-
2009-12-05
سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر - [ھېكمەت-دۇردانىلەر]
«يەھۇدىلارنىڭ سىرى» دىن ھېكمەتلەر
75. بارلىق بىساتىڭنى سېتىپ بولسىمۇ، قىزىڭنى ئۆلىماغا ياتلىق قىل، ئۆلىمانىڭ قىزىنى ئېلىش ئۈچۈن، بارلىقىڭدىن ئايرىلساڭمۇ ئەرزىيدۇ.
76. خەلقنىڭ ساداسى ـــ خۇدانىڭ ساداسىدۇر.
77. كىشىلەر باشقىلارنىڭ بەدىنىدىكى يېنىك تېرە كېسەلىكلىرىگە سەپسالسا سەپسالىدۇكى، ئۆزىدىكى ئېغىر كېسەلنى كۆرۈپ يېتەلمەيدۇ.
78. يالغان ئېيتقۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ ئېغىر جازا، ئۇ راست گەپ قىلغاندىمۇ ئىشىنىدىغان ئادەم چىقماسلىق.
79. قابىلىيەتلىك ئادەم بىلەن ئەقىللىق ئادەمنىڭ پەرقى شۇكى، قابىلىيەتلىك ئادەم ئەقىللىق ئادەم مۇتلەق چۈشۈپ قالمايدىغان قىيىن ئەھۋالدىن ئەپچىللىك بىلەن قۇتۇلىدۇ.
80. ئۇچراشقانلىكى ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگەنگەن ئادەم دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەمدۇر.
81. باي ئادەملەر دېگىنىمىز، دائىم خۇشال يۈرىۋاتقانلىقىغا قانائەت قىلىشنى بىلىدىغان ئادەملەردۇر.
82. دانالىقنىڭ يەتتە شەرتى :
1. ئۆزىدىن قابىلىيەتلىكلەر بار سورۇندا سۈكۈت قىلىش.
2. باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمەسلىك.
3. جاۋاب بەرگەندە تەمكىن بولۇش.
4. گەپ سورىغاندا ئېنىق سوراش، جاۋاب بەرگەندە تەرتىپلىك جاۋاب بېرىش.
5. ئىش قىلغاندا مۇھىمى بىلەن مۇھىم ئەمەسلىرىنى جىددىي بىلەن جىددىي ئەمەسلىرىنى بىلىش.
6. بىلمەيدىغاننى بىلمەيمەن دېيىش، ھەرگىزمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماسلىق.
7. ئەمەلىيەتنى ۋە ھەقىقەتنى ئېتراپ قىلىش.
83. دوستۇڭ ھەسەلدىن تاتلىق بولسىمۇ سەن ئۇنى پۈتۈنلەي يەپ تۈگىتىپ قويماسلىقىڭ كېرەك.
84. شەيتان ئىنسانلارنى يوقلاپ بېرىشقا ۋاقتى يەتمىگەندە، شارابنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ.
85. بالاڭنى كىچىكىدە قاتتىق باشقۇر، چوڭ بولغاندا ئەيىپلەۋەرمە.
86. پۇلنى شاراب ئىچىشكە ئەمەس بەلكى تىجارەت قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك.
87. مەكتەپ يوق شەھەر ئادەمنىڭ ماكانلىشىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
88. دۇنيادا كۆپ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان نەرسە ئۈچ : خېمىر تۇرۇچ، تۇز ۋە بىر قارارغا كېلەلمەسلىك.
89. ھەقسىز رېتسىپ يېزىپ بېرىدىغان دوختۇرنىڭ گېپىگە ئىشەنمە.
90. قېرىشنى تىزلىتىدىغان تۆت ئامىل بولىدۇ: قورقۇش، غەزەبلىنىش، بالا ۋە ئازازۇل خوتۇن.
91. سودىگەرلەرنىڭ ئۈچ پەرھىزى :
1. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان مۇبالىغە.
2. بېسىمدارلىق بىلەن زور پايدا ئېلىش.
3. تارازىدا كەم بېرىپ خېرىدارلارنى ئالداش.
«سەرسان روھ» رومانىدىن ھېكمەتلەر
92. ۋەتەنسىزلىك ــــ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ زور يېتىملىق، پاناھسىزلىق.
93. ۋەتىنىدىن ـــ خەلقىدىن ئايرىلغان ئادەم باشنىڭ كېپىكىگە ئوخشايدۇ.
94. تەبىئەت تۇيغۇ بىلەن ياشىمايدۇ، بىراق ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ تۇيغۇلارنى يارىتىدۇ !
95. كۆرۈنمەيدىغان قىر يوق، ئېچىلمايدىغان سىر (يوق).
96. تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان گۈلدۈرمامىدىن قورقمايدۇ.
97. ئىنسان ئۆزى قىلغان ھەر بىر ئىشقا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئادەملەر ئارىسىدىكى ئارازلىق ياخشى ئىش ئەمەس.
98. ئادەم بۇ دۇنيادا پەشتاققا چىققان چاغدا يەنە يەرگە چۈشىدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ ياشىمىسا بولمايدۇ.
99. ئادەم دېگەننىڭ بۇ دۇنيادىكى ئۆمرى يازدىكى باراڭ، كۈزدىكى غازاڭدەكلا بىر ئىش.
چۈنكى، ئۆلۈم ــ يوقلۇق، زۇلمەت ئىچىدىكى بوش نەرسە !
100. ئادەم بالىسى كۆپرەك دۇنيا كۆرۈپ، ئىمانىنى قۇۋۋەت تاپقۇزغان ياخشى.
101. ئەركىنلىكنىڭ ئۆزى ھاياتلىق، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان كىشى گويا ئۆلۈك ئادەم، ئەركىنلىكى بولمىغان دۆلەت خۇددى مازار !
102. كىشىنىڭ يۇرتىدا پاختىدا ياتقاندىن، ئۆز يۇرتۇڭدا تاختىدا ياتقان ئەۋزەل.
103. دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولمىسۇن، مۇھەببەتسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، تۇرمۇش ئەزەلدىن مۇھەببەتنىڭ ئوچۇق ۋە يېپىق سەھنىسى بولۇپ كەلگەن.
104. ئادەم يۈرەكتىكى مېھىر-مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىپ، شۇنىڭغا چۇشلۇق كۆڭۈلدىكىدەك جاۋابقا ئېرىشكەندە، خۇشال بولىدۇ، خاتىرجەم بولىدۇ !
105. دۇنيادا ۋەتەنسىز ئىنسان بولمايدۇ، ۋەتەن سۆيمىگەن ئىنساندا ۋىجدان بولمايدۇ. ۋىجدانسىز ئىنساندا ئىمان بولمايدۇ.
«تاشقا ئايلانغا كۆز يېشى» ناملىق كىتابتىن ھېكمەتلەر
106. پاك مۇھەببەت ۋىسالنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.
107. ئەي ئىنسانلار، سىلەر ئالدى كەينىڭلارغا ئەمەس، ئىككى يېنىڭلارغىمۇ قاراپ قويۇڭلار.
108. ئۆزى ئۇزۇندىن بۇيان تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان نەرسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكىنى سېزەلىگەن ئىنسان ھاياتنىڭ يېپيېڭى مەنزىلىگە يېتەلەيدۇ.
109. شېرىن چۈش ئېغىر، كۆڭۈلسىز جۆيلۈشلەر سەۋەبلىك بۇزۇلىدۇ.
110. ھەر ئادەمنىڭ مۇقەددەس ماكانى بولۇشى كېرەك، مەيلى ئۇ ئېغىل بولسىمۇ.
111. تۇرمۇش ئادەمنىڭ بېشىدا ھەر ۋاقىت رەڭدار قامچىسىنى ئوينىتىپ تۇرسىمۇ ئەمما، ئىنسان ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەت ۋە كۈلپەتلەرگە كۆنۈپ ئادەتلەنگەن، بولۇپمۇ ئۈمىدۋار، ھاياتقا روبىرو تىكىلىپ تۇرالايدىغان ئادەملەر.
«ئىزدىنىش»رومانىدىن ھېكمەتلەر
112. گۈلنىڭ سايىسى بىلەن بۇيىنىڭ سايىسى ئوخشاشلا قارا كۆرۈنگەندەك، بەزىلەرگە ھەممىلا نەرسە قارا كۆرۈنىدۇ.
113. دۇنيادا ھەممىلا نەرسە ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە قاراپ يارالغان بولسىدى، دۇنيادا خاپىلىق بولمىغان بولاتتى.
114. ئىنسان يىراقتا تۇرۇپ ئۈن-تىنسىز سىرداشسا، بىر-بىرىگە قەدىرلىك بولىدۇ.
115. گۈلنىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، ۋايىغا يەتكۈزمەي تۇرۇپ ئۇنى مەجبۇرىي ئېچىلدۇرىمەن دېسەڭ ئۆلتۈرىسەن.
116. قىيىن شارائىت ئىنسان ئىرادىسىنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم.
117. دۇنيادا مۇھەببەتتىنمۇ كۈچلۈكرەك نەرسىلەر بارغۇ. مەسىلەن، مەغرۇرلۇق.
118. پەزىلەتلىك ئادەمنىڭمۇ ئەيىبى بولىدۇ. يېقىن دوستنىڭ بىرلا ئەمەس بىر قانچە ئەيىبىنىمۇ كەچۈرۈشكە بولىدۇ.
119. ئارتۇقچە مەغرۇرلۇق كىشىنىڭ باشقا پەزىلەتلىرىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويىدۇ.
120. بىلىم خۇددى كىيىمگە قونغان چاڭدەك كۆرۈنمەي قونىدۇ.
121. ئەي ياشلىق ئەجەب گۈزەلسەن–ھە ! خۇشاللىقىڭمۇ، خاپىلىقىڭمۇ ئەجەب يارىشىملىق.
122. ياشاشتىكى مەقسىتىمىز ــ ئىنسانلارغا پايدا يەتكۈزۈش ۋە شان–شەرەپ ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئىنتىلىش.
123. مۇز كۆڭۈللەرنى چوڭ قىلغانمۇ پۇل، قوزىدەك مۆمىن يىگىتلەرنى خاراب قىلغانمۇ پۇل.
124. بەزىدە ھەسەلمۇ ئەمەن تېتىغانغا ئوخشاش، ئەيىبلىك بولمىغان بىر گۈزەلمۇ جېنىغا تەگكىنى ئۈچۈن ئۆز گۈزەللىكىنى يوقاتقان سەت بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
125. دۇنيادا مۇھەببەتتىنمۇ لەززەتلىك بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ غايە يولىدا ئىزدىنىش.
126. ناچار تۇرمۇش ئىچىدىمۇ راھەتلىنىشنى بىلىش ــــ ئىنسانىي خىسلەت.
127. مۇھەببەت، ئائىلە ــــ ئىنسان ھاياتىدا سەل قارىغىلى بولمايدىغان مۇھىم نەرسە. لېكىن، كۆڭلۈڭگە بىر ئۇلۇغ غايىنى يۈكلىگەندە ئۇ ۋاز كەچسىمۇ بولىدىغان نەرسە.
128. ساپ مۇھەببەتلىك پاكىز يۈرەكنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
129. ھەر-ھەر ئېغىرچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئادەملەر ـــ ھامان خۇشاللىقنى كەلگۈسىگە بېغىشلىغانلار.
130. ئۈمىدۋارلىق ـــ ئەڭ چوڭ بايلىق، كەڭ ئالىي پەزىلەت.
131. ئادەمنىڭ قەلبى ئەينەككە ئوخشايدۇ، ئۇ بىرلا سۇنسا قاداق تۇتمايدۇ.
132. سوقۇشتا قورققان خوراز ھەتتا بىر- ئىككى ھەپتە چىللاشتىنمۇ قېپ قالىدۇ.
133. مېۋىلىك دەرەخنىڭ شاخلىرى كۆپ سۇنىدۇ. سەۋەبى كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆپرەك تاش ئاتىدۇ.
134. مۈشۈكنى قويلار ئارىسىدا باقسا مىياۋلاشنى ئۇنتۇپ، مەرەيدىغان بولۇپ قالامدىكىن دەيمەن.
135. جانغا تېگىدىغان قوراي–چاتقاللىق ئىچىدىمۇ بەزىدە سېنى خۇش قىلىدىغان گۈللەر ئېچىلىدىكەن.
136. كەتمەننىڭ دەردىنى قول بىلىدۇ، لەززىتىنى دىل.
-
2009-12-05
سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر - [ھېكمەت-دۇردانىلەر]
«ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» دىن ھېكمەتلەر
1. ھەرقانداق بىر مەنىۋىي ئىنقىلاب ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىنى ئۆزىگە بىلدۈرۈشتىن باشلىنىدۇ.
2. مەدەنىيەت مەجبۇرلاشتىن ئەمەس، ئادەمنىڭ ئىچكى قايىللىقى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
3. مۇھەببەت مېنىڭ مەنىۋىيىتىمنىڭ جەۋھىرى، ھۆرمەت ئۇنىڭ پوستى.
4. سېنىڭ دىيانىتىڭ ئالدىڭدا تۇرغان يېتىمنىڭ كۆز يېشىنى سۈتۈشۈڭدىن باشلىنىدۇ.
5. ئۆز قەۋمىدىن ياكى ۋەتىنىدىن كېچىپ تاپقان ئۇلۇغلۇقلارنىڭ ھەممىسى پۈچەكتۇر.
6. قولدىكى ئالامەت قول ئىگىسىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
7. باشقا بىرى مەجبۇرلىمىسىمۇ، تەبىئىي ئىجرا بولغان ئەخلاقنىڭ ئۆزى ھەقىقىي مەدەنىيەتتۇر.
8. بىر جەمئىيەتنى نوقۇل ھالدا ئەقىلگە تايىنىپلا ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ، تارىخمۇ ھەم شۇنداق.
9. ھەسرىتى يوق ئايال يۈزەكى ئايالدۇر.
10. ئۆزىنى ئىپادىلەش بىر خىل ھۆرلۈك.
11. مۇساپىرلىقنىڭ خېمىر تۇرۇچىنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئېلىپ چىققان ئادەم باشقا ئەللەردىمۇ مۇساپىر.
12. ئانا تىلىڭ غۇرۇر، مۇھەببەت، ۋىجدان، ئەقىدىنىڭ تىلى. ئۇ يىلىك، مەرىپەت ، ھەقىقەت. قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. باشقا تىللار گۇۋاھنامە، شاھادەتنامە ، كاپالەتنامە، ھوقۇقنامە تىللىرىدۇر.
13. شائىر ھايات ھېكمەتلىرىنى تەبىئەتتىن بايقايدىغان ئادەم.
14. شائىر دېگەن ئوت، ئۇ يېنىپ تۇرمىسا ئۆچۈپ قالىدۇ، يېنىپ تۇرغانىكەن، ئۇنى ساقلىغىلى بولمايدۇ. كىشىلەر بۇ ئوتقا مۇھتاج تۇرۇپمۇ ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.
15. سېغىنىش ___ ئەسلىمىدىكى ھاياتنىڭ بەرق ئۇرۇشى.
16. ساقلىقنىڭ قەدرى دوختۇرخانىدا، ۋەتەن قەدرى ۋەتەندىن ئايرىلغاندا بىلىنىدۇ.
17. ھەر بىر تاللاش كىشى تەقدىرىگە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.
18. بىز ئۆزگىرىۋاتقان ماكان ئۇقۇمىدىكى يېڭى ئۆزلۈكىمىزنى بايقىشىمىز كېرەك.
19. كىملىك گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى بىلمەسلىك ئادەملىرىمىزدىكى گۇمراھلىقنىڭ تىپىك جۈملىسىدىندۇر.
20. تارىخ يېزىش ئارخېئولوگىيىنىڭ چىنە سۇنۇقلىرىنى پاياتلاش ھەركىتىگە ئوخشاپراق قالىدۇ.
21. بىر بولسا ئارتۇقچە ھاكاۋۇرلۇق، بىر بولسا ئارتۇقچە كەمتەرلىك ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان كىشىلەر ئىپادىلەيدىغان بىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل پوزىتسىيە.
23. دىل دىلنى، تىل تىلنى تونۇمىغان جايدا پاناھگاھنىڭ تېپىلىشى تەس.
24. بىر يازغۇچىنىڭ ھەسرىتىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئىگە ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ مېھنىتى ۋە شۆھرىتىگە خەلق ئىگە، نادان ئەلنىڭ يازغۇچىسى تېخىمۇ شۇنداق ھالغا قالىدۇ.
25. ئىچىڭ سۆزلىگۈدەك نەرسىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەندە كىتاب ئوقۇغۇدەك رايىڭ قالمايدۇ.
26. قۇش ھەرقانچە ئېگىز ئۇچسمۇ ئۇنىڭ يەيدىغان دېنى زېمىندا بولىدۇ.
27. ئۆيۈم كىتاب بىلەن توشتى، كاللام تەپەككۇر بىلەن. لېكىن، كىتاب قويغۇدەك ئۆي ، گېپىمنى ئاڭلىغۇدەك ئۈلپەت يوق.
28. دىيارىمىزدىكى ۋاقىت كونا كېگىزگە، شىۋاق باسقان قەبرىلەرگە، تەكلىماكاندىكى قاقشال توغراقلارغا ئوخشايدۇ.
29. ھالال ئەقىدە ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئائىلە غەم-ئەندىشە، تۈرلۈك ۋەھىمە بىلەن تولغان بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملىك شىپاخانا، ساغلام ئەقىل ۋە زەخمەتسىز بىلىم ئائىلىنى شەرت قىلغان ھالدا يېتىلىدۇ.
30. ۋەتەن ھەرگىزمۇ جۇغراپىيىلىك مەنىدىكى زېمىن ئەمەس، بەلكى ئۇزاق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە مىللىي روھ.
31. قەيەرگە بېرىشىڭدىن قەتئىينەزەر ئۆز مەدەنىيىتىڭدىن ئۇچۇر بېرىدىغان روھ ۋە قىياپەتكە ئىگە بولۇشۇڭ كېرەك.
32. ئەقىدە بىرلىكى بولمىغان قانداشلىقتىن شۇمبۇيا ئۈنىدۇ.
33. زەي تام سۇۋاق تۇتمىغاندەك، ساپاسىز ئادەم ئاز-تولا پۇلدارلىقنىمۇ ئۆزىگە ياراشتۇرالمايدۇ.
34. روھىي توقچىلىق مۇئەييەن ئىجتىمائىي تەربىيىنىڭ مەھسۇلى.
35. كىچىك بىر ئىشقا قىلىنغان مۇئامىلىدىن بىر ئادەمنىڭ ھەتتا بىر مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىنى بىلگىلى بولىدۇ.
36. ھەرقانداق ھوقۇقشۇناس ئالدى بىلەن بىر ئىنسانشۇناس بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ئۇ ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ئاياشنى بىلىدۇ.
37. خىجىلچانلىق تىل ئۆگىنىشنىڭ دۈشمىنى، سىزنىڭ يۈزىڭىزنىڭ تېرىسى قەلەيدەك بولۇشى كېرەك.
38. تەپەككۇر ئىنكاس ۋە ئىنكاسقا ئىنكاس قايتۇرۇش يوللىرى بىلەن بېيىپ بارىدۇ.
39. ۋاقىت ئۆزىنىڭ دەل ۋاقتىدا قوبۇللانمىغان سوۋغىلىرىنى يىغىشتۇرىۋېتىشكە بەك ئۇستا.
40. تونۇتۇش ۋە تونۇش مىللىي كىملىكنىڭ تېشى ۋە ئەستىرى.
41. مەنبەسىدىن ئايرىلمىغان سۇ دۆڭدىنمۇ يول تاپىدۇ.
42. ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ، باشقا تىللار كۆز ئەينەك، دۇربۇن، تېلىسكوپ، مىكروسكوپ ... دېگەنلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ھەرقانچا ئېسىل بولسىمۇ، كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولۇشى كېرەك.
43. ئىشلىتىشتىن ئۆتمىگەن بىلىم ھەقىقىي بىلىم ئەمەس.
44. شەھەر بىر مىللەتنىڭ روھىي ھەيكىلى.
45. بىزگە ئىنسانلارنىڭ رەھمىتى ۋە سۆيۈنچىسى كېرەك ئەمەس، بەلكى ئىنساب كېرەك.
46. ھەرقانداق تەلىم-تەربىيە ئىنسان توغرىسىدىكى قەدرىيەتتىن باشلىنىدۇ.
47. ئەجداد ۋە ئەۋلاد بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇلار يېتىمدۇر. ۋاھالەنكى، ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە تىل ۋە مەدەنىيەتتۇر.
«ئاي يامغۇرى» رومانىدىن ھېكمەتلەر
48. بېشى يوغان بەگ بولىدۇ، قولى يوغان قۇل بولىدۇ.
49. بۇ دۇنيادا دوستلارنى مەڭگۈ بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە ــــ كۆڭۈل پاكلىقى بىلەن سەمىمىيەت.
50. يالغان گەپنىڭ پۇتى بولمىغان بىلەن قانىتى بار.
51. بىر ئادەمنى سىناش ئۈچۈن بىر تاغار تۇزنى بىللە يە !
52. ئېشەك ئۆزىنى تاغ، سايىسىنى باغ، سۈيدۈكىنى ياغ چاغلايدۇ.
53. ئۆكۈزنىڭ بوينىغا چۈشكەن بويۇنتۇرۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە موزاينىڭ بوينىغا چۈشمەي قالمايدۇ.
54. كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ گۈزەل بۇرچ ۋە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدىكى ئەڭ زور بەخت تېگى ـــ تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۆگىنىش.
55. ئىشىك پاكار بولغاندىن كېيىن ئېڭىشىپ كىرمەي نېمە ئامال !
56. قارىغۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشسەڭ گوداڭغا چۈشىسەن.
57. دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ، داستىخاندا ھەممە ئادەم دوست.
58. ئىچىڭنى تاماقتىن خالىي تۇت تاكى ئاڭا كىرەلىسۇن نۇرى-مەرىپەت،
بۇرنۇڭغىچە لىققىدە تۇرسا تائام قانداق سىغار ئۇنىڭغا ئىلىم مەرىپەت.
59. نادانلىق، مەنىۋىي گادايلىق بەئەينى ئىنسان ئىنسان جىسمىدىكى مەڭگۈ يۇيۇپ بولمايدىغان كىرغا ئوخشايدۇ.
60. جاپا–ئازاپ چېكىپ، ئىنسان ھۆر بولىدۇ،
سەدەپتە قامىلىپ، قەترە دەۋر بولىدۇ.
61. كەپتەرنىمۇ چالا پوكان باقمىساڭ، قاپاق شالدىرلاتقاندا ئۆگزىگە چۈشمەيدىغان بولىۋالىدۇ.
62. ئىتنىڭ ئېغىزى تەگكەنگە دەريا سۈيى بۇلغىنامتى.
63. شەخسىيەتچىلىك كىمدە يوق؟ كىشى دېسە لەۋمۇ يۇمۇلمايدۇ. ئۆزۈم دەپ باقساڭ لەۋلىرىڭ بىر-بىرىگە يىملىشىپ كېتىدۇ.
64. چاشقان تۇتۇشنى بىلىدىغان مۈشۈك مىياڭلىمايدۇ.
«تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» دىن ھېكمەتلەر
65. ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە زامان چۈشەنچىسىگە بولغان كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ھازىرقى زاماندىكى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ مۇھىم بەلگىسى.
66. شەھەر-مەدەنىيەتنىڭ بالىياتقۇسى.
67. پىسخىكا نۇرمالسىزلىقى كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ ئۆز روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
68. تارىخ ھېچقاچان كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇنى پەقەتلا غالىبلار يېتەكلەپ ماڭىدۇ.
69. رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش ـــــ مانا بۇ بىزنىڭ مەيدانىمىزدۇر.
70. ئۆلۈم ـــ ھاياتلىقتىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مۇقەررەرلىك، ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇش ئىنساننىڭ ھەددى ئەمەس.
71. ئۆلۈم ــ ھاياتلىق جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چېكىت.
72. ئۆلۈم ـــ ھالاكەت ئېڭىنىڭ مەنبەسى.
73.ئۆلۈم بىر خىل تېراگىدىيە يۈكسەكلىكى.
74. ئۆلۈم تۇنجى بولۇپ ئىنسانىيەتتىكى ئۈزۈل-كېسىل تەپەككۇرغا مەجبۇر قىلغان ۋەھىمىلىك سىر .
-
2009-11-29
ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەر - [ھېكمەت-دۇردانىلەر]
ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەر
1. ئانا قۇياش، ئۇنىڭ مېھرى-تەپتى ھېچقاچان سوۋۇمايدۇ.
2. ئانىنىڭ ئاچچىق سۆزى-بالىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئاچىدۇ.
3. ئانا ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى، مېھرىبانلارنىڭ مېھرىبانى.
4. دۇنيادىكى ئىككى ئۇلۇغ زاتنىڭ بىرى-ئانا، بىرى-ئۇستاز.
5. مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلار قولىدا.
6. تىل–ئاھانەت ئىچىدىمۇ بىر خىل ساپ مۇھەببەت بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى-ئانىنىڭ بالىنى تىللىشى.
7. ئىنسانلار ئارسىدىكى بارلىق گۈزەللىك ۋە ئىللىقلارنىڭ ھەممىسى ئانا مېھرىدىن كېلىدۇ.
8. دۇنيادا ھەرقانداق قەرزنى قايتۇرۇش مۇمكىن، بىراق ئانا سۈتىگە مال-دۇنيا چىقىش قىلمايدۇ..
9. دۇنيادىكى ھېچقانداق گۈل ئانىنىڭ بالىغا قىلغان تەبەسسۇمدىن چىرايلىق ئەمەس.
10. شان–شەرەپ ئىزدىمە، ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدە.
11. دۇنيادا ئانىنىڭ ئىسمىدەك مەڭگۈ ئۆچمەس ئىسىم يوق.
12. ئەڭ بىباھا بۈيۈكلۈكمۇ ئانىنىڭ مېھرىبانلىقى ئالدىدا ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ قالىدۇ.
13. باھارغىمۇ، تاڭغىمۇ ئانىلار گۈزەللىك ئۆلەشتۈرىدۇ.
14. سېخىيلىك بابىدا، ھەتتا قۇياشمۇ ئانىلار ئالدىدا خىجالەتتە قالىدۇ.
15. ئانىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا، زېمىن تىترەيدۇ.
16. ئانا قەدرى-ھايات قەدرى.
17. پەرزەنت ئۈچۈن ئانا باغرىدىن ياخشىراق، يېقىملىق ۋە سۆيۈملۈكرەك ئورۇن يوق.
18. دۇنيادا ھېچبىر گۈل ئانىنىڭ بالىغا قىلغان تەبەسسۇمىدىن چىرايلىق ئەمەس.
19. ئانىنىڭ بىر قولى بۆشۈكنى، بىر قولى دۇنيانى تەۋرىتىدۇ.
20. ئانا مېھرى شۇ قەدەر ئۇلۇغ ئىكەنكى، ئۇ ئىنتايىن غۇۋا ۋە ئاجىز ھالدا ئەكس ئەتكەن تەقدىردىمۇ بالا قەلبىنى ساپلاشتۇرالايدۇ.
21. دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك مەرتىۋىمۇ ئانا مېھرىبانلىقى ئالدىدا ھەيرانۇ-ھەۋەستۇر.
22. ئانا قېنىڭغا قان، جېنىڭغا جان، قانىتىڭغا قاناتتۇر.
23. پەخىرلىنىشكە توغرا كەلسە، ئاناڭغا قىلغان خىزمىتىڭدىن پەخىرلەن.
24. ئانىلىق مېھىر-ئاياللاردىكى تەبئىي خۇسۇسىيەتتۇر، بارلىق مېھرى-مۇھەببەت مۇشۇنىڭدا باشلىنىپ، مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
25. ئانا دەپ ئون قېتىم شېئىر يازغۇچە، ئانا دەپ بىر قېتىم قولىدىكى سۈپۈرگىنى ئال.
26. ئانا مېھرى ھېچقانداق پايدا-مەنپەئەت ئارىلاشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت ھېساپلىنىدۇ. مۇھەببەتنىڭ بەزى شەخسىيەتچىلىك تەرەپلىرى بار بولسىمۇ، بىراق ئانا مېھرىدىن بۇنى تاپقىلى بولمايدۇ.
27. ئانا قۇياشتۇر، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ شەپقەتچىسى، ئۇنىڭسىز ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەس.
28. ئانىنىڭ پەرزەنت قەلبىدىكى ئورنىنى شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار ئالالمايدۇكى، ئانا بالىلىرى بىلەن ھېسسىيات جەھەتتە بىللە بولالايدۇ. بىللە يىغلاپ، بىللە كۈلەلەيدۇ. بالىنى ئانىسى ئۇرسىمۇ، بالا يەنىلا «ئانا» دەپ يىغلايدۇ.
29. يەر يۈزىدىكى ھەممە گۈزەللىك ئانىلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىدىن پەيدا بولغان.
-
2009-11-25
ئاتا مىراس نەسىھەتلەر - [ھېكمەت-دۇردانىلەر]
ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
ﺋﻮﻏﻠﯘم! ﺳﻪن ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯘزاق ﺋﻮﻳلاﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﺎﯕﺎ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ رﯦﺘﺴﯧﭙﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق دورا - ﺋﻮﻛﯘﻟﻐﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎج ﺋﻪﻣﻪس. ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺶ- ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯔ، ﻛﯚﯕﯜل-ﻛﯚﻛﺴﯜﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ. ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎلاﻗﯩﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪە ﻣﯘﻧﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩلارﻏﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻞ:
ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪ؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕلاﺷﻘﺎﻧﺪا ﭼﯧﮭﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﭘﺎرلاپ ﺗﯘرﺳﯘن، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯚزﯨﻨﻰ زەن ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕلاﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟال؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﻣﻪ، ﺗﺎﺳﺎدﯨﭙﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدە، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻛﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﯖﺪە ﺳﺎﻗلا؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﻰ ﺧﯘددى ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ، ﺋﯘﻧﻰ ﭘﯘراپ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕلا ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ، ﻣﯘﺑﺎدا ﭘﯘرﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﺘﺨﯘش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺴﻪڭ، ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪدەم ﺑﺎﺳﯩﺴﻪن؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻞ، ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﻪن؛
دوﺳﺘﯘڭ ﺋﺎزاﺑلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺪە، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨلاﺷﻘﯩﻦ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ دوﺳﺘﯘڭ ﺧﯘﺷﺎﻟلاﻧﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻦ؛
ﺋﯚز ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﯔ ۋە ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺑﻮل؛
ﺋﻪﺗﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﺋﻪﺗﻪ ﺳﻪن ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪن ﺋﻪﻣﻪس؛
ﮬﻪر ۋاﻗﯩﺖ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜك ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎردەم ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺳﯘﻧﻐﯩﻦ، ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩلار دەل ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎردﯨﻤﯩﯖﮕﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎج ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؛
ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﻮﻳلاپ ﻗﺎﻳﻐﯘرۇپ ﻛﻪﺗﻤﻪ،«ئﺎﻟﺘﯘن ﺳﺎپ ﺑﻮﻟﻤﺎس، ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﺴﯩﺰ ﺋﺎدەم (ﺑﻮﻟﻤﺎس)» دﯦﮕﻪن ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﯖﺪە ﺗﯘت؛
ﺋﯚزۈﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎددﯨﻲ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜڭ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘن، ﺋﻪڭ ﺧﯩﺮە ﻳﯘﻟﺘﯘزﻣﯘ ﻗﺎراﯕﻐﯘدا ﻳﻪﻧﯩلا ﻛﯚزﻧﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺪۇ؛ﮬﺎﻣﺎن ﻣﯘلاﻳﯩﻢ، ﺳﻪۋرﭼﺎن ﺑﻮل.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻴﺎﻟﯩﺴﺎڭ، ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚزۈﯕﻨﯩﯔﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﭘﺴﺎﻗلا ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺴﻪن