2014 – يىللىق 4- ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر
بۇ سان ژۇرنىلىمىزنىڭ شوئارى: بىر نەزەر، بىر تەبەسسۇم: ھەر ۋاقىت «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدىن باشلىنىدۇ!... ئۇيغۇر ئەتلىسىنىڭ ۋايىغا يەتكەن گۈزەللىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھۆسىن - لاتاپىتى بىلەن بىرلىشىپ جاھان رەڭلەر ئالىمىدە يەكتادۇر. بۇنى ژۇرنىلىمىزنىڭ مەزكۇر يېڭى سانىدىن ھېس قىلىڭ...
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ھەر ساھە ئامما بىلەن كۆرۈشكەندىكى تارىخىي ئەھمىيەتلىك سۈرەتلىرىنى ھەمدە شىنجاڭدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنى ئېلان قىلدۇق. ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا ئېلان قىلىنغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ سۈرەتلەر ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل خاتىرىسى ئۈچۈن قىممەتلىك ئەسلىمە، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزلىرى بولسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە يېتەكچى ھەم ماياك بولۇپ قالىدۇ، ئەلۋەتتە...
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا قەشقەردە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتىنى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنى «ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا تايىنىپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىناق، گۈللەنگەن، باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، كىشىلەر خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالسىتىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن چوڭ ماۋزۇدا «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىدە ئېلان قىلدۇق. بۇ سەھىپىگە يەنە «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك» ناملىق ماقالىنىمۇ ئېلان قىلدۇق.
«مەركەزدىن كەلگەن سادا» سەھىپىسىگە بولسا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېينىڭ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا تەكىتلىگەن «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قوغدىشىمىز كېرەك» ناملىق ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق.
«مەركەزدىن كەلگەن سادا» ناملىق سەھىپىدە يەنە «مىللەتلەر مەسىلىسىنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا ھەل قىلىش كېرەك» ۋە «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىكى يادرولۇق مەسىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدۇق.
«مىللەتلەر خىزمىتى بويىچە سۈرەتلىك خەۋەر» سەھىپىسىگە «ئۇنىڭ ۋاقتى قانداق ئىشلارغا سەرپ بولۇۋاتىدۇ»، «مىللەتلەر خىزمىتى ئۇچۇرلىرى» سەھىپىسىگە «شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ جېڭيۇڭنىڭ شەنشىدىكى ئۇيغۇرلار ئاممىسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا كىچىك ئىش يوق› دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى» ۋە «ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر»نى بەردۇق.
ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «تۆھپىكارلىرىمىز مۇنبىرى» سەھىپىسىگە ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئالىيە ئەخمەتنىڭ پاشا ئىشان ھەققىدە يازغان «سېغىنىپ كەلدىم» ناملىق ماقالىسىنى بەردۇق.
ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «دۇنياغا نەزەر» سەھىپىسىدە تۆمۈرنىڭ «قوش شەھەر خاتىرىسى ـــ ئۆزبېكىستاننى چۈشىنىش» ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنىڭ داۋامى بېرىلدى.
«كۈسەن مەدەنىيەت تەتقىقاتى مۇنبىرى» سەھىپىسىدە ئالاھىدە تەكلىپلىك مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىمىز ئەھەت داۋۇتنىڭ «كۈسەن مەدەنىيىتى تارىخىدىكى مەشھۇر ئۈچ نامايەندە» ناملىق يۈرۈشلۈك ماقالىسىنىڭ بىرىنچى قىسمى ـــ «يېتۈك تىل ئۇستىسى كۇمراجىۋا» بېرىلدى.
«جاي – جايلاردا» سەھىپىسىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتدە بولىدىغىنى ناسىپجان مامۇتنىڭ «ئەنجۈر ماكانىدىكى كوللىكتىپ توي مۇراسىمى» ناملىق سۈرەتلىك خەۋىرى بولىدۇ.
بۇ ساندىكى «سۆھبەت» سەھىپىسىگە غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئابدۇقېيۇم تۇداخۇن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ خاتىرىسنى ئېلان قىلدۇق. سىز بۇ چوڭ سەھىپىدىكى «ھاكىملار بىلەن سۆھبەت» سەھىپىسىدە ھاكىم ئابدۇقېيۇم تۇداخۇن ئارقىلىق غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ھەر ساھە تەرەققىياتى ھەم خىزمەتلىرى بىلەن تۇنۇشىسىز.
«مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ» سەھىپىسىدە بولسا، ئالاھىدە تەكلىپلىك مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىمىز مۇجىبۇل راخمان ئەركىمنىڭ «خېنەندىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالىسى دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.
ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا ژۇرنىلىمىزنىڭ 2013 – يىللىق «مۇنەۋۋەر ماقالە – ئەسەرلىرى»، «مۇنەۋۋەر مۇقاۋا سۈرەتلىرى»، «مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەتلىرى» ۋە «مۇنەۋۋەر ئاخبارات سۈرەتلىرى»نىڭ باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدۇق. جەمئىي 25 پارچە ماقالە – ئەسەر، بەش پارچە مۇقاۋا سۈرەت، 6 پارچە فوتو سۈرەت ۋە 5 يۈرۈش ئاخبارات سۈرىتى باھالاپ چىقىلدى. نەتىجىسىنى ژۇرنىلىمىزنىڭ مەزكۇر سانىدىن بىلىۋالغايسىز.
«مىللەت ۋە ئىقتىساد» سەھىپىسىدە ئۆمەر ئىسمائىلنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا دۆلەت كارخانىلىرى ئىختىساس ئىگىلىرى جەھەتتە يەرلىك كارخانىلارغا مەدەت بېرىشى كېرەك» ناملىق ماقالىسى دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.
«مىللەت ۋە مەتبۇئات» سەھىپىسىدە ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ «مۇھەررىرلەردىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە» سۆز ناملىق ماقالىسى ھۇزۇرىڭىزغا سۇنۇلدى.
«دوستلۇق ئالبومى» سەھىپىسىگە مۇتەللىپ كېرىم بىلەن تۇرغۇن ياسننىڭ «‹مەملىكەت بويىچە نېفىتلىك ئىش ئورنى ماھىرى›، شىنجاڭنىڭ ‹ئەمگەك نەمۇنچىسى› ـــ روزىمۇھەممەت» ناملىق ماقالىسى بېرىلدى.
بۇ ساندىكى «گۈلۈم» سەھىپىسىگە ئايال ئەدىبلەردىن راھىلە توختى خەنداننىڭ «ئاياللارغا مەكتۇپ»، مەريەم ھامىدىننىڭ «ئوتتۇز ياشلىق ئاياللار»، پاشاگۈل نىيازنىڭ «ئايالمەن»، رابىيەم نىيازنىڭ «سۆيگۈدىن ئىككى مەكتۇپ»، مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىرنىڭ «ئۆزۈمگە مەكتۇپ»، سائادەت ساتتارنىڭ «ياشايلى ئىناق» قاتارلىق شېئىرلىرى بېرىلدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇ سەھىپىگە يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر ساھە ئايال ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن، «ئاقسۇدا بىر قىسىم ئايال ئەدىبلەر يىغىلىش ئۆتكۈزدى» ناملىق مەخسۇس سۈرەتلىك خەۋەرنى ئېلان قىلدۇق.
«گۈلدەستە» سەھىپىسىگە بولسا ئابدۇراھمان ئىسمائىلنىڭ «ۋەتەن سۆيگۈسى»، مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەننىڭ «بىر قىسىم ئايال ئاپتورلارغا مۇۋەششەھ» ناملىق شېئىرلىرى بېرىلدى.
بۇ ساندا يەنە ئارزۇگۈل ئەيسا، ئۆركەش جاپپار، ئامانگۈل نىياز، ھۈسەنجان قاسىم، قۇربان مۇھەممەت، ئابلىكىم ئەمەت قاتارلىقلارنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ھەمدە يەنە بىر تۈركۈم تارىخي، قىممەتلىك سۈرەتلەر بار. مەزكۇر سان ژۇرنالنى كۆرگەن ئوقۇرمەنلەر بۇ تارىخىي ۋە بەدىئىي سۈرەتلەردىن ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان ئىستېتىك زوق ئالالايدۇ.
ژۇرنالدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالاي دېسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ سان ژۇرنالنى تولۇق ۋاراقلاپ چىققايسىز...
ئېسىڭىزدە بولسۇن:
بۇ سان ژۇرنىلىمىزنىڭ شوئارى: بىر نەزەر، بىر تەبەسسۇم: ھەر ۋاقىت ‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلىدىن باشلىنىدۇ!...