ تەستىقلىتىدۇ، تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بىكىتكەندىن كېيىن، ئىجتىمائى سۇغۇرتا ياردەم پۇلى مەبلىغى كارخانىنىڭ بانكا ھېساۋاتىغا كىرگۈزۈپ بىرىلىدۇ. H7L%U[
11. قانداق ئادەملەر ئىشقا ئورۇنلىشىش قېيىنچىلىقى بارلارغا تەۋە بولىدۇ؟ \6@!
جاۋاپ: «ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بارلارنى بىكىتىش چارىسى» (ش ئە ئى 【2009】7-نۇمۇرلۇق) نىڭ 2-ماددىسىدا، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بارلار ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەلىكى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك يېشىدا، ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىششى ئارزۇسى بولۇپ، ھەمدە ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتىدا ئىشسىزلىقنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ ۋە ئىش تەلەپ قىلىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى» دەپ ئاتىلىدۇ)نى ئالغان تۆۋەندىكى خادىملارنى كۆرسىتىدۇ: \QZ ?E
1)شەھەر بازارلاردىكى پۈتۈن ئائىلىدىن بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەر ۋە ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ئىشسىز قالغان ئائىلىلەرنىڭ ئەزالىرى؛ 2I"blf1,
2) شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلار؛ OG: I32
3) ئاياللار 40ياشقا، ئەرلەر 50ياشقا توشقان، ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلار(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«4050»خادىملار دەپ ئاتىلىدۇ) xj l E7
4) ئۇدا بىريىلدىن يۇقۇرى ئشسىز قالغان شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلار؛ a.|w>}.Q
5) قىسمەن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلار؛ |c1w*` x
6) يېرىدىن مەھرۇم بولغان(ھۆكۈمەتنىڭ يەرنى سېتىۋېلىشى سەۋەبىدىن)، ھەمدە يۇقارقى بەش شەرىتنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىھقانلار؛ 0CtK&dPv
7) 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن «قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىتىبار بىرىش كىنىشكىسى»ئالغانلار؛ ]J}+(%)
8) ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەرلەر بىكىتكەن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش قىينچىلىقى بارلار. QOjHAs
.مەنبە سەلكىن مۇنبىرى
خەتكۈچ: