بەخت ھاۋرىسى
بەخت ھاۋرىسى
ئابدۇكېرم قادىر
قىزىل پىكاپ − كۆزلەرگە قىپقىزىل شولا چېچىپ تۇرغان پىكاپ قوزغالدى. قارا كۆز قىز بوينىنى قىسىپ قاراپ قالدى، دادىسى ئالتۇن چاچ قىزنى ئېلىپ كەتتى...
قوڭغۇراق چېلىندى، بالىلار دەرسخانىدىن ئوقچۇپ چىقىشتى. باھار كېلىپ ھاۋا ئىللىغاندا، ھەسەل ھەرىلىرى ھەرە ساندۇقىدىن ئەنە شۇنداق ئوقچۇپ چىقاتتى.
رەڭدار قوڭغۇزلاردەك چىرايلىق پىكاپلار مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يولغا تىزىلىپ كەتكەنىدى. بۇ پىكاپلار بالىلىرىنى ئالغىلى كەلگەن ئاتا - ئانىلارنىڭ بەخت ھارۋىسى ئىدى. كۆپىنچە ئاتا - ئانىلار ھەر كۈنى چۈشتە مەكتەپ ئالدىغا كېلىپ، بالىلىرىنى تاماققا ئېلىپ باراتتى. بەزى ئاتا - ئانىلار مەكتەپ ئەتراپىدىكى تېز تاماقخانىلاردا بالىلىرى بىلەن بىللە تاماق يەيتتى. ھەشەمەتلىك ياسالغان تېز تاماقخانىلارنىڭ سۈپسۈزۈك ئەينەكلىرىدىن بالىلىرىنى پەپىلەپ تاماق يىگۈزۈۋاتقان ئاتا - ئانىلار كۈندە دېگۈدەك كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
بالىلار يۈگۈرگىنىچە مەكتەپتىن چىقىشقا باشلىدى. ئاتا - ئانىلار قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، بالىلىرىنى يېنىغا چاقىردى. بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى... ئۇلار بالىلىرىنى گويا نەچچە كۈن كۆرمىگەندەك پېشانىسىگە سۆيۈپ، ئېڭەكلىرىنى كۆتۈرۈپ ئەركىلىتىپ خۇشال ئېلىپ مېڭىشاتتى.
بىر قارا كۆز قىز مەكتەپ دەرۋازىسىدىن بالىلارنىڭ كەينىدىرەك چىقتى. قىز باشقا ساۋاقداشلىرىدەك ھەسەل ھەرىسى بولۇپ ئۇچمايتتى، قوزا بولۇپ قىيغىتىپ سەكرىمەيتتى، مەكتەپ ئالدىغا چىقىشقا ئالدىرىمايتتى... قىزنىڭ ساۋاقداشلىرى بولسا مەكتەپ ئالدىدا ساقلاپ قالغان ئاتا - ئانىسىنى سۆيۈش ئۈچۈن چاپاتتى، قىزنىڭ ساۋاقداشلىرى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئوتلۇق مېھرى ئۈچۈن ئالدىرىشاتتى. بىراق، قارا كۆز قىز يەنىلا ئالدىرىمايتتى...
ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى يېتىلىشىپ ئېلىپ مېڭىشماقتا ئىدى، يەنە بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. بىراق، قىزنى ھېچكىم ساقلىمايتتى، ئۇنىڭ پېشانىسىگە ھېچكىممۇ سۆيمەيتتى، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ ئاچقان ياكى ئاچمىغانلىقىنى سورىمايتتى...
قىز ئەسلىدە ھېچنىمىسى يوق يېتىم قىزمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۆزىنى خېلى قالتىس چاغلايدىغان دادىسى، ئاغزىدىن گەپ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئانىسى بار ئىدى. دادىسى بىلەن ئانىسى ئانچە ئەپ بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا قىزنىڭ غېمىنى قىلىدىغان ئاتا - ئانىلاردىن ئىدى. ھالبۇكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، دادىسىنىڭ خاراكتېرىدىكى «قالتىس»لىق بىلەن ئانىسىنىڭ تەبىئىتىدىكى «ئۆزۈم»چىلىك ئۇلارنىڭ كىچىككىنە ئائىلىسىنى ئاخىر كاتاڭغا چۈشكەن ھارۋىدەك ئۆرۈۋەتتى. ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي، دادىسى بىر ئالتۇن چاچ قىزغا دادا بولۇپ قالدى... دادىسى ھازىر ئۇنى ئەمەس، ئاشۇ ئالتۇن چاچ قىزنى ئالغىلى كېلىدىغان بولدى. ئالتۇن چاچ قىز ئۇنىڭ سىنىپىنىڭ قارشىسىدىكى سىنىپتا ئوقۇيتتى. دادىسىنىڭ ئاشۇ قىزنى ئەكېلىپ - ئەكېتىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەندە، قىز ئۆزىنىڭ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەيلا قالغانىدى. بىراق، ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىنى كېيىنرەك بىلدى. قىز ھەر قېتىم مەكتەپ ئالدىدا دادىسىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بارماقچى بولاتتى، بىراق دادىسى ئۇنى كۆرمەي قالاتتى. ئۇنىڭ دادىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئانچە يىراق بولمىسىمۇ، لېكىن ئادەم بەك كۆپ بولغاچقا، دادىسى ئۇنى كۆرمەستىن ھېلىقى قىزنى ئېلىپ كېتىپ قالاتتى...
قارا كۆز قىزنى بىر مەزگىل ئانىسى مەكتەپكە ئەكېلىپ - ئەكېتىپ يۈرگەنىدى. بىر كۈنى، دادىسى ھېلىقى ئالتۇن چاچ قىزغا دادا بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ - كېتىپ يۈرۈۋىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ قارا كۆزنىڭ ئانىسى مەكتەپ ئالدىغا كەلمەس بولۇۋالدى.
ــ ئۇ شەھۋەتخورنىڭ تەبىئىتى بۇزۇلۇپ، تەييار ئۆيى بار، ماشىنىسى بار بىرسى بىلەن توي قىلىۋالسا، مەن توي قىلماي يۈرەمدىم؟! − دېدى قىزنىڭ ئانىسى گەپدانلىقىدىن قالماي، − قاراپ تۇرسۇن، مەنمۇ ئۇنىڭدىنمۇ نوچى، ئۇنىڭدىنمۇ پۇلدار ئەرگە تېگىمەن!
قىزنىڭ ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرى بىلەن بەسلىشىپ چاقماق تېزلىكىدە باشقا ئەرگە تەگدى. قىزنىڭ دادىسى ئىككى بالىسى بار بىر ئايال بىلەن توي قىلغاندەك، ئانىسىمۇ ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۈچ بالىسى بار بىر ئەر بىلەن توي قىلغانىدى. ئانىسى قايتا توي قىلغاندىن كېيىن، قارا كۆز قىز كېسەلچان مومىسىنىڭ يېنىدا قالدى... مانا ھازىر ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىككى بالىسى بار، ئانىسىنىڭ ئۈچ بالىسى... قىزنىڭ بولسا... شۇنداق، قىزنىڭ ھېچنېمىسى يوق!
خىيالغا بېرىلگەن قارا كۆز قىز بىگىز بارمىقىنى چىشلىگىنىچە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقتى. چىقىۋېتىپ، كۆزلىرى توساتتىن چاقناپ كەتكەندەك، سۈزۈك قەلبى «پاللىدە» يورۇپ كەتكەندەك بولدى... شۇنداق، قىزنىڭ ۋۇجۇدىغا بىر ئىسسىق ئېقىم يامرىدى. مۇزلىغان يۈرىكى «شۈررىدە» ئېرىدى، يېگانىلىقتىن يېتىمسىرىغان روھى بەخت ئاسمىنىنى بويلاپ تولىمۇ ئەركىن قانات قاقتى... قىز بالىلىرىنى ساقلىشىپ تۇرغان ئاتا - ئانىلارنىڭ ئارىسىدىن دادىسىنى كۆرۈپ قالغانىدى. دادىسى بۇ بەختىيار مىنۇتلاردا يېپيېڭى بىر قىزىل پىكاپنىڭ يېنىدا كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا قاراپ تۇراتتى. قىزنىڭ چېھرى ۋە قەلبى باھار ئاپتىپىغا ئوخشاش چەكسىز بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدى. ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا دادىسىغا قانچىلىك ئامراقلىقى دادىسىغا ئايان ئىدى، دادىسىمۇ ئەزەلدىن ئۇنى خاپا قىلىپ باقمىغانىدى. بىراق، دادىسى ھازىر بۇنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن... ياق، ياق، ئۇنتۇپ قالمىغاندۇ، ئېھتىمال ئۇنتۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەستۇ! قىز خىيالەن بىر تۇيغۇدا دادىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى، دادىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى... دەل شۇ چاغدا، ھېلىقى ئالتۇن چاچ قىز بالىلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى...
ــ كېيىن قالدىڭىزغۇ چىرايلىق قىزىم؟
قارا كۆز قىزنىڭ دادىسى ئالتۇن چاچ قىزنىڭ ئالدىدا زوڭزايدى. چاچلىرىنى تۈزەپ، كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ توپىسىنى قېقىشتۇردى. ئالتۇن چاچ قىز بولسا يېتىرقىغاندەك، باتنىغاندەك قىلىپ، گەپ قىلماي تۇردى.
ــ قورسىقىڭىز ئېچىپ كەتتى، شۇنداقمۇ؟ نېمە تاماق يەيسىز... باچكا شورپىسى؟ ۋاي بولىدۇ، قىزىم، مېڭىڭە ئەمىسە...
قارا كۆز قىز تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قالدى. دادىسى پىكاپىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ئالتۇن چاچ قىزىنى چىقاردى، ئاندىن پىكاپىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ رولنىڭ ئالدىغا ئولتۇرماقچى بولدى...
«دادام مېنى كۆرمەي قالدى، − دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى قارا كۆز قىز، − مەنمۇ دادامنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈۋالغان بولسام... » قىز بىردىنلا جانلاندى - دە، دادىسىغا قاراپ يۈگۈردى:
− دادا، دادا !
دادىسى تونۇش ئاۋازنى ئاڭلىدى. بۇ ئاۋاز دادىسىنىڭ قۇلىقىدا تالاي قېتىم ياڭرىغان ۋە تەكرارلانغان تونۇش ئاۋاز ئىدى. دادىسى پىكاپىنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى.
ــ دادا، دادا ! ــ قىز يۈگۈرۈپ كېلىپ دادىسىنىڭ تىزلىرىنى قۇچاقلىماقچى بولدى، ــ مەن سىزنى سېغىنىپ كەتتىم، دادا!...
ــ ماڭ، ماڭ! ــ قىزنىڭ دادىسى كەينىگە داجىدى. كۆز ئالدىدا ئۆزىنىڭ پۇشتىدىن بولغان كىچىككىنە ئاجىز بىر قىز ئەمەس، بەلكى غەلىتە بىر مەخلۇق ئۆزىگە قاراپ ئۆمىلەپ كېلىۋاتقاندەك كەينىگە داجىدى، − ماڭ جۇگۇ، ماڭا چاپلىشىۋالماي، ئاپاڭنىڭ قېشىغا بار!
دادىسى ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. قىز بولسا تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ يىقىلدى.
ئەتراپتا نۇرغۇن كىشىلەر قارىشىپ تۇراتتى. نۇرغۇن كۆزلەر ياتلىشىۋاتقان بىر ئاتا بىلەن بىر ناتىۋان قىزنىڭ تىراگېدىيەسىگە قاراپلا قالغانىدى.
قىزىل پىكاپ − كۆزلەرگە قىپقىزىل شولا چېچىپ تۇرغان پىكاپ قوزغالدى. قارا كۆز قىز بوينىنى قىسىپ قاراپ قالدى، دادىسى ئالتۇن چاچ قىزنى ئېلىپ كەتتى...
رېئاللىق تەكرارلىناتتى... چۈشتە نۇرغۇن چىرايلىق پىكاپلار مەكتەپ ئالدىدىكى چىنارلىق يولغا سەپ ــ سەپ بولۇپ تىزىلىپ كېتەتتى. بۇ، بالىلىرىنى ئالغىلى كەلگەن ئاتا - ئانىلارنىڭ بەخت ھارۋىسى ئىدى.
بالىلارنىڭ ئارىسىدا بىر قارا كۆز قىز بوينىنى قىسقىنىچە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقاتتى، بىراق مەكتەپ ئالدىدا قىزنى ساقلايدىغان ھېچكىمى يوق ئىدى...
قىزنىڭ ئالدىغا ھېچكىم كەلمەيتتى، قىزنىڭ پېشانىسىگە ھېچكىممۇ سۆيمەيتتى، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ ئاچقان - ئاچمىغانلىقىنى سورىمايتتى...
قارا كۆز قىزنىڭ دادىسى ھەر كۈنى ئالتۇن چاچ بىر قىزنى بەخت ھارۋىسىدا توشۇپ يۈرەتتى. قارا كۆز قىز بولسا بوينىنى قىسىپ دادىسىنىڭ كەينىدىن قاراپ قالاتتى.
ئەتراپتا نۇرغۇن كىشىلەر قارىشىپ تۇراتتى. نۇرغۇن كۆزلەر ياتلىشىۋاتقان بىر ئاتا بىلەن بىر ناتىۋان قىزنىڭ تىراگېدىيەسىگە گۇۋاھ ئىدى...
ئاپتورى يەكەن ناھىيەلىك ئامانەت - قەرز بىرلەشمە كوپىراتىپىدا