-
2009-12-27
ئانا تىلىم-زەر تىلىم - [ئانا تىلىم-زەر تىلىم ]
بىر مۇنچە
ھاياتلىق تەكتى دىشۋار، بىل، ئۇنىڭ غوۋغاسى بىر مۇنچە،
سۆيۈك، مېھرىمۇ بار شۇنچە، مىكىر-ئىغۋاسى بىر مۇنچە.
قۇچاقلايدۇ جاپاسىدا، پىچاقلايدۇ «ۋاپا» سىدا،
ئېسىل بەرناسىغا يانداش رەزىل، لەقۋاسى بىر مۇنچە.
كېمەڭ چۆككەندە ھەمدەم يوق، كېسەل تەگكەندە مەلھەم يوق،
سۇغا زار چاغدا سەن، بابلايدىغان غەۋۋاسى بىر مۇنچە.
مۇھەببەت دەشتىدە يىگانە يۈرسەڭ، باقمىغاي دىلبەر،
كېيىك چاغلاپ سېنى ئوۋلايدىغان ئوقياسى بىر مۇنچە.
تۆرەلگەندىن «ياغاچ ئات» قا مىنىشنىڭ مەنزىلى بىر دەم،
بېسىپ ئۆتكەن يولۇڭنىڭ ئەگرىسى، تۈز-راسى بىر مۇنچە.
شۇڭا روھى مىجەزىڭنىڭ قارارى گاھ تەۋازۇدا،
تۇرۇپ رايىش، تۇرۇپ سەپرا، يەنە سەپراسى بىر مۇنچە ...
ئۆمۈر داستانلىرى پۈتكەي يارەنلەر ئارزۇ-ئارماندا،
ئوقۇپ كۆرسەڭ، ئۇنىڭ بەرھەق «ئىسسىت، ئاپلا!...» سى بىر مۇنچە.
ئۇيغۇر قىزى
كۆر، ئەنە بىر قىزكى، چېھرى، مېھرى نۇر، ئاتەش ئۆزى،
زىلۋا بوي، سەرۋى بەدەن، چولپان كەبى پارلار كۆزى.
قاشلىرى قىيغان قەلەمدەك، كىرپىكى تال-تال يىپەك،
مەڭزى ئانار، لېۋى ياقۇت، خۇددى ئاي رۇخسار يۈزى.
قاڭشىرى چىمداپ چىقارغاندەك گويا، چىشى سەدەپ،
ھەم ئۇزۇن، ھەم توم، قارا سۇمبۇل چېچىنىڭ ئەڭگىزى.
چامدىشى ئوخشار كىيىككە، كۈلكىسى بۇلبۇل مىسال،
شەرم ھايالىق باقمىشى، شۇنچە ئەدەپلىك گەپ-سۆزى.
سۆيگۈگە سادىق، ۋاپالىق، قەلبى ئاپتاپتەك تازا،
ئاچقۇزار خۇش ھىد چېچەكنى گۈل قولى، باسقان ئىزى.
ناخشا ئېيتسا، تاڭ ساباسى ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچەر،
چالسا دۇتار، شوخ ئۇسسۇلغا دەسسىگەي كۆك يۇلتۇزى.
كۆڭلىكى توزنىڭ قاناتى، دوپپىسى-رەڭدار چىمەن،
چىگكىنى ياغلىق دېمەڭ، ئىپپەت-نۇمۇسنىڭ ئەندىزى.
«پاھ، ئايالنى ئاي تۇغامدۇ؟...» دەيدۇ كۆرگەنلەر ئۇنى،
جەننەتۇل-فىردەۋسمۇ يوق بۇ كەبى ئۇزنىڭ ئۇزى.
«سىرت سىياقى شۇنچە، ئەمما كۆڭلى قانداق؟» دەرسىلەر،
ئۇ- ئەقىل، ئەخلاق، لاتاپەتتە جاھاننىڭ يالغۇزى !
ئىچ-تېشى ئوخشاش گۈزەلنىڭ تەرىپى بولدى زىكىر،
كىم دېسەڭ، ئۇ مەرد، غۇرورلۇق شەرق گۈلى ئۇيغۇر قىزى !
1984-يىل مارت، خوتەن
ئالسا ئىكەن پەرۋايىغا
نادان ئەردىم بېرىلگەندە كۆڭۈلنىڭ رايىغا، دوستلار،
نەزەر سالماي يۈگۈرگەندە ئۆمۈرنىڭ ۋايىغا دوستلار.
ئۇدۇلنى پەرق ئېتىپ ماڭماي، چىغىرنى بويلىدىم بىر چاغ،
پىسەنت قىلماس ئىدىم دەۋەت ئېتىلسە سايىغا، دوستلار.
«ئۇچۇش» مەستانىسى بولدۇم، «قونۇش» نى قىلچە ئويلاشماي،
چۈشەندىم سەل كېيىن، پاتتىم نادانلىق لايىغا، دوستلار.
ھەقىقەت قامچىسى تەگدى، ئېگىپ باش ئاڭا بويسۇندۇم،
زاماننىڭ ئۆتنىسى ياندى ئۆزىنىڭ جايىغا، دوستلار.
ئەقىل ئاقساق ئىمىش ئەسلى، كېلەرمىش ۋاقتى ئۆتكەندە،
شۇ «ئاقساق» لىق يۈگۈرتۈپتۇ مېنى «ھاي-ھاي»غا، دوستلار.
كېچىكسەممۇ چۈشەندىم توغرا-سەھۋەننى، شۇڭا ئەمدى
قەدەم رۇسلاشتا تەلپۈندۈم يورۇق يول-غايىغا، دوستلار.
ئىشەن يۇرتۇم، ۋۇجۇدۇمدىن شۇ ئازغۇنلۇق دېغى يىتكەي،
تىكەرمەن گۈل گۈزەللىكتىن دىلىم سەھراسىغا، دوستلار.
ناماقۇللۇق پۇشايمانىم، ئىرادەمنى نەزم قىلدىم،
خۇشالمەن، ئەل بۇنى ئالسا نەزەر-پەرۋايىغا، دوستلار.
1987-يىل ئاپرېل، خوتەن
تاپمىدىم
شۇنچە يىل ئىچكەن ھاراقتىن پايدا-مەنپەئەت تاپمىدىم،
رومكا، شېشە ھەم قاۋاقتىن باشقا ئۈلپەت تاپمىدىم،
مەست-ئەلەسلىك ھۇشۇمنى يۇتتى، يىتتى ھىممەت، تاپمىدىم،
ئوڭ چېغىم ئاز، ئۇز گېپىم يوق، يۇرتتا ئىززەت تاپمىدىم،
شۇ ھاراقتىن ئۆز جېنىمغا قانچە كۈلپەت تاپمىدىم؟
ئىككى پۇل تاپسام، يۈگۈردۈم مەن قاۋاققا ھەر كۈنى،
«ئەسسالام» دەپ كەلدى مەستلەر ئىز تاۋاپقا ھەر كۈنى،
باش توخۇ چىللاقتا قايتتىم ئۆي-قوناققا ھەر كۈنى،
ئەتىسى ئاچ-تارتمىدى دىل ئاش-تاماققا ھەر كۈنى،
گۆردىن ئاچقاندەك ئۇرۇقلاپمۇ قانائەت تاپمىدىم.
«ئىچمىسەم زادى تۇرالمايمەن !» دېدىم، ئىچتىم ئۇنى،
«ھاي؟!..» دېسە، بولدى جاۋابىم: «مەي ئەمەس ئادەم خۇنى،
تەۋرىمەيمىز بىز بىر كىلو ئىچسەكمۇ ئۇنداق سۇنى،
بىز تېخى ياش، ياش كۆڭۈل خالايدۇ ھەردائىم شۇنى !...»
تاپقىنىم تەلۋە كۆرەڭلىك، باشقا ھالەت تاپمىدىم.
يۈز گرام ئىچمەي تۇرۇپ شەيتان مىجەز نەسلىك بىلەن،
كوچىغا چىقتىم تىلىم كالۋالىشىپ تەسلىك بىلەن،
ئۇچرىسا قىزلار توسۇپ سەت سۆزلىدىم پەسلىك بىلەن،
بۇلغىنىپ ياتتىم قۇسۇق ئۆزرە داۋام مەستلىك بىلەن،
گاھ چاپان، گاھ تەلپىكىم يىتتى، دارامەت تاپمىدىم.
بىر كۈنى سىم تۈۋرۈكى بىرلە ئېلىشتىم قانغىچە،
بىر كۈنى چاقتىم چىنە، چايدان، قازانۇ جامغىچە،
بىر كۈنى يىرتتىم دېرىزە پەردە، يوتقان، خام...غىچە،
بىر كۈنى تەپتىم ئۆيۈمنى قوشنىمىز بار تامغىچە...
ھەي بۇ مەستلىكنىڭ زورى، ئۆزگە دالالەت تاپمىدىم.
مەست چېغىمدا مەستلىكىم قوزغالسا خەجلەپ بارىنى،
ئۇن، ئوتۇن، پۇل-خەرج-خىراج قىسسا قىلالماي چارىنى،
قۇتقۇزۇش، قەرز ئىلتىماسىدىن يېزىپ بەش پارىنى،
ئەكسىچە ئۇنتۇپ ئايال، پەرزەنتلىرىنى، ئىش-كارىنى،
«ئەسكى» دەپ ئالدىم ئاتاق، ئەلدە ئىناۋەت تاپمىدىم.
ئاخىر چىقتى بوران، موللاقلىدى ئۆيدە كېمە،
سۆز تەلەپ قىلدى خوتۇن، ئېيتتى: «ئېغىز ئۆمەللىمە!...»
مەن دېسەم: «سەۋرى كېرەك، ئۆينى بۇزۇپ: ‹سۆز بەر›دېمە»
ئۇ دېدى: «ئوڭلانمىدىڭ، تاقەت دېگەن چەكلىك نېمە !»
نە ئامال بولدۇم ساياق، جۈپتۇ ھارارەت تاپمىدىم.
چاچقا ئاق كىرگەن تۇرۇپ چەك قويمىغاچ ئىللەتكە مەن،
بولمىدىم داخىل تېرىقچە ئېتىبار، قىممەتكە مەن،
تۇرمىدىم تەييار خەلق-ئەل ئالدىدا خىزمەتكە مەن،
ئەمدى قانداق تىك قارايمەن يۇرتقا مەن، مىللەتكە مەن،
دەمدىمەن پۇشتۇمغا: «مەي تاپتىم، كامالەت تاپمىدىم !...»
بولدى، بەس! ياندىم بۇ رايىمدىن، تاپاي ئەقلىمنى مەن،
باشقىدىن تىكلەي زامانغا ماس قىلىپ قەددىمنى مەن،
مەنىۋى ئۇزلۇقتا زىننەتلەي ۋۇجۇد-قەلبىمنى مەن،
ھەم بېرەي دوستلارغا چىن دىلدىن قەسەم-ئەھدىمنى مەن:
بولمىغايمەن قايتا رەسۋا، مەستتە قىممەت تاپمىدىم.
مەندە بولسا مەن تۈزەتتىم، سەندە بولسا ئويلىغىن،
ئويلىساقلا پۈتمىگەي ئىش، توغرا يولنى بويلىغىن،
تاشلا بەتئەخلاقنى، دىلدا زەررىچە داغ قويمىغىن،
ھوش-ئەقىلنى ساق تۇتۇپ شان-تۆھپە قۇچ، توي ئوينىغىن،
ئاڭلا، ئەخلاق ئەرگە زىننەت، باشقا زىننەت تاپمىدىم !
1990-يىل فېۋرال، خوتەن
مىللىتىمگە بىر سۆز
ئۆزۈڭدىكى تالاي نۇقسان ئىللەتنى،
ئۆزگەرتكىنىڭ-ئۆستۈرگىنىڭ قىممەتنى.
ئەمما، يارەن، تېگىشىسەن «شۈكۈر» گە
ۋۇجۇدۇڭدا ئۇرغۇۋاتقان ھىممەتنى.
تىزىڭ يېغىر، كۆزۈڭ كۆكتە-تۈڭلۈكتە،
تىلىنىسەن كۈندە رىزقى-نېمەتنى.
ھايات بېغى قاغجىرايدۇ، مۇھتاجسەن،
يار قىلمىساڭ ئىنتىلىشنى، مېھنەتنى.
ھەم غاجايدۇ ۋۇجۇدۇڭنى مىتە قۇرت،
«پوشت» دېمىسەڭ پىتنە، ھەسەت، مىننەتنى.
بەخت قۇشى ئەگىمەكتە بېشىڭدا،
تۇتقىنىڭ خوپ بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى.
«ئەجرى ئەزىم»-گۈللەت ئۆزۈڭ ئۆمۈرنى،
تاشلا ئەمدى ئىلتىجالىق «گۈللەت...»نى.
تەڭرىسىمۇ ساقىت قىلار نەززەردىن
يۆلىسىمۇ قوپمايدىغان مىللەتنى ! ...
1991-يىل 1-ماي، خوتەن
«ئانا تىلىم-زەر تىلىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
收藏到:Del.icio.us