2012 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر
جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دائىر 2012 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر
2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دائىر 2012 - يىللىق ئون چوڭ خەۋەر»نى ئېلان قىلدى. باھالاش پائالىيىتىنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت - تەشۋىقات مەھكىمىسى بىلەن ئۇچۇر مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. ئۇيۇشتۇرۇشقا مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى، جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى ئىدارىسى، مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرناللىرى نەشرىياتى ياردەملەشتى. باھالاش نەتىجىسى مەركەزدىكى ئالاقىدار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ، شۇنداقلا ۋەكىل ئوقۇرمەنلەرنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى.
1. دۆلەت مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەھەللىلەرگە ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا كىرىشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى.
1- ئاينىڭ بېشىدا، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە «يېڭى ۋەزىيەتتە مەھەللە مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر» ۋە «يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىر»نى ئارقىمۇئارقىدىن ئېلان قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەھەللىلەرگە ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا كىرىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى.
2. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى ياردەمچى تەرجىمە دېتالى مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.
1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى ياردەمچى تەرجىمە دېتالى مۇۋەپپەقىيىتىنى ئېلان قىلىش ۋە تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىققان، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى بەش خىل ياردەمچى تەرجىمە دېتالى ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى ياردەمچى تەرجىمە دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.
3. گوۋۇيۈەن گۇيجۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ھەم تېز، ھەم ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، گوۋۇيۈەن «گۇيجۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەم تېز، ھەم ياخشى بولۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، گۇيجۇنى يۆلەش - ئېچىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىلىك رايونى، مەدەنىيەت ساياھەت تەرەققىياتى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش رايونى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى گۈللەپ ياشنىغان رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كۆرسىتىلدى. ھازىرغىچە مەركەزنىڭ سەككىز ئاز سانلىق مىللەت رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر ھۆججەتلىرى تولۇق ئېلان قىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش جەھەتتىكى سىياسىي قۇرۇلما يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
4. دۆلەت «غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ 12 - بەش يىللىق پىلانى«نى تەستىقلىدى.
2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، گوۋۇيۈەن «غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى»نى تەستىقلىدى. يىرىك پىلاندا، غەربىي رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي كۈچى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش ساپاسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
5. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ۋۇلىڭشەن رايونىدا تۇرۇشقا ئەۋەتىدىغان ئالاقە ئەترىتى ۋۇلىڭشەن رايونىغا ئاتلاندى.
3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ۋۇلىڭشەن رايونىدا تۇرۇشقا ئەۋەتىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 77 نەپەر ئالاقە خادىمى ۋۇلىڭشەن رايونىدىكى تۆت ئۆلكە - شەھەردىكى 71 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئالاقە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئاتلاندى. بۇ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ «ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ دائىرىلىك تەرەققىياتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى يىرىك پىلانى (2011 − 2020 - يىل)»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ۋۇلىڭشەن رايونىدا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرى.
6. ئېلىمىز « 12 - بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، 1 مىليون 157 مىڭ كۆچمەن چارۋىچىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.
5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، گوۋۇيۈەن دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىپ، «مەملىكەت مىقياسىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى»نى تەستىقلىدى. «12 - بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، 246 مىڭ ئاھالە، 1 مىليون 157 مىڭ كۆچمەن چارۋىچىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
7. 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە، 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى دەۋر قىياپىتى نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ 18 - قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىشىدا قىزغىن كەيپىيات بەرپا قىلدى. بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىگە شياڭگاڭ ، ئاۋمېن، تەيۋەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 36 ۋەكىللەر ئۆمىكى، 6700 دىن ئارتۇق ئارتىس قاتنىشىپ، 43 سەھنە نومۇرى كۆرسىتىلدى، 94 مەيدان ئويۇن قويۇلدى. بۇ قېتىم، ھەرقايسى نۆۋەتتىكىلەرگە قارىغاندا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
8. گوۋۇيۈەن «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرىنىڭ 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى.
7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، گوۋۇيۈەن « ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرىنىڭ 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى» نى بېسىپ تارقاتتى. يىرىك پىلاندا، 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى روشەن دەرىجىدە كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
9. مەملىكەتلىك 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار» ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى تارقىتىلدى.
9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، مەملىكەتلىك 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭ دۆلەت تىياتىرخانىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. 25 پارچە ئەسەر كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تارىختىكى تەقدىرىگە ئېتىبار بېرىلىپلا قالماستىن، بەلكى رېئال مەۋجۇتلۇقى، بولۇپمۇ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىپادىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىندى.
10. 12 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كەنتتىن 1000ى نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىلىدۇ.
12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كەنتلەرنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ 2011 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە بولغان يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى ئېلان قىلىپ، 12 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كەنتتىن 1000نى نۇقتىلىق قوغداش ۋە ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.