بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • خىزمەتچىلەرنىڭ توي ۋە تۇغۇت ئارام ئېلىش ۋاقتى قانداق بولىدۇ؟ - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]

    2011/01/17

     خىزمەتچىلەرنىڭ توي ۋە تۇغۇت ئارام ئېلىش ۋاقتى قانداق بولىدۇ؟

    خىزمەتچىلەرنىڭ  ئادەتتىكى توي قىلىش ئارام رۇخسىتى 3 كۈن، كىچىكىپ توي قىلغانلىقتىن بېرىلىدىغان بېرىلىدىغان ئارام 23 كۈن بولىدۇ. قايتا توي قىلغانلار 3 كۈنلۈك توي ئارامىدىن بەھرىمان بولسا بۇلىدۇ، كىچىكىپ توي قىلغانلىق ئارامىدىن بەھرىمان بۇلالمايدۇ.

     كىچىكىپ توي قىلىش يېشى ئايالنىڭ 23ياش، ئەرنىڭ 25 ياش، شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئايال 18 ياش، ئەر 20 ياشتا توي قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا ئايال 21ياش، ئەر 23 ياشتا توي قىلغان بولسا كىچىكىپ توي قىلغان ھىسابلىنىدۇ.

    ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆيى بىر يەردە بولمىسا، يولنىڭ يىراق يېقىنلىقىغا قاراپ يولغا كەتكەن ۋاقىتىنى قۇشۇپ بەرسە بولىدۇ.

    تۇغۇت روخسىتى مەز گىلىدە ئىش ھەققى ئىلگىركىدەك تارقىتىلىدۇ.

    قانۇنى ئاساسىي : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق « نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى » 14- ماددا، 25- ماددا.

    1980-يىلى سابىق ئەمگەك مىنىستىرلىكى ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى « دۆلەت كارخانلىرى خىز مەتچىللىرىنىڭ توي رۇخسىتى سوراش ۋە يول مۇساپە توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»،

     

     تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋاقتى:

    ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش 90- كۈندىن 120 كۈنگىچە بولىدۇ، ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى 90 كۈن، بۇنىڭ ئىچىدە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى دەم ئېلىشى 15 كۈن. قىيىن تۇغۇت بولسا يەنە 15 كۈن قۇشۇلىدۇ. قوش كېزەك ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا ھەر بىر كۆپەيگەن ھامىلە ئۈچۈن 15 كۈن قۇشۇلىدۇ.

    يۇقارقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمىلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۇغۇت دەم ئېلىش توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە تۈزىسە بولىدۇ، بىراق قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئاھىدە ئەھۋال بۇلۇپ ئارام ئېلىش ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتسە، پەقەت دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتى بولسا ئىدارىسىدىن كېسەللىك رۇخسىتى سورىسا بولىدۇ، بىراق كېسەللىك رۇخسىتى سورىغان مەزگىلدە تۇغۇت رۇخسىتىدىن بەھرىمان بۇلالمايدۇ.

    ئايالى توغقان ئەرلەر 15 كۈنلۈك قاراش پەرۋىش قىلىش رۇخسىتىدىن باھرىمان بولىدۇ.

    بالىسى بويدىن ئاجراپ كەتكەن ياكى ھامىلە ئالدۇرغان ئاياللارنىڭ روخسىتى:

    ھاملىدار بولغىنىغا 4 ئاي بولماي بالىسى بويدىن ئاجىراپ كەتكەندە، داۋالاش ئاپىراتىنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن، 15 كۈندىن 30 كۈنگىچە تۇغۇت روخسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ، ھاملىدار بولغىنىغا 4 ئايدىن ئاشقانلارنىڭ بالىسى بويىدىن ئاجىراپ كەتكەندە، 42 كۈنلۈك تۇغۇت روخسىتىدىن بەھرىمان بولسا بولىدۇ، تۇغۇت روخسىتى مەز گىلىدە ئىش ھەققى ئىلگىركىدەك تارقىتىلىدۇ.

    تۇغۇت ئارامى تۇشۇپ، جىسمانىي سالامەتلىكى ئىلگىركىدەك خىزمەت قىلىشقا يار بەرمىسە، داۋالاش ئاپاراتلىرىى ئىسپاتلىغاندىن كىيىن، تۇغۇت دەم ئېلىشى مۇددىتدىن ئارتۇق بەھرىمان بولغان مەزگىلدىكى تەمىناتى، خىزمەتچىلەرنىڭ كېسەل رۇخسىتىگە دائىر بەلگىلىمە بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.

    قانۇنىي ئاساسىي: « ئەمگەك قانۇنى» 62- ماددا.

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق « نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى » 25- ماددا.

    « ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلارنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش بەلگىلىمىسى ».

      « ئەمگەك مىنىستىرلىكى ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلارنىڭ  تۇغۇت تەمىناتى توغرىسىدىكى بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرشى».

    分享到:

1056551709QQ