2016 – يىللىق 2- ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1487   يوللانغان ۋاقتى: 2016-05-16 15:28:05

 


   ژۇرنىلىمىزنىڭ 2 - سانى باھار ئايلىرىدىكى باھارنىڭ گۈزەللىكىدىن گۈزەللىك ۋە جەلپكارلىق تالىشىدىغان گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرىدىن باشلاندى. گېپىمىزنىڭ دەلىلىنى مەزكۇر سان ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇقاۋىسىدىن كۆرۈڭ.
   باھار پەسلى باشلانغان ئايلارنىڭ بىرىدە، ژۇرنىلىمىزنىڭ 2016 - يىللىق 2 - سانىنى نەشردىن چىقاردۇق. سىز بۇ سان ژۇرنالنى ۋاراقلىسىڭىز: «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىدە ئەڭ ئاۋۋال «ھەر كىم ئۆزىنىڭ <قىممەت تارازىسى>نى تېپىشى كېرەك» دېگەن ماقالىغا دىققىتىڭىز چۈشىدۇ. «ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالاھىدە ماقالىسى» سەھىپىسىدە: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى يىلى> پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى، جاڭ چۈنشيەن سەپەرۋەرلىك دوكلاتى بەردى، سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى»؛ «جاڭ چۈنشەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە خوتەندە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى»؛ «يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستى <چاۋشيەن تىل - يېزىق كۈنى> تەسىس قىلدى» قاتارلىق مۇھىم ماقالىلاردىن بەھىر ئالىسىز.
   بۇ سان ژۇرنالنىڭ «ئەل - ئاۋام نەزىرىدە <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلى سەھىپىسىگە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ھەسسە قوشايلى __ <جۇڭگو مىللەتلىرى> ژۇرنىلىنىڭ  ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونلىرىغا كىرىشى تېمىسىدىكى پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى» ناملىق ماقالە بېرىلدى.
   ئۇنىڭدىن باشقا، «مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر» سەھىپىسىدە ئەكبەر مىجىتنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى ___ سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن»؛ «مىللەت ۋە ئەنئەنە» سەھىپىسىدە شىرىن قۇرباننىڭ «تاجىكلاردا دۇنياۋى ھېيت ___ نورۇز»؛ «ھاياتلىق ھېكمەتلىرى» سەھىپىسىدە ئوسمان زاھىرنىڭ «سۆيگۈ يۇلتۇزلىرى قەيەردە؟»؛ «مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە» مۇيەسسەر ئاباھامىتنىڭ «<ئاباينىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى> ناملىق ئەسەرنىڭ قازاقچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئۈچ خىل تىلدىكى ئاۋازلىق نەشرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى»؛ «ئەدىبلەر مۇنبىرى» سەھىپىسىدە زۇلفىيە ھاجى كۆلتېگىننىڭ «دادام ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن: ماڭا مۇھەببەتنى تونۇتقان ئادەم»(5)؛ «يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر» سەھىپىسىدە «دولان دەرياسى بويىدىكى سەيلە – ساياھەت مەنزىلىڭىز __ <باھادىر> غەربچە تېز تاماقخانىسى بولسۇن!»؛ «سۈرەتتىكى ھېكايە» سەھىپىسىدە ئۆركەش جاپپارنىڭ «سۈرەتتىكى ھېكايە. ئەدىبلەر سۆھبىتى»، «گۈلدەستە» سەھىپىسىدە ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ «ئانا شەجەرىسى» ناملىق نەسرى بىلەن تەلئەت قادىرىنىڭ «دەرسخانىدا ئۆتكەن ئايەم»؛ ياسىنجان ئوسمان ئەركزاتنىڭ «روبائىيلار»؛ «يىللار ۋە خاتىرىلەر» سەھىپىسىدە لېتىپ ھەسەننىڭ «ئالماستەك ئۆتكەن 60 يىل»؛ «فىليەتون بۇلۇڭى» سەھىپىسىدە ئەزىز سەيدىئەخمەتنىڭ «ئويلاپ قالدىم»؛ «ئانا تىل رادىيوسى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىم» سەھىپىسىدە مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ «ئانا تىلدىكى مەركەز رادىيوسىغا باغلانغان كۆڭۈل رىشتىمدىن خاتىرىلەر»؛ 17 – سان «گۈلۈم» سەھىپىسىدە پاتىگۈل مۇھەممەتنىڭ «ئىككى شېئىر» سائادەت ساتتار ئايتۇغنىڭ «شاھزادەم سەن»، زۇلفىيە ئابدۇراخماننىڭ «زۇلفىيەنىڭ كېچىسى»، مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىرنىڭ «ۋەتەن مۇھەببىتى»؛ «قېرىنداش مىللەتلەرگە نەزەر» سەھىپىسىدە ئابدۇرازاق سايىم بىلەن غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغارنىڭ «يۇغۇرلار يۇرتىغا سەپەر» (2)؛ «مەخسۇس زىيارەت» سەھپىسىدە ئاللابەردى مىجىتنىڭ «مېنى خەلقىم قۇچاقىدىن ئايرىما ___ شائىرە مېھرىنۇر ئەبەيدۇللا دىلقىزى بىلەن سۆھبەت»؛ «مىللەت غەزىنىسى» سەھىپىسىدە ئۆركەش جاپپارنىڭ «تاغلىقلارنىڭ مىراسى ___ كىلياڭ مەشرىپى»؛ «مىللەت ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت» سەھىپىسىدە «2015 – يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر <خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>، قازاق، قىرغىز <دۇلدۇل مۇكاپاتى>، موڭغۇل <ئالتۇن ئۈزەڭگە مۇكاپاتى> تارقىتىلدى»؛ «56 مىللەت بىر ئائىلە» سەھىپىسىدە «سىرتتىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر يۇڭكاڭدا» (2)؛ «مىللەت ۋە دىن خىزمىتى» سەھىپىسىدە «<شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى> ژۇرنىلى نەشر قىلىنىپ، <شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى> تورى ئېچىۋېتىلدى» قاتارلىق ماقالە – ئەسەرلەر بېرىلدى. 
   بۇ سان ژۇرنالدا يەنە مۇتەللىپ مۇھەممەد، شەمئىي نىزامىدىن، نۇردۇن ئابدۇسەمەت، ئۆركەش جاپپار، ئادىلجان ئابدۇقادىر، گۈلمىرە تاھىر، ئېلىجان ئىسمائىل، دىلشاد غوجىئەھمەدلەر تەمىنلىگەن نادىر سۈرەتلارمۇ بار.
   ژۇرنىلىمىزدىن تېخىمۇ تولۇق خەۋەردار بولاي دېسىڭىز، مەزكۇر سان ژۇرنالنى ۋاراقلاپ كۆرۈڭ.