-
شەھەر -بازار ئاھالىلرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇر تىسى بىلىملىرىنىڭ ئاخىرى - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]
2009/06/11
· 4. تەڭشەلگەندىن كىيىن شەھەر- بازار ئاھالىلىرى بالنىستا يېتىپ داۋالانسا ، داۋالاش ھەققى قانداق ئۆلچەم بويىچە ئاتچوت قىلىنىدۇ؟
گوۋۇيۈەن، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى سىياسەت ئۆلچىمى ۋە ۋىلايىتىمىزنىڭ يېقىنقى بىريىللىق يولغا قۇيۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنىش ئۆلچىمى سىياسەت بويىچە تەڭشىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كونكىرىت ئۆلچەم تۆۋەندىكىچە:بۆلەكلەر بويىچە ئايرىلغان سومما
چىقىم قىلىش نىس بىتى
بىر تۇتاش غەملەش فوندىنىڭ تۈركۈمگە بۈلۈش چەكلىمە سوممىسى
باشلىنىش سىزىقىدىن يۇقىرى 5000يۈەنگىچە ( ئۆزئىچىگەئالىدۇ)
5000يۇەندىن يۇقىرى 10مىڭ يۇەنگىچە ( ئۆزئىچىگەئالىدۇ)
10مىڭ يۇەندىن يۇقىرى 15مىڭ يۇەنگىچە ( ئۆزئىچىگەئالىدۇ)
بىر تۇتاش غەملەش فوندىنىڭ چىقىم قىلپ بېرىش نىسبىتى
65%
70%
75%
مەھەللە سەھىيەمۇلازىمەت مەركىزى ، ناھىيە (شەھەر) لەردىكى بىرنجى دەرىجىلىك ۋە يېزىلىق (بازارلىق) شىپاخانىلاردا كۆرۈلگەن بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش راسخوتى بىرتۇتاش غەملەش فوندىنىڭ بۆلەكلەر بويىچە چىقىم قىلىپ بېرىش نىسبىتى 5% ئۆستۈرۈلدى.
ۋىلايەت دەرىجىدىكى 2- دەرىجلىك ،ئۆلكە دەرىجىلىك (ئۆلكە سىرتىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كۆرۈلگەن بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش راسخوتى بىرتۇتاش غەملەش فوندى بۆلەكلەر بويىچە چىقىم قىلىپ بېرىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5% دىن 10% گىچە چۈشۈرۈلىدۇ، ئەگەر ناھىيە (شەھەر) دەرىجىدىكى 2-دەرىجلىك بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى مىسال قىلىنسا ، تەڭشەلگەندىن كىيىن شەخىسلەرنىڭ بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش راسخوتىنىڭ ئۆزى چىقىم قىلغان نىسبىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا 20% تۆۋەنلەيدۇ.5. پۇقرالار ئۈزۈلدۈرمەي ھەق تاپشۇرسا قانداق ئېتىبار بېرىلىدۇ؟
ئۈزۈلدۈرمەي ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 3يىلغا يەتكەن (ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) بولسا، بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىر تۇتاش غەملەش فوندىدىن بۆلەكلەر بويىچە چىقىم قىلىپ بىرىدىغان نىسبىتى 1%كۆپەيتىپ بىرىلىدۇ،يەنە ئۈزۈلدۈرمەي ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 3يىلغا يەتسە بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىر تۇتاش غەملەش فوندىدىن بۆلەكلەر بويىچە چىقىم قىلىپ بىرىدىغان نىسبىتى بىردەك1%كۆپەيتىپ بىرىلىدۇ.6) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى شەھەر-بازار ئاھاللىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرسا بۇلامدۇ؟ سۇغۇرتا رەسمىيەتلىرىنى قانداق بېجىرىدۇ؟
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى (ھامىلدار بولغىنىغا 28ھەپتە بولغان ھامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سۇغۇرتىغاقاتناشتۇرسا بۇلىدۇ. شەھەر بازارلار دىكى ئىشچى -خىزمەتچىلەر ، ئاھالىلار ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار، ھامىلدار بولغىنىغا 28ھەپتە بولغاندىن تارتىپ بوشىنىشتىن بىرئاي ئىلگىرى بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن دىئاگنوز قەغىزى ۋە ئەر-خۇتۇن ئىككەيلەننىڭ بىرگە چۈشكەن رەڭلىك رەسىمى ۋە ئىناۋەتلىك كىملىك ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ قورساقتىكى ھامىلە ئۈچۈن سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتىسە بۇلۇدۇ. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن شەھەر-بازار ئاھاللىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمان بولسا بۇلىدۇ.7) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغاندىن كىيىن يەنە قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىدۇ؟
سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان بوۋاق تۇغۇلۇپ 4ئاي ئىچىدە نۇپۇس دەپتىرى ۋە رەسىمىنى ئېلىپ شۇجايدىكى سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ سالاھىيىتىنى بېكىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەيدۇ، ۋاقتى ئۈتۈپ كەتسە ، داۋالىنى سۇغۇرتا تەمىناتى توختىتىلىدۇ.8) شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان ھامىلدار ئايال تۇغۇت مەزگىلىدە كۆرۈلگەن تۇغۇتقا دائىر داۋالىنىش راسخوتىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمان قىلىشقا بۇلامدۇ؟
شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھامىلىگىمۇ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ھامىلدار ئاياللار ،ھامىلدار بولغىنىغا 20ھەپتىلىك بولغاندىن كىيىن بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىلىرىدا تۇغقاندا، تۇغۇتقا دائىر داۋالىنىش ھەققىنى 300يۇەنلىك ئۆلچەم بويىچە (قوش كېزەكلەرنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) چىقىم قىلىپ بېرىلىدۇ .9) سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى تۇغۇتتىكى داۋالىنىش ھەققىنى قانداق ئالىدۇ؟
بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا تۇغۇتتىكى ھەققى كۆرۈلگندىن كىيىن، سۇغۇرتىلانغۇچى چۇقۇم 4ئاي ئىچىدە بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا چىقىرىپ بەرگەن رەسمى تالون، تەپسىلىي ھىسابات قەغىزى ھەمدە دىئاگىنوز قەغىزىنى ئېلىپ شۇجايدىكى ئەمگەك كاپاللىتى مەمۇرىي ئورگانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرگۈزۈش رەسمىيىتىنى ئۆتىسە، بېجىرگۈچى ئورگان شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بىرتۇتاش فوندىدىن چىقىم قىلىپ بىرىدۇ.شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا دائىر تەشڭەلگەن سىياسەت قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ ؟
1) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار نىڭ ( 28ھەپتىلىك بولغان ھامىلىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) 2009-يلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ .
2) ئۇنىڭدىن باشقا شەھەر- بازار ئاھاللىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىياسىتى بولسا 2008-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.
历史上的今天:
