-
ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە - [قانۇن نىزاملار]
2009/06/02
ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە، 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەمگەك ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىكى 5-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللاندى
1-ماددا ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسى ئېنىق بېكىتىش ئۈچۈن، ئىش ئۈستىدە يارلىنىش نىزامنامىسى 37-ماددا 1-تارماق 2-تارماقچنىڭ ھۇقۇق بېرىشى بىلەن، بۇبەلگىلىمە تۈزۈلدى.
2-ماددا بۇبەلگىلىمىدە دىيىلگەن ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر بېقىلىدىغان تۇغقانلىرى، شۇ ئىشچىنىڭ جۆرىسى، قىز-ئوغۇللىرى، ئاتا-ئانىسى،(ئاتاتەرەپ) بوۋا- مومىللىرى، (ئاناتەرەپ) بوۋا- مومىللىرى، قىز-ئوغۇل نەۋرىسى، ئوغۇلىنىڭ قىز-ئوغۇللىرى، قىزىنىڭ قىز- ئوغۇللىرى،ئاكا-ئىنى ئاچا سىڭىللىرىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇبەلگىلىمىدە دىيىلگەن قىز-ئوغۇللىرى، نىكاھلىق تۇغۇلغان قىز-ئوغۇللىرى ، نىكاھسىز تۇغۇلغان قىز-ئوغۇللىرى، بېقىۋالغان قىز-ئوغۇللىرى ۋە بېقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئۆگەي قىز-ئوغۇللىرىنى ئۆزئىچىگەئالىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە نىكاھلىق تۇغۇلغان قىز-ئوغۇللىرى، نىكاھسىز تۇغۇلغان قىز-ئوغۇللىرى قورساقتىكى تۇغۇلمىغان قىز-ئوغۇللىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ؛
بۇبەلگىلىمىدە دىيىلگەن ئاتا-ئانىسى، ئۆز ئاتا- ئانىسى، بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى، بېقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئۆگەي ئاتا-ئانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
بۇبەلگىلىمىدە دىيىلگەن ئاكا-ئىنى ئاچا- سىڭىللىرى، بىرئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان ئاكا-ئىنى ئاچا- سىڭىللىرى،ئاتابىر ئاناباشقا ئاكا-ئىنى ئاچا- سىڭىللىرى،ئانابىر ئاتا باشقا ئاكا-ئىنى ئاچا- سىڭىللىرى ، بېقىۋالغان ئاكا-ئىنى ئاچا- سىڭىللىرى، بېقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئاكا-ئىنى ئاچا- سىڭىللىرىنى كۆرسىتىدۇ.
3-ماددا يۇقىرىدا ئېيتىلغان خادىملار ،ئىش ئۈستىدە ۋاپات بولغان ئىشچى –خىزمەتچىلەر ھايات ۋاقتىدا، تۇرمۇش جەھەتتە ئاساسلىق شۇلارغا تاينىدىغان ھەم تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار، بەلگىلىمە بويىچە تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە تەمىناتى ئىلتىماس قىلسا بۇلۇدۇ؛
(1) پۈتۈنلەي ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا؛
(2) ئىش ئۈستىدە ۋاپات بولغان ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ جۆرىسىدىن ئەرلەر 60ياش،ئاياللار 55 ياشقا توشقان بولسا؛
(3) ئىش ئۈستىدە ۋاپات بولغان ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئەرلەر 60ياش، ئاياللار 55ياشقا توشقان بولسا؛
(4) ئىش ئۈستىدە ۋاپات بولغان ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ قىز-ئوغۇللىرى 18ياشقا توشمىغان بولسا؛
(5) ئىش ئۈستىدە ۋاپات بولغان ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈلۈپ كەتكەن بۇلۇپ، (ئاتاتەرەپ) بوۋا،(ئاناتەرەپ) بوۋىللىرى 60ياشقا توشقان، (ئاتاتەرەپ)مومىللىرى،(ئاناتەرەپ) مومىللىرى55ياشقا توشقان بولسا؛
(6) ئىش ئۈستىدە ۋاپات بولغان ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ قىز-ئوغۇللىرى ئۈلۈپ كەتكەن ياكى پۈتۈنلەي ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان بۇلۇپ، نەۋرىللىرى 18ياشقا توشمىغان بولسا؛
(7) ئىش ئۈستىدە ۋاپات بولغان ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈلۈپ كەتكەن ياكى پۈتۈنلەي ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان بۇلۇپ، ئاكا-ئىنى ئاچا- سىڭىللىرى18ياشقا توشمىغان بولسا؛
4-ماددا نەپىقە تەمىناتى ئېلىۋاتقانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللرنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ، نەپىقە تەمىناتى توختىتىلىدۇ؛
(1) 18ياشقا توشقان ھەم پۈتۈنلەي ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتمىغان بولسا؛
(2) ئىشقا ئورۇنلاشقان ياكى ئەسكەرلىككە قاتناشقان بولسا؛
(3) ئىش ئۈستىدە ۋاپات بولغان ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ جۆرىسى قايتا نىكاھلانغان بولسا؛
(4) باشقىلار ياكى كوللىكتىپ تەرپىدىن بېقىۋېلىنغان بولسا؛
(5) ۋاپات بولغان بولسا؛
5-ماددا نەپىقە پۇلى ئېلىۋاتقانلاردىن، جىنايەت ھۇكۇم قىلىنىپ جازائىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، نەپىقە تەمىناتى توختىتىلىدۇ.جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەنلەردىن نەپىقە تەمىناتى سالاھىيىتىگە ئويغۇن كىلىدىغانلىرى، بەلگىلىمە بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە نەپىقە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
6-ماددا ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى -خىزمەتچىلەر بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ نەپىقە تەمىناتىدىن بەھرىمان بۇلۇش سالاھىيىتىنى، ئىجتىمائى سۇغۇرتىنى غەملىگۈچى رايۇندىكى بېجىرگۈچى ئاپارات تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ.
ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى -خىزمەتچىلەر بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى بىكىتىشكە، ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئىشچى –خىزمەتچىلەر ھايات ۋاقتىدىكى ئىدارە تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى، رايۇن تەسىسى قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى بېكىتىش كومتىتى مەسئول بۇلۇدۇ.
7-ماددا بۇچارە 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ
تةرجىمةقىلعؤچى :ئابىلىمىت ( ئاقسؤداتةرجىمةقىلىندى)
