مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 8818   يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-26 15:29:18


مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى


  
  11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنستىتۇتىدا، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىـتېتى پارتگـۇرۇپپىسىـنىڭ ئـەزاسى، پارتىـيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شياۋمەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. يىغىنغا بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھەم شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر – دىن ئىشلىرى كومىتېتلىرى (نازارەت، ئىدارىلەر)دىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش - مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھەم شەھەرلەردىكى مىللەتلەر – دىن ئىشلىرى كومىتېتلىرى (نازارەت، ئىدارىلەر)نىڭ پارتكوملىرى ياكى ئورگانلىرى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى)دىكى ئاساسلىق مەسئۇل خادىملار، بىر قىسىم جايلاردىكى مىللەتلەر – دىن ئىشلىرى كومىتېتلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىگە مەسئۇل فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل خادىملار، شۇنداقلا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەمدە مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل خادىملاردىن بولۇپ، 80 نەپەردىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
  بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4 – ئومۇمىي يىغىن، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم يىغىندىن كېيىن ئېچىلغان يىغىن بولۇپ، يىغىننىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى: مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا، مەركەزنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرى ھەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش؛ مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىـش خىزمـەت تەجرىبـىلـىرىنى ئالماشـتۇرۇش؛ خىـزمەت پىكىر يۆنىلىشى ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەملەر بىلەن ئالغا سۈرۈشتىن ئىبارەت.
  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرى خىزمىتى سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەبلەغ ــــ نامراتلارغا يار – يۆلەك بولۇش ھەم ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش مەبلىغى، چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش مەبلىغى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش – بېيىتىشتىكى جىددىي ئېھتىياجنى قامداش مەبلىغى بولۇپ، تەرەپ – تەرەپكە تۇتاش كەتكەن يۇقىرى بېسىملىق لىنىيەلەردۇر. كادىرلار ئىستىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرى  خىزمىتى سىستېمىسىدا پاسسىپ، چىرىكلىك ھادىسەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئىنتىزام – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى بالدۇر ھەم كىچىك چېغىدا تۇتۇش ھەمدە بىخ ھالىتىدىلا بىر تەرەپ قىلىش لازىم. مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ يېڭىلمەس جەڭنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئالغا سۈرۈش؛ سىياسىي تەرتىپلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش مەسىلىسىدە سىياسىي قائىدە – يوسۇن ئەھۋاللىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىدىكى مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىش؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت بايلىقىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم.
  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قانات يايدۇرۇش ـــ مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش ۋەزىپىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي چىقىش يولىدۇر. ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى «ئۈچ بۇرۇلۇش» جەرياندا مۇنداق ئۈچ نۇقتىنى ئوبدان ئىگىلىشى لازىم: بىرىنچىدىن، قاتلاممۇقاتلام بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيـلەشـتۈرۈشـىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «ئۈچ بۇرۇلۇش»نى ھەقىقىي تۈردە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسىدە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، ئىستىلدا ئاكتىپ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، «تۆمۈرنى سوقۇش»تا ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن باشلاپ، ياخشى ئىدىيەۋى ئىستىل، خىزمەت ئىستىلى ۋە تۇرمۇش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالماشتۇرۇش ھەم يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ ئىنتىزام – مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسىدە بىر گەۋدىلەشكەن بىرىكىش كۈچى ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.