-
2010-01-17
سورىقى بار جاھان بۇ - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
سورىقى بار جاھان بۇ
(شېئىر)
ئەگرى دەسسەپ تۈز ماڭماي، ئەلەڭلىشىپ يۈرگەنلەر،
ئويلاپ قويۇڭ، سورىقى بولۇر قىلغان-ئەتكەننىڭ.
ياخشىغا ھۆر، يامانغا دوزاخ بولۇر تەقدىرمۇ،
يېگەن تۇزدا ھەققى يوق قارغىش ئېلىپ كەتكەننىڭ.
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى، كىشى كۆركى-قىممىتى،
يولى ئوچۇق بولغۇسى ئەلنى دىلغا چەككەننىڭ.
ۋىجدان، ئىمان ساپلىقى ھايات ئەڭ زور بايلىقى،
پەرقى يوقتۇر مۇردىدىن ئەل بەختىنى كەسكەننىڭ.
سورىقى بار جاھان بۇ، ئاۋام ئادىل ھۆكۈمدار،
ئەجرى كەتمەس بىكارغا، گۈللەرگە سۇ سەپكەننىڭ.
ئەل-يۇرت قەلبى ئۆلچەيدۇ كىملەر ئېسىل، كىملەر پەس،
نام-شەرىپى يادلىنار ئەل دەردىگە يەتكەننىڭ.
چېلىشىپ ساز-دېپىنى، كۆز-كۆز قىلىپ گېپىنى،
دۇنيا ئەمەس مۇغەمبەر، ئادالەتنى تەپكەننىڭ.
كۈنلەر ئەمەس باقىۋەن بەزمە-ئىشرەت تۈزگەنگە،
سورىقى بار جاھان بۇ، ھېساپسىز يەپ-ئىچكەننىڭ.
دىيانەتنىڭ گىر تېشى تۇرىدۇ بىر نۇقتىدا،
ياشاشقىمۇ ھەققى يوق ئىنسابىدىن كەچكەننىڭ.
بېرىلمىگىن پۇل-مالغا، ئەقىدىسىز شەيتان ئۇ،
ئۇزۇن بولماس زامانى قۇرۇق ئابروي-شەۋكەتنىڭ.
راھەتلىكتە بۇ دۇنيا قالغان نى-نى دىن ئېشىپ،
سورىقى بار جاھان بۇ ھەربىر قىلغان-ئەتكەننىڭ.
2010-يىلى 7-يانۋار بېيجىڭ
-
2010-01-03
قەلبىمدىكى قۇرلار - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
دەيمەن ...
ئاتىلار نامىغا پۈتكۈن نەزمىلەر،
بىر مەھەل ياڭراپلا ئۆچمىسە دەيمەن.
مېھرىبان ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەم،
ھەر زامان دىللاردىن كۆچمىسە دەيمەن.
پەرزەنتلەر ئەخلاقلىق، كۆيۈمچان بولسا،
ئانىلار قەلبىنى تىلمىسا دەيمەن.
يەر-زېمىن يايرىسا، تەڭرىمۇ كۈلسە،
كۆڭۈللەر باھارنى چىللىسا دەيمەن.
مەردانە يىگىتلەر، غۇنچە بوي قىزلار،
ھۇرۇنلۇق، كەيپتە بولمىسا دەيمەن.
ئانىلار بىچارە، ئاتىلار غېرىپ،
ئەلەملىك كۆز ياشقا تولمىسا دەيمەن.
بالام دەپ جان بەرگەن ئاتا-ئانىلار،
راھەتمۇ كۆرسىكەن، كۈلسىكەن دەيمەن.
ئانىلار ئايىغى جەننەت ئىشىكى،
بالىلار ھۆرمەتنى بىلسىكەن دەيمەن.
ئۇستازىمغا
سانچىلدى چېچىڭغا چېچەكلەر ئاپئاق ،
ئەجرىڭنىڭ مەردانە يارقىن سىيماسى.
قامۇسى پۈتۈلدى سۈزۈك چېھرىڭگە،
ئەمگىكىڭ، مېھنەتنىڭ روشەن ئىزناسى.
بىخ سۈرۈپ كۆكەردى يۇمران نوتىلار،
بولغاچقا سېنىڭدەك تۆھپىكار باغۋەن.
ئەي ئۇستاز، تۆھپەڭ كۆپ، قان-تەرىڭ تولا،
تەرىپلەپ، كۈيلەشكە پېقىر ئاجىزمەن.
ھاياتىڭ يەم بولدى جاپا-مېھنەتكە،
ئۆزۈڭنى بېغىشلاپ ئەۋلاد يولىغا.
راھىتى كۆرمىدىڭ ئەپسۇس ئەجىرنىڭ،
كۆز سالماي تەمادا بىراۋ قولىغا.
يۇرت سۆيگۈسى
ئانا يۇرتۇم سۆيۈملۈك چىرا،
كۈچكە تولدۇم ئوغۇز سۈتۈڭدە.
چىن دىلىمدىن سۆيىمەن سېنى،
تەرىپىڭ بار ھەربىر كۈيۈمدە.
باغلىرىڭدا ئالما ۋە ئانار،
يۇلتۇزلاردەك تۇرار نۇر چېچىپ.
ئانار يۈزلۈك ئىشچان قىزلىرىڭ،
كېلەر دىلنى دىللارغا چېتىپ.
خەلقىڭ ئىشچان، ئېتىكىڭ مۇنبەت،
ئۇتۇقۇڭ بار پەخىرلەنگۈدەك.
يۈكسەل يۇرتۇم زامانغا لايىق،
يۈز ئاچماقتا سەندە كېلەچەك.
2009-يىلى 2-يانۋار بېيجىڭ
-
2010-01-03
ئانا تىلىم-زەر تىلىم - [ئانا تىلىم-زەر تىلىم ]
مىللەتلەر باراۋەر، قانۇن مۇقەددەس
نادانلار ئاۋارە بولۇپ بىكارغا،
مىللەتنى ئايرىيدۇ «ئېگىز، پاكار»غا.
ئاغزىنى ئۈششۈتەر كۆڭۈلنى ئېگىپ،
ئوخشىتىپ ئۇنى «بەگ»، بۇنى «چاكار»غا.
ئاپتۇنۇم قانۇنى مۇقەددەس قانۇن،
بۇ قانۇن ئۈندەيدۇ مۇنداق جاكارغا:
مىللەتلەر باراۋەر شەرق ئېلىدە،
ئورتاق ئۇ شان-زەپەر، نۇمۇسقا-ئارغا.
ھۆرمەتتە چوڭ، كىچىك ئەمەس ھېچقايسى،
ئۆزگىچە پىتنىلەر كەلمەيدۇ كارغا.
ھىدايەت، ھىمايەت، ئىنايەتتە تەڭ،
قانۇن چىقارمايدۇ بۇنى بىكارغا ! ...
كۆڭۈلنى ئېگىشلەر، دىلنى چىگىشلەر،
دوستلارنى يىغلىتار ياقار مەككارغا.
بىز دەيمىز مىللەتتە «ئاكا-ئۇكا» يوق،
(كاززاپلار چىقىرار بۇنى ئىنكارغا.)
ئۈندەيدۇ دەۋرىمىز بارچىنى بۇ دەم
ئورتاق-تەڭ گۈللىنىپ روناق تاپارغا.
مىللەتنىڭ گۈللىنىپ، ياشناش دەۋرى بۇ،
مەيدان كەڭ، مەنزىل ئۇز ياخشى تۇلپارغا.
ئاپتۇنۇم رايۇنى بىلسەڭ جىڭ قانۇن،
ئېلىمىز تۈزمىگەن ئۇنى بىكارغا.
ئەتلىنىپ، نەپلىنىپ قانۇن كۈچىدىن،
ئۆت، دوستلار، سەپەردە ئالدىن قاتارغا.
قوغدايدۇ، قوللايدۇ قانۇن قورالى،
قۇرۇق گەپ يارىماس ئەسلا بازارغا.
نادانلىق چۈمبىلى ئارتمىغان مىللەت
يەتكۈسى گۈزەل تاڭ ۋەسلى-باھارغا.
* * *
نادانلار ئاۋارە بولۇپ بىكارغا،
مىللەتنى ئايرىيدۇ «ئېگىز-پاكار»غا.
بىز دەيمىز مىللەتتە «ئاكا-ئۇكا» يوق،
قانۇن چىقارمايدۇ بۇنى ئىنكارغا !
1994-يىل ئىيۇن، خوتەن
نورۇزنامە
بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن ئۇيغۇرچە چاغاندۇر،
بۈگۈن نورۇز-باھار ھەر ياندا جەۋلاندۇر،
بۈگۈن نورۇز شىپاسى جانغا دەرماندۇر،
چېچەك-چوكان پۇتاق-شاخلاردا سەيلاندۇر،
بۇ نورۇز-يىل بېشى، قىش ئەمدى سەرساندۇر.
بۇ نورۇزنىڭ يېشىلدىن ئۈستۋاشى بار،
سابانىڭ باشقىچە ئىللىق باغاشى بار،
ئۆچەكتىن چىقتى قۇش جۈپ-جۈپ، ئاداشى بار،
باراڭ-بوستاندا تەك شاد-كۆزدە ياشى بار،
ئېرىقتا ئاققىنى ئەگىز ئەمەس، كۆر، ئابى ھايۋاندۇر.
تەبىئەت جابدۇنۇپ رەڭ تۈزدى نورۇزدا،
چىمەن بۇلبۇلغا ساھىبخان شۇ گۈلدۇزدا،
باھار زوقى، قاراڭ، يالپۇزدا، قوڭغۇزدا ...
(ئەمەس ھېچ نەرسە جىمجىت ئۇيقۇ-تومۇزدا.)
بۇ دەم كۇللى جاھان ھەرىكەتتە كارۋاندۇر.
زېمىن، تاغ، سۇ... ئۆزىگە خاس «پىچىر» قىلغاي،
قىياق-چىملاردىمۇ سەزگۈ-«غىچىر» قىلغاي،
قاناتلىقلارمۇ كۈيلەشتە، «ۋىچىر» قىلغاي،
ھايات شۇنداق تىنىمسىز بىر ئۇچۇر قىلغاي،
ئۇچۇركى، يىل بېشى ھەر ئىشقا ئىمكاندۇر !
ئۇ ھېيت، بۇ ھېيت ... جاھاندا ئۇشبۇ ئاتلىق جىق،
بىراق، نورۇز ئەجەپ ھېيت ! ئەلگە شادلىق جىق،
مۇھەببەتلىك لېۋى، باغرىدا تاتلىق جىق،
كى تاتلىق ئىلكىدە قۇت جىق، ئازادلىق جىق،
پەسىلنىڭ قايسىسىدا نورۇزچە ئېھساندۇر ؟
بوۋاقلار پاختىلىق ئىشتانىدىن ئازاد،
بوۋايلار مەش، ئوچاقلىق خانىدىن ئازاد،
كېلىنلەر ئوت يېقىش ئالۋانىدىن ئازاد،
تاغار، كەتمەن، ساپان «زىندان»ىدىن ئازاد،
بېسىقماس ئەمدى «ھۆش-تاپ!»، تاڭلا خاماندۇر.
ھېلىتىن نەۋرىلەر ئوغلاقچىلاپ، تاقلاپ،
تېرىپ كۆك، «يېڭىلىق»نى بۆكىدە ساقلاپ،
«سۆيۈنچەڭنى چىقار!» دەپ چوڭلىنى يوقلاپ،
يېشىللىق تەبىرى، زوقىدا دىل توقلاپ،
قۇچاقتا ئەركىلەپ ھەر ئۆيدە مېھماندۇر.
يەنە بار: شوخ، زېرەكلەر بەكىنى چاقلاپ،
چىۋىق-تالنى كېسىپ سىرت پوستىنى ئاقلاپ،
جېنى پاتماس ئىچىگە كۈلسە قاقاقلاپ،
ياساپ نەي، پۈۋلىشىپ خوشلۇقتا ئويناقلاپ،
بۇ نورۇز شوخلۇقى-شاد غەلۋە، غەلياندۇر.
كىچىك قىزلار قىلىپ چاچ قىرىق ئۆرۈم تالنى،
سىقىپ ئوسما، قارايتىپ قاش، چېكىپ خالنى،
قۇلاقىغا قىسىپ غۇنچە—قىزىل، ھالنى،
باھاردىن رەڭ تۈزەپ دورايدۇ «ناز-ھال»نى،
بۇ دوراش بەك ئوماق، چوڭلارمۇ ھەيراندۇر.
يىگىت-قىزلارمۇ راسلاپ كەڭ-كۇشاد سەينا،
يېشىل مەۋسۇمغا خاس مەشرەپ تۈزەر ئەينا،
قۇچار كۆكنى بۇ سۆز: بوش كەلمىگىن، ئوينا،
ھېرىش مەردلەرگە يات، سازىڭنى چال، قاينا ...
بۇ نورۇزلۇق مۇھەببەت، سۆيگۈ، ئارماندۇر !
جاھانغا ئۇيقۇ تەرك، بۇ كەچ پىراق ھەمراھ،
غەلەت ئېيتتىم پىراق دەپ، ئىشتىياق ھەمراھ،
قولۇڭدا يىڭنە، مەشۇت يىپ، چىراغ ھەمراھ،
تىكەر بۆك يارغا نورۇزلۇق- سىناق ھەمراھ،
كىيىپ يار بۆكنى يەڭگەي، ئەتە چەۋگاندۇر.
قىزىيدۇ ئەتە نورۇزدا چەۋاندازلىق،
چېلىش، دارۋازچىلىق ھەم سېھىر، جانبازلىق،
بۇقا، قوچقار، خوراز، ئىت ... ئىچرە جەڭۋازلىق،
ساما، مەشرەپ-ئۇسسۇل، دىللاردا ھەمرازلىق،
بۇ نورۇزغا تەئەللۇق كۈلكە-خەنداندۇر.
قىلۇر جەم خەتمە نورۇز مىڭلىغان باشنى،
بىرى داڭقان قازان، بىرى ئاسار داشنى،
گاداي، شاھ-بارچە تەڭ ئىچكەي تاماق-ئاشنى،
تىلەر قۇت، يۇرتقا بەرىكەت، بىللە يايراشنى،
قەدىمدىن ئۇشبۇ ئادەت بىزگە قالغاندۇر.
شۇ چاغ كۆك يايلىلىق بۆرە كېلىپ ھۇۋلاپ،
يارەنلەرگە ئاسايىشلىق تىلەپ توۋلاپ،
چىمەن كۆزلەپ، دىۋاندىن تەشمە-يول كولاپ،
خىرىسلىق بەتنىيەتلەر قۇترىسا ئوۋلاپ،
ياسارمىش تەكتى نورۇز، (بەلكى ئەپساندۇر؟)...
* * *
بۈگۈن يۇرتۇمدا نورۇز-باشقىچە ئۇز كۈن،
ئېتىز باغرى يېشىللىق، باغلىرى گۈلگۈن،
ئۇنىڭ شەنىگە لايىق قاتمىسام بىر ئۈن،
مېنى شائىر ئوغۇل دەپ يادلىماس ئەل كۈن،
خەلق ئۆز ئوغلى بىلمەس كىمنى-سەنساندۇر.
مېنىڭ نورۇزغا سوۋغام شۇنچىلىك، ئەي يار،
قېنى سەنمۇ يېشىلدىن ئۈستۋاش كەي، يار،
ئىچەيلى خەتمە نورۇز جامىدا مەي، يار،
مۇقام ئېيت، مەنمۇ جۆر بولغۇم-نەزم تەييار،
بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن ئۇيغۇرچە چاغاندۇر.
1994-يىل 21-مارت، خوتەن
«ئانا تىلىم-زەر تىلىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
-
2010-01-03
ئانا تىلىم-زەر تىلىم - [ئانا تىلىم-زەر تىلىم ]
ئاھ، مېنىڭ مىللىتىم ...
1
نەسەبتە كۈللى ئالەم ئېتىراپلىق مىللىتىم باردۇر،
ئۇغۇز پۇشتى _مۇقامى كاتتىلىقتا زىننىتىم باردۇر.
يۈسۈپ، مەھمۇد كىتابىغا يېزىلغان نىي باھادارلىق،
يەنە تاڭ قامۇسىدا قەيىت ئەجىرلىك مېنىتىم باردۇر .
يىپەك، قاشتاش، گىلەم، بۇغداي، بېدە، قەغەز . . . گە بىز ھەقدا،
(بۇنى جاڭ چىيەنمۇ تەستىقلايدۇ تۆھپەم، قىممىتىم باردۇر!)
قەدىم تۆھپە-يىراق ئۆتمۈشكە تالىق، ماختىناي قانداق،
قۇياشلىق تاڭدا يۈكسەلمەككە تاغدەك ھىممىتىم باردۇر .
مېنىڭ بۇ مىللىتىم شۇنداق « قېرى»، ياق، نەۋجىۋان مىللەت،
بۇ مىللەتنىڭ بۈگۈن، ياق، ئەتىسىدە تەم-تېتىم باردۇر .
مېنىڭ بۇ مىللىتىم « پەگاغا» چۈشكەن، «تۆر» گىمۇ چىققان،
بۇ ھەقتە سۆزلىسەم شان-شەۋكىتىم گاھ ئىللىتىم باردۇر .
ئۆزىنىڭ مىللتىنى يەرگە ئۇرماس ھېچ كىشى زىنھار،
مېنىڭ بۇ «تىللىشىم»دا تەكتى ھۆرمەت، خىزمىتىم باردۇر!
2
بۇ مىللەت شەنىنى يايغان جاھانغا ئۆم-ئۇيۇشقاقلىق،
ھالا ئەمدى چېچىلدى قۇم كەبى، تەستەك قۇيۇشماقلىق.
ھەسەتلىك دىل، ھەسەتلىك گەپ، ھەسەتلىك كۆز . . . شۇڭا دائىم
ئارام تاپمايدۇ «كولاش» تا، تېخى كولاپ تويۇشماقلىق.
خىيالىدا ئىلىم-ئېرپان ئەمەس جاڭجال، رىيا، پىتنە . . .
ئەدەپ-ئەخلاقنى يەم قىلدى قىزىل كۆزلۈك، ئۇرۇشقاقلىق.
كىچىكلەر چوڭغا بىھۆرمەت، ئەپۇنى خالىماس چوڭلار،
ئۇدۇم بوپقالدىغۇ چۈجە-خورازدەك تەڭ تۇرۇشماقلىق .
كىشىنىڭ چىن ۋاپا-ئىخلاستىن ئارتۇق غەمخورى نەدە؟
بۇ مىللەت ئۇشبۇ غەمخورلۇق بىلەن سۆھبەت قۇرۇشماقلىق.
ئىلىم-پەن راك بىلەن ئەيدىزگە تاپتى _ تاپقۇسى مەلھەم،
بۇ مىللەت خەۋپى راك يەڭلىغ مىجەزىنى تونۇشماقلىق.
3
بۇ مىللەتتە «ساقاللىقلار» نامازخانلىققا يۈزلەندى،
«ساقالسىزلار» لاغايلاشقا، مەمەدانلققا يۈزلەندى .
ئويۇنپەزلەر سوقۇپ تاش بىرلە تاشنى كۆڭلىنى ئاچسا،
«كاراOK»، «تانسىكەش» نىڭ ۋاقتى بىزمانلىققا يۈزلەندى.
جاھان نەدە، ئۆزى نەدە، بۇنى ئويلايدىغانلار ئاز،
ئەجەپ ئىش، پەيلى خۇيدا بەخىرامانلىققا يۈزلەندى .
پاسون، مودا كىيىم، چاچ نۇسخىسى سۆھبەتتكى ماۋزۇ،
ياسانماقنىڭ غېمى، ھالى پەرىشانلىققا يۈزلەندى.
«يېرى كەڭ، بايلىقى مول، خەلقى ئەمگەكچان» ئاتالغان يۇرت
ھۇرۇنلىقتا كۈنى، ئىسىت، خەيرى- ئېھسانلىققا يۈزلەندى.
بۇ مىللەت ئىلمۇ-ئېرپان، كەشىپ-ئىجادتا تۆھپىكار مىللەت،
نېمىشقا ئەمدى «ئەقلى كالتە ئىنسان» لىققا يۈزلەندى ؟
بۇ مىللەتنىڭ غېمىدە تۇرسا دەۋران، يۆلىسە ھەدەپ،
نېمىشقا يۆلىگەنچە سالپۇ سەرسانلىققا يۈزلەندى؟
4
بۇ مىللەتنىڭ قېنىنى بۇزدى يۇرتۋازلىق، خوتۇنبازلىق،
ئاڭا يانداشتى مەيخورلۇق بۇ «بازلىق» لار قىلىپ ئازلىق.
«قايەرلىككەن؟» بىلەن ئۆلچەپ «يامان»نى، «ياخشى»نى، توۋا
ئىمانى، جانىنى بەردى جانانلار ئاتسا قاش نازلىق .
ئىچىپ مەي زوقلىنىپ، زورلاپ، ئەقلىنى مەي بىلەن خورلاپ،
كۆزىنى مەستلىكى تورلاپ، قېلىشتى غەمزە- غەممازلىق .
بۇلارمۇ يەتمىگەندەك، كۆر، چىقاردى باشقىچە ئادەت،
گۇرۇھ ئايرىپ، جېدەل ئىستەپ، گۇماندا يۈتتى ھەمرازلىق .
ئۇ چىشلەپ، بۇ تېپىپ، ئۇ كوچىلاپ، بۇ چۇخچىلاپ... ھەيھات،
ئاداۋەت، غۇم-مۇرامدا دىل يېرىنى ئەيلىدى سازلىق .
ئۆگەنمەك يوق، تىرىشماق يوق، ئىلىم تەھسىلگە قىلماق زوق،
يەنە بىر مۇنچە قېپقالدى ئېسىل خۇي، خۇيدا رەڭۋازلىق .
ئارام تاپسا تالاشتۇردى، سوقۇشتۇردى خوراز، ئىتنى،
جاھاندا بارمۇ بىر مىللەت سۈپەتتە ئۇشبۇ ئەندازلىق؟
5
خىيالىم شۇ: مېنىڭ بۇ مىللىتىممۇ نۇر قۇچاقلارمۇ ؟
نادانلىق ئىللىتىنى ئىلمۇ-ئېرپاندا پىچاقلارمۇ ؟
جاھان نۇر تېزلىكىدە، بەلكى نۇردىن تېز سەپەر ئەتمىش،
«قورساق» تىن نېرىغا ئۆتمەس نىچۈن گەپ « ۋاچ-ۋاچاقلار» مۇ ؟
رىقابەت، مەرىپەتنىڭ ئالىمى بۇ باشقىچە ئالەم،
ئېلېكتىرلەشتى بۇ كەمدە قازان ھەتتا ئوچاقلارمۇ.
پەقەت بىزلا تېرىپ تەمەچ، پاسار ياقساق تۇنۇر، مەشكە،
پېتىدىن چۈشمىسە، توۋا، قەدىم تاش يارغۇنچاقلارمۇ.
ھاراقتىن بىر تۇرۇشتا قانچىلىك ئىچمەكتە بەسلەشسەك،
دەرىخا ! ئەقلۇ-ئىدراكنى بۇ قاششاقلىق پاچاقلارمۇ ؟
جاھان مىللەتلىرىنىڭ سەپ-قاتارى بىزگىمۇ مەنسۇپ،
بۇ مەنسۇپلۇق «بىلىش» تە! بىز بىلەلمەس دۆت-قاپاقلارمۇ ؟
ئۇنتۇما مىللىتىم، ئاۋۋالقىسى پۇشتۇڭغا تەۋە شان،
سېنىڭ شانىڭ نېمە، سۇنغان ساپال، دات ئوق، رۇچاقلارمۇ ؟
6
مۇسەننىپ، بول ئۈمىدۋار، مىللىتىڭ ئىقبالدا ياشنايدۇ،
تېپىپ بىرلىك كۈچىدىن كۈچ، قەدەمنى پۇختا تاشلايدۇ.
ئۇنى ئويغاتتى ئىسلاھات تېڭى، غاپىللىقى يىتكەي،
ئەمەس ئۇنچە ئۇزاق توي مەزگىلى، مەشرەپمۇ باشلايدۇ.
ئۈمىدلەن مىللىتىڭنىڭ ئەتىسىدىن، سۆيگۈسىدىن ھەم،
شېرىن پەرھاتىنى، لەيلىسى مەجنۇننى باغاشلايدۇ !
ئەمەس ھېچقانچە «ئىللەت»نىڭ كۈچى قىممەتنى بىلگەنگە،
(شۇ ئىللەت تاغىنى قىممەتنى بىلگەنلەر تاراشلايدۇ.)
ئەقىل-ئىدراكنى قاششاقلىق تۇتالماس ئىلكىدە ھازىر،
دەۋر تۇرغاچقا پاكلاپ روھنى، غاپىللىق ياۋاشلايدۇ.
كېرەم، دىلبەرگە باق، مىللەتنى كۆر، روھلان ئۆزۈڭنى تۈز،
ئىشەنمەسلەر ئۆزىگە «قىل» نى پىل دەپ غەم ھاپاشلايدۇ.
جامائەتكە ئەجەپ جىق سۆزلىدىڭ روزى، يەنە سۆزلە،
دېگىن: ئۆزىنى بىلىشتە مىللىتىم گۈللەيدۇ، ياشنايدۇ !
1993-يىل ئۆكتەبىر، خوتەن
«ئانا تىلىم-زەر تىلىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
-
2010-01-03
ئانا تىلىم-زەر تىلىم - [ئانا تىلىم-زەر تىلىم ]
تومتاق گەپ
گەپنى تومتاقلا قىلاي: بار بىر ئەيىب،
بىر ئەيىبكى، دىل يېرى كەتمەك لېيىپ،
كىم شۇ ھالغا چۈشتى، نەق روھەن مېيىپ،
بۇ مېيىپلىكتە ئەقىل دائىم زەئىپ،
يەتسە ئەقلىڭگە زەئىپلىك، پۇت تېيىپ،
ئامىتىڭ قاچقاي، ياتارسەن باش قېيىپ،
مەيلى تاج كىي، بىھېساب كەتكىن بېيىپ،
بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.
بىئەدەپلىك ئەيىبى نۇقساننىڭ بېشى،
ئۇ زالالەت، جەبرى-بوھراننىڭ بېشى،
مىندىمۇ ئۇ، پەستە ئىنساننىڭ بېشى،
بىل، ئەدەپتۇر بارچە ئىمكاننىڭ بېشى،
ئادىمىيلىك ئىچرە «مىزان» نىڭ بېشى،
ئۇ ئۈمىد، ئۇ ئارزۇ-ئارماننىڭ بېشى،
مەيلى تاج كىي، بىھېساب كەتكىن بېيىپ،
بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.
ئەلدىن ئۈستۈنلۈك تالاشتىڭ-پەسلىكىڭ،
بەلكى پەسلىكتىنمۇ بەك خار-خەسلىكىڭ،
ئەل ئۇلۇغ، يۈكسەك، بۇنى بىلمەسلىكىڭ
كىبرى شەيتانلىق، يەنە ناكەسلىكىڭ،
گەر پەقەت يېشىلمىسە بۇ «مەست» لىكىڭ،
بىر تىيىن مىڭ پۇر باھا «ئەتلەس» لىكىڭ،
مەيلى تاج كىي، بىھېساب كەتكىن بېيىپ،
بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.
گەر ئىناق، ئەپ ئۆتمىسەڭ ئەل-يۇرت بىلەن،
يوق تۇيۇڭدا ئېيتقۇچى «ئايھاي يۆلەن»،
قوينى يۇرتنىڭ زەر بۆلەنچۈكمىش، بۆلەن !
ئەل ھىمايەڭ، ئەل مۇرەببىڭ، تاغ، يۆلەن !
شۇ يۆلەنچۈككە قوپۇردىڭمۇ گۈرەن،
ياخشىلىق يوق، قانچە قىل، قانچە تىلەن،
سەن شۇڭا تاج كىي ۋە يا كەتكىن بېيىپ،
بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.
يەتسە قۇربىڭ ئەيلە ھاجەتنى راۋا،
ئاچقا نان بەر، توڭلىغانغا ياپ جۇۋا،
«بەش قولۇڭ ياغلاشسا، قوشناڭغا سۇۋا !»
قىلمىسۇن زەردەڭ غېرىبنى بىناۋا،
كىمكى دائىم «يەل» دە بۇلغاپتۇ ھاۋا،
ۋاقتى-پەيت كەلگەندە دەردى بىداۋا،
سەن شۇڭا تاج كىي ۋە يا كەتكىن بېيىپ،
بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.
«مېۋە» كۆزلەپ شاخنى يىرما ھە دېسە،
مىنمىسۇن ئەقلىڭگە نەپسىي ۋەسۋەسە،
ئەيلىگىن رەت، ئىشتىھايىڭ «مەن!» دېسە،
تەنگە سىڭگەي ھەق ھالاللاپ تەڭ يېسە،
ھەققى ئامدىن قاچ، بۇنى كىم بىلمىسە،
كۈتمىسۇن ئەلدىن مېھىر، ياردىن بۈسە !
سەن شۇڭا تاج كىي ۋە يا كەتكىن بېيىپ،
بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.
يۈزگە يۇققان كىر سوپۇندالسا چىقار،
دىلغا يۇقسا كىر، سوپۇن قىلمايدۇ كار،
كۆڭلى ئۇزلۇق ھەممىدىن ئۇز نەۋ باھار،
شۇ باھارىڭدىن چېچەك ئاچ، چاچ ئىپار،
گەر «چېچەك»كە قونسا مەينەت چاڭ-غۇبار،
مېۋىدىن مەھرۇم بېغىڭ، مىڭ قىل بىكار،
مەيلى تاج كىي، بىھېساب كەتكىن بېيىپ،
بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.
نەقلا گەپ، سەن ئۇشبۇ ئىشتىن بول ھېزى !
دىل يېرىڭنى لايلىتىشتىن بول ھېزى،
كىبىرىنى دالۋايلىتىشتىن بول ھېزى،
ئەلنى «داد، ۋاي-ۋاي!...»لىتىشتىن بول ھېزى،
ئالدىراپ شىلتىڭ ئېتىشتىن بول ھېزى،
قىممىتىڭ لايغا پېتىشتىن بول ھېزى،
مەيلى تاج كىي، بىھېساب كەتكىن بېيىپ،
بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.
ئەلمىساقتىن «ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق»،
ئۆتسە كەلكۈن پەسلى تارىممۇ قۇرۇق،
يازدا رەڭدار، كۈزدە قانداق گۈلسۇرۇخ،
توختىماي ھالۋازلىغانغا شاش تورۇق،
جىم بولۇر ئاغزىغا چۈشسە قاڭتۇرۇق،
شۇڭا دەيمەن، بول ھېزى، بوشراق زورۇق،
مەيلى تاج كىي، بىھېساب كەتكىن بېيىپ،
بولما مەغرۇرلۇق مەيىدە شىر كەيپ.
1992-يىل 22-دېكابىر، خوتەن
ئەللىك ياشقا توشقان كۈنۈمدە
(سورۇندا ئوقۇلغان نەزمە)
جامائەت قوللىدى ئەللىك يېشىمنى،
كۆتۈردى زېمىندىن كۆككە بېشىمنى.
دەممۇ دەم ئۆتكۈزدى ئەنجۈمەن-مەشرەپ،
شۇنىڭغا مىڭ كۆزدە تۆكتۈم يېشىمنى.
بىلەتتىم، دىلدىمۇ دوستلىرىم كۆپكەن،
چۈشەندىم «خىزىر» دەك قەلەمدىشىمنى.
خەلق مېنى يار بىلگەچ بېشىم ئاسماندا،
ياق! مەڭگۈ «پۇت يەردە» دەي كەچمىشىمنى:
بىر ئۆمۈر شېئىر يازدىم (مۇقامى ھەرخىل)،
كۈلدۈرۈپ، يىغلىتىپ، ئاھ، دىلكىشىمنى.
ئەقىلنى كېيىن تاپتىم، ئۆتكىنى كەتتى،
ۋىجدانىم كەچۈرمەس نۇرغۇن ئىشىمنى.
ئەللىك ياش-ئەرلىك ياش، چاچلىرىمدا ئاق،
تۈگەتتىم ئەللىك ياز، ئەللىك قىشىمنى.
ھېلىھەم ئارزۇ كۆپ، قىلغايمەن خىزمەت
ئەل-يۇرتقا، يوقاتماي ئەقلى-ھوشۇمنى.
1993-يىل 20-نويابىر
ھەيرانمەن
پاختەك بىچارە يىتتىغۇ ئۆيسىز-ماكانسىز، ئاچ قېلىپ،
تۇرۇلغىلارمۇ كەتتىغۇ قوغلاپ يۈرۈپ «قاچ-قاچ» قىلىپ.
دۇمباقچى قۇشنىڭ نەسلى يوق، «توك-توك»لىمايدۇ تۇمشۇقى،
كەسكەچكە بىز كاداڭ تېرەك، ئۈجمە، ياڭاقنى «گاچ» قىلىپ.
چاشقاننى باقسا دورىدا، سەكراتقا چۈشمەمدۇ مۈشۈك؟
يۈزلەپ مۈشۈك بولدى شېھىت چاشقاننى چايناپ «ماچ» قىلىپ.
خوشلاشتى ئالەمدىن پاقا، پاشا، چىۋىن ... لەر شادىمان،
بىر تالنى «ھاپ» ئەتسە، شۇئان قويدى يېلىن يانپاچ قىلىپ.
تۇتقاچ پەلەكنى گاز بۇ دەم، بەك قىسقا پەسلى ياز بۇ دەم،
سايرامچى قۇشلار ئاز بۇ دەم (ئېيتمايدۇ خور «ۋاچ-ۋاچ» قىلىپ.)
ئۆسمەيدۇ بوي-پەتەك تولا، ئۈنمەيدۇ، تاڭ، چاچلار ئالا،
كىم دەر ئۇنى ياپياش بالا، قويسا مۇھىت ئاق چاچ قىلىپ؟
قىزلاردا ئايدەك رەڭگىروي، ئەپسۇس سېمىزلىك دەردى ھوي !
يىتكەچكە زىلۋا بەستى-بوي، غەمنى يۈرەر ھاپاچ قىلىپ ...
يىتكەن، يوقالغان، كەتكىنى نىم بوپتۇ، ئويلايلى قېنى،
ئۆز پەيلىمىز «رۇس» نەرسىنى جىم قويمىغان، قىيپاش قىلىپ.
بىر تاللا بۇ يەرشارىمىز، بولمايدىكەن گەر كارىمىز،
يەرشارىنىڭمۇ كارى يوق، بەرگەي جازا يالىڭاچ قىلىپ !
1995-يىل ئىيۇل، خوتەن
«ئانا تىلىم-زەر تىلىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
-
2010-01-03
ئانا تىلىم-زەر تىلىم - [ئانا تىلىم-زەر تىلىم ]
پۇل دېگەن نەرسە ...
پۇل ئەجەپ نەرسە، چاتاق، پۇل بولمىسا،
يوق مەئىشەت، نام-ئاتاق، پۇل بولمىسا،
كەڭ جاھانمۇ تار، دوزاخ، پۇل بولمىسا،
تۇتمىقىڭ تەس ئۆي-ئوتاق، پۇل بولمىسا،
كونا تاملىقتا قوناق، پۇل بولمىسا.
بولسا پۇل، ھاجەتلىرىڭ مەقبۇل سېنىڭ،
بولسا پۇل، قالمايدۇ ئېگىنىڭ جۇل سېنىڭ،
گۈل سېنىڭ، بۇلبۇل سېنىڭ، دۇلدۇل سېنىڭ،
بەزمە-مەشرەپ، توي سېنىڭ، مەرغۇل سېنىڭ،
يۈرگىنىڭ شۇ ئاچ قۇرساق، پۇل بولمىسا.
پۇل بىلەن كۆكلەيدۇ ئالەم سەبزە رەڭ،
پۇل بىلەن ئۇ مەيدە قاقسا، بۇ كۆرەڭ،
بولسا پۇل، بار «قارىي قۇرئان»دا سۈرەڭ،
كىمنى پۇل تۇرغۇزدى جىم، كۆر، شوخ، تېرەڭ،
كۆز چاپاق، چېھرىڭ ئاۋاق، پۇل بولمىسا.
«پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا» بەزىدە،
«پۇلغا رۇستەم قۇل» شۇ پۇلنىڭ قەرزىدە،
بەزىلەرنىڭ باغرى خۇن پۇل دەزىدە،
پۇل ساقايتقاي بولسا دەرھال نە زېدە،
كولىماي گۆر-تاقاق، پۇل بولمىسا.
«پۇل-پۇچەك-قەغەز» پەقەت رەڭدار نېمە،
«ئىت يېمەيدۇ بەرسە» شۇنداق خار نېمە،
ھەجىمى ئالقانچە، كۈچى داڭدار نېمە،
شۇڭا پۇل كىمدە، قىلۇر ھالدار نېمە،
ھەر قەدەمدە مىڭ توسۇق، پۇل بولمىسا.
كۆرگىنە، تاڭ سىڭغا پۇلسىز «نوم» قېنى؟
بەردىمۇ «نوم»، قانچە قىلدى غوم، قېنى؟
نۇشرىۋانمۇ بولسا يانچۇق توم، قېنى،
ۋارقىراپ باققانمۇ ئامغا بوم قېنى؟
نەدە نەپ، ھەرقانچە باق، پۇل بولمىسا؟
پۇل نە كويغا سالمىدى نۇرغۇنلىنى،
ئەقىلدىن ئازدۇردىغۇ «تۇيغۇن» لىنى،
دەل شۇ پۇل «مىزان»غا ماس-ئۇيغۇنلىنى،
قىلدى رەت، جىم قويمىدى «تۇرغۇن»لىنى،
بولدى يوللۇقلار مازاق، پۇل بولمىسا.
دوستنى دۈشمەن، يارنى يات ئەتتى شۇ پۇل،
بىرنى مۇھتاج، بىرنى شاد ئەتتى شۇ پۇل،
بىرنى قامچا، بىرنى ئاد ئەتتى شۇ پۇل،
مۈشكۈلاتنى قاتمۇ-قات ئەتتى شۇ پۇل،
سۆيگۈگە يەتتى سىناق، پۇل بولمىسا.
پۇل تالاي پۇلپەزنى شۈك ئۇخلاتمىدى،
پۇل چۈشەپ كۈندۈزمۇ جۆيلۈپ ياتمىدى،
تاپتى پۇل، ئىنساپنى بىللە تاپمىدى،
بىرنى ئون قىلسام دېدى، قۇت ئاتمىدى،
كەتتى پانىيدا ساياق، پۇل بولمىسا.
پۇل تۈپەيلى قان چېچىشتى نەچچىلەر،
پۇلنى دەپ جان بەردى كۆپ بايۋەتچىلەر،
ساتتى پۇل كۆزلەپ ئىمان ئىمان بۇ بەچچىلەر،
«ئىسسىت!» دېيىشتى مويسىپىت ھېكمەتچىلەر:
«ھەي بۇ پۇل... ھېچكىم ئاڭا قۇل بولمىسا !
پۇل تېپىپ، پۇل تاپمىغانلار، ‹تۈف› ساڭا !
پۇل تېپىپ، پەر قاقمىغانلار، ‹تۈف› ساڭا !
پۇل يېقىپ، ئەل ياقمىغانلار، ‹تۈف› ساڭا !
پۇل بېقىپ، ئەل باقمىغانلار، ‹تۈف› ساڭا !
كۆرىمىز ئالەم ئۇزاق، پۇل بولمىسا ....
پۇلنى تاپ، خەجلە كېرەمدەك كەڭرى سەن،
يول ياسا، مەكتەپ ياسا، تۈر يەڭنى سەن !
گەر تاسادىپ پۇل تۈگەپ، بىبەھرى سەن،
ئەل پاناھىغا ئالار، بىجەبرى سەن،
ئەستە تۇرسۇن بۇ ساۋاق، پۇل بولمىسا.
پۇلى بار ئۆكتەمنى گالدار ئاقلىغان،
پۇلى بار بەتنامنى ھەم بار ياقلىغان،
كىمكى پۇلدار مەيلىچە نايناقلىغان،
بولما زىنھار پۇل بىلەن ئويناقلىغان،
تاپ كامال، چاچ خۇشپۇراق، پۇل بولمىسا !
پۇل مۇھىم، پۇلدىن مۇھىم دىل ئاقلىقى،
ئاقمىغاي پۇلنىڭ بىشەم، ھايتاقلىقى،
كىم دۇرۇس يولدا بېيىپتۇ پاكلىقى،
رىزقى پاكقا بار ئاۋام ئامراقلىقى،
ساتما ۋىجدان، سات قىياق، پۇل بولمىسا !
‹ئىشىكنى ئاچماق› تىن غەرەز-ئالماشتۇرۇش،
‹ئالغۇ-بەرگۈ› ... سودىنى قاملاشتۇرۇش،
يول تېپىش ھەم پۇل تېپىشتا شاش تۇرۇش،
يۇرتنى دۇنيا ۋەزنىگە يانداشتۇرۇش،
ياندىشىش تەس، ھەممە ۋاق پۇل بولمىسا !»
بىر ھېسابتا پۇل دېگەن شۇنداق نېمە،
ئەمما پۇلنى تەكتى ھەل قىلغۇچ دېمە،
كىم زېرەك، ئاقىل، شۇنىڭ پۇل، غەم يېمە،
قويغۇسىز پۇلسىز سېنى تەرسىز تەمە،
تاپقۇسى كىم ئەقلى ساق، پۇل بولمىسا.
نائۈمىد قويماس ھالال قىلغان كىرىم،
يول راۋان بولسا، نېنىڭ قالماس يېرىم،
ئەتىنى كۆزلەپ بۈگۈن تىكتىڭ جىرىم،
پۇل ئاشۇ ! كۆپ قالمىدى-قىلدىڭ كىرىم،
ئۆز كۈچۈڭدە ئىشىكنى قاق، پۇل بولمىسا.
گەپمۇ بار «پۇل تاپقۇچە يۈز تاپ» دېگەن،
«يۈز» دېمەك-ئابروي، ئىناۋەت، بىل، ئۆگەن،
نەپسى شەيتان تۆكمىسۇن يۈز، سال يۈگەن،
ھەق-ھالاللىق بىرلە توشسۇن زەر لېگەن،
باشقىنى قىل «ئۈچ تالاق!»، پۇل بولمىسا.
پۇل نىجىس، پۇل كىر-ھارام، ياق، پۇل-ئىمان،
پۇل مۇھەببەت، پۇل ئۇزۇق، ياق، پۇل سامان،
پۇل دېگەن غەم، پۇل تۇزاق، ياق، خانىمان ...
قانچە قىلغىن پۇل نەزەردە بار ھامان،
«قاغىمۇ قىلمايدۇ ‹قاق...›، پۇل بولمىسا».
بولسا يول داغداملىقى، ئادىل تۈزۈم،
تۇرسا قاشتاش ھەم گىلەم، مەشۇت، ئۈزۈم ...
پۇل تېپىشچۈن يول تاپار، بۇ ھەق سۆزۈم،
راستنى يازدىم ئىلچىلىك بولغاچ ئۆزۈم،
ئىشقا ئاشقاي بۇ بۇداق، پۇل بولمىسا.
﹡ ﹡ ﹡ ﹡
پۇل، قېنى ئېيتقىنچۇ، كار-بارىڭ نېمە؟
شادلىقىڭ قانداق، يەنە زارىڭ نېمە؟
بىرلا گەپ قىل: بىزگە ئىزھارىڭ نېمە؟
ھەمدىمىڭ، يارىڭ ۋە ئىنكارىڭ نېمە؟
تاپقۇلۇق، بىل، سەن سىياق پۇل بولمىسا !
1992-يىل ئۆكتەبىر، خوتەن
قانۇنىيەت
(بېلىق پىشۇرۇۋېتىپ ئويلىغانلىرىم)
بېلىق رايى ئېقىمغا قارشى ئۈزمەككەن،
بېلىقچى رايى «ئۈزگەنلەر»نى سۈزمەككەن.
بىرى ئىستەيدىكەن ئۆز ئەركىگە كەڭلىك،
بىرىنىڭ «كەڭ»نى «تار»قىلماق ئويى بەككەن!
جاھان «كەڭ-تارلىقى» ھېچكىمنى جىم قىلماس،
مۇراد «كەڭ-تار» نى ئۆز رايىچە تۈزمەككەن.
دەرىخا ! پىشتى قوغۇن ئاجرىغاي بەرگىدىن،
بۇ شۇنداق دەۋرى ئالەم-ئەينى كۈزلەككەن.
1993-يىل 2-دېكابىر
ھايات كىتابى
ئالەمدىكى مەۋجۇدات تۇرىۋەرمەس شاش پېتى،
پەقەت ئىككى نەرسىلا قالار مەڭگۈ ياش پېتى.
بىرى ئىلىم ھېكمىتى، بىرى تۆھپە مېھنىتى،
شۇنىڭ بىلەن ئاشمامدۇ ئادىمىيلىك قىممىتى.
ئىلىم-ھېكمەت، تۆھپىدۇر ھاياتلىقنىڭ باش بېتى،
زىننەت بېرەر ئۆمۈرگە ئۇز يېزىلسا ھەر خېتى.
كۆڭۈل قويۇپ ياز ئۇنى، ئىپار چاچسۇن قات-قېتى،
پۇچۇلمىسۇن ئىللەتتە بۇ «كىتاب» نىڭ چەت-چېتى.
قېنى روزى، ۋاراقلاپ كۆرگىنە شۇ كىتابنى،
تاراقلاپتۇ نەگىچە ھاياتىڭنىڭ شاش ئېتى؟
1994-يىل ماي، خوتەن
«ئانا تىلىم-زەر تىلىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
-
2010-01-01
بىر سۆز بار يۈرەكتە - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
بىر سۆز بار يۈرەكتە
شېئىر
بىر سۆز بار يۈرەكتە بەكمۇ خىجىلچان،
يالقۇنلۇق ئوتلاردا كۆيۈپ تۈگىمەس.
باغرىمنى تاتىلاپ بەرمەيدۇ ئارام،
ئەمەستۇر ھەرگىزمۇ ئۆتكۈنچى ھەۋەس.
پىچىرلاپ يۈرىكىم تولىمۇ تاتلىق،
چىرمايدۇ ۋۇجۇدۇم مەستخۇش پۇرىقى.
قايسى گۈل ئىشقىدا شەيدا بۇلبۇلمەن،
شۇ سېزىم بولدىغۇ جاننىڭ ئۇزۇقى.
بىر سۆز بار يۈرەكتە جۈرئەتسىز لېكىن،
كېپىنەك بولىمەن ئايلىنىپ چىمەن.
مەجنۇنتال، چېچەكلەر شادىمان، قەيسەر،
ۋە بەلكى شۇلاردىن ئىلھام تېرىمەن.
ئىچ ئاغرىتىپ ياش تۆكەر غۇنچە-ياپراقلار،
ھەسرەتكە مۇپتۇلا ئاجىز تېنىمغا.
نۇر چېچىپ ھارمايدۇ تىلەكچان قۇياش،
ئۈندۈرمەك بولغاندەك گۈلنى يېنىمغا.
بىر سۆز بار يۈرەكتە ئارمىنى بىرلا،
گۈلىنىڭ ۋەسلىگە يېتىش كويىدا.
كۆكسۈمدە يانغان ئوت ئۈندەيدۇ ئالغا،
بىر سۆز بار يۈرەكتە پىغان ئوتىدا.
2009-يىلى 23-دېكابىر بېيجىڭ
-
2010-01-01
قېنى سىز دوستۇم - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
قېنى سىز دوستۇم
(ھەجۋى شېئىر)
ۋاي دوستۇم، ئەجەپلا يۇقاپ كەتتىڭىز،
قەيەردە كىملەرنى سايە ئەتتىڭىز.
جان-جىگەر، قېرىنداش مەڭگۈ دەپتىڭىز،
زاغرىنى مەن بىلەن بىللە يەپتىڭىز،
باشقا كۈن چۈشكەندە نەدە سىز دوستۇم.
سىز يۈتۈپ يالغۇزلۇق ئەجەپ بىلىندى،
بۇ يۈرەك ئېچىشىپ چاك-چاك تىلىندى.
كىرپىكلەر نەملىشىپ مۇنچاق ئىلىندى،
مۇڭلۇق قەلب قىيسىق كەپىگە قىلىندى،
سېغىنغاندا كېلىپ قويۇڭ، ھاي دوستۇم.
ئۆزىڭىز يوق ۋە يا سالىمىڭىز يوق،
«ۋەي-ۋەي»دىنمۇ بۇلار ئىدى كۆڭلۈم توق.
دەيتتۇققۇ بىز بىر يىپتىكى ئوق،
باشقىلار قىلغانتتى ئىككىمىزگە زوق،
مۇشۇنداق تاشلامسىز جانىجان دوستۇم.
جاپادا بىرگە دەپ ئېيتقان ئىدىڭىز،
قېنى شۇ ناۋاتتەك تاتلىق سۆزىڭىز.
تۇتۇلۇپ قالدىمۇ ئەقىل كۆزىڭىز،
قىزارماي يەنىلا قارا يۈزىڭىز،
ئەھدىنى بۇزامسىز ۋىجدانسىز دوستۇم.
ۋەدىڭىز قاي دەريا ئاقتى سەل بولۇپ،
مۇشتلىغان مەيدىمۇ كۆپتى دەرد تولۇپ.
مەن سىزگە ئىشەنگەن ھەردەم ئەل بولۇپ،
تەس كۈنگە قالساممەن يوق سىز تەل بولۇپ،
ھەي توۋا، نېمانداق نادان سىز دوستۇم.
ئۆزگىلەر خار قىلدى، مېنى چەيلىدى،
غەزەپلىك مۇشتىنى كۆزگە تەڭلىدى.
غەشلىكتە يۈرەكنى ھەسرەت ئەيلىدى،
ھال سوراپ قويسىڭىز شۇمۇ مەيلىدى،
مەن ئىڭراپ ياتقاندا، قېنى سىز دوستۇم.
بىلگەنلەر سورىدى سىزنى قېنى دەپ،
دۈشمەنلەر كۈلۈشتى، غەيۋەت، تولا گەپ.
قۇنالغۇ، ئاش-تاماق ئىدۇققۇ بىر سەپ،
تىت-تىت مەن كۆپ ئويلاپ غېمىڭىزنى يەپ،
لېكىن سىز بىپەرۋا ئەقىلسىز دوستۇم.
يۈرەمسىز يا دوستۇم قەھۋە-قاۋاقتا،
يېڭىچە دوست بىلەن بىكار تاماقتا.
تۇز بەرگەنغۇ مەن سىزگە نى-نى تاۋاقتا،
ئۆيدىكى ئەڭ ئېسىل تەڭنە-ئاياقتا،
بۇنداق يۈرۈپ بەك ئۇيات بولماسمۇ دوستۇم.
مەن سىزگە بىۋاپا بولۇپ باققانمۇ،
دوستلۇققا نامەردلىك ئوتى ياققانمۇ.
كۆرسەتمەي يا سىزگە مېغىز چاققانمۇ،
بىراۋلار كەينىدىن سۇدەك ئاققانمۇ،
ئويلىنىڭ، مەن شۇنداق قىلغانمۇ دوستۇم.
ھەي ئەپسۇس، كېچىكىپ چۈشەندىم سىزنى،
سۈپۈرمەك بولۇپسىز بىز سالغان ئىزنى.
پۇل-مال دەپ سۆيۈپسىز چىرايلىق قىزنى،
شەرتمىكەن ئۇنىڭغا ئۇنۇتماق بىزنى،
ۋىجداننى ئۇنۇتماڭ، كالامپاي دوستۇم.
بەك ساددا، ھاماقەت ئىكەنمەن ئەسلى،
ئالدىنىپ ئۆتۈپتۇ ياشلىقىم پەسلى.
ئىستىسەم زارىقىپ دوستلۇقنىڭ ۋەسلى،
ئىكەنسىز ساختىپەز، مەككارنىڭ نەسلى،
دەردىمگە دەرمان يوق، كۈلەمسىز دوستۇم.
ھە بوپتۇ، ئىزدىمەڭ ئۇمۇ مەيلىغۇ،
بۇ سىزدەك كىشىنىڭ خۇيى-پەيلىغۇ.
بىلدىڭىز دوستلۇقنى ئويۇن-سەيلىغۇ،
سىزنىڭچە ساداقەت ئاتاق-سەللىغۇ،
بىر ئەركەك ئوغۇلغا خاسمۇ شۇ دوستۇم.
ئاڭلاڭ دوستۇم سۆزلەي بىر-ئىككى ئېغىز،
بولساممۇ سىز ئۈچۈن سېسىغان ئېڭىز.
بىلىڭكى، ئىشەنچتىن دولقۇنلۇق دېڭىز،
دوست-ئاداش ئەمەستۇر يولدىكى سېغىز،
يىگىتلىك غۇرۇرى گۆھەردۇر دوستۇم.
جاھاندا تۇرمىغان ھېچكىممۇ چەكسىز،
دەرەختىن باغ بولماس ئانار تال-تەكسىز.
ۋىجدانسىز كىشى ئۇ قەدىرسىز، ئەتسىز،
بىر سىقىم تۇپراق بىز ھامىنى شەكسىز،
ئىنساندەك ئىمانلىق ياشاڭ، ئەي دوستۇم.
2009-يىل دېكابىر بېيجىڭ
-
2009-12-27
ئانا تىلىم-زەر تىلىم - [ئانا تىلىم-زەر تىلىم ]
بىر مۇنچە
ھاياتلىق تەكتى دىشۋار، بىل، ئۇنىڭ غوۋغاسى بىر مۇنچە،
سۆيۈك، مېھرىمۇ بار شۇنچە، مىكىر-ئىغۋاسى بىر مۇنچە.
قۇچاقلايدۇ جاپاسىدا، پىچاقلايدۇ «ۋاپا» سىدا،
ئېسىل بەرناسىغا يانداش رەزىل، لەقۋاسى بىر مۇنچە.
كېمەڭ چۆككەندە ھەمدەم يوق، كېسەل تەگكەندە مەلھەم يوق،
سۇغا زار چاغدا سەن، بابلايدىغان غەۋۋاسى بىر مۇنچە.
مۇھەببەت دەشتىدە يىگانە يۈرسەڭ، باقمىغاي دىلبەر،
كېيىك چاغلاپ سېنى ئوۋلايدىغان ئوقياسى بىر مۇنچە.
تۆرەلگەندىن «ياغاچ ئات» قا مىنىشنىڭ مەنزىلى بىر دەم،
بېسىپ ئۆتكەن يولۇڭنىڭ ئەگرىسى، تۈز-راسى بىر مۇنچە.
شۇڭا روھى مىجەزىڭنىڭ قارارى گاھ تەۋازۇدا،
تۇرۇپ رايىش، تۇرۇپ سەپرا، يەنە سەپراسى بىر مۇنچە ...
ئۆمۈر داستانلىرى پۈتكەي يارەنلەر ئارزۇ-ئارماندا،
ئوقۇپ كۆرسەڭ، ئۇنىڭ بەرھەق «ئىسسىت، ئاپلا!...» سى بىر مۇنچە.
ئۇيغۇر قىزى
كۆر، ئەنە بىر قىزكى، چېھرى، مېھرى نۇر، ئاتەش ئۆزى،
زىلۋا بوي، سەرۋى بەدەن، چولپان كەبى پارلار كۆزى.
قاشلىرى قىيغان قەلەمدەك، كىرپىكى تال-تال يىپەك،
مەڭزى ئانار، لېۋى ياقۇت، خۇددى ئاي رۇخسار يۈزى.
قاڭشىرى چىمداپ چىقارغاندەك گويا، چىشى سەدەپ،
ھەم ئۇزۇن، ھەم توم، قارا سۇمبۇل چېچىنىڭ ئەڭگىزى.
چامدىشى ئوخشار كىيىككە، كۈلكىسى بۇلبۇل مىسال،
شەرم ھايالىق باقمىشى، شۇنچە ئەدەپلىك گەپ-سۆزى.
سۆيگۈگە سادىق، ۋاپالىق، قەلبى ئاپتاپتەك تازا،
ئاچقۇزار خۇش ھىد چېچەكنى گۈل قولى، باسقان ئىزى.
ناخشا ئېيتسا، تاڭ ساباسى ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچەر،
چالسا دۇتار، شوخ ئۇسسۇلغا دەسسىگەي كۆك يۇلتۇزى.
كۆڭلىكى توزنىڭ قاناتى، دوپپىسى-رەڭدار چىمەن،
چىگكىنى ياغلىق دېمەڭ، ئىپپەت-نۇمۇسنىڭ ئەندىزى.
«پاھ، ئايالنى ئاي تۇغامدۇ؟...» دەيدۇ كۆرگەنلەر ئۇنى،
جەننەتۇل-فىردەۋسمۇ يوق بۇ كەبى ئۇزنىڭ ئۇزى.
«سىرت سىياقى شۇنچە، ئەمما كۆڭلى قانداق؟» دەرسىلەر،
ئۇ- ئەقىل، ئەخلاق، لاتاپەتتە جاھاننىڭ يالغۇزى !
ئىچ-تېشى ئوخشاش گۈزەلنىڭ تەرىپى بولدى زىكىر،
كىم دېسەڭ، ئۇ مەرد، غۇرورلۇق شەرق گۈلى ئۇيغۇر قىزى !
1984-يىل مارت، خوتەن
ئالسا ئىكەن پەرۋايىغا
نادان ئەردىم بېرىلگەندە كۆڭۈلنىڭ رايىغا، دوستلار،
نەزەر سالماي يۈگۈرگەندە ئۆمۈرنىڭ ۋايىغا دوستلار.
ئۇدۇلنى پەرق ئېتىپ ماڭماي، چىغىرنى بويلىدىم بىر چاغ،
پىسەنت قىلماس ئىدىم دەۋەت ئېتىلسە سايىغا، دوستلار.
«ئۇچۇش» مەستانىسى بولدۇم، «قونۇش» نى قىلچە ئويلاشماي،
چۈشەندىم سەل كېيىن، پاتتىم نادانلىق لايىغا، دوستلار.
ھەقىقەت قامچىسى تەگدى، ئېگىپ باش ئاڭا بويسۇندۇم،
زاماننىڭ ئۆتنىسى ياندى ئۆزىنىڭ جايىغا، دوستلار.
ئەقىل ئاقساق ئىمىش ئەسلى، كېلەرمىش ۋاقتى ئۆتكەندە،
شۇ «ئاقساق» لىق يۈگۈرتۈپتۇ مېنى «ھاي-ھاي»غا، دوستلار.
كېچىكسەممۇ چۈشەندىم توغرا-سەھۋەننى، شۇڭا ئەمدى
قەدەم رۇسلاشتا تەلپۈندۈم يورۇق يول-غايىغا، دوستلار.
ئىشەن يۇرتۇم، ۋۇجۇدۇمدىن شۇ ئازغۇنلۇق دېغى يىتكەي،
تىكەرمەن گۈل گۈزەللىكتىن دىلىم سەھراسىغا، دوستلار.
ناماقۇللۇق پۇشايمانىم، ئىرادەمنى نەزم قىلدىم،
خۇشالمەن، ئەل بۇنى ئالسا نەزەر-پەرۋايىغا، دوستلار.
1987-يىل ئاپرېل، خوتەن
تاپمىدىم
شۇنچە يىل ئىچكەن ھاراقتىن پايدا-مەنپەئەت تاپمىدىم،
رومكا، شېشە ھەم قاۋاقتىن باشقا ئۈلپەت تاپمىدىم،
مەست-ئەلەسلىك ھۇشۇمنى يۇتتى، يىتتى ھىممەت، تاپمىدىم،
ئوڭ چېغىم ئاز، ئۇز گېپىم يوق، يۇرتتا ئىززەت تاپمىدىم،
شۇ ھاراقتىن ئۆز جېنىمغا قانچە كۈلپەت تاپمىدىم؟
ئىككى پۇل تاپسام، يۈگۈردۈم مەن قاۋاققا ھەر كۈنى،
«ئەسسالام» دەپ كەلدى مەستلەر ئىز تاۋاپقا ھەر كۈنى،
باش توخۇ چىللاقتا قايتتىم ئۆي-قوناققا ھەر كۈنى،
ئەتىسى ئاچ-تارتمىدى دىل ئاش-تاماققا ھەر كۈنى،
گۆردىن ئاچقاندەك ئۇرۇقلاپمۇ قانائەت تاپمىدىم.
«ئىچمىسەم زادى تۇرالمايمەن !» دېدىم، ئىچتىم ئۇنى،
«ھاي؟!..» دېسە، بولدى جاۋابىم: «مەي ئەمەس ئادەم خۇنى،
تەۋرىمەيمىز بىز بىر كىلو ئىچسەكمۇ ئۇنداق سۇنى،
بىز تېخى ياش، ياش كۆڭۈل خالايدۇ ھەردائىم شۇنى !...»
تاپقىنىم تەلۋە كۆرەڭلىك، باشقا ھالەت تاپمىدىم.
يۈز گرام ئىچمەي تۇرۇپ شەيتان مىجەز نەسلىك بىلەن،
كوچىغا چىقتىم تىلىم كالۋالىشىپ تەسلىك بىلەن،
ئۇچرىسا قىزلار توسۇپ سەت سۆزلىدىم پەسلىك بىلەن،
بۇلغىنىپ ياتتىم قۇسۇق ئۆزرە داۋام مەستلىك بىلەن،
گاھ چاپان، گاھ تەلپىكىم يىتتى، دارامەت تاپمىدىم.
بىر كۈنى سىم تۈۋرۈكى بىرلە ئېلىشتىم قانغىچە،
بىر كۈنى چاقتىم چىنە، چايدان، قازانۇ جامغىچە،
بىر كۈنى يىرتتىم دېرىزە پەردە، يوتقان، خام...غىچە،
بىر كۈنى تەپتىم ئۆيۈمنى قوشنىمىز بار تامغىچە...
ھەي بۇ مەستلىكنىڭ زورى، ئۆزگە دالالەت تاپمىدىم.
مەست چېغىمدا مەستلىكىم قوزغالسا خەجلەپ بارىنى،
ئۇن، ئوتۇن، پۇل-خەرج-خىراج قىسسا قىلالماي چارىنى،
قۇتقۇزۇش، قەرز ئىلتىماسىدىن يېزىپ بەش پارىنى،
ئەكسىچە ئۇنتۇپ ئايال، پەرزەنتلىرىنى، ئىش-كارىنى،
«ئەسكى» دەپ ئالدىم ئاتاق، ئەلدە ئىناۋەت تاپمىدىم.
ئاخىر چىقتى بوران، موللاقلىدى ئۆيدە كېمە،
سۆز تەلەپ قىلدى خوتۇن، ئېيتتى: «ئېغىز ئۆمەللىمە!...»
مەن دېسەم: «سەۋرى كېرەك، ئۆينى بۇزۇپ: ‹سۆز بەر›دېمە»
ئۇ دېدى: «ئوڭلانمىدىڭ، تاقەت دېگەن چەكلىك نېمە !»
نە ئامال بولدۇم ساياق، جۈپتۇ ھارارەت تاپمىدىم.
چاچقا ئاق كىرگەن تۇرۇپ چەك قويمىغاچ ئىللەتكە مەن،
بولمىدىم داخىل تېرىقچە ئېتىبار، قىممەتكە مەن،
تۇرمىدىم تەييار خەلق-ئەل ئالدىدا خىزمەتكە مەن،
ئەمدى قانداق تىك قارايمەن يۇرتقا مەن، مىللەتكە مەن،
دەمدىمەن پۇشتۇمغا: «مەي تاپتىم، كامالەت تاپمىدىم !...»
بولدى، بەس! ياندىم بۇ رايىمدىن، تاپاي ئەقلىمنى مەن،
باشقىدىن تىكلەي زامانغا ماس قىلىپ قەددىمنى مەن،
مەنىۋى ئۇزلۇقتا زىننەتلەي ۋۇجۇد-قەلبىمنى مەن،
ھەم بېرەي دوستلارغا چىن دىلدىن قەسەم-ئەھدىمنى مەن:
بولمىغايمەن قايتا رەسۋا، مەستتە قىممەت تاپمىدىم.
مەندە بولسا مەن تۈزەتتىم، سەندە بولسا ئويلىغىن،
ئويلىساقلا پۈتمىگەي ئىش، توغرا يولنى بويلىغىن،
تاشلا بەتئەخلاقنى، دىلدا زەررىچە داغ قويمىغىن،
ھوش-ئەقىلنى ساق تۇتۇپ شان-تۆھپە قۇچ، توي ئوينىغىن،
ئاڭلا، ئەخلاق ئەرگە زىننەت، باشقا زىننەت تاپمىدىم !
1990-يىل فېۋرال، خوتەن
مىللىتىمگە بىر سۆز
ئۆزۈڭدىكى تالاي نۇقسان ئىللەتنى،
ئۆزگەرتكىنىڭ-ئۆستۈرگىنىڭ قىممەتنى.
ئەمما، يارەن، تېگىشىسەن «شۈكۈر» گە
ۋۇجۇدۇڭدا ئۇرغۇۋاتقان ھىممەتنى.
تىزىڭ يېغىر، كۆزۈڭ كۆكتە-تۈڭلۈكتە،
تىلىنىسەن كۈندە رىزقى-نېمەتنى.
ھايات بېغى قاغجىرايدۇ، مۇھتاجسەن،
يار قىلمىساڭ ئىنتىلىشنى، مېھنەتنى.
ھەم غاجايدۇ ۋۇجۇدۇڭنى مىتە قۇرت،
«پوشت» دېمىسەڭ پىتنە، ھەسەت، مىننەتنى.
بەخت قۇشى ئەگىمەكتە بېشىڭدا،
تۇتقىنىڭ خوپ بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى.
«ئەجرى ئەزىم»-گۈللەت ئۆزۈڭ ئۆمۈرنى،
تاشلا ئەمدى ئىلتىجالىق «گۈللەت...»نى.
تەڭرىسىمۇ ساقىت قىلار نەززەردىن
يۆلىسىمۇ قوپمايدىغان مىللەتنى ! ...
1991-يىل 1-ماي، خوتەن
«ئانا تىلىم-زەر تىلىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
-
2009-12-27
مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار (1) - [شېئىرىيەت گۈلزارى ]
ﺋﺎﺗﺎﺳﻰﺑﺎﺭﻧﻰ ﺑﺎﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ
ئېگىز ﺗﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﺩﯛﻡ ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻳﺎﺩﯨﻤﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ،
ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﻯ ﺯﻩﭖ ﺋﯚﺗﺘﻰ ﺑﯧﻐﯩﻤﺪﺍ ﺷﻮﺭﺍ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﻛﻮﻛﺎﺕ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﮔﺰﻩﻣﻨﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﻏﻪﻡ ﺑﺎﺳﺘﻰ،
ﺋﺎﺗﺎ ! ﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﻢ ﻛﯜﺯﺩﻩ ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻦ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﺋﺎﺗﺎﯓ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺋﯧﺘﯩﺰﻻﺭ ﮬﻪﻡ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ،
ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ ﺋﺎﻱ ﻛﯧﭽﻪ ﻛﯚﻛﺘﻪ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻛﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﺋﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﮬﺎﺭﯞﺍﻡ، ﺗﺎﻏﺎر ﺋﯚﺷﻨﻪﻣﺪﯨﺪﯗﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ،
ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﻛﯜﻥ ﺩﻩيتتىم،
ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﺘﻰ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺋﯚﻳﯜﻣﻨﯩﯔ ﺷﺎﻣﻰ ﺋﯚﭼﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﺟﯩﻤﻰ ﺋﻪﻝ ﭼﻪﺵ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ ﺧﺎﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪﻣﮕﻪ،
ﺋﺎﺗﺎﻣﻤﯘ ﻛﻪﻟﺴﯩﺘﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﺎﻳﯟﺍﻧﺪﺍ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﯧﻴﺖ ﺗﯘﻳﯘﻟﺪﻯ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﺎﺯﺍ،
ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ﺋﯧﺮﯨﻘﺘﯩﻦ ﺳﻮﻍ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ.
ﺋﺎﺗﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭﻧﻰ ﺑﺎﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ، ﺋﺎﻧﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭﻧﻰ ﺋﺎﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ،
ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ مەن ﺋﺎﺗﺎﺳﻰ ﻳﻮﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ.
ئاتىلار پېلەكتۇر، ئانىلار چېچەك
ئاتاڭنى چىللايدۇ ئۆيۈڭنىڭ تۆرى،
جىمىكى ھوزۇرۇڭ ئاناڭنىڭ نۇرى!
ۋاپادار بولمىساڭ شۇلارغا بۈگۈن،
كەتكەندە يىغلاشنىڭ نېمە زۆرۈرى؟
دان بەرگەن ئېتىزلار ئاتاڭنىڭ جىسمى،
ئىسسىق نان پۇرايدۇ ئاناڭنىڭ جىسمى.
شۇلارنىڭ ئەجرىگە ياراشمامدۇ خوپ،
«ۋاپادار» قويۇلسا بالاڭنىڭ ئىسمى.
تەۋەرۈك بىزلەرگە شۇلارنىڭ ئىزى،
شۇلاردۇر ئۆمرۈڭنىڭ جىمى كۈندۈزى.
شۇلارنىڭ ئىزىدا ماڭغان پەرزەنتنىڭ،
ھەر ئىككى ئالەمدە قىزارماس يۈزى.
دۇئالار ئۆزىدۇر تىلەكلىرىنىڭ،
دۇئالار ساداسى يۈرەكلىرىنىڭ.
ئاتىلار پېلەكتۇر، ئانىلار چېچەك،
بىز بولساق دەل ئۆزى خەمەكلىرىنىڭ.
ئازاب ئىكەن ئارماندا قالغان
ئەلمىساقتىن ئۆلۈم غالىپتۇر،
ئۆلۈم دېگەن تەڭرىدىن پەرمان.
ئازابلىقتۇر ئانا كەتكەن كۈن،
تۆككەن ياشنىڭ بارچىسى ئارمان.
ئانا ئۈچۈن يىغلىغانلارنىڭ،
گۇناھى يوق، سەۋەنلىكى يوق.
بۇ دۇنياغا يارالغانلاردىن،
كىم بار، چۈنكى، ئانىدەك ئۇلۇغ.
چەكسىز ئىكەن، بىھېساب ئىكەن،
ئانىلاردىن ئالغانلىرىمىز.
بولالماستىن قەدىردان ئەمما،
كۆپتۇر داغدا قالغانلىرىمىز.
بۇ دۇنيادا ئانا مېھرىگە،
بارمۇ پەرزەنت يۈرىكى قانغان؟
ئازاب ئىكەن ئانا ئەجرىنى،
ئاقلىيالماي ئارماندا قالغان!
ھايات دېگەن مانا شۇ
تۇرۇۋالدىڭ چۈشەندۈر، دەپ ھاياتنى،
نېمە دەيمەن، يەنە دېسەم يەنە شۇ !
كەلمىدۇقمۇ ئەتە ئۈچۈن ئات چېپىپ،
مەنچە بولسا، ھايات دېگەن مانا شۇ !
ئاھ ئۇرىسەن ئارمىنىڭغا يېتەلمەي،
يا ئارزۇنىڭ ئىشىكىدىن كېتەلمەي.
ئاۋارىسەن بىرنى ئىككى ئېتەلمەي،
مەنچە بولسا، ھايات دېگەن مانا شۇ.
بېسىلمايدۇ تىرىكلىكنىڭ ۋاڭ –چۇڭى،
بىلەلمەيسەن نەدە ئۇنىڭ تەڭپۇڭى؟
كىچىكلەرنى بوزەك قىلار ئەڭ چوڭى،
مەنچە بولسا، ھايات دېگەن مانا شۇ !
گاھ ئېتىزدا ئارپا، بۇغداي تېرىيسەن،
گاھ بازغاندا غۇلىچىڭنى كېرىيسەن.
تىرىكچىلىك ھارۋىسىدا قېرىيسەن،
مەنچە بولسا، ھايات دېگەن مانا شۇ !
ياخشىلارغا ناخشىلار تولا
دەريا بولساڭ شارقىراپ ئاققىن،
شاۋقۇنۇڭنى تاغلار ئاڭلىسۇن.
ياشالىساڭ ياشناپ ياشايلى،
يۈرەكلەردە ئارمان قالمىسۇن.
تاغ بولساڭمۇ تەكەببۇر بولما،
سېنىڭدىنمۇ ئېگىز تاغلار بار.
بۈگۈننىمۇ سۆيەيلى، ئەمما،
بۈگۈندىنمۇ گۈزەل چاغلار بار.
ئۆستەڭ بولساڭ سۈپ سۈزۈك ئاققىن،
تەكتىڭدىكى تاشلار كۆرۈنسۈن.
ياخشىلارنى ئىزدەپ يۈرگەنلەر،
سېنى سۆيسۈن، ساڭا سۆيۈنسۈن.
بۇ دۇنيادا ناخشىلار تولا،
ياخشىلارغا ناخشىلار تولا.
كۆكتە قۇياش بولالمىساقمۇ،
يۇلتۇز بولۇپ چاچايلى شولا.
ياشىسۇن
يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن!
يۆگەكسىزنى يۆگىگەنلەر ياشىسۇن!
ئۆزى ئالماي، يامبۇ ياغسا ئاسماندىن،
ئەلگە يامغۇر تىلىگەنلەر ياشىسۇن!
سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنى،
ئاتا ئەجرى تۆلىگەنلەر ياشىسۇن!
ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ،
ئۆزى ئات بوپ سۆرىگەنلەر ياشىسۇن!
چاۋاك چالماڭ، بىزدەك شائىر تۈمەن مىڭ،
ئادالەتنى كۈيلىگەنلەر ياشىسۇن!
قايدا يېتىپ، قايدا قوپسا ۋەتەندىن،
ئۆزگە خىيال سۈرمىگەنلەر ياشىسۇن!
ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەرد تارتىپ،
ئۆزى راھەت كۆرمىگەنلەر ياشىسۇن!
يوقسۇزلۇقتا ئوتى ئۆچكەن يالغۇزنىڭ،
ئوچىقىنى پۈۋلىگەنلەر ياشىسۇن!
ھالدىن كەتكەن غېرىبلارنىڭ بېشىدا،
چىراغ يېقىپ تۈنىگەنلەر ياشىسۇن!
پەرىشتىدىن شەيتان تولا بەزىدە،
ئېزىتقۇغا كۆنمىگەنلەر ياشىسۇن!
سىنىقىدا تۈمەن تۈرلۈك سۆيگۈنىڭ،
ئاۋۋال پۇلنى سۆيمىگەنلەر ياشىسۇن!
مال- دۇنيانىڭ پىراقىدا كۈل بولۇپ،
شۇ ئوت-چوغدا كۆيمىگەنلەر ياشىسۇن!
تەزىم قىلغىن بىلگەنلەرگە قەدىرىڭنى،
ئەمگىكىڭنى كۆممىگەنلەر ياشىسۇن!
ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلەر،
ئۈمىدلىرى ئۆلمىگەنلەر ياشىسۇن !
سۇ ئىچمىسە كۆڭۈلدىن كۆڭۈل
كىشى كۆڭلى جانان چىنىدۇر،
پەخەس بولۇڭ ئاسان سۇنادۇر.
سۆيۈشسەكمۇ ئېھتىيات كېرەك،
بىخۇد بولماق بىزگە گۇناھتۇر.
ھەر كىم كۆڭلى ئۆزىگە بىر خان،
گاھ ساھىپخان، گاھىدا مېھمان.
سۇ ئىچمىسە كۆڭۈلدىن كۆڭۈل،
بۇ دۇنيادا ياشارغايمۇ جان ؟!
ئەزىزلىكنى سۆزلەيدۇ كۆڭۈل،
ئەزىزلىكنى كۆزلەيدۇ كۆڭۈل.
«سىز » دېگەننىڭ قەدىردانى ئۇ،
«سەن » دېگەننى سۆيمەيدۇ كۆڭۈل.