2013 – يىللىق 6 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر
بۇ ساندا ــــ «بىرىنچى كۆزنەك»، «مەركەزدىن كەلگەن سادا»، «مىللەتلەر خىزمىتى ئۇچۇرلىرى»، «سۆھبەت»، «قېرىنداش مىللەتلەر مەدەنىيىتى»، «مىللەت ۋە مەتبۇئات»، «تۆھپىكارلار مۇنبىرى» «ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنەۋۋەر شەخسلىرى» قاتارلىق كۆزنەك سەھىپىلىرىمىزگە بېرىلگەن نادىر ماقالىلاردىن باشقا يەنە، سىزنى چوقۇم جەلپ قىلماي قالمايدىغىنى: مۇھەممەدجان تىلىۋالدىنىڭ «ئەسەر ۋە باھا» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «‹بەخت ھارۋىسى›دىن تۇغۇلغان ئويلار»، ئابدۇخېلىل مىرخېلىلنىڭ «مىللەت ۋە مەدەنىيەت» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «ئۇيغۇرلاردا خامان مەدەنىيىتى»، ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ «ئەدىبلەر مۇنبىرى» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «مەن سۇ ئىچكەن دەريالار» ناملىق ئەسلىمىسى، تەتقىقاتچى ئەلى غوپۇرنىڭ «دۇنياغا نەزەر» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «تەيۋەن تەسىراتلىرى» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى، قۇربان ئوبۇلنىڭ «ساغلاملىق ـــ بايلىق» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «ياشانغانلار ئۈچۈن كۆرسەتمىلەر»، ئەدەبىي تەنقىدچى ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ «ئەدىبلەر نېمە دەيدۇ» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «يازغۇچىنىڭ بايلىقى»، ئىسمائىل ھېكىم بىلەن نۇربىيە تۇرسۇننىڭ «مېھنەتتىن كەلگەن ھېكمەت» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى، ئاتاقلىق نەسىرچى ئەخمەت ئىمىننىڭ «گۈلدەستە» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «كارىز بويىدىكى خىيال» ناملىق نەسرى ۋە ئايسىمە ئىدرىسنىڭ «ئاپتاپپەرەس ئېچىلغاندا»، «يازنى سېغىنىش»، سائادەت ساتتار ئايتوغنىڭ «سۆيەلەيمەن»، مېھرىگۈل ھۈسەيىننىڭ «بالكوندىكى گۈل» ناملىق شېئىرلىرى....
بۇ ساندا ئوقۇرمەنلىرىمىز يەنە ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى جيەن بوزەن ۋە ئۇنىڭ يۇرتى تاۋيۈەن ناھىيەسى ھەققىدە ئەتراپلىق ئۇچۇر، مەلۇماتلارغا ئىگە بولالايدۇ؛ تۆھپىكار ئانا، تۇنۇلغان يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت بىلەن قانغىچە مۇڭدىشالايدۇ...
ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇرمەنلىرىمىز يەنە ئاتاقلىق قىززىقچى، چاخچاق پېشۋاسى، «زامانىمىزدىكى نەسىردىن ئەپەندى» ھېسام قۇربان بىلەن ژۇرنىلىمىزدا ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى چاقچاقلىرى ئارقىلىق قايتا يۈز كۆرۈشۈپ، مەرھۇمغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ژۇرنىلىمىز بەتلىرىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە نادىر سۈرەتلەر خاتىرىلەيدۇ...
بۇ سان ژۇرنالدا يەنە نۇرغۇن سەرخىل مەزمۇنلار بار بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر تولۇق ۋاراقلاپ باقسا ئۆزىگە ئۆزىگە ئەڭ قىممەتلىك ۋە مول مەنىۋى داستىخان سالالايدۇ...