-
2010-01-01
بىر سۆز بار يۈرەكتە - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
بىر سۆز بار يۈرەكتە
شېئىر
بىر سۆز بار يۈرەكتە بەكمۇ خىجىلچان،
يالقۇنلۇق ئوتلاردا كۆيۈپ تۈگىمەس.
باغرىمنى تاتىلاپ بەرمەيدۇ ئارام،
ئەمەستۇر ھەرگىزمۇ ئۆتكۈنچى ھەۋەس.
پىچىرلاپ يۈرىكىم تولىمۇ تاتلىق،
چىرمايدۇ ۋۇجۇدۇم مەستخۇش پۇرىقى.
قايسى گۈل ئىشقىدا شەيدا بۇلبۇلمەن،
شۇ سېزىم بولدىغۇ جاننىڭ ئۇزۇقى.
بىر سۆز بار يۈرەكتە جۈرئەتسىز لېكىن،
كېپىنەك بولىمەن ئايلىنىپ چىمەن.
مەجنۇنتال، چېچەكلەر شادىمان، قەيسەر،
ۋە بەلكى شۇلاردىن ئىلھام تېرىمەن.
ئىچ ئاغرىتىپ ياش تۆكەر غۇنچە-ياپراقلار،
ھەسرەتكە مۇپتۇلا ئاجىز تېنىمغا.
نۇر چېچىپ ھارمايدۇ تىلەكچان قۇياش،
ئۈندۈرمەك بولغاندەك گۈلنى يېنىمغا.
بىر سۆز بار يۈرەكتە ئارمىنى بىرلا،
گۈلىنىڭ ۋەسلىگە يېتىش كويىدا.
كۆكسۈمدە يانغان ئوت ئۈندەيدۇ ئالغا،
بىر سۆز بار يۈرەكتە پىغان ئوتىدا.
2009-يىلى 23-دېكابىر بېيجىڭ
随机文章:
قەلبىمدىكى قۇرلار 2010-01-03قېنى سىز دوستۇم 2010-01-01بىزگە قانداق قىزلار كېرەك؟ 2009-11-26مۇھەببەت لىرىكىلىرى 2009-11-26ئۈزۈلسە نەپەس شېئىر ئىچىدە 2009-11-25
收藏到:Del.icio.us