«جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2014 - يىللىق10 چوڭ خەۋەر» ئېلان قىلىندى
«جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2014 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر» ئېلان قىلىندى
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2014 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر» نى ئېلان قىلدى. خەۋەرلەرنى كۆرسىتىش پائالىيىتىنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىيەت - تەشۋىقات مەھكىمىسى بىلەن جامائەت پىكرى مەركىزى ئۈستىگە ئالدى. پائالىيەتكە مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى، «جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى» ئىدارىسى ۋە مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرناللىرى نەشرىياتى ياردەملەشتى. باھالاش نەتىجىسى مەركەزدىكى بىر قىسىم ئاخبارات تاراتقۇلىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن بارلىققا كەلدى (رەت تەرتىپى خەۋەردە يېزىلغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى بويىچە تىزىلدى).
1. شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى. 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ھەمدە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق تىلەكلەرنى تىلىدى؛ ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىدىن ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىنى ئورتاق قوغداشنى، تۇرمۇشنى بىرلىكتە ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلدى.
2. مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 5 - ئاينىڭ 28 -، 29 - كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا: «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى - مۇقىملىقىنى قوغداش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق بولغان، گۈللەنگەن، باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، كىشىلەر خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
3. دۆلەت يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كاپىتال بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ. 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بىرلىكتە «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كاپىتال بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» ئاچتى. يىغىندا جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بەش ئاپتونوم رايوندا كاپىتال بازىرى بويىچە تەربىيەلەش فوندى تەسىس قىلىپ، 100 مىليون يۈەن ئىئانە توپلاپ، پۇل مۇئامىلە، ئاكسىيە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە ئىشلىتىدىغانلىقىنى؛ غەربىي رايونلاردىكى شەرتكە ئۇيغۇن كارخانىلارنىڭ پاي چېكىنى ئاشكارا تارقىتىپ بازارغا سېلىشىدا ئالدىن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ كاپىتال بازىرىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
4. «مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئورگان، كارخانا، مەھەللە، يېزا - بازار، مەكتەپ، مەسچىت - ئىبادەتخانىلارغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» بېسىپ تارقىتىلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى «مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئورگان، كارخانا، مەھەللە، يېزا - بازار، مەكتەپ، مەسچىت - ئىبادەتخانىلارغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نى بېسىپ تارقىتىپ، «ئالتىگە كىرگۈزۈش»نى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا سىلجىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
5. لى كېچياڭ شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا جاۋاب خەت يازدى. زۇڭلى لى كېچياڭ 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى نەنجىڭ پۇكۇ ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلمىرە مۇتىۋۇللاغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنى ياشلىقىنى ئۇرغۇتۇشقا، غايىلىك بولۇشقا، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە، ئۆگەنگەن بىلىملىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
6. تۇنجى تۈركۈمدىكى «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن كەنت»لەرنىڭ ۋىۋىسكىسى ئېسىلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 9 - ئايدا تۇنجى تۈركۈمدە مەملىكەت بويىچە 340 كەنتكە «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن كەنت» دەپ نام بەردى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن كەنتلەرنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىلاردا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، جايلاردا تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ خاسلىقى گەۋدىلىك، كەسىپلىرى كۈچلۈك، مىللىي مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق، مۇھىتى گۈزەل، مىللەتلەر ئىناق بولغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر خاسلىقىغا ئىگە» بىر تۈركۈم كەنتلەر بارلىققا كەلدى.
7. مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 6 - قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى. مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 6 - قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 28 -، 29 - كۈنلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كەلگەن ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى بويىچە ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسەتلەرنى ۋە يۆنىلىشنى چوڭقۇر شەرھلىدى. يىغىندا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىدىكى 1496 ئۈلگىلىك كوللېكتىپ ۋە ئۈلگىلىك شەخس تەقدىرلەندى.
8. «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ پائالىيەتكە قاتناشتى. «مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى»دا چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك باش تېمىلار بويىچە كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش، مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرى بىر يۈرۈش تەشۋىقاتلارنى قىلىش ئارقىلىق، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئېرىشكەن شانلىق نەتىجىلەر ۋە جۇغلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر جانلىق نامايان قىلىنىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلدى.
9. «يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» بېسىپ تارقىتىلدى. 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەركەزدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. «پىكىر» يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلدى.
10. جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا تارقىتىدىغان يېڭى ئاخبارات تاراتقۇلىرى سۇپىسى رەسمىي تورغا چىقىرىلدى. جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CNTV)نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا تارقىتىدىغان يېڭى ئاخبارات تاراتقۇلىرى سۇپىسى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى رەسمىي تورغا چىقىرىلدى. بۇ، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىللىي مەدەنىيەتنى تارقىتىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مىللىي مەدەنىيەتنى «سىرتقا چىقىرىش»قا ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.