2013 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 3224   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-06 10:11:19

  «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2013 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر» ئېلان قىلىندى


  
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 2014 - يىلى 14 - يانۋار بېيجىڭدا «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2013 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر»نى ئېلان قىلدى. بۇ 10 چوڭ خەۋەر تۆۋەندىكىچە:
  
  1. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنى باھالاش - تەقدىرلەش پائالىيىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى.
  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مارتتا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنى باھالاش - تەقدىرلەش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، ھوقۇق، ئۆلچەم، تەرتىپنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باھالاش - تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇردى. مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئوبلاست (ۋىلايەت، شەھەر، ئايماق) بەرپا قىلىش سىناق پائالىيىتى سېنتەبىردە شىنجاڭدا باشلاندى.
  2. تەرەققىياتقا ئىنتىلەيلى، ئىتتىپاقلىشايلى، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى ــــ ۋاڭ جېڭۋېي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي ئاپرېلدا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگو ئارزۇسى، يىغىپ ئېيتقاندا 56 مىللەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرى بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان تەرەققىيات ئارزۇسى، 56 مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىش ئارزۇسىدۇر، دەپ كۆرسەتتى.
  3. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەدبىر مەسلىھەتچىلىكى كومىتېتى قۇرۇلدى.
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەدبىر مەسلىھەتچىلىكى كومىتېتى 7 - ئايدا بېيجىڭدا قۇرۇلدى، بۇ كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى قارارلارنىڭ ئىلمىي، دېموكراتىك، قائىدىلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
  4. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ ۋە ئىختىساسلىقلار خىزمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىندى.
  4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى سېنتەبىردە بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ ۋە ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ياخشى ئىشلەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى كېمەيتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
  5. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى تەبرىكلەندى، شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يازدى، لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى.
  باش شۇجى شى جىنپىڭ 6 - ئۆكتەبىر جاۋاب خەت يېزىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىرىشىپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى قۇرىدىغان ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. زۇڭلى لى كېچياڭ بۇ مەكتەپنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان ياراملىق كىشىلەرنى كۆپلەپ تەربىيەلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.
  6. جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر كىنولىرى قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى.
  جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر كىنولىرى قۇرۇلۇشى ئۆكتەبىردە رەسمىي باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇشتا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەر بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن كىنودىن ئاز دېگەندە بىرسى ئىشلىنىدۇ.
  7. شىزاڭ باش تېما قىلىنغان 10 - ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى.
  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆكتەبىردە «شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى.
  8. مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر تاشيول تۇتاشتۇرۇلمىغان ناھىيە ــــ موتو ناھىيەسىدە تاشيول قاتنىشى رەسمىي باشلاندى.
  شىزاڭنىڭ بومى ناھىيەسى زامۇ بازىرىدىن موتو ناھىيە بازىرىغىچە بولغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 117 كىلومېتىرلىق تاشيولدا ئۆكتەبىردە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، موتو ناھىيەسى مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر تاشيول تۇتاشتۇرۇلمىغان ناھىيە دېگەن تارىخقا خاتىمە بېرىلدى.
  9. شى جىنپىڭ شياڭشى تۇجيازۇ، مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
  باش شۇجى شى جىنپىڭ نويابىردا خۇنەننىڭ شياڭشى ئوبلاستىدا نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، شارائىتقا بېقىپ ئىش كۆرۈش كېرەك؛ نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، شوئارۋازلىقتىن ساقلىنىش، نىشاننى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ يادروسى ـــ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت.
  10. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات خاراكتېرىدىكى پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى دېكابىردا خۇبېي، خۇنەن، چۇڭچىڭ، گۇيجۇدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە (شەھەر) بىلەن ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونىدا تەرەققىياتنى تېزلىتىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سىنىقى توغرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، تەرەققىيات خاراكتېرىدىكى پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.
  بۇ قېتىملىق باھالاش پائالىيىتىنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت - تەشۋىقات مەھكىمىسى بىلەن جامائەت پىكرى مەركىزى ئۈستىگە ئالدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى، جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتخانىسى، مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى تەھرىراتى ياردەملەشتى. باھالاش نەتىجىسى مەركەزدىكى قىسمەن تاراتقۇلار ۋەكىللىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار كەسپىي تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن بارلىققا كەلدى.