پەرق ۋە بەرق
پەرق ۋە بەرق
مۇقەددىمە
ئابدۇرەئوپ پولات
روناق تاپىمەن دېسەڭ، روناق تاپقانلار بىلەن ئۆزۈڭنى سېلىشتۇرۇپ پەرقنى تاپ! پەرقنى تاپساڭ، ئۇنى ئېتىراپ قىلساڭ ۋە ئۇ پەرقنى تۈگىتىش ئۈچۈن سەمىمىيەت، جاسارەت، ئەقىل-پاراسەت بىلەن تىرىشساڭ، ئاندىن سەنمۇ بەرق ئۇرۇپ راۋاجلىنىسەن، روناق تاپىسەن.
بىر ئىنسان ئىككىنچى بىر ئىنساندىن، بىر توپ يەنە بىر بىر توپتىن، بىر مىللەت باشقا مىللەتتىن مائارىپ-مەرىپەت سەۋىيەسى جەھەتتىن ياكى ئەقىدە-ئېتىقاد جەھەتتىن بولسۇن ۋەياكى پىسخىكا، قىممەت قارىشى ۋە تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتىن ئازدۇر-كۆپتۇر پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدا، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا بۇ خىل مۇئەييەن دەرىجىدىكى پەرقنىڭ مەۋجۇدلۇقى تەبىئىي بىر ئەھۋال. سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، بۇ خىل پەرق ئەمەلىيەتتە، ئىنسانىيەتنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىشىنى، راۋاجلىنىشىنى ۋە ئالغا بېسىشىنى زۆرۈر مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىن ئېتىپ تۇرىدىغان ئورتاق بايلىقتۇر. ئەمدى، بۇ تۈر ـــ تەبىئىي ۋە قىممەتلىك پەرقنىڭ ئەزەلدىن ئەبەتكە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى شۇ ئىنساننىڭ ياكى ئىنسانلار توپىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بولسا، ئۇنىڭ قالاقلىقنى چۆرۈپ تاشلاپ، بەرق ئۇرۇپ راۋاجلىنىشنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپتىداسىدۇر!
بىر ئىنسان بىلەن ئىككىنچى بىر ئىنسان، بىر جامائەت بىلەن يەنە بىر جامائەت، بىر مىللەت بىلەن باشقا بىر مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تېپىش ئۈچۈن ئىلىم-مەرىپەت كېتىدۇ. ئىلىم-پەن ئۆگىنىپ كاللاڭنى مەرىپەت ئوزۇقى بىلەن تويۇندۇرمىساڭ، پەم-پاراسەت كۆزۈڭ يورۇمايدۇ؛ بىلىك (بىلىم) بىلەن تويۇنغان پاراسەتلىك كۆزۈڭ بولمىسا، ئەمەلىي پەرقلەر گەرچە ئالدىڭدا دۆۋىلىنىپ تۇرسىمۇ، ئۇنى كۆرەلمەيسەن.
پەرقنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىق ئەمەس، بەلكى بىر كەمچىلىك-نۇقسان ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ئالدى بىلەن ئۇنى توغرا تونۇش، يەنى ئۇنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىك جاسارەت كېتىدۇ. ئادەتتە، ھەرقانداق بىر ئادەم «بىزنىڭ ھېچكىمدىن قالغۇچىلىكىمىز يوق» دەپ ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش جەھەتتە، ئەسلىدە ئوخشاش پىچىم، ئوخشاش نەرخ ۋە ئوخشاش قىممەتتە بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتىدۇ.
كەمچىلىك ۋە نۇقسان بولغان ئۇ پەرقنى تونۇپ، ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن بولسا، ئۇنى تۈزىتىش ۋە تۈگىتىش ئۈچۈن، جاپالىق ماددىي ۋە مەنىۋى ئەمگەك كېتىدۇ. ئۆزۈڭ ئۆزۈڭنىڭ غېمىنى يېمىسەڭ، دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قالغان قالاق، پاسسىپ ھالىتىڭنى ئۆزگەرتىشنىڭ كويىدا بولمىساڭ، تەرەققىي قىلىش-گۈللىنىش ئۈچۈن تەر ئاقتۇرۇپ ئەمگەك قىلمىساڭ، باشقىلار سېنىڭ ئەھۋالىڭنى بىكاردىن بىكارغا، ھېچ بەدەلسىز ياخشىلاپ قويمايدۇ. ھەرقانداق بىر شەخس، ھەرقانداق بىر جامائەت ۋە ھەرقانداق بىر مىللەت بۇ نۇقتىنى ئوبدان چۈشىنىشى لازىم، ئەلۋەتتە.
مەن مۇشۇنداق تونۇش ئاساسىدا، ئۆزۈمنىڭ كۆرگەنلىرى ۋە باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى ئەمەلىي مىسال قىلىپ، «پەرق ۋە بەرق» ماۋزۇلۇق بۇ چاتما ئەدەبىي خاتىرىگە تۇتۇش قىلىپ قالدىم. مەن پەرقنى تېپىشتا، كۆپىنچە ياش ۋاقتىمدىكى مەن ۋە ئەتراپىمدىكى ھەمداستىخانلىرىم بىلەن بۈگۈنكى بالىلىرىم ۋە ئوقۇغۇچى-شاگىرتلىرىمنى سېلىشتۇردۇم؛ جامائەت ۋە مىللەتلەردىن سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، بىزگە قېرىنداش بولغانلىرىنى، ماڭا بەكرەك چۈشىنىشلىك بولغانلىرىنى ئالدىن ئويلاشتىم.
بۇ يازمىشلىرىمدىن مۇددىئا: يەنىلا قېرىنداشلارچە مۇڭدىشىش، ياشامغا زۆرۈر ئاساسىي بىلىكلەر ئۈستىدە، ھەممەسلەكلەر بىلەن ئۆزئارا پىكىر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش؛ شۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ياشامىمىزغا سەمىمىي ۋە خالىس كۆز بىلەن قاراپ، قىلغان-ئەتكەنلىرىمىزنى بولۇشلۇق باھالايدىغان ئەۋلادلىرىمىزغا سەمىمىي مەسلىھەت بېرىشتىن ئىبارەت، خالاس.
سەھەر قوپۇش ئۇخلاشتىن ئەۋزەل
بۇنىڭدىن بىر كەم ئەللىك يىل بۇرۇن، يەنى1963-يىلى قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى (بۈگۈنكى 6-ئوتتۇرا مەكتەپ)گە ئوقۇشقا كىردىم. مەزكۇر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى پۈتكۈل قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە بىرلا بولغاچ، قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق 12 ناھىيە (شەھەر) ۋە ئاپتونوم ناھىيەدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىناتتى. ئۆيى مەكتەپكە يىراقلار ۋە ئىختىيار قىلغانلار ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيتتۇق. تاماق-ياتىقىمىز مەكتەپتە بولغاچ، تۇرمۇشىمىز ھەربىي گازارما تۇرمۇشىدەك قاتتىق ئىتىزاملىق، ئەمما تەرتىپلىك ئىدى: سەھەر سائەت ئالتىدە مەكتەپ رادىيو كانىيىدىن ياڭرايدىغان ئورۇندىن تۇرۇش مۇزىكىسى بىلەن تەڭ ئورنىمىزدىن تۇراتتۇق. تەنتەربىيە مەيدانىغا چىقىپ، سىنىپلار بويىچە رەتلىك تىزىلىپ تۇرۇپ، گىمناستىكا ئوينايتتۇق. ئاندىن ياتاققا قايتىپ يۈز-كۆزلىرىمىزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، سىنپلىرىمىزغا كىرىپ، بىر سائەت ئەتىگەنلىك دەرس مۇزاكىرىسى (ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش) قىلاتتۇق. ئاندىن، ياتاقلىرىمىزغا چىقىپ قاچا-قوشۇقلىرىمىزنى ئېلىپ، مەكتەپ تاماق زالى (چوڭ يىغىن زالىمۇ شۇ ئىدى)غا بېرىپ، ئەتىگەنلىك تاماق يەيتتۇق. سائەت سەككىز بولغاندا، ئۆيىدىن كېلىدىغان بالىلار بىلەن بىللە رەسمىي دەرسكە كىرەتتۇق. بەزەن چاغلاردا ئەتىگەنلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ناشتىدىن كېيىن بولاتتى. بۇنداق چاغلاردا، ئۆيىدە يېتىپ ئوقۇيدىغان بالىلارمۇ كېلىپ، ئەتىگەنلىك مۇزاكىرىگە قاتنىشاتتى. مۇشۇ ئەھۋالدا شۇ چاغدىكى 14-15ياشلىق بىزلەردىن: «بەك سەھەر تۇرۇپ كەتتۇق، كۆپرەك ئۇخلىۋالساق بولاتتى» دەپ قاقشايدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەكسىچە، سەھەر ئورنىدىن تۇرۇش مۇزىكىسى چىقىشتىن بىر سائەت بۇرۇن، يەنى سەھەر سائەت بەشتە ئورنىدىن تۇرۇپ، مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا، ھەتتا مەكتەپ سىرتىدىكى كوچىغا چىقىپ، يۈگۈرۈپ چېنىقىدىغان نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمىز بار ئىدى. مەكتىپىمىز بىلەن ئارىلىقى 15-20 كىلومېتىر يىراق كېلىدىغان «ئاۋات»، «يېڭىئۆستەڭ» دېگەن يۇرتلاردىن ئەتىگەنلىك مۇزاكىرىگە ئۈلگۈرۈپ كېلىدىغان بىرمۇنچە ساۋاقداشلىرىمىز بولىدىغان: قارىساڭ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئاناردەك قىپقىزىل، كۆزلىرىدىن ھارغىنلىق ئەمەس، ئىنتىلىش، چىدام ۋە غەيرەت ئۇرغۇپ تۇراتتى...
بۇنىڭدىن ساق قىرىق يىل مۇقەددەم، يەنى 1972-يىلى بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىردىم. ئۇ چاغدىكى مەكتەپنىڭ يېتىش-قوپۇش تۈزۈمى ئاشۇ ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىمىز بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك ئىدى: قىشتا ئەتىگەن سائەت ئالتىدە، يازدا ئالتە يېرىمدا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ تەنتەربىيە مەيدانىغا چىقىپ، ھەرقايسى سىنپ-فاكۇلتېتلار بويىچە رەتلىك تىزىلىپ تۇرۇپ گىمناستىكا ئوينايتتۇق. ئاندىن يۇيۇنۇپ-تارىنىپ ئەتىگەنلىك تاماققا چىقاتتۇق. ئاندىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قىلاتتۇق ۋە چۈشتىن بۇرۇنقى تۆت سائەتلىك دەرس باشلىناتتى. كەچقۇرۇن سائەت ئالتىدە كەچلىك تاماق يەيتتۇق. كەچ سائەت يەتتىدىن توققۇزغىچە بەلگىلەنگەن سىنىپقا بېرىپ، كوللېكتىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قىلاتتۇق. ئەتىگەنلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋاقتىدا، شۇ كۈنلۈك دەرسلەرنى تەكرارلىۋالاتتۇق؛ كەچلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش چېغىدا بولسا ئەتىدىكى دەرسلەرگە كۆز ئېتىپ، ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالاتتۇق.
ھازىر 21-ئەسىرنىڭ 2-ئونىنچى يىللىرى بولۇپ قالدى. مەملىكىتىمىزدە 1978-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتى ئۆتكەن 30 نەچچە يىل مابەينىدە ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىسلاھ قىلىۋەتتى. شۇ قاتاردا مەكتەپلەردە، خۇسۇسەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ قورولىرىدا، شەرقنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتىزاملىرى «مۇتەئەسسىپ كىشەنلەر» دەپ قارىلىپ، يېتىپ-قوپۇش، يۈرۈش-تۇرۇش تۈزۈملىرى غەربچە ئەركىن دۇنيالاشتۇرۇۋېتىلدى. ئالايلۇق، ئالدى بىلەن سەھەر تۇرۇپ كوللېكتىپ تەنھەرىكەت قىلىش بىكار قىلىۋېتىلگەنلىكتىن، ھازىرقى نەۋرىلىرىمىز ئەتىگەندە سائەت يەتتىدىن 50 مىنۇت ئۆتكۈچە بىمالال ئۇخلاپ، دەرس باشلىنىشقا 10 مىنۇت قالغاندا يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىققان پېتى، پۇتىغا بىر تەرەت كەشىنى سېپىۋالغان ھالدا سىنپقا كىرىپ كەلسە... دەرس ۋاقتىدا ناشتىلىق ئۈچۈن دۇكاندىن سېتىۋالغان ئىچىملىكنى مۇئەللىمنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ، «غۇرت-غۇرت» ئىچىپ ئولتۇرسا، بولۇۋېرىدىغان بولدى.
ئۆزۈمچە سېلىشتۇرۇپ قالىمەن: مۇشۇ ھالدا بۇ مۇقەددەس ئىلىم مەرىكە مەيدانى دەرسخانىمۇ ياكى قەھۋەخانىمۇ؟ بۇ مەنزىرە بىلەن بىزنىڭ بالا ۋاقتىمىزدىكى مەكتەپ قوينى مەنزىرىسىنى سېلىشتۇرغاندا، يېرىم ئەسىر بۇرۇنقى بىز بەختىيارمۇ ياكى بۈگۈنكى بۇ نەۋرىلىرىمىز سائادەتمەنمۇ؟ ئۆز زامانىسىدا بىز سەھەر تۇرۇپ نېمە زىيان تارتقانىدۇق، بۈگۈنكىلەر جىق ئۇخلاپ نېمە پايدا ئېلىۋاتىدۇ؟
ئىنسانشۇناسلار، پىسخولوگلار، ھەتتا دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەندەك يېشى 60تىن ئاشقان قېرى ئادەم بىلەن، ئۆمۈر تۆگىسى تېخى يىگىرمىگە يېتىپ-يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەردە كۆز قاراش، تونۇش ۋە پىكىر پەرقىنىڭ بولۇشى تەبىئىي بىر ئەھۋال ئىمىش. شۇڭا، مەن بۇ يەردە ھازىرقى مەپكۇرەم بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ 14-15 ياشلىق تولۇق ئوتتۇرا ۋە 20 ياشلاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى زامانىمدىكى تەسىراتىمنى سەمىمىيلىك بىلەن ئەينەن دېسەم، سەھەر قوپۇش ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ ئاشۇ بىر كۈنلۈك ھاياتىمىزنى ئىنسانغا خاس ھالدىكى تەشەببۇسكارلىققا، ئاكتىپلىققا ۋە دۇرۇس مەزمۇنلۇققا ئىگە قىلىدىغان بىباھا دەسمايىمىز ئىدى. قاراڭ، سەھەر تۇرۇپ، ساپ ھاۋالىق كەڭ مەيداندا تەنھەرىكەت قىلساق، باشقىچە روھلىنىپ كېتەتتۇق. ناشتىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئەتىگەنلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قىلىپ، شۇ كۈنلۈك دەرسلەرگە ئانچە-مۇنچە كۆز ئېتىۋالساق، دەرسكە كىرگەندە «مۇئەللىم مەندىن سوئال سوراپ قالسا، قانداق قىلارمەن؟» دەيدىغان ئەندىشىمىز بولمايتتى. سەھەر تۇرغاچ، ناشتىسىز قالمايتتۇق-دە، نەتىجىدە ئۈچىنچى-تۆتىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتى بولغاندا، قورساقلىرىمىز ئېچىپ، كوركىراپ كېتىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيتتى... ئەڭ مۇھىمى، سەھەر تۇرۇپ دەرسلىرىمىزنى تەكرارلاپ، تاپشۇرۇقلىرىمىزنى ئىشلەپ، شۇ كۈنلۈك ئىشلىرىمىزنى ئالدىمىزغا سېلىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن، يېڭى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ياخشى چۈشىنىپ، ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭالايتتۇق. دەرسلەرنى ئۆگەنگەنسېرى ئۆگەنگۈمىز كېلەتتى، كۈنلىرىمىز ئەتىگەندىن كەچكىچە تەشەببۇسكارلىق، ئاكتىپلىق ۋە راھەتلىك ئىچىدە مەنىلىك ئۆتەتتى.
ئەمدى ھازىرقى مەن ئوقۇتۇۋاتقان بالىلىرىمىزغا قارىسام، بىرىنچى-ئىككىنچى سائەتلىك دەرسكە كەلمەيدىغانلار ۋە كېچىكىدىغانلار كۆپ، تۆتىنچى سائەتلىك دەرستىن قاچىدىغانلارمۇ خېلى بار. نېمىشقا؟ سەھەر تۇرۇپ گىمناستىكا ئوينايدىغان زورلاش خاراكتېردىكى تۈزۈم بىكار قىلىنىپ، ئەتىگەندە بالدۇر تۇرۇش-تۇرماسلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىلگەچ، بالىلار ئومۇمەن سائەت سەككىزگە 10-15 مىنۇت قالغۇچە ئۇخلايدۇ. ئورنىدىن كېچىكىپ تۇرغاچقا، بىرىنچى سائەتلىك دەرسكە ھەمىشە مۇئەللىمدىن كېيىن كىرىدۇ. ئەتىگەنلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش دېگەنلەر بولمىغاچ، مۇئەللىم دەرس ھەققىدە سوئال سورىسا، تىرناق تاتىلاپ، گۆشىيىپ تۇرىدۇ. ئەتىگەندە ناشتا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي سىنىپقا ياتاقتىنلا كەلگەچكە، تۆتىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتىغىچە قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، دەرستىن قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ... ھالبۇكى، «دەرسكە كېچىكىش»، «مۇئەللىم سوئال سورىسا جاۋاب بېرەلمەسلىك»، «دەرسكە قاتناشماسلىق» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، سېپى ئۆزىدىن قالاقلىق، پاسسىپلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇكى، مۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغان ئوقۇغۇچىنىڭ دىل-كۆڭلىدە ئىنسانىي راھەت، ۋۇجۇدىدا غەيرەت-شىجائەت كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، تۆت-بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن چەندىكىدەك بەھرە ئالالماي، ئىلىمسىز پېتى چىقىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمدى ئەگەر بىز مەزكۇر قالاقلىق ۋە پاسسىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان نەرسىنىڭ ئەسلىدە ئىنسان يېڭەلمەيدىغان كۈچلۈك بىر دۈشمەن ئەمەس، بەلكى ئادەتتە ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنىپمۇ كەتمەيدىغان ئاشۇ «سەھەردە ئورۇندىن تۇرماسلىق ئىللىتى» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلساق، ماۋزۇيىمىزدىكى مۇھاكىمىگە ئەھمىيەت بىلەن قاراپ، ئەستايىدىل مۇلاھىزە بىلەن قاتنىشىشتا پايدا بارلىقى چوقۇمدۇر. شۇڭا، قېرىندىشىم، يالتىيىپ قالماي مەن بىلەن بىللە يۈر، پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بېلىڭنى باغلا، يېڭىڭنى تۈر!
«سەھەر قوپماق − ئىبادەت»
سەھەر تۇرۇش بىر گۈزەل ئادەت، مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شامالباغدىكى ئائىلە، مەن ئۆسۈپ چوڭ بولغان قەشقەردىكى مەھەللە-ئۆي مۇھىتى بۇنىڭغا شاھىتلىق بېرەلەيدۇ:
ــــ سەھەر قوپماق ئىبادەتتۇر! ــ دەيتتى ئانام رەھمىتى ھەركۈنى بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا، ئايەت ھۈرگەن قوللىرى بىلەن بېشىمىزنى سىلاپ تۇرۇپ، ــــ قوپۇپ كېتىڭلار ئەمدى، ئورنۇڭلاردىن دەس تۇرۇپ كېتىڭلار!
ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، تالا-تۈزگە چىقساق، ئاشۇ شەرق ئەمدىلا بوزارغان، ئەمما تاڭ تېخى تولۇق يورۇمىغان، ئۇ يەردە-بۇ يەردە ئاق قۇشقاچلار كامارلىرىدىن يېڭىلا چىقىپ، «چۇرۇق-چۇرۇق» قىلىپ سايرىشىۋاتقان سۈبھى سەھەردە، قەشقەرنىڭ توققۇزاق دەرۋازىسى قاتارلىق شەھەر سىرتى بىلەن تۇتىشىدىغان چوڭ كوچا دوقمۇشلىرىدىن: «كەلسىلە، مېھمانلار كەلسىلە! زاسۈي شورپىمىز يېڭىلا چىقتى، كەلسىلە!» دېگەن ياڭراق مېھمان چاقىرىش سادالىرى شەھەرنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. سائەت ئالتە-ئالتە يېرىملاردىلا ھېيتگاھ جامەسىنى مەركەز قىلغان كوچا دوقمۇشلىرىدا، بامدات نامىزىدىن كېيىنكى قايناق كالتە بازار شەكىللىنىپ، ناۋايخانىلار، چايخانىلار «مىژ-مىژ» مېھمانلار بىلەن تولۇپ كېتەتتى. ھازىرچۇ؟
2011-يىلى تۇغقان يوقلاپ قەشقەرگە باردىم. بىر كۈنى، بىر كونا بۇرادىرىم بىلەن ئەتىگەندە خام بازىرى كوچىسى دوقمۇشىدا كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتۇق. دېگەن مۆھلەتتە كۆرۈشتۇق، شۇ چاغ سائەت ئسىتىرېلكىسى ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن 15 مىنۇت ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. «بىرەر چايخانىدا چاي ئىچكەچ پاراڭلىشايلى» دېيىشىپ، شۇ ئەتراپتىكى ئۈچ چايخانىغا باردۇق، ھەممىسىنىڭ ئىشىكلىرى مەھكەم ئېتىكلىك تۇرۇپتۇ. «بۇ نېمە ئىش؟» ھەيرانۇھەس بولۇپ بۇرادىرىمدىن سورىدىم.
ـــ سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكلەر بامدات نامىزىدىن كېيىن «پادىشاھ ئۇيقۇسى» دەپ بىر قەپەس تاتلىق ئۇخلىۋالارىمىش، − دەپ ئىزاھ بەردى بۇ ھالغا بۇرادىرىم كالتە چار ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ، − ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىن بەھرىلىنىپ، مەككىنى تاۋاپ قىلىپ، «ھاجى» بولغانلار كۆپەيگەنسېرى، شەھرىمىزنى بامدات نامىزىدىن كېيىن ئۇخلاش ئادىتى بېسىپ كەتتى. شۇ ۋەجىدىن، ھېلىقى سىلى-بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بامدات نامىزىدىن كېيىنلا قايناپ كېتىدىغان كالتە بازارلار يوقالغىنى نە ۋاق. بىراق، ئەھۋالنىڭ تەرەققىي قىلىپ، بۇ ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى مەنمۇ ھېس قىلماپتىمەن...
دېمەك، بۇ ئەمەلىيەتتىن چىقتىكى، يوتقاندىن سەھەر قوپۇشنى ياكى ۋاقچە قوپۇشنى قايسىبىر مىللەتنىڭ ئادىتى، يەنە قايسىدۇر بىر مىللەتنىڭ ئادىتى ئەمەس دېگىلى بولمىغۇدەك. بىراق، ئۇنداق بولسا، «سەھەر قوپماق ئىبادەت» دېگەن ئۇيغۇر ئاتا سۆزى، يەنى ئۇيغۇر خەلق ماقالى قەيەردىن كەلگەندۇ؟ ئۇ زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدىغاندۇ؟
مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىلىدا شەكىللەنگەن ماقال-تەمسىللەر ئەمەلىيەتتە، شۇ مىللەت، شۇ قوۋم خەلقىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق چىقىرىلغان يەكۈن خاراكتېرلىك مۇئەييەن زاكوننى چۈشەندۈرىدىغان ئەقىل جەۋھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، «سەھەر قوپماق ئىبادەتتۇر» دېگەن بۇ بىر جۈملىنىڭ ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئاتا سۆزى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە، سەھەر قوپۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئىبادەت دەرىجىسىدىكى بىر مۇقەددەس ۋە خاسىيەتلىك پائالىيەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئۇنداق بولسا سەھەردە قوپۇشنىڭ خاسىيىتى زادى قەيەردە؟ بۇ مەسىلىگىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىز «سەھەر قوپساڭ ئىشىڭ پۈتەر، ۋاقچە قوپساڭ ئېشىكىڭ يۈتەر» دېگەن ماقال بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك، سەھەردە بالدۇر قوپساڭ شۇ كۈنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىڭنى ۋاقتىدا قىلىپ پۈتكۈزەلەيسەن؛ ئەگەر ۋاقچە قوپساڭ، بېجىرىلىشى لازىم بولغان ئىشلىرىڭنى قىلىپ بولالمايسەن-دە، شۇ كۈنى سەن ناھايىتى زور زىيان تارتىسەن، دېگەنلىكتۇر.
شۇنداق، ھەرقانداق ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا ياشامى جەريانىدا ھەر كۈنى بېجىرىشى كېرەك بولغان مۇئەييەن ئىش-ئەمگىكى، بۇرچ-ۋەزىپىسى بولىدۇ. ھەر كىم شۇ ئىشلارنى پۈتكۈزگەندە، شۇ بۇرچ-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغاندا، ئاندىن ئۇنىڭ تۇرمۇشى نورمال تۇرمۇش، ھاياتى ھەقىقىي ئىنسانىي ھايات بولىدۇ. ئۆز ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا پۈتكۈزمەسلىك ياكى پۈتكۈزەلمەسلىك ئۇ ئادەمنى تۇرمۇشتا پاسسىپ، خار ۋە بەھرىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئالايلۇق، سەن بىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. سەھەر قوپساڭ، دەرس باشلانغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈنۈگۈنكى دەرسنى تەكرارلىۋېلىشقا، تاپشۇرۇقلارنى ئىشلىۋېلىشقا ۋاقىتىڭ بولىدۇ؛ دەرسىڭنى تەكرار قىلىۋالساڭ، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلىۋالساڭ، ئۆگەنگەنلىرىڭ مېڭەڭگە چوڭقۇر ئورنايدۇ، كاللاڭدىكى بىلىك خەزىنەڭ موللىشىدۇ... بۇ ھالدا دەرس باشلانغاندا مۇئەللىم سوئال سوراپ قالسا، ئىنجىقلىماي، دۇرۇس جاۋاب بېرەلەيسەن. بۇنىڭ بىلەن، مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرىڭ ئالدىدا يۈزۈڭ يورۇق بولىدۇ. مانا بۇ، ئەمەلىيەتتە، سەھەر قوپۇشنىڭ خاسىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىڭ تەلەپ قىلىدىغان ۋە جەزمەن ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ئىشىڭنىڭ بەلەن رەۋىشتە پۈتكىنىدۇر. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە، سەھەر قوپۇشتىن ئىبارەت بۇ خاسىيەتلىك پائالىيەتتىن نېسىۋىسىز قېلىپ، ۋاقچە قوپساڭ، تومۇرنىڭ ئوچۇقىدا دەرسلىرىڭنى تەكرارلىۋالالمايسەن-دە، سىنىپقا كىرگەندە بېشىڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپمۇ ئولتۇرالمايسەن؛ مۇئەللىم تۈنۈگۈن ئۆتكەن دەرسلەرگە ئائىت سوئال سوراپ قالسا، جاۋاب بېرەلمەي، تىرناق تاتىلاپ تۇرۇپ قالىسەن. ئوقۇغۇچىلىق بۇرچۇڭنى ئادا قىلالمىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساۋاقداشلىرىڭ ئالدىدا يۈزۈڭ تۆكۈلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، شۇ كۈنلۈك ئۆگىنىش ۋەزىپەڭنى، بىلىم ئېلىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىشىڭنى پۈتكۈزەلمىگىنىڭ ئۈچۈن، ۋىجدانىڭ ئازاب ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. غايىلىك بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ كېيىن ئورنىنى تولدۇرۇۋالغۇسىز دەرىجىدىكى چوڭ زىياندۇر، ئەلۋەتتە.
يەنە دېسەك، سەھەردە قوپۇش ـــ ئورۇنلىنىشى ئاددىي، ئەمما قىممىتى تەڭداشسىز بىر پائالىيەت. ئۇ ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن كۈندىلىك ئادەت بولغان چاغدىلا، ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدە مول ئىمكان ۋە بۈيۈك نۇسرەتلەر مەنبەسى ئىكەنلىكى كارامىتىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىدۇ. ئەجدادلاردىن ئۇدۇم «سەھەردە قىلساڭ ناشتا، كېسەل تۇرماس باشتا» دېگەن ئۇيغۇر خەلق ماقالى دەل مۇشۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنى، سەھەردە قوپۇش-قوپماسلىق مۇنداقلا قارىغاندا، بىر-ئىككى سائەت ۋاقىتقا جىددىي قاراش-قارىماسلىق مەسلىسىدەك ئاددىي كۆرۈنىدۇ. ئەمما، ئۇ بىر-ئىككى سائەت ۋاقىت ھەر قانداق بىر ئىختىيارىي زاماندىكى بىر-ئىككى سائەت ئەمەس، بەلكى شۇ كۈنلۈك ھاياتنىڭ باش بۇرنىدىكى بىر-ئىككى سائەت ۋاقىت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەتىۋارلىنىشى ياكى سەل قارىلىشى ئەمەلىيەتتە، شۇ ئىنساننىڭ پۈتۈن بىر كۈنلۈك ياشام-ھاياتىغا ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئەجەللىك تەسىر كۆرسىتىدىغان باش پەيت ھەم رەھبەر مەزگىل بولغانلىقى سالاھىيىتى بىلەن تەڭداشسىزدۇر. ئالايلۇق، پەقەت سەھەر قوپقان ئادەملا ئۆز ۋاقتىدا ۋە كەڭ-كۈشادە ناشتا قىلالايدۇ، ناشتا قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇ ئادەمنىڭ بەدەن ھۈجەيرىلىرى نورمال ئىشلەش ئىمكانىغا ئېرىشىدۇ. بەدەن ھۈجەيرىلىرى نورمال خىزمەت قىلىدىغان ئادەمنىڭ كۈچ-مادارى مەزمۇت، مېڭە قۇۋۋىتى مۇكەممەل بولىدۇ. بۇ ھالدىكى ئىنسان خالىغىنىچە ئىلىم-ھېكمەت ئۆگىنىپ، بايلىق-نېمەت قازىنىپ، بۇ دۇنيا مەئىشەتلىرىنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيدۇ؛ بۇ جاھاندىكى ئىنسانىي ياشامنىڭ ھەممە مېۋىلىرىنى بىمالال تېتىپ كۆرەلەيدۇ.
سەھەردە قوپۇش ئىنساننى ئىشچانلىق خىسلىتى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ۋاقچە قوپۇش بولسا ئادەمنى ھۇرۇنلۇق ئىللىتى بىلەن جازالايدۇ.
بۇ جاھاندىكى ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ياشاش ۋە پاسسىپ كۈن ئۆتكۈزۈش ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن پەقەت ئىككىلا سىنىپقا بۆلۈش مۇمكىن: بىرسى ئىشچانلار سىنىپى، يەنە بىرسى ھۇرۇنلار سىنىپى. ئىشچانلار ــــ ئەمەلىيەتتە، خاسىيەتلىك «سەھەر قوپۇش» پائالىيىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان غالىبلاردۇر؛ ھورۇنلار بولسا ۋاقچە قوپۇش ئادىتى تەرىپىدىن جازالانغان مەغلۇپلاردۇر. بۇ ئىككى سىنىپ-ئىككى تەبىقىگە مەنسۇپ ئادەملەرنىڭ روشەن بەلگىسى ۋە مۇتلەق پەرقلىق ئالامىتى شۇ: ئىشچان ئادەملەر ھەمىشە سەھەر قوپىدۇ، ھەر كۈنلۈك ياشام ئۈچۈن بالدۇر ھەرىكەت قىلىدۇ. ھەرقانداق قىيىن شارائىت، ئوسال ئەھۋالغا قالغاندىمۇ، مېڭىسىنى ئىشلىتىپ، قولىنى ئىشقا سېلىپ، ئەمگەك-ئىجاد بىلەن ئىنسانغا مۇناسىپ ھايات يولى ئېچىپ ياشايدۇ؛ ھۇرۇن ئادەملەر بولسا ھەر دائىم ۋاقچە قوپىدۇ، ئىش-ھەرىكەتتە مىسىلداپ ھامان باشقىلارنىڭ كەينىدە قالىدۇ. ئازراق قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بولسا ئۆزىنىڭ بولۇمسىزلىقىدىن ۋە بىلىمسىزلىكىدىن بىردەم ئاسماندىن ئاغرىنسا، يەنە بىردەم زېمىندىن زارلىنىپ، توختىماي قاقشايدۇ.
تەجرىبە-ساۋاقلىق يەكۇن شۇ: ئىشچانلارنى جەزمەن ئىستىقباللىق ھايات تاللايدۇ، پاراۋان، گۈللەنگەن ئىنسانىي ياشام قۇچاقلايدۇ؛ ھۇرۇنلارنى رىقابەتلىك ياشام ھامان مەغلۇبىيەت ئازگىلىغا تاشلايدۇ. بىراق، شۇنى بىلگىنكى: ئىشچانلىق بىلەن ھۇرۇنلۇقنىڭ مەنبەسى ۋە بۆشۈكى بىرلا يەردە − سەھەردە!
ئاپتور مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا