2014 – يىللىق 3- ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1645   يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-16 16:12:43

     ژۇرنىلىمىزنىڭ مەزكۇر سانىنى قولىڭىزغا ئالغىنىڭىزدا، دىققىتىڭىزنى ئەڭ ئاۋۋال ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسى تارتىشى مۇمكىن. چۈنكى، مۇقاۋىدىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ جەلپكار ھالىتى خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى چىنلىقنى، پاكلىقنى ۋە گۈزەللىكنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدۇ. مۇقاۋىغا بېرىشكە تەييارلانغان نۇرغۇن سۈرەتلەر ئىچىدىن يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن نۇردۇن ئابدۇسەمەتنىڭ بۇ يىل يەكەندە ئۆتكۈزۈلگەن «مەدەنىيەت ساياھىتى ۋە بادام چېچىكى بايرىمى» مەزگىلىدە تارتقان «يەكەن . باھار مېلودىيەسى» ناملىق بۇ سۈرەتنى بۇ سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا تاللىدۇق. مۇقاۋا رېڭىنى تاللاشتىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئادەمگە خۇشاللىق، ئازادىلىك ۋە ئۈمىد بېغىشلايدىغان يېشىل رەڭنى، يەنى «باھار رېڭى»نى ئاساسىي رەڭ قىلدۇق. ئىشىنىمىزكى، ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇقاۋىسى سىزگە باھارنىڭ ۋە يازنىڭ ئىللىق ھىدىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇپ، ھاياتقا بولغان مۇھەببتىڭىزگە ھەمدەمدە بولسا ئەجەپ ئەمەس...
     ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا ـــ
     ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ناۋادا سىز مۇۋەپپەقىيەت بىلەن دىدارلاشماقچى بولسىڭىز» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان «ئۆمۈرلۈك نىشان ـــ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە باغلىق» ناملىق ماقالىسىنى ژۇرنىلىمىزدا بۇ يىلدىن باشلاپ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان «سۈزۈك قەترىلەر» ناملىق باش سەھىپىگە بەردۇق.
     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى  يوقلىغاندىكى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندىكى قىممەتلىك سۈرىتىنى مۇھىم سۆزى بىلەن قوشۇپ «بىرىنچى كۆزنەك»كە بەردۇق.
     مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېينىڭ «مىللەتلەر خىزمىتىدە ئادەتتىكى ۋاقىتنى، سىردىشىشنى مۇھىم بىلىش كېرەك» ناملىق ماقالىسى «مەركەزدىن كەلگەن سادا» سەھىپىسىگە نوقتىلىق ماقالە سۈپىتىدە بېرىلدى.
     بۇ سان ژۇرنالدىكى «مىللەت ۋە تەتقىقات» سەھىپىسىگە تۇرسۇنئاي سەمەتنىڭ «دەۋرىمىزدە مىللىي روھنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى»، «ئىناقلىق مېلودىيىسى» سەھىپىسىگە قۇربانجان توختى ھۆرمىتىنىڭ «ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىق بارچە ئىناقلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر» ناملىق ماقالىسى ھەمدە ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالدىنقى سانىدا باش قىسمى بېرىلگەن، «دوستلۇق ئالبومى» سەھىپىسىدىكى نىجات ئابدۇقادىر بىلەن پولات ئاماننۇرىنىڭ «قەلبلەردىن قەلبلەرگە تۇتاشقان مېھىر» ناملىق ماقالىسىنىڭ داۋامى ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماي قالمايدۇ.
     بۇ ساندا ژۇرنالنىڭ يەنە «يىللار ۋە ئادەملەر» سەھىپىسىگە روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ ئاقتاشنىڭ «ئوسمان قاۋۇلنىڭ ئاق چېچى»،  «مىللەت ۋە ئۆرپ – ئادەت» سەھىپىسىگە ئابلىمىت مۇھەممەت يىلتىزلىقنىڭ «دولان مەشرەپلىرىدىكى ‹چىنە گۈل ئويۇنى›دا ئىپادىلەنگەن ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى»، «مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ» سەھىپىسىگە كامىلە ئىسرائىل فازىلنىڭ «گۈزەللىكىمىز شەرم – ھايا بىلەن جۇلالانسۇن»، «مىللەتلەر باغچىسى» سەھىپىسىگە ۋارىسجان ئاتاخاننىڭ «تاجىك ئەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى ـــ پەكول بۆك»، «كۈسەن مەدەنىيەت تەتقىقاتى مۇنبىرى» سەھىپىسىگە ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرىنىڭ «كۇچا مەشرەپلىرىدە ‹چىلىم ئويۇنى›» قاتارلىق ماقالىلىرى بېرىلدى.
     بۇ سان ژۇرنالدا ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئاتىكەم سىدىق ئايقۇتنىڭ «گۈلۈم» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «كۈندىشىغا يېزىلغان خەتلەر» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى بىلەن ئابدۇقەييۇم ئەيسا يازقۇتنىڭ «ئىككى تەخمىس»، ئەنۋەر روزىنىڭ «چەرچەن تاغ مەشرىپى» ناملىق شېئىرى ھەمدە «سالام، دېھقانلار!» سەھىپىسىگە بېرىلگەن ئەنۋەر ئابلەت شەيدائىينىڭ «ئېھ نان، ئېھ دېھقان» ناملىق نەسرىي شېئىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇنۇلدى.
     ئوقۇرمەنلەر بۇ سان ژۇرنالنىڭ «ھاكىملار بىلەن سۆھبەت» سەھىپىسىدە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى مەمتىمىن ئابدۇللا بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ؛ «دۇنياغا نەزەر» سەھىپىسىدە تۆمۈرنىڭ «ئۆزبېكىستاننى چۈشىنىش» ناملىق چاتما زىيارەت خاتىرىسىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئوقۇيدۇ؛ «كىروران رەسىم كارىدورى» سەھپىسىدە بولسا ياش رەسسام رەپقەت غوپۇرنىڭ بىر قىسىم رەسىملىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
     ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ساندا ژۇرنالغا يەنە «ساغلام ھايات»، «بۇ، ئەپسانە – رىۋايەت ئەمەس» قاتارلىق ماقالىلار ۋە باشقا بىر نەچچە مۇھىم ئۇچۇرلارمۇ بېرىلدى. ئۆركەش جاپپار، ئېلىجان ئىسمائىل، ئەيبۇ ياقۇپ، نۇرمۇھەممەت ھەسەن، كۈرەش ياقۇپ، ھۈسەنجان قاسىم، نۇردۇن ئابدۇسەمەت، نۇرمۇھەممەت توختى قاتارلىق فوتوگرافلارنىڭ بىر بۆلۈك مۇنەۋۋەر سۈرەتلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، نادىر سۈرەتلەرگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ.
     ژۇرنىلىمىزنىڭ ھەر سانىدا بېرىلىپ كېلىۋاتقان، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن «مەن ئۇچراشقان كىشىلەر» سەھىپىسىگە كۆزگە كۆرۈنگەن فوتوگراف قۇربان مۇھەممەتنىڭ يەنە  بىر مۇنەۋۋەر فوتو سۈرىتى بىرىلدى. بۇ ساندا ئوقۇرمەنلەر بۇ سەھىپىدە پىشقەدەم پېداگوك، تۇنۇلغان ئەدىب، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور شېرىپىدىن ئۆمەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
     ئىشىنىمىزكى، ئوقۇرمەنلەر بۇ سان ژۇرنالدىكى سەرخىل ماقالە – ئەسەر ۋە فوتو سۈرەتلەردىن، شۇنداقلا «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا خاس بولغان ئۆزگىچە ھەم جانلىق بولغان بەت لايىھىلەش تېخىنىكىسىدىن قانغىچە ھۇزۇر ئالالايدۇ....