2011 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 848   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-31 15:57:25

جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە دائىر 2011 - يىللىق ئون چوڭ خەۋەر

 

    2011  - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە دائىر 2011 - يىللىق ئون چوڭ خەۋەر»نى ئېلان قىلدى. باھالاش پائالىيىتىنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىيەت-تەشۋىقات مەھكىمىسى بىلەن ئۇچۇر مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. ئۇيۇشتۇرۇشقا مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى، «جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى» ئىدارىسى، مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرناللىرى نەشرىياتى ياردەملەشتى. باھالاش نەتىجىسى مەركەزدىكى ئالاقىدار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارماقلىرى ۋەكىللىرىنىڭ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ، شۇنداقلا ۋەكىل ئوقۇرمەنلەرنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى.

    1. 6 - قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ئون يىلدا 6.29 پىرسەنت كۆپەيگەنلىكى كۆرسىتىلدى.

    4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، مەملىكەتلىك 6 - قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم سانلىق ئاخباراتى ئېلان قىلىندى: چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 31 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە ھەربىي خىزمەتتىكى نوپۇسلار ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 133 مىليون 792 مىڭ 211 بولۇپ، پۈتكۈل نوپۇسنىڭ 8.94 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. بۇنى 2000 - يىلىدىكى مەملىكەتلىك 5 - قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە سېلىشتۇرغاندا، 7 مىليون 362 مىڭ 627 ئادەم قوشۇلغان بولۇپ، كۆپىيىش نىسبىتى 6.92 پىرسەنت بولغان.

    2. يۈننەن ئۆلكىسى مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىنى ئېچىۋېتىشتە كۆۋرۈك بېشىدىكى ئىستىھكامغا ئايلاندۇرۇلىدۇ

    5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، گوۋۇيۈەن «گوۋۇيۈەننىڭ غەربىي جەنۇبنى ئېچىۋېتىشكە يۈزلەندۈرۈشتە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، قوللاش ۋە ئۇنى كۆۋرۈك بېشىدىكى ئىستىھكامغا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تەستىقلاپ تارقىتىپ، يۈننەن ئۆلكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا «مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى، چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈش ھەم مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئۈلگىلىك رايونغا ئايلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن قىلىپ بەلگىلىدى.

    3. گوۋۇيۈەن چارۋىچىلىق رايونلىرىنى تېز ھەم ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بىرقانچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   6 - ئاينىڭ  1- كۈنى، «گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىنى تېز ھەم ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى» بېسىپ تارقىتىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، مەملىكىتىمىزنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېكولوگىيەسى ياخشى، تۇرمۇشى باياشات، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم بولغان يېڭى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىلىدۇ. 8-ئايدا، 23 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چاقىرىلغان مەملىكەتلىك چارۋىچىلىق رايونلىرى خىزمەت يىغىنى «گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىنى تېز ھەم ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى»نى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

    4. «چېگرا رايونلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى پىلانى (2011 – 2015)» ۋە «نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولغان مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇش پىلانى» (2011 – 2015)» ئارقىمۇئارقىدىن يولغا قويۇلدى.

    6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «چېگرا رايونلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى پىلانى (2011 – 2015)»نى بېسىپ تارقىتىپ، سىياسەت جەھەتتىن يار-يۆلەك بولۇش ھەمدە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چېگرا رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېز ھەم ياخشى بولۇشىنى، شۇنداقلا جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق «نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولغان مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇش پىلانى (2011 – 2015)»نى بېسىپ تارقىتىپ، نوپۇسى ئاز بولغان جىڭپو، داغۇر، قىرغىز، شىبە، مۇلاۋ ۋە تۇزۇ قاتارلىق مىللەتلەرگە يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇردى.

    5. گوۋۇيۈەن ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېز ھەم ياخشى بولۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بىرقانچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، «گوۋۇيۈەننىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېز ھەم ياخشى بولۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى» بېسىپ تارقىتىلىپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سەرخىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كـۆرۈنـەرلىك ئۆستـۈرۈش، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىم سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    6. شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەندى، شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى

    7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، لاسادا شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغان 60 يىلدىن بۇيان، شىزاڭنىڭ جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ئىقتىسادىي ئىگىلىك ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى.

    7. 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكـۈزۈلـدى.

    9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە گۇيياڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى ۋە مۇسابىقە تۈرى، ئويۇن كۆرسىتىش ھەمدە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سانى جەھەتتە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت يىغىنىدا مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىنىپ، ئالتۇن مېدال ئېڭى سۇسلاشتۇرۇلۇپ، مۇسابىقە ۋە ئويۇن تۈرلىرىنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدال مۇكاپاتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلار تەسىس قىلىندى.

    8. «تۇنجى نۆۋەتلىك پۈتكۈل مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىنغان مىللەتلەرگە دائىر 100 تۈرلۈك مۇنەۋۋەر كىتاب» ئېلان قىلىندى.

    9 - ئاينىڭ 28 -كۈنى، «تۇنجى نۆۋەتلىك پۈتكۈل مەملىكەتكە تەۋسىيە قىلىنغان مىللەتلەرگە دائىر 100 تۈرلۈك مۇنەۋۋەر كىتاب» رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ يېزىقىدىكى كىتاب 40 تۈرلۈك، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى كىتاب 60 تۈرلۈك. بۇ قېتىمقى پائالىيەت مىللەتلەرگە دائىر مۇنەۋۋەر كىتابلارنىڭ يېتەكچىلىك، ئۈلگىلىك ۋە تەشۋىقاتچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرگە دائىر كىتابلارنى نەشر قىلىشتا رىغبەتلەندۈرۈش كەپپىياتىنى ئەۋج ئالدۇردى.

    9. گۇاڭشىدا مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى چاقىرىلدى.

    11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى چاقىرىلدى، جيا چىڭلىن يىغىنغا قاتنىشىپ مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. يىغىندا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ ھەمدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىناق ئۆتۈش، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن «12- بەشيىللىق» پىلان مەزگىلىدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش تەكىتلەندى.

    10. مەركەز قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغان تۇتاش ۋە تارقاق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى باسقۇچلۇق نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ بەلگىلىدى؛ ۋۇلىڭشەن رايونىدىكى دائىرەلىك تەرەققىيات ۋە نامراتلارغا يار - يۆلەك بولۇشتىكى ھۇجۇم خاراكتېرلىك سىناق نۇقتىسىدا ئىش باشلاندى.

     11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چاقىرىلغان مەركەز نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇش خىزمەت يىغىنىدا، قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغان تۇتاش ۋە تارقاق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا يار-يۆلەك بولۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئالتە تاغلىق رايون قاتارلىق 11 جايدىكى ئېغىر قىيىنچىلىقى بولغان تۇتاش ۋە تارقاق رايون، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە سىچۈەن، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق تۆت ئۆلكە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپـتونوم رايونىـنىڭ جەنـۇبىـدىكى ئـۈچ ۋىلايەت-ئوبلاستنى نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىش، ئالدى بىلەن ۋۇلىڭشەن رايونىدىكى دائىرەلىك تەرەققىيات ۋە نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇشتىكى ھۇجۇم خاراكتېرلىك سىناق نۇقتىسىدا ئىش باشلاش ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.