جۇ شياۋيىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 961   يوللانغان ۋاقتى: 2018-06-07 14:40:39

   مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى باشلىقى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جۇ شياۋيىڭ 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن 26 – كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قاراماي شەھىرىدە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە بەرپا قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلاردىن ھال سورىدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
  جۇ شياۋيىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشقا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، سىياسەت بىلەن تەدبىرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملىدى. نۆۋەتتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەشۋىق - تەربىيە ۋە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئىزچىل كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، باي ھەم گۈللەنگەن، مەدەنىيىتى يۈكسەلگەن، خەلق ئاممىسى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭىچە زور تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.
  جۇ شياۋيىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات مەبلىغىنى باشقۇرۇش - ئىشلىتىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش؛ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېتەكلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ تۈرلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقلارنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. 
  يولداش جۇ شياۋيىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رىۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يولداش لو دۇڭچۈەن بىلەن خىزمەت سۆھبىتىدە بولدى.
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سېيىتقامزە ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)دىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)غا ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋىزىيە گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
  
  
  5 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، جۇ شياۋيىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىگە بېرىپ، چېگرانى قوغدىغۇچى ئاممىنى يوقلىدى.
  
 
  5 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، جۇ شياۋيىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
  تۇرغۇن يىلتىز تەرجىمىسى