-
2009-12-27
مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار (1) - [شېئىرىيەت گۈلزارى ]
ﺋﺎﺗﺎﺳﻰﺑﺎﺭﻧﻰ ﺑﺎﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ
ئېگىز ﺗﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﺩﯛﻡ ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻳﺎﺩﯨﻤﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ،
ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﻯ ﺯﻩﭖ ﺋﯚﺗﺘﻰ ﺑﯧﻐﯩﻤﺪﺍ ﺷﻮﺭﺍ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﻛﻮﻛﺎﺕ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﮔﺰﻩﻣﻨﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﻏﻪﻡ ﺑﺎﺳﺘﻰ،
ﺋﺎﺗﺎ ! ﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﻢ ﻛﯜﺯﺩﻩ ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻦ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﺋﺎﺗﺎﯓ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺋﯧﺘﯩﺰﻻﺭ ﮬﻪﻡ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ،
ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ ﺋﺎﻱ ﻛﯧﭽﻪ ﻛﯚﻛﺘﻪ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻛﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﺋﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﮬﺎﺭﯞﺍﻡ، ﺗﺎﻏﺎر ﺋﯚﺷﻨﻪﻣﺪﯨﺪﯗﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ،
ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﻛﯜﻥ ﺩﻩيتتىم،
ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﺘﻰ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺋﯚﻳﯜﻣﻨﯩﯔ ﺷﺎﻣﻰ ﺋﯚﭼﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﺟﯩﻤﻰ ﺋﻪﻝ ﭼﻪﺵ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ ﺧﺎﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪﻣﮕﻪ،
ﺋﺎﺗﺎﻣﻤﯘ ﻛﻪﻟﺴﯩﺘﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﺎﻳﯟﺍﻧﺪﺍ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﯧﻴﺖ ﺗﯘﻳﯘﻟﺪﻯ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﺎﺯﺍ،
ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ﺋﯧﺮﯨﻘﺘﯩﻦ ﺳﻮﻍ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﺋﺎﺗﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭﻧﻰ ﺑﺎﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ، ﺋﺎﻧﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭﻧﻰ ﺋﺎﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ،
ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ مەن ﺋﺎﺗﺎﺳﻰ ﻳﻮﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ.
ئاتىلار پېلەكتۇر، ئانىلار چېچەك
ئاتاڭنى چىللايدۇ ئۆيۈڭنىڭ تۆرى،
جىمىكى ھوزۇرۇڭ ئاناڭنىڭ نۇرى!
ۋاپادار بولمىساڭ شۇلارغا بۈگۈن،
كەتكەندە يىغلاشنىڭ نېمە زۆرۈرى؟
دان بەرگەن ئېتىزلار ئاتاڭنىڭ جىسمى،
ئىسسىق نان پۇرايدۇ ئاناڭنىڭ جىسمى.
شۇلارنىڭ ئەجرىگە ياراشمامدۇ خوپ،
«ۋاپادار» قويۇلسا بالاڭنىڭ ئىسمى.
تەۋەرۈك بىزلەرگە شۇلارنىڭ ئىزى،
شۇلاردۇر ئۆمرۈڭنىڭ جىمى كۈندۈزى.
شۇلارنىڭ ئىزىدا ماڭغان پەرزەنتنىڭ،
ھەر ئىككى ئالەمدە قىزارماس يۈزى.
دۇئالار ئۆزىدۇر تىلەكلىرىنىڭ،
دۇئالار ساداسى يۈرەكلىرىنىڭ.
ئاتىلار پېلەكتۇر، ئانىلار چېچەك،
بىز بولساق دەل ئۆزى خەمەكلىرىنىڭ.
ئازاب ئىكەن ئارماندا قالغان
ئەلمىساقتىن ئۆلۈم غالىپتۇر،
ئۆلۈم دېگەن تەڭرىدىن پەرمان.
ئازابلىقتۇر ئانا كەتكەن كۈن،
تۆككەن ياشنىڭ بارچىسى ئارمان.
ئانا ئۈچۈن يىغلىغانلارنىڭ،
گۇناھى يوق، سەۋەنلىكى يوق.
بۇ دۇنياغا يارالغانلاردىن،
كىم بار، چۈنكى، ئانىدەك ئۇلۇغ.
چەكسىز ئىكەن، بىھېساب ئىكەن،
ئانىلاردىن ئالغانلىرىمىز.
بولالماستىن قەدىردان ئەمما،
كۆپتۇر داغدا قالغانلىرىمىز.
بۇ دۇنيادا ئانا مېھرىگە،
بارمۇ پەرزەنت يۈرىكى قانغان؟
ئازاب ئىكەن ئانا ئەجرىنى،
ئاقلىيالماي ئارماندا قالغان!
ھايات دېگەن مانا شۇ
تۇرۇۋالدىڭ چۈشەندۈر، دەپ ھاياتنى،
نېمە دەيمەن، يەنە دېسەم يەنە شۇ !
كەلمىدۇقمۇ ئەتە ئۈچۈن ئات چېپىپ،
مەنچە بولسا، ھايات دېگەن مانا شۇ !
ئاھ ئۇرىسەن ئارمىنىڭغا يېتەلمەي،
يا ئارزۇنىڭ ئىشىكىدىن كېتەلمەي.
ئاۋارىسەن بىرنى ئىككى ئېتەلمەي،
مەنچە بولسا، ھايات دېگەن مانا شۇ.
بېسىلمايدۇ تىرىكلىكنىڭ ۋاڭ –چۇڭى،
بىلەلمەيسەن نەدە ئۇنىڭ تەڭپۇڭى؟
كىچىكلەرنى بوزەك قىلار ئەڭ چوڭى،
مەنچە بولسا، ھايات دېگەن مانا شۇ !
گاھ ئېتىزدا ئارپا، بۇغداي تېرىيسەن،
گاھ بازغاندا غۇلىچىڭنى كېرىيسەن.
تىرىكچىلىك ھارۋىسىدا قېرىيسەن،
مەنچە بولسا، ھايات دېگەن مانا شۇ !
ياخشىلارغا ناخشىلار تولا
دەريا بولساڭ شارقىراپ ئاققىن،
شاۋقۇنۇڭنى تاغلار ئاڭلىسۇن.
ياشالىساڭ ياشناپ ياشايلى،
يۈرەكلەردە ئارمان قالمىسۇن.
تاغ بولساڭمۇ تەكەببۇر بولما،
سېنىڭدىنمۇ ئېگىز تاغلار بار.
بۈگۈننىمۇ سۆيەيلى، ئەمما،
بۈگۈندىنمۇ گۈزەل چاغلار بار.
ئۆستەڭ بولساڭ سۈپ سۈزۈك ئاققىن،
تەكتىڭدىكى تاشلار كۆرۈنسۈن.
ياخشىلارنى ئىزدەپ يۈرگەنلەر،
سېنى سۆيسۈن، ساڭا سۆيۈنسۈن.
بۇ دۇنيادا ناخشىلار تولا،
ياخشىلارغا ناخشىلار تولا.
كۆكتە قۇياش بولالمىساقمۇ،
يۇلتۇز بولۇپ چاچايلى شولا.
ياشىسۇن
يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن!
يۆگەكسىزنى يۆگىگەنلەر ياشىسۇن!
ئۆزى ئالماي، يامبۇ ياغسا ئاسماندىن،
ئەلگە يامغۇر تىلىگەنلەر ياشىسۇن!
سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنى،
ئاتا ئەجرى تۆلىگەنلەر ياشىسۇن!
ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ،
ئۆزى ئات بوپ سۆرىگەنلەر ياشىسۇن!
چاۋاك چالماڭ، بىزدەك شائىر تۈمەن مىڭ،
ئادالەتنى كۈيلىگەنلەر ياشىسۇن!
قايدا يېتىپ، قايدا قوپسا ۋەتەندىن،
ئۆزگە خىيال سۈرمىگەنلەر ياشىسۇن!
ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەرد تارتىپ،
ئۆزى راھەت كۆرمىگەنلەر ياشىسۇن!
يوقسۇزلۇقتا ئوتى ئۆچكەن يالغۇزنىڭ،
ئوچىقىنى پۈۋلىگەنلەر ياشىسۇن!
ھالدىن كەتكەن غېرىبلارنىڭ بېشىدا،
چىراغ يېقىپ تۈنىگەنلەر ياشىسۇن!
پەرىشتىدىن شەيتان تولا بەزىدە،
ئېزىتقۇغا كۆنمىگەنلەر ياشىسۇن!
سىنىقىدا تۈمەن تۈرلۈك سۆيگۈنىڭ،
ئاۋۋال پۇلنى سۆيمىگەنلەر ياشىسۇن!
مال- دۇنيانىڭ پىراقىدا كۈل بولۇپ،
شۇ ئوت-چوغدا كۆيمىگەنلەر ياشىسۇن!
تەزىم قىلغىن بىلگەنلەرگە قەدىرىڭنى،
ئەمگىكىڭنى كۆممىگەنلەر ياشىسۇن!
ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلەر،
ئۈمىدلىرى ئۆلمىگەنلەر ياشىسۇن !
سۇ ئىچمىسە كۆڭۈلدىن كۆڭۈل
كىشى كۆڭلى جانان چىنىدۇر،
پەخەس بولۇڭ ئاسان سۇنادۇر.
سۆيۈشسەكمۇ ئېھتىيات كېرەك،
بىخۇد بولماق بىزگە گۇناھتۇر.
ھەر كىم كۆڭلى ئۆزىگە بىر خان،
گاھ ساھىپخان، گاھىدا مېھمان.
سۇ ئىچمىسە كۆڭۈلدىن كۆڭۈل،
بۇ دۇنيادا ياشارغايمۇ جان ؟!
ئەزىزلىكنى سۆزلەيدۇ كۆڭۈل،
ئەزىزلىكنى كۆزلەيدۇ كۆڭۈل.
«سىز » دېگەننىڭ قەدىردانى ئۇ،
«سەن » دېگەننى سۆيمەيدۇ كۆڭۈل.
-
2009-12-24
دېھقان بولماق تەس - [شېئىرىيەت گۈلزارى ]
دېھقان بولماق تەس
روزى سايىت
(داۋامى)
ﺋﯜﺯﯛﻟﻪﻱ دېگەندە ﻣﺎﻏﺪﯗﺭ-ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ،
يۇقىرىغا ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﺎﺭ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ-ﺗﯩﻠﯩﻜﻰ.
ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ،
«ﻳﯧﺘﻪﻣﺪﯗ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺯﯗﻕ يېمىكى».
ﺑﺎﺭﻯ ﺑﺎﺭ، ﻧﻪ ﮬﺎﺟﻪﺕ ﺋﯘ-ﺑﯘ ﺩﯦﻤﯩﻜﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
دېھقان ﺩﻩﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﻣﻪﻛﻜﻪ:
«ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺗﺴﻪﺯ ﻣﯘﻧﻪﻛﻜﻪ
ﺑﯩﺰ ﮔﻮﻳﺎ ﻗﺎﺭﭼﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺧﯘﻧﻪﻛﻜﻪ،
ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﺭﯗﻗﻘﺎ، ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭ-ﻳﯚﻟﻪﻛﻜﻪ.
دېمەك ﺗﻪﺱ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ»،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕﺗﻪﺱ.
ﺟﻪﺩﯟﻩﻟﻠﻪﺭ« ﺋﺎﺷﺘﻰ»ﻏﺎ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ ﺳﺎﻧﻨﻰ،
ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺩﺍﻧﻨﻰ.
ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺪﯗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ، ﻛﯚﺭﺑﯘ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﻰ،
پوچىلىق نوچىلىق ﻗﯩﻴﻨﺎﻳﺪﯗ ﺟﺎﻧﻨﻰ.
ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻛﻮﻻﻳﺪﯗ ﻳﺎﻧﻨﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
كۆردۈڭلار ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻧﺎﭼﺎﺭ،
ﺋﺎﺵ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻤﯘ ﻗﺎﭼﺎﺭ.
ﻳﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ، يېمىسەك ﺋﺎﭼﺎﺭ،
ﺑﯩﺰ ﻧﯩﭽﯜﻥ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺷﯘ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ؟!
ﻛﻪﺗﺴﻪﯕﻼﺭ «ﭼﺎﻗﺘﯩﯔ!» ﺩﻩﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﭼﺎﺭ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ ،
ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ.
ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺳﺘﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻙ، ﺳﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ،
ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ «ﺟﺎﮬﺎﻥﻛﻪﺯﮔﻪﻙ» ﺗﯩﻦ.
ﮔﺎﺭﺍﯓ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺱ ﺗﯧﭙﯩﻚ ﺗﻪﺳﺘﻪﻛﺘﯩﻦ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﻳﯘﺭﺕ-ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﯕﻠﻪﻳﺪﯗ ﻛﯚﯕﻠﻪﻙ، ﭼﺎﭘﺎﻥ، ﻛﻪش،
ﮬﻪﺷﻘﺎﻟﻼ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ نىمكەش.
ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﻰ، ﮔﺎﺩﺍﻱ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻏﻪﺵ،
ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺋﯩﺶ، ﻳﻪﺭ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ ﭼﻪﺵ.
ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ ﻛﯩﻢ ﺟﻪﻣﺸﯩﺖ، ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﻟﻪﻳﻠﯩﯟﻩﺵ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
«ﺋﻮﻏﯘﺗﻤﯘ ﭘﯘﻝ!» ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ،
«ﺗﯜﮔﻤﻪﻧﻤﯘ ﭘﯘﻝ! » ﺩﻩﻳﺪﯗ جىنچىراقمۇ ﮬﻪﻡ.
«ﭘﯘﻝ» ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺗﺎﻏﺎﺭﻣﯘ، ﺗﻮﻗﯘﻧﺎﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ،
«ﭘﯘﻝ» ﺩﻩﻳﺪﯗ ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻏﯘﻧﺎﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ.
ﭘﯘﻝ ﻗﯧﻨﻰ؟ ﭘﯘﻝ ﻧﻪﺩﻩ؟ ﻏﻪﻡ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻏﻪﻡ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟
ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﻯ ﻣﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﻧﻮﻣﯘﺳﻘﯘ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺯﯗﻗﻤﯘ؟
ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ، ﺩﻭﻗﻤﯘ؟
ﻳﻮﻕ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ«ﯞﺍﻱ نېمە ﻗﻮﻕ» ﻣﯘ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺩېسىمۇ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﯨﻦ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ دېھقان،
كىمگىدۇر ياقمىغاچ دېھقانغا ياققان.
ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ «ﺋﯜﭺ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ»،
ﺑﻪﺱ! ﺋﻪﻣﺪﻯ كۆتەرمەي ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﭼﻮﻗﺎﻥ.
ﭼﺎﭼﻤﺎ ﺩﻩﭖ سېلىقكەش ﻳﯜﺯ-ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻗﻮﻗﺎﻥ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
دېھقاننىڭ ﺑﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﻧﯩﻤﺎ ﻗﺎﺭﺍ !
دېھقاننىڭ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪ ﻳﺎﺭﺍ!
دېھقاننىڭ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺯﻣﯩﻐﯩﻦ ﺋﻮﺭﺍ!
ﻛﯩﻢ ﺩﯦﺪﻯ: دېھقاننىڭ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺷﻮﺭﺍ ؟
دېھقاننىڭ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
دېھقانمۇ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ، ﻛﯜﻟﺴﯘﻥﻳﺎﻳﺮﯨﺴﯘﻥ،
دېھقانمۇ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﺪﻩ ﺳﺎﻳﺮﯨﺴﯘﻥ .
دېھقانمۇ ﻛﯚﻛﻠﯩﺴﯘﻥ، ﺋﯚﺳﺴﯘﻥ-ﺋﺎﻳﻨﯩﺴﯘﻥ،
ﻗﺎﺯﯨﻨﻰ ﻣﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﯘﻥ، ﺷﻮﺭﭘﺎ ﻗﺎﻳﻨﯩﺴﯘﻥ.
ﺋﯘﮪ...ﺩﯦﺴﯘﻥ، ﮬﯧﻴﯩﺖ-ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ، ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﻮﻳﻨﯩﺴﯘﻥ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﮔﻪﺭﺩﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟
مېۋە ﻳﻪﭖ، ﺷﺎﺧﻘﺎ ﺗﯩﻎ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟
ﺗﯘﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ نەدە ﺑﺎﺭ؟
ﺋﻪﻝ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ دېھقاندەك ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟
ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﺎﺭ!
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ دېھقاننىڭ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ،
ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺯﺍﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ .
ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺵ ﺗﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ،
ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻧﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ.
ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﺗﻪﺳﻜﻪﻥ،
ﺗﻪﺱ دېسە ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
-
2009-12-24
دېھقان بولماق تەس - [شېئىرىيەت گۈلزارى ]
دېھقان بولماق تەس
روزى سايىت
ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ، ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﭺ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﮬﻪﯞﻩﺱ،
ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ﮬﻪﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ
ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺕ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ ﭘﻪﯞﻩﺱ،
ﺷﯘ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﺗﯩﺸﻰ ﺋﻪﺗﺘﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﺱ،
ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻻﻱ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﺧﻪﺱ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﺪﯨﻦ،
ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئەبەﺩﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻦ .
ﺋﯘ ﺑﺎﻗﺎﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﻣﻪﺭﯨﺪﯨﻦ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻕ تاﻣﺎﺳﻰ«ﺗﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺭﻯ» ﺩﯨﻦ.
ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻳﻮﻕ ﺗﯚﮬﭙﯩﺪﻩ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺋﯘ ﻣﯚﻣﯩﻦ، ﺑﻪﻙ ﻳﺎﯞﺍﺵ،ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ،
ﺑﻮﺷﯩﻤﺎﺱ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﻰﻛﻪﺗﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﺋﯩﻢ.
ﺩﻩﺭ: ﺋﯩﺸﻠﻪﻱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﺎﻕ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﺯﺍﻳﻢ،
ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﻩ ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺶ لايىم.
ﺭﯨﺰﻗﯩﻤﻨﻰ، ﺋﻪﺟﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﺩﯨﻠﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﻗويۇن،
ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺭ ﺋﻮيۇن.
ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺳﻮﻍ، ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋۇﭖ، ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﻗﯘﻳﯘﻥ،
ﮔﺎﮪ ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ، ﮔﺎﮪ ﺗﻮﻣﯘﺯ، ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯘﻥ.
ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﺩﻩﺭ«ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ خام ﻛﯧﻜﯩﺮ-ﺗﻮﻳﯘﻥ!»
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ كارىبا ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ،
ﻳﯜﮔﺮﻩﻳﺪﯗ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﮕﻪ ﺩﺍﻣﺒﺎ قېشىغا.
ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﺎ -ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ،
ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ.
ﻗﻮﺭﯗﻗﻼﺭ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺋﯘ ﺋﯚﻛﯜﺯ، ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ﺳﺎﭘﺎﻥ،
ﺷﺎﻛﺮﺍﭖ ﺗﻪﺭ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﻮﺭﻻﻳﺪﯗ چاپان.
ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﻰ، ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﺗﺎﭘﺎﻥ،
ﭼﺎﻙ-ﭼﺎﻙ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﺎﻳﺪﯗ ﺋﺎﻟﻘﺎﻥ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ«ﯞﺍﻳﺠﺎﻥ!» ﻻﭖ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﺱ ﭼﯘﻗﺎﻥ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺗﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻳﺴﺎ ﭘﻪﺭﯞىشى،
ﮬﻪ ﺩېمەي ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ يېغىن تەۋرىشى.
ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﻮﺷﯩﺴﺎ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟىشى،
ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﮬﺎﯕﺮﯨﺸﻰ، ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﺸﻰ .
ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯚﻛﺴﯩﻤﻪﺱ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﺭﻟﯩﺸﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼر ﺋﺎﻳﻪﻣﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ،
دېھقاننىڭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ «ﺋﻮﺗﺎﺵ ﮬﻪﻡ ﭘﯘﺗﺎﺵ».
ﺋﻮﻱ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﮬﻮﺳﯘﻟﻨﻰ ﺑﻮﺩﺍﺵ،
ﺋﺎﻳﻪﻡ ﺷﯘ ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﻛﯚﭘﺭﻩﻙ ﺋﺎﺵ.
ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ ﻣﺎﺗﯩﻤﻰﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺩﺍﺵ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﺪﺍﺭ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ،
ﺗﻮﺷﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪ ﻳﯧﺸﻰ.
ﻳﻮﻕ «ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﺎﯞﯨﻘﻰ» ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ ﺋﯩﺸﻰ،
ﻳﻮﻕ ﻣﺎﺋﺎش، ﺩﻩﺭىجە ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﺸﻰ.
ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺭ ﻳﺎﺯ ﻗﯩﺸﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ، ﺷﻪﻧﺒﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ،
شۈيجىيامۇ، تەنجىيامۇ ياﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ.
ﻛﺎﻧﯩﻜﻮﻝ ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ،
ﻳﻮﻗﻼﻳﺪﯗ، ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺧﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ.
ﺷﯘ «ﺧﺎﺱ» ﻟﯩﻖ ﺑﺎﻏﺎﺷﻼﭖ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺭﺍﺳﺖ ﺋﯘﻧﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺋﯘ ﺗﻪﺭگەن ﭘﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺑﺎﺵ،
ﺋﯘ ﭼﻪﺷﻠﻪﭖ يىغقان ﺩﺍﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ يېگەن ﺋﺎﺵ.
ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﻟﯩﮕﻪﻧﮕﻪﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮔﯚﺵ-ﺋﻮﺗﻴﺎﺵ،
ﺋﯘ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﭘﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺵ.
ﺋﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﻣﻪﺭﺩ ﮬﺎﺗﻪﻡ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺵ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕﺗﻪﺱ.
«ﻣﻪﻥ، ﺳﻪﻥ، ﺋﯘ» ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﻰ،
ﺩېمەك ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩېھقاننىڭ ﻧﻪﺳﻠﻰ.
ﻧﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ كۆرمەس ﺑﻪﺧﺖ ﯞﻩﺳﻠﻰ،
ﻗﻪﺩﯨﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﯘ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻪﺳﻠﻰ.
«ﻳﻪﺳﻠﻰ»ﮔﻪ ﺳﻮﺯﻣﯩﺴﯘﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺩېھقاننى ﺳﺎﻏﺎﺭ ﻛﺎﻟﯩﺪﻩﻙ،
ﺳﺎﻏﻘﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ ﺳﯜﺗﻰﭼﺎﻟﯩﺪﻩﻙ.
ﺋﯚﺯﯨﻼ«ﺋﺎﻕ » دېھقان ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﻩﻙ،
ﻣﯘﯕﻼﻧﺴﺎ ﺗﯘﻳۇلاﺭ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ-ﻳﺎﻟﯩﺪﻩﻙ.
ﺭﯨﺰﻗﯩﻐﺎ ﭼﺎﯓ ﺳﺎﻻﺭ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
بەزىلەﺭ ﻛﻪﺗﺘﯩﻐﯘ ﺋﻪﺟﻪﭖ سولىشىپ،
ﮬﻴﻠﯩﺴﻰ يىلسېرى ﺑﺎﺭﺩﻯ موللىشىپ.
ﺗﯜﺯﯛﺷﯜﭖ ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﻩ «ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ» قوللىشىپ،
«قاتلىنىپ ئاشتى» ﺩﻩﭖ ﺩﻭﻛﻼﺕ يوللىشىپ،
ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻰ «ﺗۈﺭ» ﻧﻰ گوللىشىپ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ دېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕﺗﻪﺱ.
ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕﺧﺎﻟﯩﺲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ،
ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪتتى ﮬﺎﺷﺎﺭ ﺑﻪﮔﻠﯩﮕﻰ.
ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺑﺎﺭ، ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺩﻩﻟﻠﯩﻜﻰ،
ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﭼﺎﺭ ﻗﻮﻧﺪﺍﻗﻼﺭ ﭘﻪﻟﻠﯩﻜﻰ.
ﺩېھقانغا ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺗﻪﯕﻠﯩﻜﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩېھقان ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
-
2009-12-06
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرىدىن - [شېئىرىيەت گۈلزارى ]
ئۆستۈردى قوينىدا مېنى شۇ تۇپراق،
ئۆلسەممۇ ماڭا ئۇ بولغۇسى يۇمشاق،
شۇ ۋەتەن ئىشقىدىن ئۇلۇغ نېمە بار؟
سىغمايدۇ كۆڭۈلگە باشقا ئىشتىياق.
غېرىب دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا،
ۋىسال قەدرىنى ئاشىق گادادىن سورا،
ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنە، نە تەم،
بۇنى ئۆز ئېلىدىن جۇدادىن سورا !
مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا،
بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.
ئانا سۈتى ئاقارتقاي دىلىڭنى سېنىڭ،
مەرىپەت يورۇتقاي يولۇڭنى سېنىڭ.
ۋەتەنگە مۇھەببەت، كۈچ–ئۈمىد بېرىپ،
پەلەككە يەتكۈزگەي قولۇڭنى سېنىڭ.
تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھراسى ياخشى،
مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.
مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمگە،
ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
بىراۋلار ئەلگە قىلدى جانىنى قۇربان،
بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز-تاۋۇشسىز،
قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مېكيان.
شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقىچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغىچە،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.
بۇلبۇل ئېيتۇر : گۈلزارىمدىن ئايرىما،
لاچىن ئېيتۇر : قاناتىمدىن قايرىما،
مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن،
مېنى خەلقىم قۇچاقىدىن ئايرىما.
ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار،
ھەر باسقان قەدەمدە بىر ئىزىڭ قالار.
خاھ ماختان، خاھ ئۆكۈن، ئۆزۈڭنىڭ ئىشى،
ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.
بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۈلۈپ قويغىن ئاڭا سەن قىلما كايىش.
ئېشەكنىڭ بىر مەھەل ھاڭراپ تاشلىشى،
ئاتوم دەۋرىدىمۇ، تۇرمۇشتا بار ئىش.
ئالتۇن ھەل يالاتساڭ، كېسەكتۇر كېسەك،
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ، تېزەكلەر ئېشەك.
كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرتىغا باق،
يەپ ئاددىي يوپۇرماق، بېرىدۇ يىپەك.
ئەجەب بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغۇدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر خار ئىش.
دۇئا قىلسا ھەر ۋاخ مۆمىن مۇسۇلمان،
تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان.
ۋە لېكىن دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش،
«مەن ئۆزەم قورقارمەن ناداندىن يامان».
كىشى ھەر نەرسىنى بىلمەككە ماھىر،
بىلىپ بولماققا لېكىن ئۇ ئەمەس قادىر.
ئارستوتىلدەك ھېكىممۇ ئېيتقان ئىدىكى،
بىلگەنسىرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر.
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
ۋە لېكىن تەڭ ئەمەس دەۋر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تەڭ بولۇرمىز بىر كۈنى قەبرە ئالدىدا.
-
2009-12-02
قاششاق دېمەڭ دېھقاننى - [شېئىرىيەت گۈلزارى ]
«قاششاق» دېمەڭ دېھقاننى
مۇھەممەتجان ئەمەتيارتېكىن
ﺋﯚزى ﺋﻮرۇق ﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻨﻰ،
ﺋﯚزى ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ زاﻏﺮا ﻳﻪپ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮔﯩﺮدە ﻳﺎﻗﻘﺎﻧﻨﻰ،
ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭘﺴﯩﺰ دۆڭ ﻳﻪرﻧﻰ ﺳﯘ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﭼﺎﭘﻘﺎﻧﻨﻰ،
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، «ﻗﺎﺷﺸﺎق» دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ _ ﻳﻪرﻧﯩﯔ ﻳﯧﻐﯩﺪەك ﻛﻮﻟﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪۇ،
«ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺑﺎر» دەپ ﻛﺎرﻧﺎﻳﺪا ﺗﻮۋﻟﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪۇ؛
«ﺋﺎچ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ! » دەپ ﺗﯘﭘﺮاﻗﻨﻰ ﺳﻮرﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪۇ،
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
ﺋﯘرۇق، ﻳﻪرﻧﯩﯔ ﭼﯧﻜﯩﻨﻰ ﺳﯚﻛﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﻧﻤﻪﻳﺪۇ،
ﮬﻪر ﻣﺎﻳﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪر ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺗﯚﻛﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﻛﯜﻟﻤﻪﻳﺪۇ،
ﺑﯩﻠﻤﻪي ﺗﯘرۇپ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ، دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎن ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪۇ،
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
«ﺗﯜزﻟﻪ ! » دﯦﺴﻪ ﺗﯜزﻟﻪﻳﺪۇ ﮬﯧﻠﻰ ﭼﺎﭘﻘﺎن ﺋﯧﺮﯨﻘﻨﻰ،
ﺑﯘﻳﺮۇﺳﯩﯖﯩﺰ ﻳﯩﻐﯩﺪۇ ﺧﺎم ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﯧﺮﯨﻘﻨﻰ،
ﻳﯩﻐلاﺷﺴﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ ﻗﻪرز ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﻘﻨﻰ،
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﻛﻮﻧﻜﯩﻐﺎ دﯦﮭﻘﺎن ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﻗﺘﯩﻤﯘ؟
ﺳﯩﺰ ﭼﺎﻗﺘﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪرﯨﺪەك، دﯦﮭﻘﺎن ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺑﺎﻗﺘﯩﻤﯘ؟
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻐﺎ «ﺋﻪرز!» دەپ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﻗﯧﻘﯩﭗ ﺑﺎﻗﺘﯩﻤﯘ؟
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﺪەك ﮔﯚش ﺋﻪﻣﻪس، ﮬﻪرۋاﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ،
ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎر ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ - ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﻣﯩﻘﻰ،
ﻧﻪﻏﻤﻪ، ﺋﯘﺳﺴﯘل، ﭼﯩﺮاﻏﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪس ﺳﯩﺰدەك ﻗﺎۋﯨﻘﻰ،
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
ﻣﺎﻗﯘﻟلا ﺑﺎر ﺋﺎﻏﺰﯨﺪا «ﻳﺎق !» دﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪۇ،
«ﺳﻪن ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﻰ، ﺑﯩﺰﺑﻮﻟﺴﺎق ﺳﺎق!» دﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪۇ،
«ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻜﻪﺑﺎق!» دﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪۇ،
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
«ﺳﯩﻠﻰ» دﯦﺴﻪ ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﻰ، ﺳﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ«ﺳﻪن»ﻟﻪﻳﺴﯩﺰ،
ﺧﯘﻳلاﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎرﻣﺎﻗﺘﺎ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻧﻠﻪﻳﺴﯩﺰ،
دﯦﮭﻘﺎﻧﻐﺎ ﺳﯩﺰ ﺳﻮغ ﺗﻪﻟﻪت، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﻧﻠﻪﻳﺴﯩﺰ،
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
ﺋﺎق ﻧﺎﻧلارﻏﺎ ﻗﺎت - ﻗﺎﺗلاپ ﺳﻮﻣﻜﯩلارﻧﻰ ﺋﺎﭼﯩﺴﯩﺰ،
ﻳﻪپ - ﻛﯧﻜﯩﺮﯨﭗ، ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻪﺗﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﭼﺎﭼﯩﺴﯩﺰ،
ﻧﺎن ﺑﻪرﮔﻪن ﺷﯘ دﯦﮭﻘﺎﻧﺪﯨﻦ «ﭘﯘراﻳﺪۇ» دەپ ﻗﺎﭼﯩﺴﯩﺰ،
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺴﯩﺰ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ ﻣﯘﯕﺪاﺷﻘﯩﻠﻰ ﭼﻮﻟﻰ ﻳﻮق،
دەﻳﺴﯩﺰ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺳﺎﻳلاﺷﺘﺎ ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﯧﭻ روﻟﻰ ﻳﻮق،
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪﺗﺘﻪ ﺷﯘ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﻳﻮق؟
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
ﮬﻪﻗﯩﻘﻪت ﺑﯘ دﯦﮭﻘﺎﻧﺴﯩﺰ ﻛﯜﻟﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪم،
ﻳﻪپ ﻳﺎﺗﺎرﻧﻰ ﺑﺎلام دەپ ﺳﯚﻳﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪم،
ﻧﺎﻧﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮەر دەﻗﯩﻘﻪ ﻳﯜرەﻟﻤﻪﻳﺪۇ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪم،
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
ﻧﺎن ﺑﻪرﮔﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎلاﻳﻤﺎڭ، ﻛﻮر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﻛﯚزﯨﯖﯩﺰ،
ﺗﻮﻏﺮا ﺳﯚزﻟﻪڭ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺷﻮر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﺳﯚزﯨﯖﯩﺰ،
ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚپ ﻳﻮﻟﻠﯩﻤﺎڭ، ﮬﻮر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﻳﯜزﯨﯖﯩﺰ،
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن، ﻗﺎﺷﺸﺎق دﯦﻤﻪڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ.
-
2009-11-25
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن(2) - [شېئىرىيەت گۈلزارى ]
باردۇر
جاھالەت سەمەرسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ،بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.
زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بۇلۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
بىرىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.
ئىلىمنىڭ ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
ئوقۇرمىز-ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.
تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يىڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىغقانىمىز باردۇر.
يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،
ئەگەر بىر يەردە توي بولسا،بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.
ئۇمومنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.
بىرسى بىر ياخشىلىق قىلسا،ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىن ئاچقانىمىز باردۇر.
ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز،
چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.
ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،
مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى، بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.
خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بۇلۇپ قالسا،
يۇشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.
بابالار شۆھرىتىنى،غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
قىلىپ غەپلەت جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز،پو ئاتقانىمىز باردۇر.
كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق،
ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا،توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.
ئۇيۇن-چاخچاق تۈپەيلىدىن ئۆز-ئارا بىئەت بولساق،
ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە،ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.
خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،
قۇۋلۇقۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ-رەڭ يالغانىمىز باردۇر.
ئىت ئۇرغاننى تۇنۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،
لويى، ئامبال ۋە دارىن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.
ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە-ئۈزەر سۇدا،
مېنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.
گۈركىرەپ كەلسە ئاپتۇموبىل،نېمە ئەي،خۇدايىم دەپ،
ئەقلىنى ئىشلىتەلمەي ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.
ھۈنەر بىلەن سانائەتتە <يېتىشتۇق>،ئەمدى ئىش پۈتتى،
ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قويغانىمىز باردۇر.
مىسلى جەننەت تاغۇ-دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،
ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.
مۇنەججىم ھەم ئىنژىنىر،ئالىملارنىڭ ئورنىغا،
تونۇ سەللە،نەپسى بالا موللىمىز-سۇلتانىمىز باردۇر.
قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك-تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.
ئەل-يۇرتىنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،
كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشمانىمىز باردۇر.
ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاخشىما،
شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.
.
ﮬﺎﯞﺍ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ ﺋﻪﻱﺩﻭﺳﺘﻼﺭ، ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭼﺎﻍ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺯ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﻰ ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﺑﯘ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻗﯩﺶﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﺋﺎﭼﺎﻟﻤﺎﻱﻛﯚﺯ، ﻳﺎﺗﯘﺭسەﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗ؟
ﺋﺎﻳﺎ ﺋﯩﺨﯟﺍﻥ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﯗﺭﻗﯩﺶ،ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻳﺎﺗﯘﺭﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ، ﺋﯚﻟﯜﻛﺘﻪﻙ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ﮬﯧﭻ،
ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﺱ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪى.
ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﯟﺍﯓ ﻳﯧﻐﯩﭗﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺗﯧﭙﯩﺶ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﻣﯘﺷﻜﯘﻝ،
ﮬﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺗﯘ، ﺋﯧﺮﺧﯘﺍﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺳﻪﻧﺨﯘﺍ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﮬﺎﺭﺍﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻱ ﺳﻪﻧﺨﯘﺍ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﺎﻳﻐﺎﺑﻮﻟﯘﺭ ﺩﺍﻟﺪﺍ،
ﻗﻮﭘﯘﯕﻼﺭ! ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰﮬﻪﻡ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻗﻮﭘﯘﯕﻼﺭ ﺋﻪﻱﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ، ﺋﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻣﻪﻳﻠﯩﯖﻼﺭ،
ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺗﯘ،ﺋﯧﺮﺟﯩﻴﯘﻛﯩﺮﯨﺶ،ﺳﻪﻧﺠﯩﻴﯘ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺋﯩﺸﯩﺘﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ، ﻗﯘﻻﻕ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺳﺎﻗﻤﯘ؟
ﻛﯩﻜﯩﺮﺩﻩﻙ ﺟﯩﻖ ﻗﯩﭽﻘﯩﺮﯨﭗ، ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﮬﻪﻡ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
غەزەپ ۋە زار
ئەي پەلەك،بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،
ئىستىدىم كۆپ،تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.
ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،
گاھ ئۆلۈپ،گاھ تىرىلىپ،كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.
بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان،بېغىم باھارى گۈلىنى،
ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.
دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرۈر مىسالىغا،
قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.
يۈز قىلماس تەئەررۇز كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار،
كۆرسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.
لا ئەقىل دەپ ئويلىدى،چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،
يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار،كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.
قولدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ،دائىم غىدىقلايدۇ مېنى،
مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ-بەك خۇنبارىمەن.
پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ كاپىر، جەدىت دەپ قارغىشۇر،
بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بۇلۇپ يانارىمەن.
چۆل-جەزىرە، دەشتۇ-سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج،
ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ قوشۇلاي قاتارىمەن.
سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت زېمىن،
مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بۇلۇپ قاينارىمەن.
ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى-مەشرىق تامام،
مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
ئىلىم-پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت، خەۋپ-خەتەر،
ھالىمىز قۇلدىن بەتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن.
تىل-ھاقارەت، تەنە-دىخمار ۋاي داد!...بۇ جاننى قىينىدى،
ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەپمۇ بولدۇم خارىمەن.
زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى
تاغ كەبى دولقۇنىدا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.
دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،
جاننى ئالقانغا ئېلىپ چىق،تاپمايسەن باشقا چارىسەن.
ﻳﯧﻘﯩﻦﺑﻮﻟﺪﻯ